ئامېرىكائالاھىدە قىسىملىرى يېشىل قانلىق ياۋايى ئادەملەرگە ئۇچىرىغان
ئامىرىكىنىڭ جەڭگاھ مۇخپىرى ئوۋۋېن روبېرت يېققىندا نەشىر قىلغان «سىرلىق ۋېتنام ئورمانلىقى»دېگەن بىر يېڭى كىتابىدا تۇنجى قېتىم بىر قىسىم ناھايىتى ۋەھىمىلىك ۋېيتنام ئۇرىشى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلىغان . 1970-يىلى ئامىرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ھەربىي كاتتىۋاشلىرى باش شىتابتىكى پولكوۋنىك سىتېفىن يېتەكچىلىكىدىكى يەتتەكىشىلىك ھەربىي ئىشلار تەكشۈرۈش گۇرپىسىنىڭ ۋېيتنام كومۇنىستلىرىغا ئەسىرگەچۈشكەنلىكى توغۇرسىدا ئاخبارات تاپشۇرۋالغان .پولكوۋنىك سىتېفىن ئامىرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ھەركىتى ۋە دۆلەت مۇداپىىئە كۈچىگە دائىر ناھايىتى كۆپ ئىشلاردىن خەۋەرداربولۇپ،ئەگەر سوۋىتلىقلارغا ئاشكارىلاپ قويسا ئاقىۋىتىنى تەسسەۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس ئىدى . بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كاتتىۋاشلىرى ئىككى لايھىنى ئوتتۇرغا قويغان :بىرى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ؛يەنە بىرى ئۇلارنى ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتىش. قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئامىرىكا ئارمىيىسىنىڭ جېسىن ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئەتىرتى ئورۇندىماقچى بولدۇ.ئۇلار ئون نەپەر كۈچلۈك ھەم قابىل جەڭچىنى تاللاپ،بىر گۇرپا قىلىپ تەشكىللەيدۇ.قىسقامۇددەتلىك ئورمانلىقتا ئۇرۇش تېىنىكىسى بىلەن تەربىيىلەنگەندىن كېيىن ۋېيتنامغا قاراپ ئۇچىدۇ. بۇ ۋەزىپە A پڭلان دەپ ئاتىلدۇ. ئالاھىدە ئەتىرەت ناھايىتى تېزلا ئاخپىرات تاپشۇرۇپ ئالىدۇ،پولكوۋنىك سىتىفېننى بىر ھەربىي مەشىق بازىسىغا ئېلىپكەتكەن بولۇپ ،بۇ بازا ئورمانلىقنىڭ چېتىدىكى بىر جىلغىغا جايلاشقان ئىدى . كىم بىلسۇن يېرىم ئاي ئوتۈپ كېتىدۇ ،ئونكىشىلىك ئەتىرەتنىڭ دېرىكى بولمايدۇ ،ئۇلار ئورمانلىقتا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن جېسىن ئالاھىدە ئۇرۇش ئەتىرتى يەنەبىر قېتىم ھەربىي تېرىنېر كوبۇ ۋېسفوت باشچىلىقىدىكى ئون كىشىلىك ئەتىرەتنى ئەۋەتىپ ، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ Zھەركىتىنى باشلايدۇ .بۇ ھەركەت پارتىلتىش يوقىتىشنى ئاساس قىلدۇ .شۇنداق قىلىپ 9ئاي داۋام قىلغان ئورمانلىقتىكى قوغلاشما ئۇرۇش باشلىنىدۇ.كىچىك ئەتىرەت بەش گۇرپىغا بۆلۈنۈپ ئايرىم-ئايرىم قۇتقۇزۇش ،چېكىنىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆزئۇستىگە ئالىدۇ. ئەمما ئۇلار خاتالاشقانىدى .ئالاھىدە ئەتىرەت بىلەن ھەقىقىي ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئوبيېكىت ئەسكەرلەر بولماستىن،بەلكى ئورمانلىقتىكى ياۋا ئادەملەر ئىدى .شۇڭا ئىككىنجى يۈرۈش ئالاھىدە ئەتىرەت ئورمانلىققا كىرىشى بىلەنلا ئۈن-تىنسىز يوقاپ كىتىدۇ. ئەسلىدە ئالازىدە ئەتىرەت چۇڭۋېندا ئورمانلىقىغا كىرگەندە ،ئايرۇپىلاندىن مەسىلە چىقىپ كەڭ ئورمانلىققا ئۈسۈپ كىرىپ كىتىدۇ ،ھەرقانداق جىددىي تەدبىر ۋە قېچىش پىلانلىرى ئويلىشىشقا ئۈلگۈرمەيدۇ .بەخىتكە يارىشا ئايرۇپىلان قويۇق دەرەخلەر ئۈستىگە ئېسىلىپ قالىدۇ،بىراق پارتىلاپ كەتمەيدۇ ،كوبۇ ۋېنسىفوت بۇ ئەھۋالنى دەرھال باش شىتابقا مەلۇم قىلىدۇ . ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى ،ھەر قانداق ئېلىكتىر دولقۇنىنى تارتقىلى بولمايدۇ.ئايرۇپىلاندىكى ھەرخىل ئۈسكىنىلەرنىڭ ھەممىسى رولىنى يوقىتىدۇ ،قول سائىتى ۋە كومپاسلارمۇ ئىشلىمەيدۇ ، Z ھەركەت پىلانىدىكى ئەتىرەت نىشانسىز يەر بۆلىكىگە كىرىپ قالغان بولۇپ ،بىردىنبىر چارە بۆلۈنۈپ ،چىقىش يولى ئىزدەش ئىدى .ۋېنسىفوت ئەتىرەتنى ئىككى گۇرپىغا بۆلۈپ،بىر گۇرپىنى ئۆزى باشلاپ شەرىققە قاراپ ماڭىدۇ.ئۇ شەرىققە قاراپ ماڭغاندا ھېلىقى ھەربى بازىنى بايقاش مۇمكىن دەپ قارايتتى،ئەگەر ھەربىي بازا بايقالسا Zھەركىتىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرغىلى بولاتتى.باشقا بەش كىشىگە جىن جۇڭۋېي باشلامچى بولۇپ،جەنۇب تەرەپكە چىقىش يول ئىزدەپ ماڭىدۇ.ئورمانلىقتىن چىقىۋالغاندىلا ئامىرىكا ئىشخلىيىتىدىكى رايونلارنى تاپقىلى بولاتتى.توماس مۇشۇ گۇرپىدا ئىدى. توماس قاتارلىقلار قۇياشنى يول باشچى قىلىپ،ئورمانلىق ئىچىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ،ھەيران قالارلىق بىرئىشنى بايقايدۇ.بۇ ئۈچ كۈندە 150 كىلومېتىرغا يېققىن يول يۈرگەن بولسىمۇ ،يەنىلا ئەسلىدىكى ئورۇنغا كېلىپ قالىدۇ.جېن جۇڭۋېي دەرھال شەرىققە مېڭىشنى قارار قىلىدۇ .چۈنكى ۋېنسىفوت بىلەن ئۇچىرىشىپ قالسا ،بىرلىكتە ھېلقى ھەربىي بازىنى ئىزدەيتتى. بۇ،بۇيەردىن چىقىپ كېتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى بولۇپ ،
بۇنداق قىلسا بىرچالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققىلى بولاتتى . ئۇلار شەرىققە قاراپ 35 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن ،قالايماقان تاشلانغان بىر دۆۋەئاق ئۇستىخاننى بايقايدۇ ، ياندىكى يىرتىق ھەربىي فورما ۋە قورال-ياراقتىن ئۆلگۈچىنىڭ يەنە بىر گۇرپا ئەزاسى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى .قارىغاندا گۇرپا ئەزاسى ئۆلگەندىن كېيىن،ياۋايى ھايۋانلار ئۇنۇڭ گۆشى ۋە ئىچكى ئەزالالىرىنى قويماي يېۋەتكەندەك قىلاتتى . گۇرپا دەرھال ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىدۇ .توماس بىلەن يەنە بىر ئەسكەر ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ،نېگىر ئەسكەر كانا بىلەن يەنەبىر ئەسكەر ئارقىدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ.جىن جوڭۋېي ئوتتۇرىدا ماسلىشىپ ماڭىدۇ ،توماس بىر چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا كېلىشىگە ،ئۈستى تەرەپتىن شىۋىر-شىۋىر قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ،توماس بېششىنىمۇ كۆتۈرمەستىن ئۈستىگە قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتىدۇ.جىن جۇڭۋېي توماسنى قالايماقان ئوق چىقاردىڭ دەپ ئەيىپلەيدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئۇلار دەرەخ ئۈستىدىن ھاسىرىغان ئاۋاز ئاڭلايدۇ،ئارقىدىنلا دەرەخ ئۈستىدىن بىرتامچە يېشىل سۇيۇقلۇق تامىدۇ .جىن جۇڭۋېي رۇسچە ۋە ۋېيتنام تىلىدا «كىم سەن؟ تېز چۈش!»دەپ ۋارقىرايدۇ . دەرەخ ئۈستىدىن نەپەس ئاۋازى تېخىمۇ كۈچۈيۈپ،تېخىمۇ تېزلىشىدۇ.كېيىن جۇڭۋېي ئاۋاز تۆۋەنلەتكۈچنى قورالغا بېكىتىپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىتىپ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى پاي ئوق ئاتىدۇ.بىر پارچە يۇڭلۇق زور مەخلۇق پوك قىلىپ يەرگە چۈشىدۇ.ئۇ ئەسلى ئورمانلىقتىقى ياۋا ئادەم ئىدى.ئۇلار ئەينى چاغدا ئادەمسىمان ھايۋان دەپلا قارىغان.كىشىنى ئەجەپلەندۈردىغىنى شۇكى ،بۇ مەخلۇقتىن يېشىل قان ئېقىۋاتاتتى . ئۇلار داۋاملىق نەچچە يۇز مېتىر ماڭغاندىن كېيىن يەنە ئىككى ئەسكەرنىڭ جەسىتى ۋەقالغان نەرسىلىرىنى بايقايدۇ .ئەمما ئۇلار مۇشۇ ۋاقىتقىچە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋېيتنام كومۇنىستلىرى قىلغاندەپ قاراىغان . تاغ جىىلغىسىدىكى بىر شارقىراتمىدا قان تېمىپ تۇرغان بىر جەسەت دەرەخكە ئېسىخلىخ تۇراتتى،توماس بىلەن ئۇنۇڭ ھەمىرايى چۆچۈپ«ۋېنسىفۇت»دەپ ۋارقىراپ تاشلايدۇ.توماسنىڭ غۇلى كۆيۈشۈپ،كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولىدۇ .ۋېنسىفوتنىڭ تېرىسى شۈلۈنىۋېلىنغان ،چىرايى ناھايىتى ئازاپلانغانھالەتتە بولۇپ تېخى جان ئۈزمىگەنىدى .يىراق بولمىغان دەرەختە يەنەبىر ئەسكەرنىڭ جەسىتىمۇ ئېسىخلىخ تۇراتتى . توماس ۋېنسىفۇتنىڭ جەسىتىنى چۈشۈرىۋاتقاندا،ھەمىراھى «دىققەت قىل»دەپ ۋارقىرايدۇ،توماس قورالىنى كۆتۈرۈپ بۇرۇلىشىغا ھەمىرايىنىڭ قورالىدىن چىققان ئوق بىلەن تەڭ بىر ئورمان ياۋايى ئادىمى يەرگە يېقىلدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىدىن يېشىل قان چىقىۋاتاتتى ،ئۇ ئەڭ دەسلەپتە ئۆلگەن ھېلقى مەخلۇق بىلەن ئوپ-ئوخشاش ئىدى .توماس ئارقىغا ئۆرۈلىشىگە بىر ياۋا ئادەمنىڭ ھەمىرايىنىڭ كەينىدىن يېققىنلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ،ئۇ ۋارقىراشقا ئۈلگۈرمەي بىر شازا ئوقنى ئېتىۋېتىدۇ،ئۇ ياۋا ئادەمنىڭ ھەركىتى ناھايىتى چاققان بولۇپ ،ھەمىرايىنىڭ بىلىدىن قۇچاقلىۋېلىپ كانىيىنى چىشلەشكە باشلايدۇ . ئۇ ئەسكەر گەرچە قاۋۇل بولسىمۇ ،ياۋا ئادەمدىن قۇتۇلۇشقا ئامال قىلالمايۋاتاتتى .ئۇ توماسقا «ماڭاقارىتىپ ئوق چىقار»دەپ ۋارقىرايدۇ .توماس ئۇنىڭ ياۋا ئادەم بىلەن تەڭ تۈگەشمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىدۇ،بۇ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىدى.بۇ ئورمانلىقتا بۇندان مەخلۇقتىن يەنە قانچىسىنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى ،ۋاقىتنى سوزماسلىق كېرەك،ئۇ ئازاپلانغان ھالداقورالنى كۆتۈرۈپ ئوق چىقىرىدۇ،ھەمىراھى ياۋا ئادەم بىلەن بىللە ئۆلىدۇ . ئۇ بۇ ۋاقىتتا كېئېن جۇڭۋېي قاتارلىق كىشىلەر ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ شۇنچە ئۇزۇنغىچە كەلمىگەنلىكىگە قارىغاندا چوقۇم بىر ئىش يۈز بەردى دەپ ئويلايدۇ .ئۇ ئالدىراپ ئەسلىدىكى يولغا قاراپ ماڭىدۇ،ئۇ شۇنۇڭدىن كېيىن كېئىېن جۇڭۋېي،نېگىر ئەسكەر كانا ۋە يەنە بىر ئەسكەرنى يوقۇتۇپ قويىدۇ . Z ھەركەت ئەتىرتىدىكىلەردىن بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئالتىسى ئۆلۈپ ،ئۈچەيلەن غايىپ بولىدۇ .توماس ئۇلارنى ۋېيتنام پارتىزانلىرى ئولتۈرمىگەنلىگىنى ،بەلكى ئورمانلىقتىكى بىر توپ يېشىل قانلىق مەخلۇقلارنىڭ يەپ كەتكەنلىگىنى بايقايدۇ . بۇ مەخلۇقلاردىن يېشىل قان ئاقتى،چاچلىرى پاخپايغان ،پىشانىلىرى ئالدىغا چىققان ،بۇرنى ئازىراق پاناق بولۇپ ،بەكمۇ قەبىھ ئىدى.توماس ئورمانلىقتىكى ياۋائادەملەرنىڭ ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلالماي تۇرغاندا، ئالدىدىن تۇيۇقسىز بىر قارا سايە لاپ قىلىپ ئۆتىدۇ.توماس مىلتىقنى كۆتۈرۈپ ئوق چىقىردۇ ،ھېلقى سايا يانچە بولۇپ غايىپ بولىدۇ.ئەمما ئارقىدىن يېنىك ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىدۇ.توماس ئارقىغائۆرۈلۈپ ئوق چىقىرىشىغا ،
نەدىن بىلسۇن مىلتىق ئۇچى زور بىر كۈچ بىلەن بىر تەرەپكە قارىۋېتىلىپ ،ئاتقان ئوق تەگمەيدۇ .ھېلقى ئورمان ياۋا ئادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان بولۇپ ئۇنىڭ ئاپپاق ئۇچلۇق چىشلىرى ئۇنۇڭغا يېققىنلاشماقتا ئىدى. ھايات قېلىش ئارزۇسى ۋەھىمىنى يېڭىدۇ،توماس تېزلىك بىلەن ھەرە چىشلىق پىچىقىنى سۇغۇرۋېلىپ ،ياۋا ئادەمنىڭ قورسىقىغا تىقىدۇ،ياۋا ئادەم ئېچىنىشلىق چىرقىراپ ،توماسنى ئتتىرۋېتىپ ، يارا ئېغزىنى تۇتقىنىچە ۋارقىراپ ئورمانلىققا قاراپ يۈگۈرىدۇ . توماس ھېلقى كۈچلۈك ئاۋازنىڭ كۆپلىگەن مەخلۇقلارنى باشلاپ كېلدىغانلىقىنى سېزىپ غەرىپكە قاراپ يۈگۈرەيدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي ئارقىسىدىن غەلىتە ھۇۋلىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.توماس بىردىنلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ يەتتە ياۋا ئادەمنىڭ تېزلىك بىلەن قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. توماس ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئوق چىقىرىدۇ. توماس پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالدىدىكىلەرنى بىرتەرەپ قىلىۋاتقاندا ،ئويلىمىغان يەردىن دەرەخ ئۈستىدىن بىر ياۋا ئادەم چۈشۈپ توماسنى يەرگە يېقىتىدۇ ، توماس كۈچىنىڭ بارىچە دومىلاپ قول بومبىسىنى تارتىپ بىللە تۈگەشمەكچى بولىدۇ.ئەمما كومىدىيىلىك ئاجايىپ ئىش يۈز بېرىدۇ ،ھېلقى ياۋا ئادەم قول بومبىسىنى كۆرۈپ تارتىۋالىدۇ،خۇددى بىر ئەڭگۈشتەرگە ئىگە بولغاندەك ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قاچىدۇ،بىر تەرەپتىن يۈگۈرەپ بىر تەرەپتىن ۋارقىرايدۇ... توماس يەنە بىر قېتىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ،ئۇ قورالنى كۆتۈرۈپ داۋاملىق قاچىدۇ، شۇنۇڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان ئورمانلىقتا قېچىپ يۈرۈش ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ نۇرغۇنلىغان ياۋائادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ ،ياۋا ئادەملەر ئۇنىڭ بارماقلىرىنى چىشلەپ ئۈزىۋالىدۇ ،ئوق دورىلىرى تۈگىگەندە ،بىر ھەرە چىشلىق پىچىقى ۋە ئېلىشىش ماھارىتىگە تايىنىپ ياۋا ئادەملەر بىلەن تۇتىشىدۇ . توققۇز ئاي ئىچىدە ئۇمۇ ياۋا ئادەملەردەك كىچىك ھايۋانلارنى ،ئۇچارقانات ۋە بېلىقلارنى تۇتۇپ ،خام گۆش يەيدىغان ئىپتىدائىي تۇرمۇش كەچۈرىدۇ . توققۇز ئايدىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ئورمانلىقتىن چىقىدۇ.ئەمما ئۇ روھىي جەھەتتىن تۈگۈشۈپ كېتىدۇ.يېرىم يىل كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش ئارقىلىق ئۇنىڭ سالاماتلىكى ئەسلىگە كېلىدۇ . ئۇA Z گۇرپىسىدىكى20 نەپەر ئەسكەردىن بىردىنبىر ھايات قالغۇچى. ۋېيتنام ئورمانلىقىدا زادى ياۋا ئادەم بارمۇيوق ؟ئالىملار راسىت ۋە يالغانلىقىنى پەرق قىلماق تەس دەپ قارىماقتا . مەنبە : ئەدەبىي تەرجىمىلەر ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
|