- تىزىملاتقان
- 2012-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3505
- نادىر
- 0
- يازما
- 201
ئۆسۈش
  50.17%
|

|
جۇڭگو تارىخىدىكى ئادەم گۆشى يېگەنلەر
جۇڭگوتارىخىدا، ئادەم گۆشى يىيىش، ئادەم قېنىنى ئىچىشكە خۇمار بۇلۇپ قالغانلار ئاز ئەمەس.
مى چىن دەۋرىدە خۇگۇاڭدۇ مەھكمىسى ئەسكەر چىقىرىپ، داتىڭشىيا ئىسيانىنى باستۇرماقچى بۇلىدۇ، ئۇرۇشتا ئۇلار ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى ئوقيابىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، گۈشىنى ئەسكەرلەرگە پۇشۇرۇپ بەرگەن. چىڭ شۈنجىنىڭ 9- يىلى (مىلادى 1652-يىلى) نەنمېن سانغۇنى لى دىڭ گو ئەسكەر باشلاپ شىنخۇيگە ھۇجۇم قوزغايدۇ، كىيىن شەھەرگە 8 ئاي قامىلىپ قالىدۇ، شەھەرئىچىدە ئاشلىق تۈگەپ، ئاچارچىلىققا يۈزتۇتقاندا، ئەسكەرلەرگە شەھەرئاھالىسىنى تۇتۇپ يىيىش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇشەھەردىن 10مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى يەپ بۇلىدۇ.
تاڭ سۇلالىسىدىن كىيىن ئادەم گۈشى يىيىش قىلمىشى تېخىمۇ كۆپۈيىدۇ. ۋۇزېتىيەن مەزگىلىدە،خاڭجۇ لىنئەن ناھيە ئامبىلى شۆجىڭ ئادەم گۈشىگە خۇمار بۇلۇپ قالىدۇ، ئۇ ئادەم گۆشىنى داش قازانغا سېلىپ، شورپىسىغا سىماپ قوشۇپ پۇشۇرۇپ يىيىشنى ياخشى كۈرىدىكەن.
شىمالى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋاڭ جى شۈن ئىسملىك بىركىشى بۇلۇپ، كەي باۋنىڭ 3-يىلى ( مىلادى 970-يىل) ئەل ئىچىدىن ياش ئەر-ئاياللارنى خىزمەتكارلىققا ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى پۇشۇرۇپ يىگەن. كىيىن باشقىلارنىڭ ئاشكارىلىشى بىلەن 977-يىلى ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ۋە لوياڭدا قەتلى قىلىنغان.
ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە،ۋۇ دۆۋلىتى سانغۇنى گاۋسۇنىڭ ئادەم گۈشىنى يەپ قېنىنى ئىچىش خۇمارى بار بۇلۇپ، ھەركۈنى ئاخشىمى ئەتىراپتىن ئادەم تۇتۇپ كىلىپ، گۈشىنى يەپ قېنىنى ئىچىدىكەن.
قاراقىتانلار شەرقى- غەربى قىتان ئىمپىرىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كىيىن، شەرقى قىتان شاھى لى زەن خۇانىڭ ئادەمنىڭ يېڭى قېنىنى ئىچىش خۇمارى بارئىكەن، ئۇ ھەمىشە ئەتىراپىدىكى خىزمەتكەرلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ قويۇپ، بەدىنىدىن تۆشۈك ئېچىپ، ئاغزىنى تۆشۈككە توغرىلاپ قان شۇراش ئادىتى بارئىكەن.
شىمالى سۇڭ سۇلاسى دەۋرىدىكى جەڭلەردە ئەسىرلەرنىڭ قۇلىقىنى يۇلۇپ ئېلىپ خام يەيدىغان ئىشمۇ بولغان. مىڭ سۇلاسى دەۋرىدە ياۋزۇ ئىسيانكارلىرىنى باستۇرغاندا، لەشكەر باشلىقلىرى ئەسىرلەرنىڭ بېشىنى چېقىپ، مىڭىسىنى ئىسسىقىدا يەيدىغان ئىشمۇ بولغان.
سۈي تاڭ دې مەزگىلىدە، ماشۇموۋ ئىسىملىك ئەمەلدار كىچىك بالىلارنىڭ گۈشىنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئەتىراپتىكى كىچىك بالىلارنى تۇتۇپ كىلىپ گۈشىنى پۇشۇرۇپ يەۋەرگەچكە بالىلار ئازلاپ كەتكەن، بالىسى يىيىلىپ كەتكەن پۇقرالار ئاخىرى ئىسيان كۈتۈرۈپ، ئامبال مەھكمىسىنى كۆيدۈرۋەتكەن.
ئۇندىن سىرىت، ئادەم گۆشى ئارقىلىق كېسەل داۋالىغىلى بۇلىدۇ دەپ قايرايدىغان خۇراپى ئىشلارمۇ بولغان ۋە شۇخىل رىتسىپ بىرىلگەنلەر ئادەم گۈشى يىگەن.
مەنبە: جاڭشى ئۇقۇتقۇچىلار تورى،
|
|
|