قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 734|ئىنكاس: 4

لوندون ئەلكۈن: بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

6

دوست

700

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
كەلمەيدۇ سايرىسا ئۆزىچە بىر قۇش.
باقمايدۇ تەبىئەت ئادەم مەيلىگە،
سالسىمۇ ئالدىراپ دېھقان يەرگە قوش.

  بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
   تۇرسا دەل-دەرەخ يېپىقسىز قاقشال.
ئۇنتۇغان ئۆزىنى سالا ئېتىزلار،
يېتىپتۇ ئۈستىگە يېپىۋېپ چاتقال.

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
كەچسىمۇ كۆڭۈلگە شېرىن شەيداسى.
قويالماي قىز-جۇۋان قېشىغا ئوسما،
كۈتكۈزەر قەلبىنى كۆكلەم تەشناسى.

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
كەلمەس كاككۇكمۇ مەدھىيە ئوقۇپ.
ئۆيۈمگە كىرمەس قارلىغاچ ئەسلا،
ياشىماس قايتىدىن ئوۋنى توقۇپ.

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
بولسىمۇ سېنىڭ بېھىشتەك بېغىڭ.
سۈرەلمەس نوتا، تۆكەلمەس چېچەك،
كەلمەس پەسىل، ئەتىياز چېغىڭ.

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
ئاچىدۇ غۇنچىلار، ئىللىسا جاھان.
قوغلىنىپ قىشمۇ، ئالمىشىپ پەسىل،
تۇرىدۇ تەكرار، تەبىئەت ھامان.

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
يۈرمە سەن ئۇنى چېكەڭگە تېڭىپ.
قىسقا بۇ ھايات، خۇددى ئاققان سۇ،
تۈگەيدۇ ئاخىر، تۇپراققا سىڭىپ.

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
يۈرىمەن بېغىمدا، باھارغا قانماي.
توغۇلدۇم قىشتا، باھارغا ئاشىق،
ياز ئەزىز يەنە كۈي، باھارغا ھارماي.




1999-يىلى ئاپرېل. ئاقسۇدا يېزىلدى.



(بۇ شىئېر ئاقسۇ گېزىتىنىڭ 1999- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان )







3

تېما

0

دوست

172

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25382
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر يازمىڭىزغا ئالدى بىلەن ئىنكاس يازغىنىمغا خۇشال بولۇۋاتىمەن ، شېئىردىكى كۈچلۈك ھىسىيات ۋە جايىدا ئىشىلتىلگەن سۆزلەر كىشى يۈرىكىنى لەرزىگە سالىدىكەن ، قارىسام لوندون دەپسىز ،لوندوندا ئوخشايسىز ،لوندوندىكى كۈنلىرىڭىز مەنىلىك ئۆتكەي! قالغان باھالارنى تورداشلار ئوتتۇرغا قويسۇن قېنى .....
قۇتلان تېلفۇنلىرى

4

تېما

0

دوست

222

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25328
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئېردىكى ھېسىيات بەك كۈچلۈككەن!!!

0

تېما

3

دوست

841

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24506
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردا قاراشقا مەسىلە باردەك كۆرۈنىدىكەن ، شېئىردا ئۇدار ،يەنى تۇراق جەھەتتىن كىچىككىنە  بۇزۇلۇش بار ، لىكىن شېئىردىكى ھىسىياتقا دەخلىسى بولماپتۇ . ئوقۇغانسىرى كىشىگە بىرخىل گۈزەل تەسەۋۇر بېرىدىكەن .

0

تېما

0

دوست

419

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24649
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹بىر گۈل ئىچىلسا بولمايدۇ باھار›
شىئېرنىڭ تىمىسى بەك يارىدى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )