بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-4 18:44
ھەقىقى ئاممىۋى لۇشەن دولان تەرجىمىسى تاماق ئۇستىدە، خىزمەتتىكى بىرنەچچى دوستۇم « بۇ بىرنەچچى كۈندىن بۇيان ئىدارىسىدا يېغىن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، رەھبەرلەرىنىڭ تۇيۇقسىز ئاممىغا ئالاھىدە قىزغىن بوپكەتكەنلىكىنى، بۇ نۆۋەتتىكى ئاممىۋى لۇشەن تەربىيەسىدە، ئاممىنىڭ رەھبەرلەرگە باھا بېرىش سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى » سۆزلەپ قالدى. مەركەز 2013-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، بىريىل ئەپچۆرىسىدە، يوقۇرىدىن-تۆۋەنگىچە ئاممىۋى لۇشەن تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزىشنى ئورۇنلاشتورۇپ، پارتىيەلىك كادىرلاردا ئاممىۋى لۇشەن قارىشىنى تۇرغۇزىشقا يېتەكلەپ، ئىسىل ئىستىلنى ئەۋىج ئالدورۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەلقىلىپ، پاكلىقنى ساقلاپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋېتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتورۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا پاكلىق ئوبرازىنى تىكلەپ، « ھەقىقى مەسىلىنى تېپىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، سەۋەنلىكنى تۈزىتىش » تۈپ تەلىۋىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاممىنىڭ رەھبەرلەرگە باھا بېرىشىنىڭ رولى بارمۇ؟ بۇ پەقەت شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، شامال ئۆتۈپكەتسە ھەممىسى خەمىغا يانىدۇ. ئۇنداقتا ئاممىنىڭ بەرگەن باھاسىنى ئاشكارىلامدۇ؟ ھەرگىز ئاشكارىلمايدۇ، چۈنكى ئاممىنىڭ بەرگەن باھاسى ياخشى-يامان بولسۇن، ئەشۇ كادىرنىڭ ئۆسىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بىراق يوقۇردىكى رەھبەرنىڭ ئەشۇ كادىرنىڭ كۇكۇلىسىدىن تۇتىۋالدىغان بىر دەسمايە كۆپۈيىپ، ئۇنى تېخىمۇ تىز پۈكتۈرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋېتىنىڭ قانداقلىقى، مۇشۇ يىللاردا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە بەكمۇ ئايان، قانچە چىرايلىق سۆزلىمەيلى، كادىرلار ئاممىنى كۆزگە ئىلامدۇ؟ كادىر دېگەن ئەزەلدىن يوقۇرىغا خۇشامەت قىلىپ، يوقۇرىنى ئالداپ، يوقۇرىغا چىرايلىق كۆرۈنىپ، ئۆسېشنىلا ئويلايدىغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاۋام-پۇقرا « ئۇسرۇققا » تەك بوپقالدى. چەتئەلگە قاراپ باقساق، ئەمەلدار بىلەن پۇقرانىڭ مۇناسىۋېتىنىڭ شۇنچىلىك ساغلام ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئوباما، مايىڭجۇ ۋە ئابى شىنزۇلار كادىرلارنىڭ ئامىۋى لۇشەنىگە مۇھتاجمۇ؟ ئەسلا مۇھتاج ئەمەس، پۇقرالارنىڭ قولۇدىكى سايلام بېلىتى ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن ئەڭئۆنۈملىك تەربىيە، ئۇندىن باشقا پۇقراۋى تاراتقۇلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا، ئۇيەردىكى ئەمەلدارلار ئاساسىي قاتلامغا بارماسلىققا، سايلىغۇچىلار بىلەن يېقىنلاشماسلىققا، سايلىغۇچىلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشماسلىققا، جۇرئەت قىلالىسۇنمۇ؟ نېمە ئۇچۇن بۈگۈنكى دۇنيادا ئومۇمىيۈزلىك قوللىنىۋاتقان سايلام بېلىتى ئارقىلىق ئەمەلدارلارنى باشقورۇش ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئۆرنەك قىلماي، ھەدېگەندە ئايىقى چىقماس قانداقتۇر تەربىيەنى ئەڭگۈشتەر قىلىۋالىمىز؟ |