قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 434|ئىنكاس: 5

شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىدىن جىددىي ياردەم سورايمەن !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

76

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25531
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 22:43:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                                                           
      
                      شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىدىن جىددىي ياردەم سورايمەن !
     
         ياخشىمۇ سىز شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى، مەن شىنجاڭ قەشقەر يەكەن ناھىيسىدىن ئاددى بىر ئوقۇتقۇچى ، مىنىڭ بالام ئەمدى 37 كۈنلۈك بولغان ئىدى. مىڭە سۇلۇق ئششىق دەپ دىئاگىنۇز قويۇلۇپ، داۋالاۋاتقىلى 32 سائەت بولدى. دوختۇرلار بالنىڭ مىڭىسى ئۆلگەن، پەقەت يۈرەك سوقۇشتىن باشقا ھىچقانداق ئىنكاس يوق دەيدۇ. ئەمدى مەخسەتكە كەلسەم مەن سىزنىڭ تەتقىقات توغۇرلۇق ماتىرىياللارنى كۆرگەن ئىدىم. بالامنىڭ نىرۋا ھۈجەيرىلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سىزنىڭ تەتقىقات مىۋىڭىزنىڭ رولى بولامدۇ، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىلدىمۇ يۇق.  ئاۋارە قىلغان بولسام كەچۈرۈڭ ، مىنىڭ مۇشۇ سۇئالىمغا جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ، يۈرەك باغرى پارە-پارە بولغان دادىدىن.............................

  
            باشقۇرغۇچىدىن ئىلاۋە : بۇ تېما گەرچە پۈتۈنلۈككە ئىگە بولمىسىمۇ ، لىكىن بىر كىشىنىڭ يۈرەك باغرىدىن چىققان ئاھۇ-زار ، بۇ تېمىغا شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزدىن بۆلەكلەر ياردەم قىلالىساق ،ياردەم قىلساقمۇ ئۆزىمىنىڭ قېرىندىشىغا ياردەم بەرگەن بولىمىز ، يەنە باشقا مۇشۇنداق قېيىن ئەھۋالدىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۆز ئەھۋالىنى ئېيتىپ ،كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .

0

تېما

6

دوست

2237

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 13:04:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمىمىز ئالدىراشچىلىقتا مۇنبەرگە كىرمەيدىغاندۇ.

اللاھ شىپاتلىق بەرسۇن!!!!!!!!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

76

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25531
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 16:42:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ھاجىتى قالمىدى، كۆپچىلىككە كۆپ رەھمەت

1

تېما

14

دوست

3382

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 978
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 13:51:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنىڭ بلوگى يوقمىكەن؟

23

تېما

18

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 01:39:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-5 11:23  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىلجان مۇئەللىم،

ئانا يۇرتۇم يەكەندىن يېزىلغان بۇ خېتىڭىزنى ياپونيەدىكى تىببىي پەنلەر دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئاكام بۈگۈن كۆرۈپ قىلىپ سەمىمگە سېلىپ بىر جاۋاپ قالدۇرۇپ قويۇشۇمنى ئۆتۈنمىگەن بولسا مەن كۆرمەي قالاتتىمكەن. گەرچە بۇ خېتىڭىزگە ۋاقتىدا جاۋاپ بىرىلمىگەن بولسىمۇ، مەن بۇ سىزگە ئاددىي بولسىمۇ بىر جاۋاپ قالدۇرۇپ قويۇشنى مۇھىم دەپ قارىدىم. تولىمۇ ئەپسۇس، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ مۇنبەرلەرگە كىرىپ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ خېتىڭىزنى كۆرمىگەنلىكىگە مۇتلەق ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ جاۋاپ قايتۇرالمىغانلىقىنى توغرا چۈشەنگەيسىز. مەن شۆھرەتكامنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن بىر قەدەر ئەتراپلىق خەۋەردار بولغاچقا، ئۆز چۈشەنچەمنى ئوتتۇرىغا قوياي، سىز ياكى مۇشۇنداقراق ئەھۋاللارغا يولۇققان ياكى كەلگۈسىدە يولۇقىدىغانلارغا بىر ئۇچۇر بولۇپ قالسۇن.
ئالدى بىلەن ئوغلىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە كەلگەن بۇ پىشكەللىككە ناھايتىمۇ قايغۇرغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇشۇنداق ئىش مېنىڭ بېشىمغا كەلسە قانداق قىلار بولغىيتىم، دېگەننى ئويلاپ تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمىدىم... پۈتۈن ئائىلەڭلەرگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن ۋە ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلەيمەن. كېسەلنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، دوختۇرلا مېڭىسى ئۆلۈپتۇ دېگەندە، مېڭنىڭ پۈتۈن قىسمى ئۆلگەنمۇ ياكى مەلۇم بىر قىسمى ئۆلگەنمۇ دېگەنگە قاراش كېرەك بولىدۇ. پۈتۈن قىسمى ئۆلگەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. مەلۇم بىر قىسمى ئۆلگەن بولسا بەلكىم غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئارقىلىق بالىنىڭ مېڭىسىدە بار بولغان غول ھۈجەيرىلەرنى زەخمىلەنگەن ئورۇنغا كۆچۈرۈپ شۇ يەردە يېڭى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىش داۋلىغىلى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىش پەقەت ئامېرىكىدىلا بىر قېتىم سىناق قىلىنىپ مۇۋاپىققىيەت قازانغان بولۇپ (2013-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسى http://www.plosone.org/article/i ... 7#pone-0074857-g005)، ھازىر بۇ تېخنىكا ئىنسانلاردا كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋىتىپتۇ. http://hscweb3.hsc.usf.edu/blog/ ... researchers-report/

ھازىر ئىشلىتىۋاتقان غول ھۈجەيرىلەر بىمارنىڭ ئۆز تېنىدىن ئېلىنمىغان بولغاچقا يەكلەش يۈز بىرىدۇ. شۆھرەتكامنىڭ تەتقىقاتى بىمارنى ئۆز تېنىدىكى ھۈجەيرىدىن ئۆستۈرۈلگەن  غول ھۈجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، ئەمما بۇ تېخنىكا تېخى ھېچقانداق كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتمىگەن بولغاچقا نۆۋەتتە كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما كەلگۈسىدە بۇ تېخنىكا ئىشلىتىلسە ساقايمايدىغان نۇرغۇن مېڭىدىكى كېسەللىكلەر ساقىيىشى مۇمكىن.

ئادىلجان مۇئەللىم، كېيىن قالغان ئۇچۇر بولسىمۇ، ھېچبولمىغاندا بۇنداق ئەھۋالغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن، دەپ بىلگىنىمنى يېزىپ قويدۇم. سىز ۋە ئائىلىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن. دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئاكىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئەسكەرتكىنىگىمۇ رەھمەت!

سالاملار بىلەن،

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان)
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى (ئامېرىكا)

0

تېما

0

دوست

185

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26360
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 00:51:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن،امىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )