قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1344|ئىنكاس: 13

جۇڭگۇنىڭ تۇنجى خەلق پۇلىنى سوۋىت باسقان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

406

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25484
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
   

            يىڭى جۇڭگۇنىڭ تۇنجى خەلق پۇلىنى

       ‹‹ چوڭ ئاكىسى » سوۋىت ئىتىپاقى بېسىپ بەرگەن
   
                                    (ئاشكارلانغان مەخپىي ئارخىپ)

                                               تەرجىمە
   

        ھەرقانداق بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا، پۇل باسمىچىلىقى ئەزەلدىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدىغان ، سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ئىش. ئادەتتە باشقا دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا ئارلاشتۇرمايدۇ. بىراق، يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە جۇڭگۇھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتىپاقىغا ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىپ ئىككىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ ئۈچ خىل ئەڭ چوڭ قىممەتتىكى قەغەز پۇلنى بېسىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان.
           سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇدا بەش يىل خەلق پۇلىنى بېسىپ بەرگەن.
   دۆلىتىمىز بىرىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنى پەقەت1952-يىلى 4-ئاينىڭ بېشىغىچە ئۈچ يىل تۆت ئايلا ئوبرۇت قىلالىدى، بۇ چاغدا خەلق پۇلىنى تارقىتىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئەتراپلىق ئىشلىنىشكە كىرىشىپ بولغانىدى.ئەينى چاغدا، جۇڭگۇ خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى نەن خەنجېن شەخسەن ئۆزى موسكۇۋاغابېرىپ 4-ئاينىڭ 6-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا خەلق پۇلىنى بېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.1953-يىلى2-ئاينىڭ بېشىدا جۇڭگۇ-سوۋېتئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ موسكۇۋادا خەلق پۇلىنى بېسىش مەسىلىسى ئۈستىدە 30نەچچەقېتىم سۆھبەتلەشتى،ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن پۇلنىڭ بېسىش شەكلى، بېسىلدىغان پۇلنىڭ مىقدارى، مال تاپشۇرۇش ۋاقتى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ قەغەز پۇلنى بېسىشقا كېتىدىغان قەغەز ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تۈرلەردە توختام ئېمزالاندى.شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1957-يىلى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم  10 يۇەنلىك پۇلنىڭ مانجۇرىيە دائېرسىگەتوشۇلۇشىغا قەدەر خەلق پۇلىنى بېسىپ بېرىش خىزمىتى ئۇدا 5 يىل داۋاملاشتى.ئالاقىدار ئېشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان كىشىلەر ئىچىدە، نەن خەنجېندىن باشقا يەنە جۇڭگۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ ۋېنتيەنمۇ بارئېدى.جۇڭگۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىنىڭ دۆلەت ئىچىگە بەرگەن دوكىلاتىدا :«پۇل بېسىشقا ئالاقىدار پىرىنسىپال مەسىلىلەرنى سوۋېت ئىتتىپانىڭ مالىيە مېنىستىرى زېۋلۇف ھەل قىلدى. تېخنىكىلىك ئېشلارنى سوۋېت ئىتتىپانىڭ تاشقاسودا مېنىستىرلىكى ياغاچ ماتىرياللارنى ئېكىسپورت قىلىش شېركىتى ھەل قىلدى.»دېدى.
     جۇڭگۇ-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى ۋە ئالاقىدار ئېشلاردىكى توختاملىرىنىڭ ئېمزالىنىش جەريانىغا جۇئېنلەي زۇڭلى پۈتكۈل جەريانىغا ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلدى.دېپلوماتىيە ئارخىپلىرىدا خاتىرلەنگەن : « باش ئەلچى جاڭ (سوۋېت ئىتتىپاقى مالىيە مېنىستىرىگەدېمەكچى) مۇنداق دېدى : مەن زۇڭلىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن كەلدىم دېدى.»« زېۋلوف مۇنداق دېدى: بىزنىڭ جۇزۇڭلىنىڭ يېقىندا يوللىغان تېلگېراممىسىنى تەتقىق قىلىشىمىزچە.........»بەزى تېلگراممىلارنىڭ ئۈستىگە «جۇئېنلەي» دېگەن ئۈچ چوڭ خەت يېزىلغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرېۋېلىشقا بولىدۇكى،ئىككىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنى بېسىشقا پۈتۈنلەي جۇئېنلەي زۇڭلى ئۆزى قوماندانلىق قىلغان.
     نېمە ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنى يېڭى پۇلنى بېسىشقا تەكلىپ قىلىدۇ ؟
   يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە،ئۇرۇشنىڭ خەلق ئېگىلىكىگە كەلتۈرگەن تەسىرى تېزسۈرئەتتە يوقۇلۇشقا باشلىدى.ئەمما، ئازاتلىقتىن بۇرۇن كۆپ يىل ئۇدا داۋاملاشقان ئېغىرپۇل پاخالىقىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن تەسىرى تۈپەيلىدىن، بىرىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولدى ( ئەسكەرتىش: ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50000يۈەنگەيەتتى)، ئىشلىتىش قىممىتى بولسا نىسبەتەن تۆۋەن بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بىريۈرۈش خەلق پۇلى ئۇرۇش تېخى تولۇق ئاخىرلاشماي تۇرۇپ بېسىلغانىدى،قەغەزنىڭ سۈپىتىمۇ ناچار ، نۇسخىلىرىمۇ كۆپ خىل ( ئەسكەرتىش : جەمىئىي 12خىل قىممەتتىكى62خىل نۇسخىسى بېسىلغان) ، چۈشەندۈرۈش خېتى ئاددىي ، قەغىزىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىمۇئېغىر بولۇشتەك مەسىلىلەر ساقلانغاندى.
      بۇ بىرقاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ، قەغەز پۇل تۈزۈمىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ،دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىلىپ بېرىشنى قارار قىلدى، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ماددىي ۋە تېخنىكا شارائېتىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئامالسىز «چوڭ ئاكىسى»بولغان سوۋېت ئېتىپاقىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى.
      1952-يىلى9-ئاينىڭ 22كۈنى، باش ئەلچى جاڭ ۋېنتىيەن زېۋلوفنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «تەيۋەندىكى جاڭجېشىي ھەتتا ئامىرىكا جاھانگىرلىكى دائېم ئوغۇرلۇقچە ساختا پۇللارنى كىرگۈزۈپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغاچقا، ساختا پۇللاردىن مۇداپىيلىنىش تەلىپى ناھايىتى موھىم بولۇپ قالدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باسما تېخنىكىسى شارائىتى بىزدىن كۆپ ئىلغار، بىزشۇنى تەلەپ قىلىمىزكى روبلىنى بېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئالاھىدە تېخنىكا  بىزنىڭ يېڭى قەغەز پۇلىمىزنى بېسىشقىمۇ ئىشلىتىلسە.........   5 روبلى ،  10 روبلىنىڭ يۈزىدىكى نۇسخىسىغا ئوخشاش بولسا»دېدى.
      جۇڭگۇھۆكۈمېتىنىڭ ئۆتۈنىشىگە نىسبەتەن«چوڭ ئاكىسى»نىڭ پوزىتسىيىسى ناھايىتتى قىزغىن،ئاكىتىپ بولدى. بۇ ئىش توغرسىدىكى سۆھبەتگە قاتناشقان سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئەزالىرى، ھەرقانداق شەكىلدىكى رەت قىلىش ياكى شەرىت قويۇش ئىپادىسىنى بىلدۈرمىدى، مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت پۈتۈنلەي كونكرىت تېخنىكىلىق مەسلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلدى.
      پۇلنىڭ قىممىتى چوڭلقتىن كىچىكلىدى.
ئەڭ دەسلەپتە، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى سوۋېتئىتتىپاقى تەرەپكە بىسىپ چىقىرىلدىغان پۇللارنىڭ قىممىتىنى100يۇەن،50يۇەن،10يۇەن،5يۇەن دەپ تۆت خىل نۇسخىدا ئومۇمىي سوممىسى 4مېليارىت يۇەن قىممىتىدە بېسىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئەمما7ئايدىن كېيىن جۇ ئېنلەي زۇڭلى ئۆزى شەخسەن تېلگىرامما يوللاپ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكەپۇل بېسىش قارار لاھىيسىدە ئۆزگۈرۈش بولغانلىقىنى ئۇختۇرۇپ ، 3يۇەن ۋە 5يۇەنلىك قىممەتتىن يۇقۇرى قىممەتتە پۇل باسماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.
  بۇنىڭغاقارىتا، زېۋلوف ئىلگىرى زاكاس قىلىنغان پۇلنىڭ قىممىتى يۇقۇرى ئەمما ئومۇمىي قىممىتى تۆۋەن ئېدى، ھازىرقى پۇلنىڭ قىممىتى تۆۋەن ئومۇمىي قىممىتى بولسا ئەكسىچەيۇقۇرلىتىلىپ 4مېليارىت500مىليۇن يۇەنگە يەتكۈزۈلدى،شۇڭلاشقا بېسىش خىزمىتى ئەسلى پىلاندىن 3ھەسسە ئېشىپ كەتتى، ئەمما مال تاپشۇردىغان ۋاقىت ئەكسىچە قىسقىراپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئورۇنداشقا ئېغىر قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
    سىياسى ئىشلار كومېتىتى ئىقتىسادىي كومىتىتنىڭ مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى يې جىجۇاڭ بۇمەسىلىنى مۇنداق چۈشەندۈردى :«ئۆزگەرتىشنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى بىزمۇبىلىمىز،ئەمما بۇمۇ ئىلاجسىزلىقتىن بولۇۋاتقان ئىش ......» ئۇ مۇنداق دېدى: «3يۇەن قىممىتىدىكى پۇلنى كۆپەيتىپ بېسىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا 1يۇەن قىممىتىدىكى پۇلنى ئازراق بېسىش ئۈچۈن؛ 4 مېليارىت يۇەننى 4 مېليارىت 500مىليۇن يۇەنگەئۆزگەرتىشتىكى سەۋەپ بولسا ئىلگىرى ئاز پىلانلاپ قويغىنىمىزدىن بولدى،»دېدى.
    دۆلەت ئىچىدە بۇ بىر يۈرۈش خەلق پۇلىنى بېسىش ئۈچۈن زور كۆلەملىك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلەندى. دېپلوماتىيە ئارخىپلىرىدا دۆلىتىمىز ئەۋەتىپ بەرگەن ماددىي بويۇملار  تالۇنى تەپسىلى خاتىرلەندى،ئۇنىڭدا دۆلەت گىربىي،بانكا باشلىقىنىڭ تامغىسى ۋە ئوچۇق نۇسخا چۈشۈرۈلگەن پولاتتەگلىك ، ھەر خىل گۈل بىزەكلەر ۋە، خەت نۇسخىسى، پۇل نۇسخىسى قاتارلىقلار تەپسىلىخاتىرلەنگەن.
        پۇل بېسىش لاھىيسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرشى
     بىر يىلدىن كېيىن پۇل بېسىش لاھىيسىدە يەنە ئۆزگىرىش بولدى.1954-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ، باشئەلچى جاڭ ۋېنتىيەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە« يېڭىدىن 10يۇەنلىك پۇلدىن ئومۇمىي سوممىسى 2مىليارىت يۇەن قىممىتىدە 200مىليۇن ۋاراق بېسىپ بېرش»تەك ئۆتۈنۈشىنى ئاغزاكى يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويدى،دەسلەپكى قەدەمدە پۈتۈشۈش ئارقىلىق 1956-يىلى بىريىل ئىچىدە ھەممىنى تولۇق تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.1954-يىلى زېۋلوف 10-ئايدا ، باشئەلچى جاڭ رەسمىي ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مېنىستىرى مولۇتۇفقا نوتا تاپشۇردى، بۇ نوتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېڭىدىن بېسلدىغان 10يۇەنلىك پۇلنى بېسىشنى يەنە بىر قېتىم جەزىملەشتۈرۈپ قالماي يەنە 5يۇەنلىك پۇلنىڭ بېسىلىشسانىنى« ئومۇمىي سوممىسى 2مىليارىت يۇەن،ئومۇمىي سانى 400 مىليۇن ۋاراق» غاكۆپەيىتتى.
     بېسىش پىلانىنڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۆزگۈرۈشىگە نىسبەتەن ،بىز تەرەپنىڭ ۋەكىلى ئەينى چاغدا بىزنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكەقانداق قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمىزنى سورىغان ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى مالىيە مېنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋېن مېنىستىرى زېلوبىز جاۋاپ بېرىپ : قىيىنچىلىق ئەلۋەتتە بار ، سىلەردىمۇ بار  بىزدىمۇ بار،ئەمما يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ،بۇنچىلىك قېيىنچىلىق ھېچنىمە ئەمەس دېدى.
ئەڭ ئاخىرىدا، 10يۇەنلىك پۇلنىڭ باسما نۇسخىسى 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سوۋېتئىتتىپاقى تەرەپكە تاپشۇرۇلدى. كونسۇلخانىمىز سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە چۇشەنچەبېرىپ:- ئارلىقتا نۇرغۇن قېتىم ئۆزگۈرۈش بولدى، سەۋەبىي ئەسلىدىكى ئىشچى-دېھقان ئەسكەرلەرنىڭ رەسىمىنى ئىشچى-دېھقانلارنىڭ رەسىمىگە ئۆزگەرتىپ قايتىدىن لاھىيلەش،تەستىقلاش، سىزىش، رەسمىي بېكىتىش، قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ھازىرغىچە سوزۇلۇپ كەتتى، ئەينى چاغدا پوزىتسىيىمىز ناھايىتى ئېنىق ئىدى،يەنى ئۇرۇش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تىنىچلىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش،دۇنيا تىنىچلىقىنى قۇغدىشىمىز كېرەك ئېدى،دېدى.
       مانجۇرىيىدىكى مەخپىي ئالماشتۇرۇش
  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ بېسىپ تەييار قىلغان خەلق پۇلىنىڭ ھەممىسى دەل قەرەلىدەتاماملاندى،ئۇنىڭ ئىچىدە 160مىليۇن ۋاراق 3يۇەنلىك پۇل بۇلۇپ جۇڭگۇ تەرەپنىڭ تەلىپىدىن 4ئاي بۇرۇن تاماملاندى.1953-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ خەلق پۇلى لىققاچىلانغان پويىز بىرىنىڭ كەيدىن بىرى موسكۇۋادىن مانجۇرىيگە (ئەسكەرتىش:ئىچكىمۇڭغۇلنىڭ خۇلۇنبېر يايلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان غەربىي قىسىمى ئىچكى مۇڭغۇل بىلەن،شىمالىي قىسىمى روسىيە بىلەن تۇتىشىدۇ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق چىگرالىنىيە ئېغىزى) قاراپ ئىلگىرىلىدى. ماللارنىڭ ئىسمى «تېخنىكا لازىمەتلىكلىرى»دەپ قويۇلغان بولۇپ، مال بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقى ياغاچ ماتىرياللىرى شېركىتى، تاپشۇرۋالغۇچى تەرەپ مانجۇرىيە ئېمپورىت شېركىتى بولدى . پۈتۈن ماشىنىلارناھايىتى قاتتىق قوغدىلىپ جۇڭگۇ تەرەپتىكى بىكەتكە كىرىپ كەلدى. جۇڭگۇ-سوۋېتئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشى مانجۇرىيە پويىز ئىستانسىدىكى پويىزدا ئېلىپ بېرىلدى.
    1953-يىلى9-ئاينىڭ ئاخىرىدا شۇ ۋاقىتتىكى بىرىنچى تۈركۈمدىكى 3يۇەنلىك پۇل يۆتكەلگەن ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئالاھىدە تەكىتلەپ:«جۇڭگۇ تەرەپنىڭ سەمىمىي بولغان توشۇغۇچى خادىملار ۋە قوغدىغۇچى خادىملارنى كۆپرەك تەييارلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز،ئەمما،  مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش،ئۇلارغا ساندۇقنىڭ ئىچىدىكى يۆتكۈلدىغان ماللار تۇغرسىدا قەتئىي گەپقىلماسلىق كېرەك،» دېدى.  ئېھتىياتچانلىق يۈزىسىدىن مال ئالماشتۇرۇش كۈندۈزى ئېلىپ بېرىلدى ۋە تاساددىبىي ئەھۋاللانىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىلدى. مال تاپشۇرۋېلىشقا ئەڭ ياخشى ئاپتوموبىللار تاللاندى،يېرىلىپ كەتكەن ياكى  سۇ ئۆتىدىغانكوزۇپنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىكار ئورۇن بولۇش بۇنى قوغدۇغۇچى خادىملارنىڭ تۇرۇش ىئۈچۈن ئىشلىتىش. «جۇڭگۇ زىمىنىدا توشۇلغان ۋاقىتتا ، سوۋېت ئىتتىپاقى مالىيەمېنىستىرلىكى ياكى دۆلەتلىك بانكا دېگەندەك خەتلەرنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن قەتئىي ساقلاندى.»چوڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشقا بولغان تەجرىبسى يەنىلا كەمچىل بولغان كىچىك ئېنىسىغا نىسبەتەن سوۋېت ئتتپاقى ھەقىقەتەن چوڭ ئاكىلىق سالاپىتىنى نامايەن قىلدى.
      خەلق پۇلىنى تاپشۇرۋالغان ۋاقىتتا مۇنداق بىر كىچىك ۋەقەبولغان ،يەنى، 1954-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ياغاچ ماتىرياللىرى شېركىتىنىڭ دېرىكتۇرى 5يۇەنلىك پۇلنى توشۇشقا باشلىغان ۋاقىتتا، باش ئەلچىخانىمىزغا سەمىمىيلىك بىلەن:« 3-يۇەنلىك پۇلنى بېسىش ۋەزىپىسى بەلگۈلىمە بويىچە پۈتۈنلەي تاماملاندى،ئەمما زاۋۇتتا نورمۇدىن ئارتۇق بېسىلغان950مىڭ ۋاراق پۇل بار،مىقدارى پەۋقۇلاددە كۆپ ، ئۇنى يەنىلا سىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەكلىپىنى بېرىمەن.» دەپ ئۇقتۇردى. بۇ بىر تۈركۈم ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېسىلغان3يۇەنلىك پۇلغا نىسبەتەن بانكا باشلىقى نەن خەنجېن ناھايىتى تېزلا جاۋاپ قايتۇرۇپ«بىز تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش»قا قوشۇلىمەن دېدى.
1957-يىلىغا كەلگەندە 10يۇەنلىك پۇل پۈتۈنلەي تولۇق تاپشۇرۇلدى، جۇڭگۇ-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ مانجۇرىيىدە تاپشۇرۇپ بەرگەن ۋە تاپشۇرۇپ ئالغان خەلق پۇلى توققۇز تۈركۈمدە تامالاندى.
     سوۋېت ئىتتىپاقىدەك« چوڭ ئاكىسى»نىڭ ياردىمى ئاستىدا، يېڭى جۇڭگۇنىڭ بىرىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىدىن پايدىلىنىپ بېسىلغان ، چوڭقۇر شەكىل چۈشۈرۈلگەن،رەڭ قاتلاملىرى ئېنىق،نىسبەتەن ساختىلىقتىن مۇداپىيلىنىش ئىقتىدارى بولغان كۆركەم خەلق پۇلى بار بولدى.
     1955-يىلى3-ئاينىڭ 1-كۈنى ، سوۋېت ئىتىپاقىدا بېسىلغان3يۇەن،5يۇەنلىك ۋە دۆلەت ئىچىدە بېسىلغان 2يۇەن،1يۇەنلىك ھەتتا مو، پۇڭلاردىن تارتىپ جەمئىي 10خىل نۇسخىدىكى خەلق پۇلى تارقىتىلىشقا باشلىدى؛1957-يىلى12-ئاينىڭ 1-كۈنى يەنە 10يۇەنلىك خەلق پۇلى تارقىتىلدى. كېيىن،جۇڭگۇ-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋېتىنىڭ يامانلىشىشنىڭ تەسىرىدە،جۇڭگۇ خەلق بانكىسى «ئۈچ خىل نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنى يىغىۋېلىش توغۇرسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 1964-يىلى4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ چەكلىك مۇددەت ئىچىدە 1953-يىلى بېسىلغان 3يۇەن،5يۇەن ۋە 10 يۇەنلىك قەغەز پۇللارنى يىغىۋېلىشنى قارار قىلدى، بىر ئايدىن كېيىن ئالماشتۇرۇش ۋە ئوبرۇت قىلىشنى توختاتتى.

«يېڭى خەلق كەچلىك گېزىتى»گە ئاساسەن ياڭ لىجىڭ يازغان.








2

تېما

0

دوست

550

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2783
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 145
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xerhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 12:44  

ئاڭلىمىغان ، كۆرمىگەن خەۋەركەن .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

6

تېما

9

دوست

1649

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر بىلىمگە ئېگە بولدۇم .رەخمەت .بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىشكەن

21

تېما

4

دوست

3236

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 355
تۆھپە : 770
توردىكى ۋاقتى: 488
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىشكەن ،

7

تېما

0

دوست

1507

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8691
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 206
تۆھپە : 325
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىغان مەخپى تارىختىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!!!

2

تېما

0

دوست

298

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25326
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟ ۋە سىز ۋە بىز كۆرۇپ باقمىغان ۋە بەزىلىرى بىلەن ئانچە -مۇنچە ئۇچۇرۇشۇپ باققان پۇللارنىڭ رەسىمىنى. http://good.gd/2925821.htm ياكى http://1000eb.com/tdd7 دىن چۈشۈرۈڭ.

0

تېما

0

دوست

171

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25139
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق مەخپىيەتلىكلەرنىڭ كۆپرەك ئېچىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاڭلىمغان تارىخ ئىكەن ،تېما ئىگىسىگە رەھمەت .بىر بىلىم كۆپەيدى مەندە.

4

تېما

0

دوست

4506

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 957
توردىكى ۋاقتى: 361
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوكومىتىمىزنىڭ  مۇشۇ  كۇنگە  ئېرىشىشىمۇ  روس  ھوكومىتىنىڭ   ياردىمىدە  بولغان  ، ئادەتتىكى  قەغەزنى  بېسىشى  كىچىك  ئشقۇ  ئۇ .  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )