قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1000|ئىنكاس: 10

شەيتان بىلەن ئېلىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

57

تېما

0

دوست

8469

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  724
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1839
تۆھپە : 1336
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                     
                    شەيتان بىلەن ئېلىشىش


مىسىرلىق مەشھۇر يازغۇچى تەۋفىق ھېكىم «ئېتىقاد ۋە شەخسىي مەنپەئەت» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:
&;بىر توپ مۇرىتلار بىر تۈپ دەرەخنى مۇقەددەس روھ دەپ بىلىپ، دەرەخكە چوقۇنۇۋاتقان ئىكەن. بىر زاھىت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ-دە، پالتىسىنى ئېلىپ بېرىپ دەرەخنى كېسىۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇ دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپتۇ. تۇيۇقسىز بىر شەيتان پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرۇپ، مۇنداق دەپتۇ:
-ھەي، توختا! سەن نېمە سەۋەبتىن بۇ دەرەخنى كېسىۋەتمەكچىسەن؟
- چۈنكى بۇ دەرەخ كىشىلەرنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ.
-كىشىلەرنى ئازدۇرسا ئازدۇرىۋەرمەمدۇ، ئۇلار ئالدىنىۋەرسۇن!
-ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭ ئۇلارنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىم بار.
-سەن كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى توسۇۋالما، ئۇلار نېمە قىلغۇسى كەلسە، شۇنى قىلسۇن.
-ئۇلار ھازىر ئەركىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلار جىن-شەيتانلارنىڭ ئەپسۇنلىرىنى ئاڭلاۋاتىدۇ.
-ئۇنداقتا سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتماقچى ئوخشىمامسەن؟
-مەن ئۇلارغا ئاللانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتماقچىمەن.
-مەن ساڭا بۇ دەرەخنى ھەرگىز كەستۈرمەيمەن!
-مەنمۇ بۇ دەرەخنى كەسمىگۈچە بولدى قىلمايمەن.
شۇنىڭ بىلەن شەيتان زاھىتنىڭ كېكىرتىكىدىن ئاپتۇ، زاھىت شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ. ئۇلار قاتتىق ئېلىشىپ، ئاخىرى زاھىتشەيتاننى يېڭىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىپ ئولتۇرۇپ:
-مەن ساڭا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام،-دەپتۇ.
شەيتان ھاسىراپ تۇرۇپ:
-مەن سېنىڭ بۇنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭنى ھەرگىز ئويلىماپتىمەن. مېنى قويۇۋەت. نېمە قىلىمەن دېسەڭ قىلىۋەر،-دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن زاھىت شەيتاننى قويۇۋېتىپتۇ. بىراق قاتتىق ئېلىشىپ ھېرىپ كەتكەن زاھىتنىڭ دەرەخنى كەسكۈدەك ماجالى قالماپتۇ، شۇڭا قايتىپ كېتىپ، ئارام ئېلىپ ئەتىسى كەسمەكچى بولۇپتۇ.
ئەتىسى ئۇ يەنە پالتىسىنى ئېلىپ دەرەخ كېسىش ئۈچۈن مېڭىپتۇ. شەيتان بىردىنلا ئۇنىڭ ئارقىسىدا پەيدا بولۇپ ۋارقىراپتۇ:
-بۈگۈنمۇ دەرەخ كەسكىلى ماڭدىڭمۇ؟
-مەن ساڭا بۇ دەرەخنى كەسمەي قويمايمەن دېمىگەنمىدىم؟
- سەن بۈگۈنمۇ مېنى يېڭەلەيمەن دەپ ئويلامسەن؟
- مەن ساڭا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمىغىچە بولدى قىلمايمەن.
-خوش ئەمىسە كارامىتىڭنى كۆرسەت.
شەيتان زاھىتنىڭ كېكىرتىكىدىن ئاپتۇ، زاھىت يەنە شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ. يەنە بىر پەس قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىن زاھىتشەيتاننى يېڭىۋاپتۇ. شەيتاننى ئاستىغا بېسىپ تۇرۇپ،:
-ھە، ئەمدى سېنىڭ يەنە دەيدىغان گېپىڭ بارمۇ؟-دەپتۇ.
‏-مەن تەن بەردىم. سېنىڭ ھەيران قالغۇدەك كۈچۈڭ بار ئىكەن. مېنى قويۇپ بەر. سەن مېنى نېمە قىل دېسەڭ شۇنى قىلىمەن،-دەپتۇ شەيتانھارغىن قىياپەتتە.
زاھىت ئۇنى قويۇپ بېرىپ، كەپىسىگە قايتىپ كېلىپتۇ. چۈنكى ئۇ قاتتىق چارچاپ كەتكەچكە بىر كېچە قىمىرلىماي يېتىپتۇ. ئەتىسى زاھىت يەنە پالتىسى ئېلىپ دەرەخنى كەسكىلى مېڭىپتۇ. بۇ قېتىممۇ شەيتان ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرۇپ:
-ھەي، سەن تېخىچە نىيىتىڭدىن يانمىدىڭمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-شۇنداق مەن بۇ بالايىئاپەتنى يىلتىزىدىن كېسىپ تاشلىمىغۇچە بولدى قىلمايمەن.
شەيتان بۇ ئادەمنى ئېلىشىش بىلەن يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن، ئېتىقادلىق ئادەملەرنى يېڭىشنىڭ چارىسى ھىيلە-مىكىرنى ئويلاپ يېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ شەيتان تولىمۇ ساختا، چىرايلىق تەبەسسۇم بىلەن زاھىتقا يېقىنلىشىپ كېلىپ ئۇنىڭغا دەپتۇ:
-مېنىڭ بۇ دەرەخنى نېمە ئۈچۈن كەسكىلى قويمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سېنى ئاسراش ئۈچۈن ئىدى. سەن بۇنى چۈشەنمىدىڭ. چۈنكى سەن بۇ دەرەخنى كېسىۋەتسەڭ، بۇ دەرەخكە چوقۇنىدىغانلار سېنى يامان كۆرۈپ قالىدۇ، ساڭا دۈشمەن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ نېمىدەپ ئۆزۈڭگە ئاۋارىچىلىك تاپىسەن؟ بولدى قوي، بۇ دەرەخنى كېسىش نىيىتىڭدىن يانغىن. مەن ساڭا ھەر كۈنى ئىككى دىنار پۇل بېرەي، شۇنى خەجلەپ راھەتتە ياشىغىن،-دەپتۇ.
زاھىت بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن شاققىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، شەيتانغا قاراپ: دېگەنلىرىڭگە كىم گۇۋاھ بولىدۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-مەن قەسەم قىلىپ بېرەي، ۋەدەمدىن يانمايمەن.
-بولىدۇ ئەمىسە، مەن سېنى سىناپ كۆرەي.
دېگەندەك شۇنىڭدىن كېيىن زاھىت ھەر كۈنى ياستۇقىنىڭ تېگىدىن ئىككى دىنار ئالىدىكەن. بىر ئايغىچە شۇنداق بولۇپتۇ. ئەمما، بىر كۈنى ئەتىگىنى زاھىت قولىنى ياستۇق تېگىگە تىقىپتىكەن، دىنار چىقماپتۇ. چۈنكى شەيتان ئۇنىڭ ياستۇقى ئاستىغا دىنار قويمىغان ئىكەن. زاھىتنىڭ ئەرۋاھى قىرىق كەز ئۆرلەپتۇ-دە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھېلىقى دەرەخنى كېسىش ئۈچۈن يەنە يولغا چىقىپتۇ. يولدا شەيتان ئۇچراپ قېلىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- توختا، قاياققا ماڭدىڭ يەنە؟
- دەرەخ كەسكىلى،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ زاھىت.
- شەيتان ئۇنى مەسخىرە قىلىپ قاتتىق كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە ساڭا بېرىدىغان دىنارنى توختىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن دەرەخنى كېسىمەن دەمسەن؟
- ياق، مەن بۇ گۇناھ مەنبەسىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ دىلىنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتىمەن.
- سەن تېخى كىشىلەرنىڭ دىلىنى يورۇتامسەن؟ سېنىڭ بۇ تۇرقۇڭ بەكمۇ كۈلكىلىك بىلىندى، دەپ مەسخىرە قىلىپتۇ شەيتان.
زاھىتنىڭ قاتتىق غەزىپى ئۆرلەپ شەيتانغا ئېتىلىپ بېرىپ شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ. يەنە قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇزاق ئېلىشمايلا شەيتان زاھىتنى يېڭىۋاپتۇ. زاھىتنىڭ ئۈستىگە مىنىپ ئولتۇرۇپ:
-ھەي، سېنىڭ ھېلىقى قۇدرىتىڭ قېنى-دەپ سوراپتۇ.
مەغلۇپ بولغان زاھىت قاتتىق غەزەپ بىلەن:
ئېيتە شەيتان، سەن مېنى قانداق يەڭدىڭ-دەپتۇ.
-سەن ئېتىقاد ئۈچۈن ئېلىشقىنىڭدا مېنى يەڭگەنتىڭ، شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئېلىشقىنىڭدا مەن سېنى يەڭدىم، دەپتۇ شەيتان
مەنبە:بىر قېرىندىشىمنىڭ تەرجىمىسى

3

تېما

4

دوست

4228

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1302
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى تېما ئىكەن قېرىندىشم .
ھەرقانداق مۇسۇلمان بىر قېتىم ئوقۇپ قاتتىق ئويلىنىشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن .
دىمىسىمۇ بىزلەردە ھازىر پۇل ، مال - دۇنيا ئۈچۈن ئۆز مىىللىتىنى ھەتتا قېرىنداشلىرىنىمۇ ساتىدىغان ئىش ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ھەم بارغانچە ئەدەپ كىتىۋاتىدۇ قارايدىغان بولساق بۇنداق ئادەملار  ئەتراپىمىزدا ، كۆز ئالدىمىزدا ھەتتا مەسجىتلەردىمۇ ساماندەك .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

8

0

تېما

3

دوست

1243

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 346
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تولىمۇ ياخشى تېما ئىكەن قېرىندىشم .
ھەرقانداق مۇسۇلمان بىر قېتىم ئوقۇپ قاتتىق ئويلىنىشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن .
دىمىسىمۇ بىزلەردە ھازىر پۇل ، مال - دۇنيا ئۈچۈن ئۆز مىىللىتىنى ھەتتا قېرىنداشلىرىنىمۇ ساتىدىغان ئىش ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ھەم بارغانچە ئەدەپ كىتىۋاتىدۇ قارايدىغان بولساق بۇنداق ئادەملار  ئەتراپىمىزدا ، كۆز ئالدىمىزدا ھەتتا مەسجىتلەردىمۇ ساماندەك .
ئەگەشتىم،تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

5

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22452
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىلىك تىما ئىكەن

5

تېما

4

دوست

2770

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 826
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن

0

تېما

3

دوست

743

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turkan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 18:50
تولىمۇ ياخشى تېما ئىكەن قېرىندىشم .
ھەرقانداق مۇسۇلمان ...

مەنمۇ ئەگەشتىم. تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

1

تېما

6

دوست

7336

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   46.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2128
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەھمىيەتلىك تېما....تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر...

0

تېما

0

دوست

249

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-قېتىم ئوقۇشۇم، يەنە شۇنداق تەسىر قىلدى… ھازىرقى بەزىلەرنى پوشكالچى قىلۋېتىپ بارغان شۇ پۇل…
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )