قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 717|ئىنكاس: 4

(تەۋسىيە)دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 16:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

دوكتۇر زۇلپىقاربارات ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسىدە


ياش مۇتەپپەككۇر،ناتىق، دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆز بىلەن شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، ياشقەلەمكەش ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر زىيارەت قىلىنغان «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» پىروگراممىسىئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسىدە ئۈرۈمچى ۋاقتى جۈمە (يەنى بۈگۈن) كەچ 5:35 ، شەنبە چۈش11:41 ، سەيشەنبە چۈش 14:49 ، چارشەنبە كەچ 7:35 تە كۆرسىتىلىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ كۆرگۈچىلەرگەئۆزگىچە ئىلھام ۋە يېڭىلىق بەخش ئېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ۋاقتىدا كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىدقىلىمىز.
سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭقىسقىچە تەرجىمھالى
دوكتۇر زۇلپىقاربارات ئۆزباش 1975 – يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1996 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭجۇڭگو تىللىرى فاكولتىتىنى پۈتكۈزۈپ، تاكى 2007 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەتباج ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 2007 – يىلى «فورد خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ،ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئەدەبىي تەرجىمە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى،نۇتۇقشۇناسلىق، ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردەكۆپ قىرلىق ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ساھەلەردە بىر مۇنچىلىغان نەتىجىلەرنىقولغا كەلتۈرگەن. ئۇ 2007 – يىلىدىن بۇيان ژۇرنىلىمىز ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا «ياغلىققاپاق ۋە بۇلغانغان كىملىك»، «بەدەن، مودا ۋە كىملىك»، «شەھەرلىشىش ۋە كىملىك كىرزىسى»،«مۈجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك»، «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىمەسلىلىرى»، «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز» قاتارلىق بىر قاتار ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «جەمئىيەتشۇناسلارنېمە دەيدۇ» ناملىق ئىككى كىتابى نەشردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئىنكاسقوزغىغان. دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش يېقىندا ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىقپەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىنى ئېلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.
ئىزدىنىشچان مۇخبىر،ياش قەلەمكەش ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر 1986-يىلى 16 – دېكابىر كۇچا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى كۇچا ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ ۋە كۇچا ناھىيەلىك 1– ئوتتۇرا مەكتەپتە تاماملىغان. 2005-يىلى سېنتەبىردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادۋە باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ 2010 - يىلى ئىيۇلدا باشقۇرۇش پەنلىرى ۋەئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى پەنلىرى بويىچە قوش باكلاۋېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ شىنجاڭئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان«ئىستۇدېنتمۇ سىز» ناملىق ماقالىسى بىلەن ئىجادىيەتكە قەدەم باسقان. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ2 – يىللىقىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولغان.2010 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭئىقتىساد – تۇرمۇش قانىلى، «تەڭرىتاغ ئېكرانى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلاردائىشلىگەن، 2011 – يىلى 4 – ماي شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىگە خىزمەتكە چۈشكەن. ئۇ ھازىرشىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلۈمىدە مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئەسقەرجان ئەنۋەرئەلسۆيەر ھازىرغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «پەنۋە تۇرمۇش»، «بىلىم كۈچ»، «تەڭرىتاغ ئېكرانى» قاتارلىق ژۇرناللاردا، «شىنجاڭ گېزىتى»،«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى» قاتارلىقگېزىتلەردە ھەر خىل ژانىردىكى 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇپ كەسپداشلىرىۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتى ھەم ئېتراپىغا ئېرىشتى. ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەركىزىي خەلقرادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە باشقا يەرلىك رادىيو ئىستانسىسلىرىدائاڭلىتىلدى. ئۇ يەنە ياش مۇتەپپەككۇر، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار باراتئۆزباشنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان، سورۇن مەدەنىيتىمىزدىكى يېڭى يۈزلىنىش سۈپىتىدەبارلىققا كەلگەن «ئىلىم چېيى» دا ماسلاشتۇرغۇچلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ جەمئىيەتتە ياخشىباھاغا ئېرىشتى. شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت - فوتو سۈرئەت نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ ئېلېكترونئۈن - سىن نەشرىياتى ئۇنىڭ «ھاياتلىق ئۈچۈن»، «گۆدەكلەر دۇنياسى» قاتارلىق 5 پارچەتەرجىمە كىتابىنى نەشر قىلدى.

0

تېما

2

دوست

1030

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25142
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 15:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر كۈرۈپ باقايچۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

6

دوست

2237

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 16:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئۆيدە سىملىق تىلىۋىزىيە قاناللىرى بولمىغاچقا كۆرەلمىدىم.

13

تېما

1

دوست

1477

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەسقەرجان
بىز تەرەپتە  «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر»پروگراممىسى چىقمايدۇ
بولسا كۆرۈش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟
زۇلپىقار مۇئەللىم ئونىۋېرسىتىتتا نېمە دەرس ئۆتىدىكەن؟جەمىيەتشۇناسلىقمۇ ياكى؟

0

تېما

0

دوست

315

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   7.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25676
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 14:23:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەتتىڭەي، بۇ ياش ئالىمنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ تەشنا ئىدىم، بۇ ئۇچۇرنى ۋاقتىدا كۆرمەت قاپتىمەن. ئەمدى سەيشەنبە كۈنى كۆرسەم بولغۇدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )