قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 714|ئىنكاس: 11

ئەمدى كىتاپ ئوقۇماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

150

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25649
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 19:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئەمدى كىتاپ ئوقۇماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟

مەن بۇ قىتىمقى ماقالىدە كىتاپ ئوقۇش، كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىسى؛ ئوقۇماسلىقنىڭ زينى توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىمنى قىسقىچە يېزىپ قالدۇرماقچىمەن.
ئاللاھ تائالا ئوقۇش توغۇرلۇق قۇرئان كەرىمدە مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ: "ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.( ئەلەق سۈرىسى)
شۇنداقلا يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىس شەرىپلەردە ئوقۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى قالدۇردى: " ئىلىم ئېلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئەر-ئايالغا پەرىزدۇر" (ھەدىس)

     ئىلىم ئېلىشنى دىنى ۋە پەننى ساھەدىكى بارلىق كىشىلەر تەرغىپ قىلىدۇ. ئىلىم ئېلىشنىڭ يوللىرى خىلمۇ-خىل ھالدا بىر-بىردىن پەرىقلىق بولىدۇ. بەزىلەر ئاڭلاش ئارقىلىق زور بىلىمگە ئېرىشسە؛ بەزىلەر كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئېرىشىدۇ.
ئەلۋەتتە خەلقىمىز ياشلىرى نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئاڭ-سەۋىيە ئىلگىرىكىدىن ياخشىلىنىپ، مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقۇرلاپ ھىدايەت، نۇر-زىيا تەرەپكە شىددەت بىلەن ئىلگىرلەپ كەلدى. ئامما ئارسىدىكى ساددىلىق، مەھكۇملۇق، بىلىمسىزلىك يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى. كىشىلەر قانداق قىلغاندا ھاياتقا مەنىلىك باقالايدىغانلىقى، كىشلىك ھاياتنىڭ نېمە ۋە نېمىلەردىن دېرەك بېردىغانلىقى، قىسقىغىنە ھاياتتا قانداق ياشاش كېرەكلىكى توغۇرسىدا ئويلىنىشقا باشلىدى.
     ھەر بىر خەيرىلىك ئىشنىڭمۇ يامان تەرىپى بولغاندەك خەلىق ئارسىدا روھى مەھكۇملۇق،چۈشكۈنلۈك، بىلىمسىزلىك، نادانلىق، قالاقلىق ئىلكىدە قاتراپ يۈرىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەپ كەلدى.

بۇ تۈركۈمدىكىلەرنى بىر نەچچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
1. ئىمان-ئىتقاد ۋوجۇدىغا سېڭىپ كىرمەي يۈزەكى بولۇپ قالغانلىق كىرزىسى،

ئىمان-ئىتقاد بىر شەخسنىڭ ھاياتىنى كونتىرول قىلىشتىكى يادرولۇق نوقتا، ئىمان مۇكەممەل بولغاندا ھاياتقا باسقان ھەر بىر قەدەمنىڭ مەسئۇلىتى پەيدا بولىدۇ. مۇكەمەل ئىمانلىق كىشى دۇنياغا كېلىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.  گويا بېلىق سۇدىن ئايرىلىشنى خالىمىغاندەك ھاياتدىن مەنىسىز، مەسئۇلىيەسىز ئايرىلىشنى خالىمايدۇ.
ئەمما مۇكەممەل ئىماننى ھازىرلىمىغان كىشىلەر ھاياتنى قەدىرسىز، مەنىسىز، مەسئۇلىيەسىز ئۆتكۇزىدۇ. بوش ۋاقىتلارنىڭ، تەن ساقلىقنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدۇ. ئىلىم ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. كىتاپ ئوقۇشنى ئەسلا خالىمايدۇ. ئايغى تۈگىمەس باردى-كەلدىلەر، ئويۇن-تاماششالار، ئەرزىمەس دوستلار بىلەن بىھۇدە كوتۇلدۇشۇش، تۈگىمەس قىسىملىق كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈشكە خۇمار بولۇش، تورغا چىقىپ نىشانسىز توربەت ئاقتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن كۈنلىرىنى مەنىسىز، مەسئۇلىيەسىز ئۆتكۇزىدۇ. ئۇلارغا كىتاپ ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنسا، ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى بەك ئالدىراشلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاللىقانداقتۇر ئايغى چىقماس باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىشىدۇ. مانا شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى قىسمەن كىشىلەر يەنىلا زاۋاللىق، چۈشكۈنلۈك، ئازغۇنلۇق ئىچىدە شۇڭغۇپ يۈرىشىدۇ.

2. ھورۇنلۇق، تەييار تاپلىق كىرزىسى،

ئاللاھ چەكسىز مەرھەمەت قىلىپ نۇرغۇن كىشى ھىدايەت تاپتى. ھەقنى چۈشۈنۈپ ھەق بويۇنچە ياشاشقا پۈتۈن ۋوجۇدى بىلەن ئىنتىلدى. لېكىن، بىز تەن ئالمىساق بولمايدىغان يەنە بىر مۇھىم، ئاچچىق كىرزىسلار مەيدانغا كەلدى. ئۇ بولسىمۇ تەييار تاپلىق، ھورۇنلۇق كىرزىسى.
راست گەپ شۇكى، ھازىر دىيارىمىزدىكى خېلى كۆپ مۇسۇلمانلار ئاڭ-ساپاسىز، مەدىنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن. ھەتتا ئۆزىنى مەن جەمىيەتنىڭ سەركىسى دەپ قاراپ تۆت ئادەم ئولاشقان يەرگە بېرىپ ۋەز ئېتىپ يۈرگەن ياشلاردىمۇ بىلىم ئانچە يوق، پەقەت ۋايىزلىق، گەپدانلىق، چۈنكى ئېغىزدىن چىققان ھەممە گەپلەر ۋەز-نەسىھەت بولمايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ھازىرلىمىغان، مەسىلىگە يۈزەكى قارايدىغان ئالدىراڭغۇ، كاپىر؛ ھارام دەپ پەتىۋا چىقىرىشقا تېخىمۇ ئامراق. ئۇلار جەمىيەتنىڭ سەركىسى ئەمەس، بەلكى ئەركىسى بولۇپ قالدى. سەركە بولۇش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىشكە، كىتاپ كۆرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى، كىتاپ ئوقۇمىدى، كىتاپ ئوقۇغۇسىمۇ كەلمەيتتى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا تەييار تاپلىق سېڭىپ كەتكەنىدى

مەن بۇ ئىشلارنىڭ مەيدانغا كېلىپ چىقىشىنى ھورۇنلۇق، تەييار تاپلىققا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.
ھورۇنلۇق، تەييار تاپلىق بارلىق چۈشكۈنلۈكنىڭ، مەغلۇبىيەتنىڭ مۇقەددىمىسدۇر. مىنىڭچە خەلقىمىزدە مۇشۇ ئەھۋال ئەڭ ئېغىر. ئەلۋەتتە ياراتقان رەببىنى، ئۆزىنى، ئۆزگىنى بىلىش ئۈچۈن ئوقۇش، كىتاپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەم كىتاپ كۆرۈش ئارقىلىق ئاڭ-ساپا، مەدىنىيەت سەۋىيىسى، ئىلمى ئەخلاق، ئېغىر-بېسىقلىق، كۈزىتىش ۋە سېلىشتۇرۇش روھى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدۇ.
كۆپ كىتاپ ئوقۇش دەل ئەشۇ بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىكى ھالقىلىق مۇھىم ئامىل. ئەمما كۆپ كىشىلەرنىڭ كىتاپ ئوقۇش بىلەن خوشى يوق. بولۇپمۇ ئۇزۇن يېزىلغان ماقالە ئەسەر بولسا ئەسلا ئوقۇمايدۇ. 5 سائەت ئولتۇرۇپ قىسىملىق كىنو كۆرۈشكە رازىكى 1 سائەت ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.  ئوقۇماسلىقتىكى سەۋەپ شۇ بولىدۇكى، ۋوجۇن ھەجەپ جىقكەن، قاچان تۈگەر؟  دېگەندىن ئىبارەت ھورۇنلۇق كىرزىسى. ئىھتىمال شۇ تاپتا قىسمەن ئوقۇرمەنلەر مەزكۇر ماقالىنى قاچان تۈگەر دەپ مائۇسنى ئاستىغا سېرىپ بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ياكى ئىكران ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرسام كۆزۈم ئاغرىيدىكەن دېگەنگە ئوخشاش ئاقماس باھانە سەۋەپلەر.

توۋا، بەزى ئادەمنىڭ كۆزى ئاجايىپ بولىدىكەن. بىر كۈندە 5 سائەت ئىكران ئالدىدا ياكى تېلىفۇندا تورغا چىقىپ قادىلىپ ئولتۇرسا ھېچ گەپ يوق. ئەمما ئىكران ئالدىدا 30 مىنۇت كىتاپ ئوقۇسا كۆزى بولالماي قالىدۇ. ئادەم دېگەن 1 كۈندە ھەممە كىتاپنى تۈگەتكۈلۈك ئەمەس، كۈندە 30 مىنۇت كىتاپ ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز 1 ئايدا خېلى كىتاپ ئوقۇپ قالسىز. 1 يىلدا قانچىلىك ئوقۇيسىز؟ ئۆزىڭىز ھىساپلاپ بېقىڭ.
مۇتەخەسسىسلەر، ئادەم ئاڭلىغان نەرسىگە قارغاندا ئوقۇغان نەرسىنى بەك ئەستە ساقلايدۇ دەپ تەرىپلەيدىكەن. مەنمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئىلگىرى مەستۇرە يېزىپ چىققان "ھەمشىرىلەر" ناملىق كىتاپچىنى ئىكران ئالدىدا ئوقۇپ چىققانىدىم. كىتاپ شۇنداق تەسىر قىلدىكى ئوقۇغاچ كۆزلەردىن ياشلار تاراملايتتى. كىين ئاۋازلىق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. ئۇنىمۇ ئاڭلاپ باقتىم. ئەمما ئۆزۇم ئوقۇغان چاغدىكىدەك ھوزۇر ئالمىدىم. ھەم ئاڭلىغان نەرسە ئېسىدىن چىقىپ كېتىدىكەن. شۇ ئوقۇغاندا تەسىر قىلغان سۆز ئىبارىلەر نەچچە يىل بولۇپتۇ ھازىرغىچە ئېسىمدە......
بەزىلەر شۈنچە تەييارتاپ بولۇپ كەتتىكى،  ياخشى كىتاپتىن بىرى مەيدانغا چىقسا، ھەي ئېسىت ئاۋازلىقى بولسىچۇ دپ كېتىدۇ. باشقىلار چايناپ بەرگەننى يىيىشكە ئامراق. ئۆزى چايناشنى ئاۋارچىلىق ھېس قىلىدۇ. بىلىم دېگەننى ئۆزى تىرشىپ-تىرمىشىپ، ئىزدىنىپ، ئىجتىھاد قىلىپ، كۈزىتىپ-سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگەنگەندە تېخىمۇ شېرىن بولىدۇ، ھەم ئېسىدە قالىدۇ، دۇنيا قارشى رۇشەن بولىدۇ. كۈندىن-كۈنگە ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى بىلىپ يىتىدۇ. ھاياتنى كىتاپسىز ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدۇ.

دېمەك، كىتاپ ئوقۇماسلىق، ئىزدەنمەسلىك نەتىجىدە بىزلەرنى زالالەتتە، ئازغۇنلۇقتا قالدۇردى. كىتاپتىن ئايرىلغان مىللەت تەبىكى قالاقلىقتا، ساپاسىزلىقتا نادانلىقتا قالىدۇ. شۇ سەۋەپ تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر نادانلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالماقتا. ئۇلار ناماز ئوقۇغانلىقى، روزا تۇتقانلىقى، مۇھىمى كىشىلەرنى دەۋەت قىلىش يولىدا ئۆزىنى يولباشچى دەپ قارغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك ھەرگىزمۇ ئۆزىنى نادانلارنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارىمايدۇ. ھالبۇكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نادان ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان نادانلاردۇر.

بۇنداق دېسەم قىسمەن قېرىنداشلىرىمىز توغرا بولمايدىغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر بىر مىللەت ناماز ئوقۇسا، روزا تۇتسا لېكىن ئۇنىڭ دۇنيا بىلەن كارى بولمىسا، كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئەقلى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرمىسە، ئىچكى دۇنياسىنى بېيىتمىسا، خەلىقنىڭ ئاھۇ-زارىنى بىلىپ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئامال چارىلەرنى تېپىشقا ئۇرۇنمىسا قانداقمۇ ئەقىللىق دېگىلى بولسۇن؟!  قىسمەن  ئاتالمىش مۇسۇلمان سەركىسى بولغان ياشلىرىمىز مەسىلىنىڭ تېگى-تەكتىنى، نىگىزىنى بىلمەستىن، چۈشەنمەستىن ئۆز ئالدىغا پەتىۋا چىقىرىپ كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى پارچىلاپ، بۆلىۋىتىشكە ئۇرۇنسا قانداقمۇ نادان دېمەي تۇرالايمىز! ئەسلىدە ئەخلاق، دىيانەت، ھەققانىيەت سەركىسى بولغان ياشلار  خەلىقنىڭ ئاچقان، چاڭقىغان يېرىگە مەلھەم بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇلار مەلھەم بولالمىدى. ھەم مەلھەم بولۇشقىمۇ يارمايتتى.
چۈنكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى كۆپ ئىزدىنىش، كۆپ كىتاپ ئوقۇش، كۆپ تەپەككۇر قىلىش ئىدى. ئەمما ئۇلار كۆپ كىتاپ ئوقۇمىدى؛ كۆپ سۆزلىدى. كۆپ ئىزدەنمىدى؛ كۆپ لاپ ئۇردى.

3. يۇقۇردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارە-تەدبىرلىرى:

1. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ. سىز خالىسىڭىزلا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھىر ئالالايسىز. ھايات تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ مەنىلىك.

2. ئەگەر سىز ناماز ئوقۇمايدىغان شەخس بولسىڭىز باشتا ناماز باشلاڭ. چۈنكى ئەڭ ئەقەللىسى ئۆزىنى ياراتقان پەرۋەردىگارىغا ۋاپا قىلمىغان ئادەمدىن ۋاپا كۈتۈش ئەخمەقنىڭ ئىشى. سىز ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ قانچە توم-توم كىتاپلارنى ئوقۇپ تۈگەتكەن بولسىڭىزمۇ يەنىلا سىز ئاش بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان كىشى بولىسىز. بىراۋنى روھىدىكى ئىتقاد كونتىرول قىلىپ، پاكلاپ تۇرمىسا ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىشى مۇمكىن. ئۇنى قانداقتۇر تۈرمە ھاياتى، ئۆلۆم قورقتالمايدۇ. ئوقۇمۇشلۇق زەھەر ساتقۇچىلارغا قاراڭ!  10 يىل تۈرمىدە يېتىپ چىقىپ يەنە زەھەر سېتىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلارغا نېمە دېگۈلۈك؟! دېمەك، قەلبىڭىزدە ئىمان بىخلانسۇن! ۋۇجۇدىڭىزدا ۋاپا-ساداقەت ھۆكۈم سۈرسۇن. ھاياتىڭىزنى مەسئۇلىيەت دەپ ئۆتكۈزۈڭ. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى رەببىڭىزگە بەرگەن ۋەدىگە ۋاپا قىلىشتىن باشلاڭ!  مەسئۇلىيەتنى، ۋاپا-ساداقەتنى قۇرئاندىن، ھەدىستىن ئۆگىنىڭ! دىنى ۋە پەننى كىتاپلارنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇشقا تىرشىڭ!

3. ئەگەر سىز ناماز ئوقۇيدىغان كىشى تۇرۇغلۇق كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرمىسڭىز، ياكى ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمىسىڭىز تۆۋەندىكى مۇلاھىزىلەرگە دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ:
ئادەمنىڭ ئەقلى دەسلىۋىدە قۇرۇق بولىدۇ. كىشى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىلنى، ئاڭ-ساپانى يىتىلدۈرىدۇ. ئىھتىمال سىز ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇرلارغا قاراپ ھەجەپ جىقكەن دەپلا ئوقۇشتىن يالتىيىپ قالماڭ. بۇ مۇسۇلماننىڭ ئوبرازى ئەمەس. قارماققا بەك ئۇزۇندەك كۆرۈنسىمۇ ئوقۇسىڭىز بىردەمدە تۈگەيدۇ. شۈنچە ئۇزۇن قۇرنى ئىھتىمال ئۇزۇن بولغاندا 30 مىنۇت ئىچىدە ئوقۇپ بولىشىڭىز مۇمكىن. بىلىپ قىلىڭكى، سىز 30 مىنۇتتا ئوقۇغان ئەسەرنى ئىھتىمال يازغان كىشى بىر كۈندە يازغان بولىشى مۇمكىن.
بۇ يەردىكى مەسىلە كۆنۈپ كەتكەنلىك مەسىلىسى. سىز ئىلگىرى كىتاپ ئوقۇپ ئادەتلەنمەي مۇنبەردە كىنو كۆرۈپ ئادەتلىنىپ، كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا كىتاپ ياكى ماقالە ئوقۇش سىزگە تەس كېلىدۇ. چۈنكى سىز ئوقۇماسلىققا، ھورۇنلۇققا كۆنۈپ كەتتىڭىز. شۇنىڭ بىلەن تەبىكى روھى چۈشكۈنلۈك، ساپاسىزلىق، ئالدىراڭغۇلۇق سىزدە بىخ سۈردى.

ئادەتلىنىش، كۆنۈپ قىلىش دېگەن پەقەت بىرلا قىتىمدا شەكىللەنمەيدۇ. بىر ئىشنى تەدرىجى ئاز-ئازدىن قىلىش ئارقىلىق ئادەت شەكللىنىدۇ. دېمەك سىزدە كىتاپ ئوقۇماسلىق ئادىتى شەكللەنگەن. سىزنى كىتاپ، ماقالە ئوقۇشتىن يىراقلاشتۇرۋاتقىنى دەل ھورۇنلۇق ۋە كۆنۈپ كەتكەن ئادىتىڭىزدۇر.
قېرىندىشىم ئەقىللىق بولۇڭ. روھىڭىزنى خۇنۈك ئادەت دەرياسىدا غەرىق قىلماڭ. ھورۇنلۇق قىلماڭ. ساغلام ئىمانلىق كىشىگە ھورۇنلۇق ماس كەلمەيدۇ. ئاڭ-ساپالىق بولۇڭ. كىتاپقا ئاشىق بولۇڭ. ئۇ، سىزنىڭ ساپ، ھەقىقى مەشۇقىڭىز بولالايدۇ. كىتاپتىن تەسەللى تېپىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ. پەقەت بىر خىل شەكىلدىكى كىتاپقىا باغلىنىپ قالماڭ. ئوي-خىيالىڭىز چولتا، پىكىرىڭىز مىنىڭ راستچى بولۇپ قالسىز. ئەگەر سىز دىنى ساھەدىكى كىشى بولسىڭىز، ئەدەبى ئەسەر، گېزىت-ژورنال، مۇنازىرە تېمىسىدىكى كىتاپ، ماقالىلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ چىقىڭ. شۈندىلا ئاڭ-ساپا يىتىلىپ، مەدىنىيەت سەۋىيەرىڭىز ئۆسۈپ ئالدىراڭغۇ، پەتىۋاچى بولۇپ كەتمەيسىز.

قېرىندىشىم كىتاپ گويا ئەينەكتۇر. كىتاپتىن ئۆزىڭىزنى كۆرەلەيسىز. كىملىكىڭىزنى بىلەلەيسىز. ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيسىز. سىزگە قىيىن توختىغان، ئوقۇشقا خوش ياقمىغان ئاشۇ كىتاپتا سىز بىلىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن بىلىملەر بار.
قېرىندىشىم، سىز كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى، خەلق سىزدىن ئۈمۈد كۈتىدۇ، سىزنىڭ ياراملىق بىلىملىك ئادەم بولىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىدۇ.

0

تېما

2

دوست

368

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25285
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 23:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن كىتاب ئوقۇساڭ،  بولۇر ئۇندىن بىلىم ھاسىل.   ئوقۇماي سەن ئويناپ ئۆتسەڭ،   بىلىم ساڭا نە ھاسىل.                  
قۇتلان تېلفۇنلىرى

8

0

تېما

5

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 11:23:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى نەسەھەتكەن، رەھمەت

0

تېما

0

دوست

51

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25551
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 12:43:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ ئوقۇش ياخشى ئادەت . بولۇپمۇ مۇشۇنداق بىكار ۋاخلاردا قۇرئان ئوقۇشقا كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىش كىرەك.

5

تېما

2

دوست

1768

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16511
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 492
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 14:40:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىن يورەك ئورنىدا ھەركەت قىلىدۇ..يورەك ھەركەتدىن توختىسا ھاياتلىق ئاخىرلاشقاندەك.بىز توغرا بولغان ئىسلام دىنىمىزدىن ئايرىلالمايمىز،شۇنداقلا پەن مىڭىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ،مىڭە كاردىن چىقسا بىز ساراڭ بولغاندەك ياشايمىز،،شۇڭىلاشقا ھەر ئىككىسى موھىم...پەننى كىتاپلارنىمۇ ئوقۇشدىن دىىنىمىز چەكلىمەيدۇ،ئەكىسچە قوللايدۇ.بىز ئاپاق غوجا ۋاقتىنى تەسەۋۋۇر قىلساق شۇ ۋاقىتلاردا قۇرئان ئوقۇيدىكەنتۇق.شۇ مەنىسىنى چوشەنمەي ...مەن دەيمەن ھەرقاندا كىتاپلارنى ئوقۇيلى چوشىنىپ ئوقۇيلى...قۇرئان موجىزلەر بىلەن تولغان ئىلاھى،كىتاپ..مەنىسىنى چوشەنمەي ئوقۇساق بىزگە ھىچقانداق ئۇنۇم بەرمەسلىكى مومكىن.

1

تېما

1

دوست

1504

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 456
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 18:51:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن گەپ، ناۋاتتەك گەپ!
«كىتاب ئوقۇش» دېسە بەزىلەرگە قانداق ئاڭلىنىدىغاندۇ دەيمەن.
مەنچە: كىتابلا بولسا ئوقۇپ بېقىش كېرەك. مەيلى ئۇ ھىكايە كىتاب بولسۇن، پوۋست- رومان بولسۇن، ماقالە بولسۇن... ۋە ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى بولسۇن ئوقۇپ بېقىش كېرەك. «كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقتىم يوق!» دېگەن قۇرۇق گەپ! ھەرقانداق بىرىمىزنىڭ بىر كۈندە پەقەت بولمىدى دېگەندىمۇ بىر سائەت بوش ۋاقتىمىز بار. شۇ ۋاقىتتا قولىمىزدا بار ھەرقانداق كىتابنى ئوقۇساق بولىۋېرىدۇ. بىر كىتابنى ئارتۇق ئوقۇغان ئادەم بىلەن كەم ئوقۇغان ئادەمنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ!

تېما ئېگىسىگە رەھمەت!

0

تېما

0

دوست

821

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24587
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 01:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقو دەپ تۇنجى رەت بولۇنغان خىتاپ.
قۇرۇماس بىر بۇلاق ئۇ مۇقەددەس كىتاب.
خىتابلار ھەم كىتابلار بىرىلىپ بولدى،
گەپ قەلىبتە ساغلاممۇ ئۇ ۋە ياكى بىتاب.

قەلبى كىتابتا كۆزى كىتابتا،قەلبى يىراقتا كۆزى ھارماقتا...

5

تېما

0

دوست

530

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16548
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 13:27:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  مەن كىتابسىز تۇرمۇشنى تاخشى كۆرمەيمەن . كىتابنى سۆيمەيدىغان ، كىتابنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بەخىتلىك بولالمايدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )