قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4668|ئىنكاس: 70

[دولان ] ئۇرۇش بىزدىن قانچىلىك يېراق؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

96

تېما

7

دوست

5345

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 998
تۆھپە : 1032
توردىكى ۋاقتى: 538
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 19:17:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
[دولان ] ئۇرۇش بىزدىن قانچىلىك يېراق؟
باۋ شېڭگاڭ
دولان تەرجىمىسى
    يېقىنداجۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرىش رايونى تەسىس قىلغانلىقىغاقارىتا باشلانغان تالاش-تارتىشى، ئەمەلىيەتتە جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت 3 دۆلەتنىڭ ئاسىيا ئىستىراتېگىيەسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىكى ئۆزگېرىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئىلگېرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئاساسلىق رەقىب بولۇپ، كۈچ جەھەتتە ئامېرىكا تەشەببۇسكار، جۇڭگو پاسسىپ ھالەتتە، ئامېرىكا ھوجۇم ھالىتىدە،جۇڭگو چېكىنىپ تۇرۇپ قوغدىنىش ھالىتىدە ئىدى. دۆلىتىمىز دۈشمەن ھوجۇم قىلسا چېكىنىشتەك غەيرى ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتاتتى. بىراق نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ياپونىيەئاساسلىق رەقىبكە ئايلاندى، ئامېرىكا بولسا 2-سەپكە چېكىندى. كۇچ سېنىشىشتا ھەرئىككىلى تەرەپ تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنى قوللانغاچقا، جۇڭگو ئاستا-ئاستا پاسسىپ ھالەتتىن تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۆتۈپ، چېكىنىپ مۇداپىئە كۆرۈشتىن ھوجۇم قىلىش ھالىتىگە ئۆزگەردى، شۇنىڭ بىلەن بىز ھوجۇم قىلساقدۇشمەن چېكىندىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى، نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى ئۈزلىكسىز يوقۇرى كۆتۈرىلدى.
  جۇڭگوبىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋېتىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋېتى ھەقىقەتەن خەتەرلىك، چۈنكى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋېتىنى تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرىدىغان، ھېچقايسىسى يول قويمايدىغان ھالەتتە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ يول قويماسلىقىدا تارىخى سەۋەپمۇ ۋە مىللەتچىلىك ئامىلىمۇ مەۋجۇت ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەنىڭ ئوڭغا ئېغىشى ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى،ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى شۇكى نۆۋەتتىكى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسۋېتىدە بېخەتەرلىك ئامىلى مەۋجۇت ئەمەس، قوش تەرەپلىك سۆزلىشىش پۇرسىتىمۇ يوق، ئامېرىكا گەرچە جۇڭگو-ياپونىيەمۇناسىۋېتىدە بېتەرەپ ھالەتتە تۇرغادەك قىلسىمۇ، ئەمىلىيەتتە پەردە ئارقىسىداقۇماندانلىق قىلىۋاتاتتى. توقۇنىش بىلەن ئورۇشنىڭ پارتلىشى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا يول قويماسلىقى، مۇققەرەر زىددىيەتنى ئاشۇرۇپ ۋەزىيەتنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋېتى سىممېترك مۇناسىۋەت بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئەمىلىي كۈچ جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى ئىستىراتېگىيە جەھەتتىمۇ بىربىرىگە قارشى ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو-ياپونىيەمۇناسىۋېتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋېتىگە قارىغاندا خەتەرلىك دەپ ئاتاشقا بولىدۇ،ئوخشىمايدېغىنى شۇكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋېتى بىۋاستە رىقابەتلىشىش ھالىتىدەئەمەس، ئامېرىكا نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلغان دۇنياۋى چوڭ دۆلەت، جۇڭگو بولساتەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولسىمۇ بىراق دۇنياۋى چوڭ دۆلەت دېگىلى بولمايدۇ،شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتېگىيىسى يەرشارى خاراكتىرلىك، جۇڭگونىڭ ئىستىراتېگىيىسى رايون خارەكتىرلىك ئىدى. ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتېگىيىسى ھۇجۇم ھالىتىدە، جۇڭگونىڭ ئىستىراتېگىيىسى مۇداپىئە ھالىتىدە بولۇپ، ئەمىلىي كۈچ ۋەئىستىراتېگىيە جەھەتتىن قارىغاندا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋېتى تېخىمۇ خەتەرلىك دېيىشكە بولىدۇ، بىراق جۇڭگو ئامېرىكىغا نىسبەتەن سىممتېرىك ئىستىراتېگىيەنى يولغاقويغان بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەربىي ئىشلار ۋە چەكلەش ئىستىراتېگىيىسىدە ئىپادىلىندۇ، جۇڭگو پۇرسەت كۈتۈش ۋە ئۈزىنى تۇتۇۋېلىشئىستىراتېگىيىسىنى قوللانغاچقا، ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە ئورۇشمايدۇ. نۆۋەتتەئامېرىكا ئاسىياغا، جۇڭگو دۇنياغا قايتتى، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچى بارغانسىرى ئاشتى، مەسىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن بەش دۆلەت ئۇچرىشىشى، G20ئۇچرىشىشى ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلىكسىز كېڭەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئورتاق تونۇشقا كىلىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي دېمۇكراتېيىسىنى ئىلگېرى سۈرىشنى ئۈمىد قىلىشتى، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاش، كەڭ ھەمكارلىق بوشلىقىغا ئىگە قىلدى. بۇنى ئامېرىكا سىياسىي ئوبزۇرچىسى تەھلىل قىلىپ « ئامېرىكا ھەربىي ۋە سىياسىيغا پىششىق بولسىمۇ، بىراق جۇڭگونۆۋەتتىكى سىممترېك ئىستىراتېگىيىنى داۋاملىق ئىجرا قىلسا، ئامېرىكا قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئامېرىكىغا نىسبەتەن بۇبىر يېڭى ئىغۋاگەرچىلىك، ئىلگېرى دۇچ كەلمەيلاقالماستىن بەلكى ھېچقانداق تەييارلىقىمىز يوق » دەپ كۆرسەتتى.
  ئۇندىن باشقا، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە يېقىن قوشنا، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاستە زىمىن تالاشتارتىشى مەۋجۇت بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە نۇرغۇن تارىخى مەسىلە ۋە مۇرەككەپ مىللەتچىلىك خاھىشى مەۋجۇت بولغاچقا، ياخشى بىرتەرەپ قىلمىسا، زىددىيەت تېخىمۇئۆتكۈرلىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ياپونىيەنىڭ ئوڭغا ئېغىشى ۋە مىلتارىزمنىتېرىلدۈرىشكە ئورۇنىشى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋېتىدە ئوت ئۇستىگە ياغ چېچىپزىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتتى، بىز تارىختىكى ئورۇشلارنىڭ پارتلىشىدائورۇشخۇمارلاردىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، نۆۋەتتە ياپونىيەنىڭ ئوڭغا ئېغىشىھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىشىنىپۇرسەت دەپ بىلىپ، بىرتەرەپتىن جوڭگۇنى چەكلىسە، يەنەبىرتەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرققىي قىلدۇرۇپ، سىياسىي ۋە ھەربىي كۇچلۈك دۆلەت بولىش ئارقىلىق،ئىقتىسادنىڭ 20 يىل تۆۋەن ئېشىشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن قۇتۇلىپ،ئاسىياغا قايتىشتەك جاسارىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىدى ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كېرگۈزىش، چۈنكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كېرگۈزگەندىلا ئارمىيەنى كۈچەيتىش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېكىتىلگەن خەلقئارا تەرتىپنى بىكار قىلىپ، مىلتارىزم يولىغا ماڭالايدۇ. داۋيۇئارىلى مەسىلىسىدە باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى « داۋيۇ ئارىلى مەيلى تارىخىي جەھەتتەبولسۇن ياكى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە بولسۇن، ياپونىيەنىڭ زىمىنى » دەپ ئاتىدى،ھەمدە « قەتئى يول قويمايمىز » دەپ يوغان گەپ قىلدى، جۇڭگومۇ قەتئى چىكىنمەي،تىغمۇتىغ تاقابىل تورىش ئىستىراتېگىيىنى قوللاندى. ئوخشىمايدىغىنى شۇكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بېۋاستە قوشنا ئەمەس، گەرچە ئامرىكىنىڭ ئاسىيادا ھەربىي بازىسى بولسىمۇبىراق كۈچى چەكلىك بولغاچقا، چۇقۇم مۇققەرەر ياپونىيە ۋە فىلىپېنگە تايىنىدۇ،ئۇندىن باشقا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىۋاستە زىمىن تالاش -تارتىشى يوق،ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلىشى، ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يەر شارىدىكى زومىگەرلىك ئورنىغا تەھدىت سېلىشىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلىشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى باشلانغان بولۇپ، ياپونىيەنى چەكلەش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئوخشىمايدىغېنى شۇكى نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگودا ئۇرۇش قىلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت ئەمەس، ئىككى تەرەپ نىسپىي مۇقۇملىقنى ساقلاۋاتىدۇ.
    جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋېتىنىڭ خەتەرلىك بولىشىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋېتىدەبىخەتەرلىك كېلاپانى مەۋجۇت ئەمەس، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نۆۋەتتە مەسىلىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئارزۇسى يوق بولغاچقا، كېرىزىس تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى.ياپونىيەنىڭ بىرنەچچى سابىق باش ۋەزىرى تارىخنىڭ ھەقىقى ماھايىتىنى سۆزلەپ، ياپونىيەئوڭقانات ھۆكۈمىتىنىڭ كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، مىلتارىزم يولىغا مېڭىشتىن ۋەقاتمۇقات مۇھاسىرىگە پېتىپ قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارۋەتەن ساتقۇچلۇقتا ئېيىپلەندى. ئاساسلىق سەۋەب ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىيىتى يوق، ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن مىلتارىزمنى تېرىلدۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ، ئەسلاسۆھبەتلىشىش نىيىتى يوق. ئامېرىكا ئىھتىمال جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋېتىدىكى بىخەتەرلىك كېلاپانى بولىشى مۈمكىن، چۈنكى ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىشىىنى كۆرۈشنى خالىمىسىمۇ، بىراق جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋېتىنىڭ بۈگۈنكىدەك قاتمال ھالەتكە كىلىشىدىكى پەردە ئارقىسىدىكى ئاساسلىق رېجىسۇردۇر، ئامېرىكىنىڭ مەقسىدى جۇڭگو-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونتىرول قىلىش،جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۆزئارا بىر بىرىنى چەكلىسە ئامېرىكا توپىلاڭدىن تۇغاچ ئوغۇرلاش مەقسىدىگە يېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋېتىدىكى مەيدانى ئىككى يۈزلىمىلىككە ئىگە، ئامېرىكا ئاسىياغا قايتىشتا، ئامېرىكا-ياپونىيەئىتىپاقداشلىق مۇناسىۋېتىنى ئاساس قىلىدۇ، بىراق ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتىپاقداشلىقى3 ئالاھىدىلىككە ئىگە، بىرىنچىدىن ياپونىيەنى بېسىش، ئىككىنچىدىن جۇڭگونى چەكلەش،ئۈچىنچىدىن ئامېرىكىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت، ئەلۋەتتە جۇڭگونى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكا ياپونىيەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، ياپونىيە ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن جۇڭگونى چەكلەيدۇ، مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدېغىنى شۇكى جۇڭگو-ياپونىيە ئۆزئاراتىركېشىپ، بىربىرىنى چەكلەپ، ئىستىراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلىقنى ساقلايدۇ.
   بىرىنچى دۆلەتلەرئارا تەڭپۇڭسىز تەرەققىيات ئورۇشنىڭ مەنبەسى، بىراق تەڭپۇڭسىز تەرەققىيات تاقابىلچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ؛ ئىككىنچى ھەسەتخورلۇق ۋەۋەھىمى سېلىش، خاتا ھۆكۈمنى پەيدا قىلىپ، توقۇنىشنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇش يۈز بېرىشنىڭ ئاساسى ئامىلى بوپقالىدۇ، چۈنكى ئورۇشنىڭ پارتلىشى ئىنساننىڭ ماھايىتىۋە تەپەككۇر شەكلىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۈچىنچى سۆزلىشىش مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم، نۆۋەتتە جۇڭگو-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سۆزلىشىش مىخانىزىمى مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ ئوت قۇرۇقلۇق قىلىشى قۇشۇلسا، ئورۇشنى يەنە يېراق دېگىلى بۇلارمۇ؟




پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

7

دوست

5244

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1163
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 19:42:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۇرۇشسا بۇلاتتى.ياپۇندىن ئوچىنى ئالاتتى
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

2

دوست

1369

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25078
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 19:55:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو ئاستا-ئاستا پاسسىپ ھالەتتىن تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۈتۈپ، چېكىنىپ مۇداپىئە كۈرۈشتىن ھوجۇم قىلىش ھالىتىگە ئۆزگەردى، شۇنىڭ بىلەن بىز ھوجۇم قىلساق دۇشمەن چېكىندىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى،
-----------------------------------------------

مۇشۇنداق ئىشمۇ باما.


مەن ھېچ ھېس قىلمايۋاتمەن يا بۇ پاكنەكلەرنىڭ كەينىگە چېكىنگىنىنى،

خورازنىڭ پەشۋاسىنى كۆرستىپ قويدىغان يېرمۇ كەلدى بو پاكنەكلەرگە.

نارات

1

تېما

0

دوست

4183

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1070
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 19:59:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تەھلىلنىمۇ توغرا دەپ كەتمەيمەن دۆشمەننىڭ ئويىنى كىم بىلىدۇ پۇ بىر پەرەز خالاس

0

تېما

1

دوست

2485

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 742
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 20:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇش بۇلۇپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ شىمالىدا رۇسىيە ، جەنۇبىدا ھىندىستان ، غەربىدە نەچچە 10 مىڭ كىشلىك ناتونىڭ قوشۇنى بار ، دىمەك بىز تۆت چوڭ كۈچنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ، ، ،

0

تېما

1

دوست

2485

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 742
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 20:41:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alijanap يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 20:34
خاتىرجەم بولۇڭ بىزنى دۆلىتىمىز جۇڭگو جان دىلى بىلەن ق ...

ھە ، ، ،

0

تېما

0

دوست

998

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   99.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8197
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 271
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 20:43:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا ھىچكىم بىرنىمە دىيەلمەيدۇ جۇمۇ !!!!!!!!!!!

0

تېما

1

دوست

1599

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7424
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 20:56:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇش بىزدىن بىر غېرىچ يىراقلىقتا…بىز ئۇرۇشنى تەكلىپ قىلىۋاتىمىز،ئۇرۇش بىزنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ……
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )