قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2577|ئىنكاس: 17

ياقۇپبەگكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

8

دوست

1122

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 20:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


                 ياقۇپبەگكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر



        ياقۇب بەگكە بىر قىسىم سۈرەتلەر ئىلگىرى“ 1870-يىللاردىكى يەركەن ”ناملىق يازمامدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم يەنە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر توپلىنىپ قاپتۇ.شۇڭلاشقا دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.
“ 1870-يىللاردىكى يەركەن ”ناملىق يازمىنىڭ ئادىرىسى:
ياقۇپبەگنىڭ سۈرىتى
Veselovski-1898-Yakub-Bek.jpg

ياقۇپبەگنىڭ كەچلىك قۇبۇلى(سىزما رەسىم)
Night_interview_with_King1.jpg


ياقۇپبەگ ئەسكەرلىرىنىڭ مەشىق قىلىۋاتقان مەزگىلى
800px-Zerrspiegel-Taifurchi-shooting-exercises-i125_png.jpg


1870-يىللاردىكى يەركەن بازىرى
800px-Street_scene_in_Yarkand_in_the_1870s.jpg



يەكەندىكى ئەندىجانلىق  قوغدىغۇچىلار
800px-Yarkand_Governors_Guard.jpg


1870-يىللاردىكى يەركەنلىك ئاياللار
800px-Yarkand_ladies.jpg


1870-يىللاردىكى قەشقەر يولى
800px-Kashgar_road_scene_1870s.jpg


يەركەنگە يېقىنلىشىش(1873-يىلى)
800px-Approach_to_Yarkand_1868.jpg


ياقۇپبەگنىڭ ئوقياچىسى
389px-Kalmak_archer.jpg


يەركەنلىك ئەسكەر
289px-Yarkand_official.jpg

   

         
قوشۇمچە:موللا موسا سايرامىنىڭ ”تارىخى ھەمىدى“ناملىق كىتابىدىكى ياقۇپبەگكە مۇناسىۋەتلىك بايانلار


ياقۇپبەگنىڭ ياخشى ئەخلاقلىرى ۋە يامان سۈپەتلىرى

موللا مۇسا سايرامى

           شەرىئەتنى راۋاجلاندۇرغۇچى، ئۆلىما ۋە دانالارنى دوست تۇتقۇچى، پۇقرالارنىڭ تەربىيەتچىسى، يامان ئىش ۋە زۇلۇمنى يوق قىلغۇچى، ئاھالىنىڭ شەپقەتلىك مېھرىبان ئاتىسى مۇھەممەت ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ ياتقان جايى ۋە قەبرىلىرى تەڭرىنىڭ نۇرىغا تولسۇن.
     تەڭرىم ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن ئاتىلىق غازىنى ياراتقاندا ئەقىل-پاراسىتىنى يۇقىرى قىلغانىكەن. شۇڭا پەم-پاراسەتتە، ئەقىل-ئىدراكتا تەڭدىشى يوق، ئېسىدە ساقلاش قابىلىيىتىدە يەككە-يېگانە ئىدى. ھېچقانداق پادىشاھلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بۇنداق خۇسۇسىيەتلەر كۆرۈلمىگەنىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئاتىلىق غازىنىڭ پەم-پاراسەتلىرىنى ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلىرىگە ئوخشىتاتتى.

        جانابىي ئاتىلىق غازى ئۆز قول ئاستىغا كىرگۈزگەن يۇرتلارنىڭ شەرق تەرىپى كومادىدىن غەرب تەرىپى سېرىققۇلغىچە بولۇپ 100 كۈنلۈك يول، شىمالىي چېگرىسى مۇز داۋاندىن تارتىپ، جەنۇب تەرىپى قاراڭغۇ تاغقىچە بولۇپ 80 كۈنلۈك يول ئىدى. ئۇ بۇ چېگرا ئىچىدىكى يەتتە شەھەرگە تەۋە چوڭ-كىچىك 34 شەھەرگە 14 يىل مۇستەقىل ھاكىم بولدى. بۇ جەرياندا ئەسلىدىكى ئادەت ۋە مىجەزلىرىنى ئۆزگەرتمىدى. ناھايىتى ئېغىر-بېسىقلىقى ۋە كەمتەرلىكىدىن، ئىلگىرىكى مەنسىپىگە «بەدۆلەت غازى» سۆزىنى قوشۇپ ئاتىغاندىن باشقا ئۆزىنى يا پادىشاھ، يا سۇلتان، يا خان دەپ ئاتىمىدى. غەيرىي يول تۇتۇپ دۇمباقنى باشقا پەدىگە چالغان، ئۆزىدىن باشقا پادىشاھلارنى كۆزگە ئىلمىغان تۆت پادىشاھ ۋە خاننى ئۆز بۇيرۇقىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ خەزىنە، سىپاھ، ئەمەلدار پۇقرالىرىغا ئىگە بولدى. ئالدى بىلەن ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمى ۋە مىزانى ئىچىدە تۇتتى.
         ئۇنىڭ خۇلق-پېئىلى تەقۋادار ئىشان ياكى ئۆلىماغا ئوخشىشاتتى. تون-سەرۇپاي، كىيىم-كېچەكلىرى بىر سودىگەردىن پەرقى يوق ئىدى. ئات-ياراق، ئەسلىھەلىرى ئەللىك بېشىچىلىك بار ئىدى. ھەمىشە ئاق كىگىز جايناماز ياكى بورا ئۈستىدە سەللە چاپان بىلەن نامازدا ئولتۇرغاندەك يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. بېلىدىن كەمەرنى يېشىپ ئېلىۋەتكەنلىكىنى، يا چازا قۇرۇپ ئولتۇرغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىگەنىدى. ئېگىز يەردە ياكى كارىۋات ئۈستىدە ئولتۇرمايتتى. تولا چاغلاردا چېدىر-بارگاھلىرىنىڭ ئالدىدا پەس يەردە ئولتۇراتتى. تەرەتسىز يەرگە دەسسىمەيتتى. «پادىشاھ قايسى دىندا بولسا، خالايىقمۇ شۇ دىندا بولىدۇ»، دېگەن ھەدىسكە مۇۋاپىق، ھەممە چوڭ-كىچىك ئەمىرلەر ۋە يىگىت-سەرۋازلارمۇ دائىم تەرەت بىلەن يۈرەتتى. نامازنىڭ ۋاقتى كېلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ مەسجىتىنىڭ مۇئەززىنى ئەزان ئېيتىشى بىلەن تەڭ ھەممە يەردە باراۋەر ئەزان ئېيتىلاتتى.
          ئاتىلىق غازى ھەر ۋاقىت سەپەر قىلسا ئاز دېگەندە 7000 چېدىر قوشۇن بىللە يۈرەتتى. ھەر چېدىردا بىر ئادەم ئەزان ئېيتاتتى. ھەتتا بازارچىلار ئىچىدە ھەر بىر دۇكاندىن بىر ئادەم ئەزان ئېيتاتتى. شەھەر سەھرالاردىكى مەسجىدلەرنىڭ مۇئەززىنلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ-باراۋەر ئەزان ئېيتاتتى. ھەرگىز ئىلگىرى-كېيىن قىلمايتتى. مۇئەززىنلەر پەشتاقلارغا چىقىپ ئاتىلىق غازىنىڭ مەسجىدىنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئەزان ئېيتىشىغا ئىنتىزار بولۇپ مەسجىدلەرنىڭ ئۆگزىلىرىگە چىقىپ سالاۋات ئېيتىپ، دۇئا ۋە توۋا ئىستىغپار بىلەن قاراپ تۇراتتى. چوڭ-كىچىك ھەر قانداق كىشى سەللە يۆگىمەي كوچىلاردا يۈرەلمەيتتى. رەئىسلەر كوچا-بازارلاردا ھەمىشە شەرىئەتكە خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرەتتى. تۇماق ياكى دوپپا بىلەن يۈرگەن كىشىنى كۆرسە، تۇماق-دوپپىلىرىنى يىرتىپ ياكى قايچا بىلەن كېسىپ پارچە-پارچە قىلىپ تاشلايتتى. شاراب، بوزا، تاماكا ۋە نەغمە-ناۋا، ئۇسسۇل-ساما قاتارلىق ئىشلار مەنئى قىلىنغانلىقتىن مەخپىي ياكى ئاشكارا كۆرگىلى بولمايتتى. بەلكىم خالايىق ئارىسىدا مۇنداق ئىشلار تۈگىگەن ۋە ئۇنتۇلغان بولۇشى مۇمكىن، بويسۇنمايدىغان، گەدەنكەشلىك قىلىدىغان ئادەملەر پىتنە-پاسات پەيدا قىلىپ، ئۇرۇش-تالاش قىلىدىغان باشباشتاقلار، ئوغرى، قىمارۋاز، لۈكچەك، كەپتەرۋازلارمۇ ئاتىلىق غازىنىڭ قەھرى-غەزەپ ۋە قىلىچلىرىدىن قورقۇپ توۋا-ئىستىغپار ئېيتىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولاتتى، مۇبادا ئۇرۇش-تالاش قىلغان، يالغان تۆھمەت ۋە خۇسۇمەت قىلغان ئادەملەر ياقۇپبەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالسا، دەرھال يۈز بېشى، پانساتلارغا ياكى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ قاتتىق جازالايتتى. ھەر كۈنى ئىككى قېتىم پۇقرالارنىڭ ئەرز-دادلىرىنى سورايتتى. تېگىشلىكلىرىنى ياساۋۇل يىگىتلەرنى قوشۇپ قازى مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرەتتى، ھەرقانچە چوڭ جېدەل، چىرماش دەۋا ۋە خۇسۇمەت بولسىمۇ شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە بىر كۈندە تۈگەيتتى، تەكەببۇر ئەمەلدارلار، بەگ ۋە بەگزادىلەر، يانچى، كانچى، پۇقرا ۋە خالايىقلارنىڭ ھەممىسى تەڭ-باراۋەر ئىدى. شۇ زامانلاردا بۆرە بىلەن قوي بىر كۆلچەكتە سۇ ئىچتى، كەپتەر بىلەن لاچىن بىر دەرەختە چۈجە چىقاردى، دېيىشكە بولاتتى.
       ئېتىبارلىق تارىخ كىتابلىرىدا بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ― جۈملىدىن ئەمىر كەبىر تېمۇر ساھىبقىران كوراگان ۋە مىرزا سۇلتان ھۈسەيىن بىننى بايقارا كوراگان (قەبرىلىرى تەڭرىنىڭ نۇرىغا تولسۇن) لارنىڭ تەرىپ ۋە تەۋسىپىلىرنى بايان قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ يۇرت ۋە لەشكەرلىرى كۆپ بولسا بولغاندۇ، ئەمما دۆلەت ۋە ھەشىمەتتە جانابىي ئاتىلىق غازى ھەرگىز ئۇلاردىن كەم ئەمەس ئىدى. مەزكۇر ئۆتكەن پادىشاھلار شارابتىن خالىي ئەمەس ئىكەن. ھەتتا ھەقىقىي خەلىپە بولغان ئابباسىيە خەلىپىلىرىمۇ شارابقا ئوخشاش شەرىئەت مەنئى قىلغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئۇنى دوست تۇتقانىكەن. لېكىن جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ ئۆزى ياكى پۇقرا-رەئىيەلىرىدە بۇنداق مەنئى قىلىنغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىشى ئىشىتكەن ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن ئاتىلىق غازىنى ئۆتكەن پادىشاھلاردىن يۇقىرى ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېيىلسە ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.
         ئاتىلىق غازى ئىسلامنىڭ راۋاجىغا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، شەرىئەت ئۆلىمالىرى، ئەمىرلەر ۋە يىگىت-سەرۋازلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەتلىرىگە ئازراقمۇ خىلاپلىق قىلمايتتى. ئەگەر ئۆلىمالار تەرىپىدىن سەل-پەل خاتالىق سادىر بولسا، قاتتىق ئازاب ۋە جازاغا مۇپتىلا بولاتتى، شەھەرلەردە كىمكى موللا-ئۆلىما، شەرىئەت قائىدىلىرىنى چوڭقۇر بىلىدىغان، ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشى بولسا، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋا، ئەجداد-نەسەبلىرىگە قارىماي، «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى»، دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق شۇ كىشىنى قازى ئەلەم، مۇپتى، رەئىس ۋە مۇدەررىس قىلىپ يارلىق چۈشۈرۈپ ئۇلارنى رازى قىلاتتى. قوشۇنلىرى ئىچىدىمۇ ئالاھىدە قازى ئەسكەر، مۇپتى ئەسكەر، رەئىس، مۇھتەسىپ لەر تەييار ئىدى.جېدەل-ماجىرالار كۆرۈلسە شەرىئەت ھۆكمى بويىچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىناتتى.
         «ئىسلام دىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنى ۋەيران قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىپ، ئاتىلىق غازى بۇ يەتتە شەھەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇزۇن زامان كاپىرلانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن چاغلاردا نۇرغۇن بىدئەت يامان ئىش، ناچار ئادەتلەر خالايىقنىڭ كۆزىگە ئوبدان كۆرۈنۈپ، ئادەتلىنىپ خۇددى قىلمىسا گۇناھ بولىدىغان سۈننەتتەك قائىدە بولۇپ كەتكەنىدى. «كىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭ شۇنىڭ تەسىرىدە بولىسەن»، دېگەندەك، ئادەتكە ئايلىنىپ، خەلق ئارىسىدا جارى بولۇپ كېلىۋاتقان يامان ئىش، ناچار ئەخلاقلارنى، شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ ئۆلىمالارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە تەتبىقلاپ تامامەن يوقاتتى.
           بۇ يەتتە شەھەردە ھاممام يوق ئىدى. ئاتىلىق غازى قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇدا ھاممام بىنا قىلدۇردى. زاكىرجان قارىينى مەككە مۇكەررەمگە ئەۋەتىپ يەتتە شەھەر نامىدا «تەكيەخانا» (مېھمانخانا) بىنا قىلىشقا تۇتۇش قىلغانىدى، پۈتكىچە ئۆمرى يار بەرمىدى، شەھەر-شەھەرلەردىكى ئەمەلدارلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ئۇستا بېشىلارنى تەيىنلەپ، بۇ يەتتە شەھەر دائىرىسىدىكى ئۇلۇغ مازارلارنىڭ سەھنىلىرىنى كېڭەيتىپ، بىنالىرىنى يېڭىباشتىن ياسىتىپ چىقتى. مەسجىد-خانىقالارنىڭ پەشتاقلىرىنى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك قىلىپ كاھىش-رەڭلىك خىشلار بىلەن زىننەتلەپ، گۈل نەقىشلەرنى چىقىرىپ جۇلالىق قىلىپ ياساتتى. شەھەر ئىچىدىكى مەسجىد ۋە خانىقالارنىڭ كۆپچىلىكىنى پۇختا، مۇستەھكەم خىشلار بىلەن قايتىدىن رېمونت قىلدۇردى. يوللاردىكى مەنزىل-ئۆتەڭلەرگە پۇختا خىشلار بىلەن ئالىي، گۈزەل ئىمارەتلەرنى ياسىتىپ، قورغان ۋە چۈشكۈنخانىلارنى بىنا قىلدى. شۇ جۈملىدىن قەشقەردىكى ھەزرىتى ئاپاق خوجا يەنى ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ مازار، خانىقا-مەسجىدلىرىنى ياساتتى. خۇسۇسەن گۈمبەزلىرىنى بۇزۇپ كېڭەيتىپ، پۇختا خىش، گۈزەل كاھىشلار بىلەن قايتىدىن گۈمبەز بىنا قىلدى. بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدە بەلكى موغۇلىستان ئۆلكىسىدە بۇنداق ئالىي گۈمبەز ھېچ زاماندا ياسالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەممە شەھەرلەردىكى مەسجىد، خانىقا، پەشتاقلارنى ياساپ پۇختا، مۇستەھكەم قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن قەرنە-قەرنە زامان-زامانلارغىچە شۇنداق مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە بۇزۇلماسلىقى مۇمكىن.
           جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ دەبدەبە-داغدۇغىسى، سۆلەت ۋە ھەشىمەتلىرى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن غايىپ بولدى، ئەمما بىنا قىلغان ئىمارەتلىرى خالايىقنىڭ كۆز ئالدىلىرىدا ھازىر ۋە ئاشكارا تۇرۇپتۇ. ئاتىلىق غازىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا بىنا قىلغان ئىمارەتلىرى گۇۋاھ ۋە شاھىتتۇر.
         جانابىي ئاتلىق غازى ھەر شەھەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغاندا، شۇ شەھەرگە بىر مەنزىل يېقىن قالغاندا ئىشەنچلىك بىر مەھرىمىدىن شۇ شەھەردىكى مەكتەپ ئوقۇتىدىغان موللىلارغا تون-سەرۇپاي، بىردىن قىزىل تىللا ھەدىيە كىرگۈزۈپ مەكتەپ بالىلىرىنى ئازاد قىلىشنى ۋە دۇئا قىلىشنى ئىلتىماس قىلاتتى. مەھرەم يېتىپ بېرىپ مەكتەپ موللىسىغا، ئاتىلىق غازىنىڭ سوۋغا-ھەدىيەلىرنى تاپشۇرۇپ، مەكتەپ بالىلىرىنى ئازاد قىلدۇرۇپ، ئاتىلىق غازى ھەققىدە دۇئا ئېلىپ ياناتتى. بۇ مەكتەپ موللىلىرى شەھەرنىڭ تېشىغا مەكتەپ بالىلىرىنى ئاچىقىپ ئاتىلىق غازىنى قارشى ئالاتتى ۋە دۇئا قىلاتتى. ئاتىلىق غازى ئېتىدىن چۈشۈپ مۇلايىم خۇلق، ئوچۇق چىراي بىلەن مەكتەپ بالىلىرىنى كۆرەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا ئىككى تەڭگە، بەش تەڭگە، ئون تەڭگىدىن ئاق تەڭگە ئىنئام قىلاتتى. قۇرئان ئوقۇيدىغان بالىلارغا قۇرئان، ھەپتىيەك ئوقۇيدىغان بالىلارغا ھەپتىيەك ھەدىيە قىلاتتى. ئاندىن ئاتلىنىپ شەھەرگە ياكى بارگاھ ئالىيلىرىغا بېرىپ چۈشەتتى.
          جانابىي ئاتىلىق غازى ھەرقاچان غەلىبە ئۈزەڭگىلىرىگە ئاياغ قويۇپ سەپەرگە چىققانلىرىدا ئەمىر، مەھرەم، يىگىت، سەرۋازلار بولۇپ ئازدېگەندە 10 مىڭ كىشى بىلەن ئاتلىناتتى. ھەر قېتىم ئاتلانغاندا مەيلى كۈندۈز، مەيلى كېچە بولسۇن كاناي چېلىپ قوزغىلاتتى. مۇشۇنچە نۇرغۇن قوشۇندىن جاراڭ-جۇرۇڭ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋاز چىقمايتتى. قوشۇننى شۇ قەدەر قاتتىق ئىدارە قىلاتتىكى، يىگىت-مەھرەملەر مەيلى پەس، مەيلى چىڭ ئاۋازدا سادا چىقىرالمايتتى. ھەتتا ئاتلارمۇ كىشنىمەيتتى. ئاتىلىق غازى قوشۇنىنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن بىر دەقىقە خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. راھەت ۋە ئاسايىشنى ئۆزىگە ئەسلا راۋا كۆرمىگەنىدى.

     نەزىم:

     گەر خاھىش ئەتسەڭ ئۆز ئاسايىشىڭ،
     دىيارىڭدا ئارام ئالالماس ھېچ كىشىڭ.

          بۇ نەزم ئاتىلىق غازىنىڭ ئەھۋالىغا تولىمۇ مۇۋاپىق ئىدى. ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە تەتبىق قىلىنغانىدى. خۇسۇسەن چۈشۈرگەن يارلىق، پەرمان، بۇيرۇقلىرى گويا خانىقادا ئولتۇرغان ماشايىخ، پېشىۋالارنىڭ تەلىمى ۋە بىر ئۇلۇغ ئۆلىمانىڭ ئەمىر-مەرۇپلىرىدەك باشتىن-ئاياغا نەسىھەت، ۋەز، شەرىئەتنىڭ راۋاج-روناقلىقىنى تەرغىپ ۋە تەشۋىق قىلىدىغان ئىبارىلەر بىلەن تولۇپ تاشاتتى.
    ئاتىلىق غازىنىڭ يارلىقلىرى جۈملىسىدىن ئىككى پارە پارسچە، بىر پارچە تۈركىي يارلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەمۇنە ئۈچۈن كەم-زىيادە قىلماي، ئۆز ئەينى بىلەن، كېيىنكى زاماندىكى ئادىل، ھەققانىيەتچى، دىيانەتلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ دۇئا قلىشىغا سەۋەب بولارمىكىن دېگەن ئارزۇدا بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ يازدىم.

     پارىسى تىل بىلەن يېزىلغان، خۇش پۇراق چاچىدىغان ئىنايەتنامە:

         دۇئاگۇيىمىز سەمىمىي سادىق قازى ئەسكەرگە: سالامدىن كېيىن مەلۇم بولسۇنكى، پادىشاھ ھەزرەتلىرىنىڭ دادخاھلىرىدا بولۇۋاتقان گەپ-سۆزلەردىن شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، بەزى جايلاردا زۇلۇمنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى، غەيرىي ئىشلاردا قەلەم تەۋرىتىلىۋاتقانلىقى، بەزى ئىشلاردا تەڭرىنىڭ ئەمرى ۋە شەرىئىتىنى تونۇشنىڭ يېتەرسىلىكىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىنايەتنامىنى گۇمىدىكى مۇھەممەد ئەزىمبەگنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىش لايىق كۆرۈلدى. ئالىي پەزىلەتلىك مۇھەممەد ئەزىمبەگ ئىنايەتنامىنى خۇرسەنلىك بىلەن قوبۇل قىلغايلا.
         بۇ دۇنيانىڭ پانىيلىقى ھەممىگە ئاشكارىدۇر. زۇلۇم ۋە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا تەڭرىم دائىم قاتتىق قەھرى-غەزەپ قىلىدۇ. تەڭرىم بەندىلىرىنىڭ ھەر زامان، ھەر ماكاندا قىلغان – ئەتكەنلىرىنى ئاشكارا كۆرۈپ تۇرىدۇ. ھېچقانداق ئىش تەڭرىنىڭ نەزىرىدىن يىراق ئەمەس. بۇنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ھەقىقەت ۋە راستچىللىق نىجاتلىقنىڭ سەۋەبچىسىدۇر. ئۆلمەكلىك ھەق. ئۆلگەندە بىزنى پادىشاھ ھەزرەتلىرى بىلەن بىر گۆردە قويمايدۇ. زۇلۇمغا مادارا قىلىش خەلققە ۋاپا قىلغانلىق بولمايدۇ.ھەقنى سۆزلەش، ھەقنى ئىزدەش، ھەقىقەتكە ئەگىشىش تەڭرىنى رازى قىلىدۇ. ئۆتكەن ئۇلۇغلارنىڭ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ ھەر قانداق ئىش، ھەرقانداق ھەرىكەتتە زۇلۇمنى رەت قىلىپ، ھەمىشە زۇلۇمدىن يىراق بولۇشقا ئەستايىدىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىنى، ساداقەت بىلەن ئىش كۆرۈشلىرىنى تەكىتلەيمىز، ۋەسسالام.
     ھىجرىيە 1289- يىلى (مىلادىيە 1872-، 1873- يىللار).

    پارسى تىل بىلەن يېزىلغان ئىككىنچى ئىنايەتنامە:

         شەرىئەتنى قوغدىغۇچى موللا ئىبراھىم قازى ئەسكەرگە: سانسىز سالاملىرىمىزدىن كېيىن مەلۇم بولسۇنكى، ياخشى زامان، گۈزەل ئىتىزام روناق تاپقان چاغدا مۇھەممەد روسۇل مەرگەننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىيىت موللا تۆپە ئوغلى ۋە لۇتپۇللا ياساۋۇللارنىڭ پۇقرا-رەئىيەلىرىنى قائىدە-يوسۇن بويىچە ياخشى ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋاقىپ بولدۇق. گۇما، زاڭگۇي، دۇۋا، پىيالما قاتارلىق جايلارنىڭ پۇقرالىرى مەرھەمەتلىك ئۇقتۇرۇش، مۇبارەك يارلىقلارنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىپ دۇئا ۋە تەلەپتە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. لاياقەتلىك قازى ئىبراھىم ئۆزىگە قاراشلىق جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى جارى قىلىشنى مەسئۇلىيەتلىك بىلەن ئىجرا قىلدى. ھەقنى ھەق ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنى باراۋەر رازى قىلدى. پۇقرالار ئارىسىدىكى ھەق تەلەپ، خۇسۇمەت، ئاداۋەت، جېدەل-ماجىرالار ۋە كونا دەۋالار تامامەن تۈگىتىلدى. مۇھەممەد كېرىم مىرزا، لۇتپۇللا ياساۋۇللار يەكەن شەھىرىنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىلدى. ئىككىسۇ تەۋەسىدىكى مۇھەممەد ئەزىم ئاتلىق بىر كىشى مۇنداق بىر ئەھۋالنى يەتكۈزدى: ئەھمەديار ئىشبېشى پۇقرالارغا جەبىر-زۇلۇم قىلغانلىقتىن، بۇ جايدىكى پۇقرالار پادىشاھ ھەزرەتلىرىگە ئىتائەت قىلىپ شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق تەكشۈرۈپ كۆرۈشلىرىنى ئىلتىماس قىلىپ ئەرزلىرىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ ياخشى سائەتتە يېتىپ كېلىپ پادىشاھ ھەزرەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئەرزنىڭ مەزمۇنىدىن ئالدىنئالا خەۋەردار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن چەكسىز خۇرسەن ۋە مەمنۇن بولدۇق. چۈنكى جەبىر-زۇلۇمنى تۈگىتىش، پۇقرالارنى زۇلۇم ۋە ئازابتىن خالاس قىلىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك مۇھىم ئىشتۇر.
          ئىككىنچى سۆزىمىز، شەرىئەتنىڭ راۋاجى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكلىرى لازىم. ئەگەر بىر ئادەم شەرىئەتنىڭ راۋاجى ئۈچۈن ۋاپات بولسا، ئۇنداق كىشىنى چوقۇم شېھىتلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ بولدى، دەپ تونۇماق كېرەك. غەيرەت ۋە ھىممەتنى سەرپ قىلغاندا ئاساسىي مەقسەتتىن چەتنىمەسلىك لازىم. باشتىن-ئاياغ شەرىئەت ھۆكمىدىن چىقماسلىق كېرەك. كىشىلەر شەرىئەتكە رىئايە قىلىشىنى ئادەت ۋە كەسىپ قىلىشى لازىم.
          ئەرزنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزگەن مۇھەممەد ئەزىمگە كىيىم-كېچەك، يول خىراجەت مەرھەمەت قىلدۇق، ۋەسسالام.
     ھىجرىيە 1289- يىلى (مىلادىيە 1872-، 1873- يىللار).


     تۈركىي تىل بىلەن يېزىلغان ئىنايەتنامە:

        شەرىئەتنىڭ پاناھى بولغان ئابدۇللاھ قازى كالانغا: مەرھەمەتلىك ۋە سائادەتلىك سالاملىرىمىزدىن كېيىن مەلۇم بولسۇنكى، مۇشۇ كۈنلەردە بۇ ئىسلام دۆلىتىدە تەڭرىنىڭ پەزلى بىلەن پۈتۈن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىڭىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى، دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم، خەلقنىڭ ئىتائەتمەن بولۇشىنى، مىللەتنى ھەر تۈرلۈك ئاپەت ۋە مەنىۋى بالالاردىن پاك ساقلاپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا غەلىبە ئاتا قىلىشنى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، داۋاملىق بەش ۋاق نامازدىن كېيىن دۇئا ۋە تەلەپتە بولغانلىقىڭىزنى ئىزھار قىلىش، غېرىب، ئاجىز، كۆڭلى سۇنۇق پۇقرالارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى شەرىئەت ھۆكمىنى ئىجرا قىلىش بىلەن خۇرسەن قىلىپ، ياخشى دۇئاسىنى ئېلىۋاتقانلىقىڭىزنى، ئۆزىڭىزنىڭمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىن بۇ دۆلەتنىڭ نۇرىنىڭ ئۆچمەسلىكىگە دۇئا ۋە تەلەپ بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى خەۋەر قىلىپ، خەت يېزىپ پادىشاھ ھەزرەتلىرىنىڭ قوبۇللۇق نەزەرىگە مۇشەررەپ بولۇشنى ئۈمىد ۋە ئارزۇ قىلىپ، ئىنىڭىز موللا ئابدۇكېرىمنى بىر بوغچا ۋە بىر ئات بىلەن سالامغا ئەۋەتكەن ئىكەنسىز. مۇھەررەم ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن سائادەت ۋە شاراپەت بىلەن قوبۇللۇق نەزەرىگە مۇشەررەپ بولدى. ئەرزىڭىزگە يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاقىپ بولۇپ قانائەت ھاسىل قىلدۇق، كۆپ خۇرسەن بولدۇق.
        تەڭرىم دۇنيانىڭ ئەھۋالاتلىرىنى ھەمىشە بىلىپ تۇرىدۇ. ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ خوجىسى بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئىتىنىڭ ئۆتكۈر نۇرى بۇ يەتتە شەھەر خەلقىنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە يېنىپ تۇرغان مەشئەلدۇر. ئېتىقادلىق ۋە دىيانەتلىك كىشىلەر، خۇسۇسەن شەرىئەت ئىلمىنىڭ ئۆلىمالىرى بۇ دۆلەت ۋە شەرىئەتنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن دائىم دۇئا ۋە تەلەپتە بولۇشنى ئۆزلىرىنىڭ زۆرۈر مەجبۇرىيىتى دەپ تونۇيدۇ. ئۇلاردا پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەتلىرىنىڭ راۋاجى، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم-پاراۋانلىقىدىن باشقا نىيەت ۋە مەقسەت يوق. ئۈممەتلىرىگە چەكسىز مېھرىبان پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەت نۇرلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىنى مەقسەت قىلىپ شەرىئەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەشغۇل بولۇشىڭىز لازىم. بۇ نۇرنىڭ روناق تېپىشىنىڭ خاسىيىتى ۋە نەتىجىسى پۇقرالارنىڭ ئاسايىشلىقىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز لازىم. بۇ بەش كۈنلۈك ئالەم ئۆتۈپ كېتىدۇ. قىيامەت كۈنى مۇشەققەتلىكتۇر. تاپشۇرۇۋالغان مەجبۇرىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ ئاخىرەتلىكىڭىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.
           دۆلىتىڭىزنىڭ زىيادە بولۇشى ئۈچۈن تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا ھەقىقىي سادىقلىق بىلەن دۇئا ۋە ئىلتىجانى زىيادە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
     موللا ئابدۇكېرىغا سەرۇپاي ۋە خىراجەت ئىلتىپات قىلدۇق. ئۆزلىرىگە كىيىم-كېچەك، سەللە-كۇلا، رومال مەرھەمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق، ۋەسسالام.
     ھىجرىيىنىڭ 1294- يىلى (مىلادىيە 1877- يىلى).

       يۇقىرىدا ھەر بىر ۋەقەلەر بايان قىلىنغاندا جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ ياخشى ئەخلاقلىرى ئاز-تولا زىكرى قىلىنغانىدى. بۇ يەردىمۇ ئازراق يازدۇق. تەپسىلىي يازساق ئوقۇغۇچى ۋە ئىشتىكۈچىلەرگە مالال بولۇپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنچىلىك زىكرى قىلىش بىلەن قانائەتلەندۇق.
       ئەخلاقىي ھەمىدە بار يەردە ئەلۋەتتە ئەخلاقىي زەمىمە مۇ بولىدۇ، پايدا بار جايدا زىيانمۇ بولىدۇ. گۈل تىكەنسىز، ھەسەل ھەرىسىز بولمايدۇ. ھەر بىر مەخلۇقاتتا ياخشى خىسلەت بولغىنىدەك، يامان ھەرىكەتمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق قوشكېزەك بىر تۇغقان بولۇپ بىر-بىرىدىن ئايرىلماسلىق ئادىتى ئەزەلدىن جارى بولۇپ كەلمەكتە.
        ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىشى بىلەن رەھمەت يامغۇرىمۇ ئەلۋەتتە بىلللە كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئاتىلىق غازىنىڭ ئەخلاق زەمىمەلىرىنىمۇ ئازراق بايان قىلىپ ئۆتسەك، ئىسكەنجىبىنگە ئوخشاش سۆزىمىزگە ئاچچىق-چۈچۈكلۈك تەمىنى بېرىپ ئوقۇغۇچى ۋە ئىشىتكۈچىلەرگە زوق ۋە لەززەت بېغىشلىشى مۇمكىن.
        تارىخ كىتابلىرىدا ئىلگىرى ئۆتكەن مۇئەللىپ-ئاپتورلارنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ ياخشى خىسلەت، يامان سۈپەتلىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىشتىكى مەقسەتلىرى «كېيىنكى زاماندا ئۆتكەن پادىشاھلار ۋە ھاكىم ئەمەلدارلار، ياخشى ئىش قىلغان پادىشاھلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، دۆلىتى زىيادە بولۇپ، پەرزەنت ۋە نەۋرىگىچە دۆلىتى قولىدىن كەتمەي ئەل ئارىسىدا نامى ساقلىنىپ، خالايىق ئۇلارنىڭ روھلىرىغا دۇئا قىلىدىكەن. يامان ئىشلارنى قىلىپ، كىشىلەرگە زۇلۇم-ئازاب قىلسا، ئۆمرى قىسقا، دۆلەتلىرى كۇتاھ بولۇپ يەر يۈزىدە يامان سۈپەت بىلەن مەشھۇر بولىدىكەن. بۇنداق پادىشاھلارغا خالايىق زامان-زامانلارغىچە لەنەت ئوقۇيدىكەن»، دەپ بىلىپ ئۆزلىرىنى ياخشىلىق يولىغا مايىل قىلىپ ياخشىلار قاتارىغا قوشۇلسا ئەجەب ئەمەس، دېگەندىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن مەنمۇ ئاتىلىق غازىنىڭ يامان سۈپەت ۋە نالايىق ھەرىكەتلىرىنى ئازغىنا يېزىپ كۆرسىتىشنى زۆرۈر دەپ بىلدىم.
        ئاتىلىق غازى شۇ قەدەر ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان بولسىمۇ، بىرەر دىيانەتلىك، سادىق، دانا، پەزىلەتلىك كىشىنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلمىدى. مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۆزى يالغۇز قىلدى. ھېچقانداق كىشىگە ئىشەنمىدى. شۇنداق دۆلەتپەرۋەر، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا تەدبىرلىك كاتتاخان تۆرەم ۋە كىچىكخان تۆرەملەرگە ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۆزى ئىچكەن شەربەتتىن ئىلتىپات قىلدى. ئۇلار ئىچكەن ھامان تەسىر قىلىپ بۇ ئالەمدىن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. ۋەلىخان تۆرەمنى يېڭىساردا تامنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ ئۆلتۈردى. بۇزرۇكخان تۆرەمنى بولسا دەسلەپ «مەن تۆرەمنىڭ ئەمرى بىلەن كەلگەن»، دەپ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بىللە ئېلىپ يۈرۈپ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھەجگە بېرىپ كەلسىلە، دەپ يۇرتتىن چىقىرىۋەتتى.
         دەسلەپكى چاغلاردا، ئاتىلىق غازى باشقىلار چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزسە، نەسىھەت قىلىپ ئەپۇ قەلىمىنى سۈرۈپ كەچۈرۈم قىلدى. ئاز خىزمەت قىلسا، كۆپ ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا كىچىك گۇناھ سادىر قىلسىمۇ چوڭ غەزەپ قىلىپ ئېغىر جازا بەردى، بەلكى يوقاتتى. چوڭ خىزمەت كۆرسەتسە ئاز ئىلتىپات قىلدى، بەلكى بىرەر باھانىنى قويۇپ قاتتىق غەزەپ ۋە ئازاب قىلدى. ئىلگىرى بىر باغ بېدە، بىر تاۋاق قېتىق ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈردى. كېيىن نەچچە-نەچچە ئادەملەر خانىۋەيران بولۇپ تۈگىشىپ كەتسە ھېچكىمنىڭ دادىغا يەتمىدى. ئىش بېشى، ھاكىم، ۋىلايەت ئەمەلدارلىرىنى قوللاپ، ئۆستۈرۈپ زۇلۇمنى راۋاجلاندۇردى. بىر تەرەپتىن مۇساپىر ۋە مۇجاۋۇر سودىگەرلەر كەلسە، ماللىرىنى دۆلەت ئوردىسىغا ئېلىۋالدى. مال ئىگىسى ئارغامچا-توقۇناق، ئورۇما، كىگىز، پالاسلىرىنى قولتۇقلاپ قالدى. ئارقىسىدىن «زاكىتىنى بەر» دەپ زاكاتچى، مۇلازىم قوشۇپ قويدى. مال ئىگىسى، پۈتۈن مېلىمنى ئوردا ئالدى، دېسە، مېلىڭنى ئوردىدىن ئال، ھازىر زاكىتىنى بەر، دەپ قىستىدى. نائىلاج جازانىگە پۇل ئېلىپ زاكاتنى بېرىپ، ئۆزى قەرز ئېلىپ جېنىنى ساقلىدى. ئوردىدىن پۇلىنى بەرسە ئالدى، بەرمىسە شۇ سەۋەب بىلەن سەرگەردانلىق كوچىسىغا كىرىپ ۋەيران بولدى.
          يېزا-سەھرا، كەنت-قىشلاقلارغا غەللە-تاناپ نىڭ پۇلىنى يىغىش ئۈچۈن بارغان مۇلازىملار 10 مىڭ، 20 مىڭ پۇل بولسىمۇ، كېچە بارسا كېچە، كۈندۈز بارسا كۈندۈز تەخىر قىلماي يىغىۋالاتتى. ھەرگىز مۆھلەت ۋە پۇرسەت بەرمەيتتى. ئاتىلىق غازىنىڭ ھۆكمىنىڭ ئىتتىكلىكى مۇشۇ دەرىجىدە ئىدى. خۇسۇسەن خوتەن خەلقىنى نىياز ھېكىمبەگ، ئاقسۇنى ئابدۇراھمان دادخاھ، باي ۋە سايرامنى مۇھەممەد ئىمىن توقسابە ناھايىتى خاراب قىلدى. «ھەر ياغاچنىڭ پانىسى ئۆزىدىن» دېگەن تەمسىل ھەممىگە مەشھۇر بولغىنىدەك، بۇ ھاكىملار پۇقرادىن پۇلنى ئېلىپ ئوردىغىمۇ بەردى. ئۆزىنىڭ يانچۇقلىرىغىمۇ سالدى. لېكىن ئەيىبنى ئاتىلىق غازىنىڭ گەدىنىگە ئارتتى. ئاتىلىق غازىنىڭ ئەيىبى شۇ ئىدىكى، كىرىم-چىقىمنى ئەسلا سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمىدى.
         ھەر بىر ۋىلايەت ھاكىملىرىنىڭ 500دىن، ئەڭ ئازلىرىدا 60 ― 70، بىرەر 100دىن دىۋانبەگلىرى بار ئىدى. ھەر يىلى ھەر بىر كەنتكە شۇ كەنت ئىچىدىن بىر باينى تۇتۇپ خالىسۇن-خالىمىسۇن دىۋانبېگى قىلىپ بەلگىلەپ نىشان-دەستەك بېرەتتى ۋە دەرھال دىۋانغا مۇلازىملارنى قوشۇپ پۇل، ئۆشرە-زاكات يىغىشقا باشلايتتى. دىۋانبېگى بىر يىل تامام بولغۇچە ئۆشرە-زاكات، دېھقانچىلىق بېجى قاتارلىقلارنى پۇقرالاردىن شەرىئەتكە مۇۋاپىق يىغىۋېلىپ، ئوردا خەزىنىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ پالاكەت باسقان دىۋانبەگلىرىنى تەھقىقلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن جاللات سۈپەت مۇلازىم، زالىم مىرزىلارنى چىقىراتتى. بۇ مۇلازىم، مىرزىلار بىرنى ئون، ئوننى يۈز قىلىپ خەتلەپ «ھەقىقەتلەپ» تەكشۈرگەنلىكتىن، دىۋانبەگلىرىنىڭ زىممىسىگە 20 مىڭ، 30 مىڭ تەڭگە پۇل چۈشەتتى. ئات-ئۇلاغ، كىگىز-كېچەك، يەر-سۇ ھەتتا قازان-قوشۇققىچە سېتىپ مۇلازىم ۋە مىرزىلارغا تاپشۇراتتى. مۇبادا مال-مۈلكى چىقىشماي قالسا، دىۋانبەگلىرى: «ئوردا خەزىنىسىگە مۇنچە مىڭ تەڭگە قەرزدارمەن» دەپ ھۈججەت بېرەتتى. دىۋانبەگلىرى پۇقرالاردىن يىغىۋېلىپ ئوردا خەزىنىسىگە تاپشۇرغان پۇللارنى «شەرىئەت توغرىسىدىن»، دەپ ئاتايتتى. دىۋانبەگلىرىنىڭ ئۆزىدىن ئالغان پۇلنى «ھەقىقەت توغرىسىدىن» دەپ ئاتايتتى. ئەرز-داد قىلسا يەنە شۇ ھاكىم، مۇلازىم، مىرزىلارغا چىقىرىپ بېرەتتى. بۇلار ئۆزىنىڭ خاھىشى، قولىدىن كېلىشىچە قىلمىغان زۇلۇملىرىنى قىلىپ يەنە ئالاتتى، قازىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنداق ئىدى.
           ئىككىنچى قېتىم خىتايلارنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئوتۇغات ۋە قالپاقلىرىنى ساقلاپ كەلگەن، كۆڭۈللىرى دۈشمەنلىك ۋە ئىنتىقام ئوتى بىلەن تولغان قەدىمىي بەگ ۋە بەگزادىلەرگە ئەجەلنىڭ ۋاقتى يېتىپ ئۆلۈپ كەتسە ئۇنى ئاتىلىق غازى ئۆزىنىڭ پاراسەت نۇرى بىلەن دەرھال بىلەتتى. ئۇلارنىڭ مىراس باجلىرىنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن زالىم، پەس تەبىئەت مىرزىلارنى چىقىراتتى. مىسال ئۈچۈن ئېيتقاندا، مىرزا قاسىم مىھتەر، مىرزا ئابدۇللاھ بۇخارىلارنى ئاقسۇلۇق ئابدۇللاھ دىۋانبېگىنىڭ ئوتۇغات چەشمەدارىنى 5000 تەڭگە، دىك قالپاق خىتاي نى 10 مىڭ تەڭگە، دەپ باھا قويدىيەنى بىر ئوتۇغات ۋە بىر قالپاقنىڭ باھاسى 15 مىڭ تەڭگە بولدى. قالغان مال-مۈلۈكلىرىنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە باھالىدى. 40 تەڭگىدىن بىر تەڭگىنى مىراس بېجى دەپ ھېسابلىغان 46 مىڭ تەڭگە بولدى. ئابدۇللاھ دىۋانبېگىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 28 مىڭ تەڭگە بولدى. مىراس بېجىنىڭ قالغىنىنى ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەر، مۇلازىم، خىزمەتكارلىرىدىن قەرز ئېلىپ بەردى.
         ئابدۇللاھ دىۋانبېگىنىڭ قىزى ئالىي ئوردىدا خانىشلار قاتارىدا ئاتىلىق غازىنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بەخت-دۆلەت يۈز ئۆرۈپ زاۋاللىققا يۈزلەنگەندە، پادىشاھ ۋە ئۇلۇغلارنىڭ پېئىل-خۇيلىرىمۇ يۆتكىلىپ قالىدىكەن. پۇقرا-رەئىيە، ئەمەلدار-سىپاھ، خىزمەتچى چاكارلارنىڭمۇ ھال-ئەھۋالى ئۆزگىرىدىكەن. يىگىت-سەرۋاز، ئەمىر، سىپاھلار تون-سەرۇپاي، كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئاتلىرىنى مىنىپ، پۇللىرىنى خەجلەپ، ئاغىچە-خوتۇنلارنى ئېلىپ كۆڭۈللىرى خالىغان غىزا-تاماقلارنى ئېتىپ يەپ، ئېغىزلىرىدا چىشلەپ، چىشلىرىدا چايناپ تۇرۇقلۇق، ئاتىلىق غازىنىڭ شىكايىتىدىن تىللىرىنى ئەسلا يىغمىدى. تۇز ھەققىگىمۇ يۈز خاتىرە قىلمىدى. ئاخىر جازاسىنى تارتتى. تۇزكورلۇق قىلغاننىڭ نەتىجىسىنى كۆردى.
         شۇنداق نەقىل قىلىدۇ، قەشقەرنىڭ پەيزىۋات يېزىسىدا بىر ئادەم ئېتىزغا ئۇرۇق چېچىپ قوش ھەيدەۋاتقانىكەن. يەنە بىر كىشى كېلىپ، «ئەي بۇرادەر، نېمە تېرىدىڭىز»، دەپ سوراپتۇ. «نېمە تېرىماقچىدىم، خىتاي تېرىدىم»، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ سورىغۇچى كىشى ھەيران بولۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئالتە-يەتتە ئايغا قالماي، دېگەندەك خىتايلار كېلىپ ھېلىقى ئېتىزلىققا چۈشۈپ گازارما قىلىپ يېتىپتۇ. ئىككى پۇقرا بىر يەردە بولسا خىتايلارنىڭ كېلىدىغان خەۋەرلىرىنى ئېيتىشىپ، راست-يالغان سۆزلەرنى توقۇشۇپ ئۆزلىرىنى خۇش قىلاتتى. بۇ سۆزلەرنىڭ راستلىقىغا ئىسپات بولسۇن ئۈچۈن ئېسىمگە كەلگەن مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلىپ ئۆتەي: بۇرۇنقى چاغلاردا زاماننىڭ زاھىت، دەۋراننىڭ ئابىتلىرىدىن، قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولىدىغان ئۈچ زاھىت بىر تەرەپكە سەپەر قىلغانىكەن. بىر يەرگە بارغاندا يول ئۈستىدە ياتقان بىر مۇنچە چېرىگەن ئۇستىخانلارغا كۆزى چۈشۈپتۇ. ئۇلار: بۇ كونا سۆڭەكلەر قانداق مەخلۇقنىڭ سۆڭىكىدۇ؟ ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولساق، دېيىشىپتۇ. بىرى دۇئا قىلسا، شامال چىقىپ سۆڭەكلەرنى يىغىپ بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپتۇ. يەنە بىرى دۇئا قىلسا سۆڭەككە گۆش، پەي، تومۇر پەيدا بوپتۇ. ئۈچىنچىسى دۇئا قىلسا، سۆڭەككە جان كىرىپتۇ ۋە ئېچىرقاپ كەتكەن زور بىر شىر سەكرەپ قوپۇپتۇ. ئەسلىدە بۇ شىر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانىكەن. تىرىلگەندىن كېيىن ئۈچ زاھىتنى پارە-پارە قىلىپ يەپ كېتىپتۇ. تىلەپ تاپقان خىتايلار ھېلىقى قايتا جان كىرگەن، ئاچ قالغان شىرغا ئوخشاش بولدى.
           ئەزىز بۇرادەرلەر، تارىخ كىتابلىرىدا بۇرۇنقى ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ مېھىر-شەپقەت بىلەن قەھرى-غەزەپ، گۈزەللىك بىلەن سەتلىك، ياخشى ئەخلاق بىلەن يامان ئەخلاقلىرىنى بىرلىكتە تەسۋىرلىنىپ بايان قىلىنىپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھ، ۋىلايەت ھاكىملىرىدىمۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەر بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى پادىشاھ، ۋىلايەت ھاكىملىرىنىڭ مېھىر-شەپقەت، ئېھسان ۋە ئىنئام ئاتا قىلماي چارىسى يوق. غەزەپ ۋە سىياسەت ئىشلەتمەي يەنە ئىلاجى يوق. پادىشاھ بولغان كىشى ياۋاش، رەھىمدىل بولۇپ، سىياسەت ئىشلىتىشنى ئۆزىگە لازىم ۋە راۋا كۆرمىسە، پۇقرالاردا بەخت ۋە خۇشاللىق، ھۇزۇر ۋە پاراۋانلىق ھاسىل بولمايدۇ. يۇرتتا بۆلۈنۈش، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا بولۇپ ھالاكەتكە يۈز تۇتىدۇ. ئەگەر پادىشاھ زالىم، قەزرى-غەزەپلىك بولۇپ، ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى لازىم تۇتمىسا، پۇقرالاردا تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق بولماي زۇلۇم قىلىنغۇچىلاردىن بىرەر سەگەك، سەھەر قوپىدىغان كىشىنىڭ قىلغان دۇئاسى تەڭرىنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇپ قالسا، ئۇنداق كىشىنىڭ ئاھ دەپ يىغلىغان كۆز ياشلىرى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان قانلىق دەرياغا ئايلىنىپ، ھېلىقىدەك زالىم پادىشاھلارنى، ئۇنىڭغا تەۋە خىزمەتچى-خادىم، چاكار-مۇلازىم، تۇغ-بايراق، كاناي ۋە ئەلەملىرى بىلەن قوشۇپ غەرق قىلىپ نابۇت قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئالەمنىڭ ھادىسىلىرىدىن ۋە ئۆتمۈش ۋەقەلىرىدىن تەجرىبە ھاسىل قىلىپ ئىبرەت ئېلىش لازىم. چۈنكى «ئەقىل پاراسەتنىڭ ئىگىلىرى، ئىبرەت كۆزى بىلەن چوڭقۇر قاراڭلار!» دېگەن ئايەت بار.

    پارچە:

     تەكىيە قىلماي ئەزىزلەر دەۋلەتى ئىلدامىغە،
     باش يانىڭدىن پات ئالۇرلەر دەۋلەتى ئىقبالىنى.
     ياتقۇزۇپ جىسمى لەتىفىڭنى بۇ تىيرە خاك ئۈزە،
     يوق ئېتىپ سەۋلەت ھەشەمنى پەس قىلۇرلەر ناينى .

          كەرەملىك تەڭرىم، ئۆزىگە خاس قۇدرىتى ۋە ھېكىمىتى بىلەن دۆلەت ۋە نېئمەت ئىگىلىرىدىن، ئۆزى بەرگەن دۆلەت ۋە نېئمەتلىرىنى ئېلىشنى ئىرادە قىلسا، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ خۇي-پېئىلىدىكى ياخشىلىقنى ئېلىپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا نالايىق ئىش، يامان ئەخلاقلارنى كىرگۈزۈپ، دۆلەت ۋە نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلىشتىن ياندۇرۇپ، كۇپرانى نېئمەت قىلىدىغان قىلىپ، ئاندىن دۆلىتىنىڭ ئاپتىپىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ، بەخت-تەلەينىڭ نۇرىنى خىرە قىلىپ بەلكى ئۈچۈرۈپ يوق قىلىدىكەن. يەنە بىر دۆلەتكە لايىق كىشىنى بەلەن پەرۋاز قىلدۇرۇپ، بېشىغا پادىشاھلىقنىڭ تاجىنى كىيدۈرۈپ، نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بېرىپ كاناي-سۇنايلىرىنى ساداغا كەلتۈرىدىكەن. ئۇلۇغ تەڭرىم، خاھى پادىشاھ، خاھى گاداي بولسۇن بەش كۈنلۈك بۇ دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى بەرپا قىلىپ، ياخشى نام بىلەن كېتىشنى نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن.

     پارچە:

     بۇ ئالەم ئىچرە ياخشى ئەت ئىمارەت،
     كى قالغاي نىك نام ھەم باقالىق.
     ۋەرەق ئىچرە قېلىپتۇر ياخشى ئاتلار،
     ئەگە كىسىراغە ئوخشە قىلسە شەھلىق.

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى:ۋىكىپىدىيە تورى
يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:“تارىخى ئەمىنىيە“ناملىق كىتابنىڭ 296-بېتىدىن 317-بېتىگىچە بولغان مەزمۇنلاردىن قىسقارتىپ تەييارلانغان.



0

تېما

0

دوست

150

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25699
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 12:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

3

دوست

1525

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25078
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 12:18:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئگسى ئۇششا تۇرۇڭ ئەمدى بۇ تېمىڭىز پارتىلايدىغان بولدى،

0

تېما

0

دوست

1229

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24563
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 13:13:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تىمىلارنى كۇپ يۇللاش كىرەك.سىزگە رەخمەت!

0

تېما

4

دوست

2197

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 13:17:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رەھمەت  .قىممىتى  بار  يازما  ئىكەن  . ھازىر   بىز   باشقىلار  يېزىپ  بەرگەن   ياكى  باشقىلارنىڭ   مەيدانىدا  تۇرۇپ  يېزىلغان   ئەبجەش  تۇقۇلما  تارىخ  رومانلار  بىلەن  ئالدىنىپ  باشقىلار  تىللاپ  بەرگەننى  تەڭ  تىللىشىپ  ،  ماختاپ بەرگىنىنى  ماختاپ  يۈرىمىز.

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

7

دوست

5262

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1169
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 14:40:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىنىشلىق 500يىللىق تارىخ.

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6692

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1970
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 14:44:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچىنچى رەسىمدە مىلتىقنىڭ سىتىۋولىنى تازلاۋېتىپتۇ، بۇ خىل قورال 1860-يىللىرى ئىشلىتىلىشتىن قاپتىكەن. ياقۇببەگنىڭ قۇشۇنى 1870-يىللىرى تېخىچە ئىشلىتىۋېتىپتۇ. ئەنگىلىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن بولسا كەينىدىن ئوقلىنىدىغان يېڭى قوراللارغا ئىرىشەلەيتى. تارىخ باشقىچە بۇلىشى مۇمكىن ئىدى
سىياسىي نادانلىق

3

تېما

0

دوست

3318

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   43.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6986
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 737
توردىكى ۋاقتى: 182
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 16:42:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )