- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1077
- نادىر
- 0
- يازما
- 98
ئۆسۈش
7.7%
|
توردىكى تالاش تارتىشلار نىمىنى چۈشەندۈردۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوستلار
ئىنتېرنىت تورىدىن ئىبارەت بۇ قولايلىق تاراتقۇ ۋاستىسى دۇنياغا كەلگەندىن بىرى كىشىلەر تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان يىڭىلىقلارنى ئىلىپ كەلدى ۋە مەنۋى تەرەققىياتنى بىرنەچچە ئون يىل ئالدىغا سۈرىۋەتتى. ئەگەر تور ھاياتى بولمىغان بولسا بىز نوقۇللا گىزىت جورنال كىتاپ ماقالىلەرنىڭ چىقىشىغا قاراپ قالغان بولاتتۇق.ئۇيغۇر تورچىلىقى باشلانغان 16-17 يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلار جەمىيتىگە نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى.جۇملىدىن ئىلىم بېرىم، كىتاپ ماقالە، خەۋەر ئۇچۇر قاتارلىق ۋاستىلەر ھىچقانچە چىقىم قىلمايلا كۆز ئالدىمىزدىكى ئىكرانغىچە يىتىپ كىلىپ تور دۇنياسىدىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم بوشلۇق بىزنىڭ مەنىۋى ئىجتىمائى تەرققىياتىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلىپ كەلدى. ھىلھەم ئۇيغۇر تورچىلىقى كۈندىن كۈنگە بىيىپ كۈچىيىپ مىڭىۋاتدۇ. ئۇيغۇر تورچىلىقى دۆلەت ئىچى خەنزۇچە تور بىكەتتىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇردۇ. دۆلەت سىرتى خوشنا ئەللەرنىڭ قاتارىدا بىرىنجى ئورۇندا تۇردۇ. شۇ بويۇنچە داۋاملاشقاندا قىسقا كىلەچەكتە ئۇيغۇر تور بىكەتىرىدىكى سودا تىجارەت بىكەتلىرىنىڭ روسچە، ئىنگىلىسچە ، تۈرۈكچە سەھىپىلىرى قۇرۇلغاندا قازاقىستان ياكى ئۆزبىكىستاندىكى بىر خىرىدار ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا خالىغان نەرسىنى تور ئارقىلىق ئۇيغۇر ديارىدىن سىتىۋالدىغان ھالەتكە كەلمەيدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ؟
ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يەنە بىر تەرەققىيات تىما ۋە يازمىلارنى تورداشلارنىڭ ئۆز ئارا تالاش تارتىش قىلىپ ھەركىم ئۆز پىكىرنى بايان قىلىپ ئىددىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بولدى. بۇ ئەلۋەتتە تەرەقىياتنىڭ ئەڭ موھىم يادروسىدۇر.ئىدىيە تەرەققىي قىلمۇغىچە ئادەم تەرەققىي قىلمايدۇ. ئىدىيەلەر تەرەققىي قىلمۇغىچە خەلق تەرەققىي قىلمايدۇ. ئىدىيە بولسا داۋاملىق يىڭىلىقنى، رىقابەتلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.توسالغۇ، بىسىم ۋە چەكلىمە ئىدىيەنى چىكىندۇرۋىتىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ بىرلا يۈزىنى كۆرۈپ يۈزەكى مۇئامىلە قىلدىغان كىشىلەر بەلكىم بۇ بىر تالاش تارتىش، بۆلگۈنچىلىك، ئىتتىپاقسىزلىق دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمىليەتتە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس.ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەدەپ قائىدىلىك، ئىتتىپاقلىقنى ساقلايدىغان خەلىق.كۈچلۈك روھى تەسەۋۋۇرغا باي ھىسياتلىق مىللەت بولغانلىقى ئۇچۇن كۆپۈنچە مەسىللەرگە قىززىق قان مۇئامىلە قىلدۇ دە يۈزەكى قارايدىغان كىشلەر تەرپىدىن ‹ئىتتىپاقسىز›كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
چەتئەل تور بىكەتلىرگە قارسىڭىز ھەممىلا يەردە مەسىللەر توغرۇلۇق قىلىنغان تالاش تارتىشلارنى كۆرسىز. بۇ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقىمۇ؟ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلغانكەن ھەركىمنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇشى ئىنساني ھوقوقىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.ئەگەر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلسا، بۇ تارىخى يازما بولسا، ئىجتىمائى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك يازما بولسا،يىڭى پىكىر يىڭى ئىدىيەلەر بولسا،ھەرخىل خەۋەر يىڭىلىقلار، پەن تىخىنىكىغا ئائىت يازمىلار بولسا كىشىلەر ئوقۇپلا قويۇپ ‹ھە ياخشى› ‹بولدىكەن› ‹ياخشى› ‹ياخشى› دەپلا بولدى قىلسا بۇ بىر ئەلنىڭ خەلقىنىڭ ئىنتايىن چىرىك، مەيدانى يوق ئاجىز ھالەتتە ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىردۇ.بىرلا ئىغىز گەپ بىلەن بۇ خەلقنىڭ ‹ئۆلۈك› ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىردۇ.بۇنداق تورچىلىق ئۇزۇنغا بارماي ئاياغلىشىدۇ. ھەممە ئادەم زىركىدۇ. چۇنكى پاسسىپ ھالەتتىكى ئىدىيە ، پاسسىپ ھالەتتىكى ئادەم دىگەن گەپ.
ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدىكى مەزمۇنى ئىسىل تۈرگە باي يازمىلار ئوتتۇرا ئاسىيا بويۇنچە ناھايىتى كەم ئۇچۇرايدۇ. خوشنا ئەللەردىكى ۋە دۇنيانىڭ كۆپۈنچە دۆلەتلىردىك تور بەتلەردە سېرىق مەزمۇندىكى تور بەتلەرگە، ئجتىمائى ئەخلاققا زىت بولغا تەن سودىسى قىلىدىغان تور بەتلەرگە، ياشلارنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇن بولغان تور بەتلەرگە كىرىش، تور بەت ياساش بىردەك رۇخسەت قىلنغان. بۇ ئاتالمىش چىگىردىن ھالقىغان دىمگۇراتىيەنىڭ بولۇمسىز يۈزى.ئۇيغۇر تور بەتلىرىمزدە نوقۇل كىشىلەرنى ئىلىم پەنگە ، ئەدەپ ئەخلاققا، پاك ئىتقادقا تەرەققىياتقا ئۈندەيدىغان مەزمۇنلار ،دۇنيادىكى بولۋاتقان ئىشلار ،خەۋەر ئۇچۇرلار قاتارلىق ئۆرپ ئادىتىمىز، دىنى ئىتقادىمىز ، ئەخلاقىمىزدىن چەتنىمىگەن مەزمۇنلارنى ھەممىلا يەردە كۆرسىز.. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچى بولمىغان، شائىر بولمىغان، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇدۇل تورغا كىرىپلا يازما يىزىش مۇمكىنچىلىكى بار.خەۋەر چىقىرىش، يىڭلىقلارنى چىقىرىپ ئورتاقلىشىش(ھەمبەھرىلنىش)مۇمكىنچىلكى بار. دۆلەت قانۇن سىياسەتلىرىگە، ئىجتىمائى ئەخلاققا، كىشىلىك ئىززەت ئابرويغا،خەلقلەر ئىتىپاقىغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان مەزمۇندىكى يازمىلارنى كەڭ خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ،ئەركىن پىكىرلىشىش ھەم ھەققىمىز باردۇر.ئىنكاس پىكىر يازغۇچىنىڭ ئىنكاسىدا ھاقارەت ، ئەخلاقسىز سۆز ئىبارە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھەم ھەققى باردۇر.يازمىدىكى مەزمۇنغا ئۆكتە قوپقان، ئىتراپ قىلمىغان ئەھۋالدا دىمەك ئۇنىڭ چوقۇم بىر پەرقلىق كۆز قارشى بار دىگەن گەپ.ئۆز كۆز قارشىنى بايان قىلىپ قايىل قىلالمىسا دىمەك بۇ بىر قۇرۇق گەپچى بىكار تەلەپ دىگەن گەپ.ئەلۋەتتە بىكار تەلەپ بولۇش ھەم ھەققى باردۇ. مانا بۇ بىزنىڭ دىمگۇراتىيمىز.
دۆلىتىمىزنىڭ توغرا سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەنىۋى تۇرمۇشى جۇملىدىن تورچىلىقىمىز تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى قەدەملەرنى بىسىۋاتدۇ.ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدىكى يەنە بىر بوشلۇق بولسا تارىخى مەزمۇنلارنىڭ يوق دىيەرلىك بولىشىدۇر.بۇيەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەنكى تارىخى مەزمۇنلار بەزىلەر ئىيتقاندەك ‹مەن ئۆتمۈشۈمگە قارىمايمەن›‹تارىخ بىزگە نىم قىلىپ بەردى› دىگۇدەك دەرجىدە تار ئەمەس. بىزنىڭ شانلىق بىر ئۆتمۈشىمىز بار. شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى ئۆتمۈشىنى بىلمىگەن كىلەچەكىنى كۆرەلمەيدۇ! ئۆتمۈشنى بىلىش ئۆتمۇشنى ئۈگۈنۈش بىلەنلا ئەمەس ئۆتمۈشىگە ئىگە چىقىش بىلەن بولۇدۇ. تارىخى يازمىلار قانداقتۇر بەزىلەرنىڭ پاسسىپ قارىشى بويۇنچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق ئەمەس.شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز.دۆلىتىمىز ۋە خەلقارا ئىتىراپ قىلىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايۇنىمز بار.ئۇيغۇرچىلىق روھىدا شەكىللەنگەن شىنجاڭچە روھنى ھەممىلا ئادەم قوبۇل قىلىدۇ،ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ. روھىڭىزدا ئۇرغۇپ تۇرغان پەخىر تۇيغۇسىنى كىملەردىن قالغان دەپ ئويلىغاندىڭىز؟
قىسقىسى تالاش تارتىشنىڭ زىينى يوق. ئەكسىچە پايدىسى بار.پاسسىپ ھالەتكە ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانسىڭىز،ئۆز پىكىرڭىزگە توغرا كەلمىگەننى خاتا دەپ ھىساپلاشتىن ساقلانسىڭىز، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى چورتلا ئىلىۋىتىپ ياكى ئىززىتىگە تىگىپ قويۇپ ئۆزڭىزنىڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملىكىڭىزنى ئاشكارلاپ قويۇشتىن ساقلانسىڭىز،بىلىم ئىگىسى بولماي تۇرۇپ پىكىر ئىگىسى بولىۋىلىشتەك ئەبگالىقتىن ساقلانسىڭىز ،تېمىنى ئۆز مەزمۇنىدىن چەتنىتىپ ئاللىقانداقتۇر باشقا مەزمۇنغا باغلاپ ئوتتۇردا ئويۇن قويۇشتەك چاكىنا قىلىقتىن ساقلانسىڭىز، قانچىلىك تالاش تارتىش قىلسىڭىز قىنى مەرھەمەت. ئىددىيەسىنى تىخىمۇ بىيىتىپ تىخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولماقچى بولغانلارقىنى تالاش تارتىشقا مەرھەمەت.
|
|