- تىزىملاتقان
- 2012-6-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1747
- نادىر
- 0
- يازما
- 73
ئۆسۈش
74.7%
|
-زاۋۇت ئوخشىمايدۇ ، شۇڭا بىزنىڭ دۇكاننىڭ ئالتۇنلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى ،زەرگەرلەر نىڭ دۇكىنى چېقىلىپ كەتسە ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىڭىزنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ئالماشتۇرالمايسىز. بىزنىڭ دۇكان ئورنىمىز مۇقىم ،قاچانلا كەلسىڭىز ئالماشتۇرالايسىز.
ئۇنىڭ بۇ گىپى قۇرۇقلا گەپ . ئالتۇن ساپ ئىشەنىچلىك بولسا ئالماشتۇرۇش ، سىتىشتا شۇ سىتىۋالغان ئورۇنغا ئەكىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟؟؟ ئالتۇن ياخشى بولسا ھەممە يەردە ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ .
ھازىر مەيلى قەشقەر ياكى ئاقسۇ بولسۇن ھەر بىر شەھەردە ئالتۇن زىبۇ زىننەتلەرنى توپ تارقىتىش نۇقتىسى بار . دىمەك كىچىك دۇكاندارمۇ چوڭ سودا سارايمۇ ئوخشاشلا شۇ توپ تارقىتىش نۇقتىسىدىن ئوخشاش باھادا توپ ئالىدۇ .
نىمىشقا سىتىش باھاسى ئوخشىمايدۇ دىگەندە رەيسىمە خانىم ئوتتۇرىغا قۇيغاندەك كىچىك دۇكاندارلار ھەر گىرامىدا ئون يۈەندىن بەش يۈەنگىچە پايدا قىلسىلا سىتىۋىرىدۇ . چوڭ سودا سارايلىرى پۇكەي ھەققى ئورۇنى قىممەت يەنە كىلىپ شۇ دۇكانغا مەبلەغ سالغان لوبەن نەچچە قىزغا ئايلىق مائاش بىرىپ ئىشلىتىدۇ ، بۇ قىزلارنىڭ سىتىشىغا قاراپ مۇكاپات پۇلى قۇشۇپ بىرىدۇ .
شۇنداق بولغاندا ئادەتتىكى كىچىك دۇكانلار 40گىرام تۇيلۇق زىبۇ زىننەت ساتسا 300---400 يۈەن پايدا ئالسا سودا ساراي بولسا 40گىرام زىبۇ زىننەت ساتسا 1200 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە پايدا ئالىدۇ .
ئىشەنمىسىڭىز بىرلا ۋاقىتتا سودا سارايدىن ۋە زەرگەر دۇكىنىدىن 5گىراملىق ئوخشاش مىقداردا ئۈزۈك ئىلىڭ .
زەرگەر دۇكىنىدىن 5گىرام ئۈزۈكنى 1350 يۈەنگە سىتىۋالىسىز . سودا سارايدىن 1500 يۈەندىن ئارتۇقراق سىتىۋالىسىز . سىتىۋىلىپ بولۇپ بىر ھەپتىدىن كىيىن
ھەر ئىككى ئۈزۈكنى سىتىۋالغان ئورۇنغا سىتىپ بىقىڭ . شۇ ۋاقىتتا چۇڭقۇر چۈشنىپ قالىسىز . سىتىۋالغاندىمۇ سودا سارايدىن قىممەت سىتىۋالىسىز ساتقاندىمۇ سودا ساراي ئوزى ساتقان 5گىرام ئۈزۈكنى زەرگەر سىتىۋالغان باھادىمۇ ئالمايدۇ .شۇ بەش گىرام زەرگەردىن سىتىۋالغان ئۈزۈكنى زەرگەرگە ساتسىڭىز 1200--1250 يۈەنگىچە پۇل بىرىدۇ . سارايدىن سىتىۋالغان 5گىرام ئۈزۈكنى سارايغا ئاپرىپ ئۆزىگە ساتسىڭىز 1100 يۈەنگە ئاران ئىلىپ قالىدۇ . بۇنداق ئىش بازاردا كۆپ كۆرۈلگەچكە بۇ يەردە دىيلىپ قالدى . شۇ سودا ساراي ئۆزى ساتقان ئۈزۈكنى زەرگەر ئۆزى ئەرزان باھادا ساتقان ئۈزۈكتەك باھاغا چىقمىغاندا ئۇلارغا ساتىمەن دەپ ئولتۇرماي شۇ ئۈزۈكنىمۇ زەرگەرگە ئەكىلىپ ساتسىڭىز يەنىلا ئۆزى ساتقان بەش گىرام ئۈزۈكنى سىتىۋالغان باھادا پۇل سانايدۇ . بولمىسا بىر سىناپ كۆرۈڭ . |
|