قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3667|ئىنكاس: 51

ئەركىم: دوزاق مەۋجۇتمۇ؟ جەننەتچۇ؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1761
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6595
توردىكى ۋاقتى: 1555
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 16:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                        دوزاق مەۋجۇتمۇ؟ جەننەتچۇ؟!

ــ ئەركىم تەرجىمىسى

       1994-يىلى2-ئاينىڭ8-كۈنى ئامرىكا ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى گېزىتىدە(Weekly World News) بىر پارچە رەسىمنى ئېلان قىلدى. ھاللېي ئالەم تېلىسكوپىدا 1993-يىلى 12-ئاينىڭ26-كۈنى تارتىلغان رەسىمدە چەكسىز كەتكەن كېچە ئاسمىنىدا مىسلىسىز نۇر چېچىپ تۇرغان غايەت زور بىر شەھەرنىڭ  ئىنتايىن ئېنىق سىماسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.مانا بۇ كىشىلەر تىرىشىپ ئىزلەۋاتقان « جەننەت»دۇر. ئېيتىلىشىچە، بۇ بىر پارچەرەسىم پەقەت ئەۋەتىلگەن رەسىملەرنىڭ نەچچە يۈزىنىڭ بىرى ئىكەن.
      ئامرىكا ئالەم تەتقىقات ئىدارىسى ئىچكى خادىمى ئايال تەتقىقاتچى مەسسون خانىمنىڭ (Marcia Masson)نىڭ تەسۋىرلىشىچە، رەسىمدىكى شەھەر ھەقىقەتەنمۇ جەننەت ئىكەن، چۈنكى ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئادەم بەدىنىدىكى ھاياتلىق ھەرگىزمۇ مۇزدەك سوغوق ۋە ئوكسىگىن مەۋجۈت بولمىغان ئالەم بوشلۇقىدا ياشىيالمايدۇ. ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىدىغان مەسسون: بىز تەڭرى تۇرىدىغان ئورۇننى بايقىدۇق، دېگەن.
   دوكتورمەسسوننىڭ قارىشىچە، ئىلاھ مەۋجۈت دۇنيانى تارتىۋېلىش ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەسكەن: ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ھاللېي ئالەم تېلىسكوپى ئادەتتىن تاشقىرى تەلىي ئوڭدىن كەلگەن تاسادىپىيچىلىقتا، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئورۇن ۋەۋاقىتتا بۇ رەسىملەرنى تارتىۋالغان. مېنىڭ ئالاھىدە تاللىۋالغان دىنى ئېتىقادىم يوق، بىراق، مەلۇم بىر ئادەم ۋە كۈچنىڭ ھاللېي ئالەم تېلىسكوپىنى ئالاھىدەبەلگىلەنگەن ئورۇنغا توغۇرلاپ قويغانلىقىدىن قەتئىي گۇمانلانمايمەن. ئالەم شۇقەدەر چەكسىز، بارلىق ئورۇنلار ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرىدىغان ئوبىكتى، ئەمىسە نىمە ئۈچۈن ئاشۇ ئورۇن تاللىنىپ قالىدۇ، بىر ھاياتى كۈچ چوقۇم بۇ ئىشنى باشقۇرىۋاتقان گەپ.
  ئامرىكائالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىكى ئالىملار، پىشقەدەم پېرزېنت كىلىنتون ۋە ئورۇنباسارگورنىڭ بۇ رەسىملەرگە قىزىققانلىقىنى ئاشكارلىغان ھەمدە كۈندىلىك قىسقىچە دوكىلات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى خىرىستىئان دىنى پاپاسى يوھان پاۋىل ئىككىنچىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن رەسىملەرنى ئۇنىڭغائەۋەتىپ بەرگەن. ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى رەسىملەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاتىكان تەرەپمۇ بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالغان.
     بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا تەس ئەمەس، ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئۆزلىرى بايقىغان ھەم تارتىۋالغان رەسىملەرنى ئاشكارلىماسلىقىدىكى سەۋەپ شۇكى بۇ بىر تۈركۈم ھەقىقى رەسىملەر ئارقىلىق ئالەم ھەقىقىتىنى ئاشكارلىسا، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيسى ۋە دىننىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن.
       يېقىندا، تور دۇنياسىدا تارقىلىۋاتقان بىر پارچە ماقالىدىن مەلۇم بولىشىچە، سوۋىت ئىتتىپاقى زامانىسدىكى ئىلىم-پەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دوزاق ئىشىكىنى تاپقانلىق تەپسىلاتى ئاشكارلانغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ، سوۋىت ئىتتىپاقى غايەت زور يەر تېشىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تېشىش ئورنى ئادەملەرئىنتايىن شالاڭ بولغان 帕钦加 (پاكانج) رايونىنى تاللىغان ، سوۋېت بۇيەردە تارىختىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇقنى قازغان، ئۇنىڭ چوڭقۇرلىقى تەخمىنەن12.2كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر يەر ئاستى تەجرىبىخانىسىغائايلانغان.
      قېزىش خىزمىتى 1970-يىلى5-ئاينىڭ24-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 1994-يىلى توختىتىلغان. 1983-يىلىغا كەلگەندە، قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12.000 كىلومېتىرغايەتكەن،شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق قېزىش خىزمىتى توختىتىلغان. ئەڭ ئاخىرقى 262 مېتىرى1983~1993 يىلىدا قېزىلىپ، توپتوغرا ئون يىل ۋاقىت كەتكەن.
    سوۋىت تەرەپ قېزىش خىزمىتىنى توختىتىشنى مەبلەغ يېتىشمەسلىكتىن دېگەن، بىراق، ئىچكى قىسىمدىكى خادىملار ئاشكارلاپ، ھەقىقى سەۋەپ، قۇدۇق ئىچىدە تەبىئەتتىن ھالقىغان بىرئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن بولغان دېگەن. قۇدۇق قازغۇچى تېخنىكلار: ھېچقاچان مەبلەغ قىيىنچىلىقى مەۋجۈت ئەمەس، قۇدۇق ئىچىدىن «ئالۋاستى»چىققانلىقى ئۈچۈن،قېزىش خىزمىتىنى توختۇتۇشقا مەجبور بولغان، دەپ چىنپۈتىدۇ.
  ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇدۇق قېزىلىپ 3000 مېتىرغا يەتكەندە، كىشى ئىشەنگۈسىز غەيرى ھالەتلەر يۈز بېرىشكەباشلىغان، كىشلەر قۇدۇق ئىچىدىن ئىنسانلارنىڭ ھۆركىرىگەن ۋە چىقىرىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان. بىر پارچە سوۋىت گېزىتىدە بىرىلگەن دوكىلاتتا، سوۋېتنىڭ بىر نەپەرداڭلىق گېئولوگىيە ئالىمى دىمىر.ئاسانكوفنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار قېزىپ 9 ئىنگىلىزمىلى چوڭقۇرلۇققا يەتكەندە، تۇيۇقسىز قۇدۇق ئىچىدىن كۆك يۈزلۈك، ھىڭگاڭ چىش، بىر قاناتلىق مەخلوق ئۇچۇپ چىققان. بىردەمدىن كېيىن ئۇلار بىر دانە ئۈنئالغۇنى قۇدۇق ئىچىگەچۈشۈرۈپ، قۇدۇق ئىچىدىن چىقىۋاتقان دەھشەت ئېچىنىشلىق دات- پەرياد ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان، خۇددى سان-ساناقسىز كىشىلەر ئىنتايىن قاتتىق ئازاپقا ئۇچىراۋاتقاندەك پاجىئەلىك ئاۋازلار كەلگەن. ئەمما، بۇ ئىشلارنى پەن-تېخنىكىمۇ  چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز.
    ئالىم ئاسانكوف بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈپ: ئىلگىرى مەن دوزاق ۋە جەننەت بار، دەيدىغان قاراشقا ئىشەنمەيتتىم، بىراق، بىر ئالىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەمدى دوزاقنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەسلىككە ھەددىم ئەمەس. دېمىسەممۇ، ھەممىز بۇ بايقاشتىن قاتتىق ھاياجانلىنىمىز. بىزنىڭ ئاڭلىغان ھەم كۆرگىنىمىز ھەرگىزمۇ خىيالىي تۇيغۇئەمەس، شۇڭا بىز ئۆزىمىنىڭ دوزاق ئىشىكىنى ئاچقانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنىمىز. مەلۇم بولىشىچە، ئالىملار يەر ئاستىدىكى چىقىرىغان ئاۋازلارنى ئۈنگە ئېلىۋالغان بولۇپ،ئۆزلىرىنىڭ ساختلىق قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا پاكىت قىلماقچى بولغان.
پەن-تېخنىكىنىڭ جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىشى ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇبايقاشلار ئىلاھىسىزلارنى قاتتىق ئازاپلايدۇ. ئۇلار بۇنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئىسپاتلىمىغان دەپ، يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسىشى مۇمكىن.
       ئىنسانلار دۇنياسىدىن پەرىقلىق بولغان ئىلغار جانلىقلارنى بايقىغان ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدەك ھۆكۈمەت ئاپپراتلىرىنىڭ بارلىقى دەرھەقىقەت، ئەمىسە ئۇلار نىمىشقا مۇشۇنداق بايقاش ۋە ھەقىقەتنى خەلقى ئالەمگە ئاشكارلاشنى خالىمايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ھەقىقەتنى ئاشكارلاشقا توسالغۇ بولىۋاتقانلار تېخىچە «ئىلىم-پەن مۇتلەق ھەقىقەت»دەۋالغان دائىرىلەردىكى ئابرويپەرەزلەردۇر.
ئۇلار بۇرۇنقى ئالاھىدە بېكىتىلگەن ساھەلەرنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ئىلىم-پەننى ئىنسانلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە قوللانما قىلىۋالماق ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق، كۈچلۈك بولغان مەخسوس كەسپى ئىلىم-پەن ھېسسىي ھالەت سەپسەتىسىنى پەيدا قىلماقچى. ئەگەر ئۇلار بۇرۇن مىڭ تەسلىكتە قۇرغان، پەقەت ئىلىم-پەننىلا يۈكسەك بىلىدىغان دۇنياسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىساق، ئۇلار بۇ دۇنيانى قانداقمۇ ئۆز ئالقىنىدا تۇتۇپ تۇرالايدۇ؟ ھەقىقەتنى مەڭگۈ توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ خالاس، بولۇپمۇ، ئۇ دۇنيادىكى يېتەكلىگۈچى كۈچ ئۆزرولىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان پۇرسەتتە.
جەننەت مەۋجۈتمۇ؟دوزاقچۇ؟ قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئېتىقادچىلار ئۇلارنىڭ بارلىقىدىن قەتئىي گۇمانلىنىپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ياخشىلىق قىلغانلار ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىدۇ، يامانلىق قىلغانلاربولسا دوزاققا مەھكۈم بولۇپ قاتتىق جازالىدۇ.14-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىتالىيىلىك مەشھور شائىر دانتىنىڭ «ئىلاھ كۈيى»دېگەن ئەسىرىدە جەننەت بىلەن دوزاق مۇساپىسى تەسۋىرلەنگەن. لېكىن، دىنغا تەقۋادارلارنىڭ ئەكسىچە، بىر قىسىم ئىلىم-پەن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغانلار جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 18:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىدىن پورۇخ ھىدى پۇراۋاتىدۇ

2

تېما

0

دوست

1377

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8188
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 18:41:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى يەر كولىغان ياكى ئاسماننى كۆزىتىۋاتقانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىدى جەننەت ياكى دوزاخنى بايقاش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەركىتى ئاللاھنىڭ بەرگەن ئەقلىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئۇچراپ قېلىپ، ئىنكار قىلىشقا ۋىجدانى بارماي، دېيىشكە تىلى بارماي تۇرۇپ قالغان.

«ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلار قورقىدۇ».
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

0

دوست

1377

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8188
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 18:44:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 18:14
بۇ تىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغىنى ياخشى بوپتۇ...

ھەر كىشى  ...

خاتىرجەم بولسىلا تەقسىر جانابلىرى، سىلى تىلغا ئېلىۋاتقان شۇ كىشىلەر سىلىدەكلەرنىڭ «تەلىملىرى» نى مۇلازىھە قىلىشقا چولىسى يوق مىكىن. سىلى ھېلىقى «دوپپا» دىكى «ئىشچى» دەك تۇراملا نېمە؟  بېلىقئالغۇچ.
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )