- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6676
- نادىر
- 0
- يازما
- 709
ئۆسۈش
33.52%
|
مەنمۇ ئۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم. سىز دىگەن ئۇ ئەھۋاللار ھەممىسى بار ئىشلار. ئاساسىي جەھەتتىن سىزگە پىكرىڭىزگە قۇشۇلىمەن. لىكىن بىر نۇقتىدا سەل باشقا تەرەپلەرنى مۇلاھىزىگە قۇشۇپ ھۆكۈم چىقىرىلسا توغرا خۇلاسىگە ئىرىشكىلى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئەمەسلەرنى كەمسىتىدىكەن دىگەن نۇقتا.
بەزى ئەرلەرنىڭ سىزنى كۆرۈپ بەتقىلىق گەپلەرنى قىلىشى بىرىنچىدىن شۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقسىزلىقى تۈپەيلى، ئىككىنچىدىن غەرپلىكلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ توغرا بولماسلىقى. سىز دىگەندەك ھوللىۋودنىڭ بەزى كىنولىرى چىكىدىن ئاشقان بەزى كۆرۈنۇش ۋە تۇرمۇشنى تەسۋىرلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپلىكلەرنى چۈشىنىشى ئاساسەن ئاشۇ كىنولار، گېزىت-ژورناللار(جۇڭگۇ ئىچىدىكى) ۋە بىر قىسىم كىتابلاردىن كەلگەن. ئامىرىكىغا ياكى غەرپكە خالىغانچە بېرىپ كۆرۈپ ھەقىقىي غەرپنى كۆرۇش ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئاساسەن يوق ئىش. ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئۇقۇش تۈپەيلى غەربنى ھەقىقىي كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە، بۇلار ئىنتايىن ئاز ھەمدە ئۇمۇمىي ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە توغرا چۈشەنچىلەرنى يەتكۈزىشى تېخى يېقىنقى يىللاردا بۇلىۋاتىدۇ. شۇ تۈپەيلى ئەخلاقى چۈشكۇن بىر قىسىم كىشىلەر يۈرەكلىك ھالدا شۇنداق بەتقىلىق ئەھۋاللاردا بۇلىدۇ. جەمئىيەتتە بولسا غەربكە نىسبەتەن تېخنىكىسى ئىلغار، مەدەنىيەتتە شاللاقراق دىگەن قاراش شەكىللىنىپ قالغان. باشقا جەھەتلەردىكى كەمسىتىشلەر بولسا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلۇق ئىپـتىخارىنىڭ خاتا چۈشىنىلىپ قېلىشى. مىسالى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ياپۇنلار (مىنىڭ بىلىشىمچە) ئەخلاقلىق، قائىدە-يۇسۇنلۇق مىللەت دەپ قارىلىدۇ، مەنمۇ بىرەرسىنىڭ ياپۇنلارنى كۆرۈپ كەمسىتكىنىنى ياكى ئارقىدىن يامان گىپىنى قىلغانلىقىنى باشتىن كەچۈرۇپ باقمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى يەنە بايا دىگەندەك كىنو-تېلىۋىزور ۋاستىسى، ئۇيغۇرلارغا تۇنۇش ياپۇنىيە فىلىملىرىدە يات قىلىقلار، ئەدەبسىز كۆرۇنۇشلەر يوق، ھەممىسىدە سالام-سائەت، يۇرۇش-تۇرۇش جايىدا. مۇشۇنداق ئەھۋلدا ئۇيغۇرلار ياپۇنلارنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئاساسەن سەلبىي ئىنكاسلاردا بولمايدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدە-يۇسۇنلۇق دەپ قارىغان مەدەنىيەتكە ئىتىبار، ھۆرمەت بىلەن، ئەخلاقسىز تەرەپلىرى كۆپ دەپ قارىغان مەدەنىيەتكە كەلسە-كەلمەس، خالىغانچە مۇئامىلە قىلىشى. سىزنىڭ بۇ نۇقتىدىكى پىكرىڭىزگە ئاساسەن قۇشۇلساممۇ، لىكىن «ئۇيغۇر ئەمەسلەرنى كەمسىتىش» دىگەن خۇلاسە سەل ئەتراپلىق مۇلاھىزەسىز يەكۈنلىنىپ قالغان دەپ قارايمەن.
مىنىڭچە پۇتۇن دۇنيادىكى زور كۆپ سانلىق مەدەنىيەت باشقا مەدەنىيەتكە ئۆزىنىڭ ئەخلاقى ئۆلچىمى بۇيىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىككىسى يېقىن كەلسە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەگەر زىت كەلسە شەخىس ئۆزىنىڭ ساپاسى بۇيىچە مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ۋە نۆۋەتتىكى سەرگۇزەشتىلىرىمۇ بەزى تەرەپلەر زور تەسىر قىلىدۇ. بەزى مەسىلىلەردە بۇلارنى پىكىرگە قوشۇش تامامەن زۆرۈر.
غەيرەت قىلىڭ، سىزنى قوللايمەن
ھۆرمەت بىلەن، كەمىنە
|
|