- تىزىملاتقان
- 2013-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1599
- نادىر
- 0
- يازما
- 36
ئۆسۈش
59.9%
|
‹‹ بۇ بەختسىز قىزنىڭ تەقدىرىگە مەن شۇ چاغدا چەكسىز ئۆكۈنگەن ئىدىم. ئويلىسام ھازىرغىچە ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ.( بەزى ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن بەختسز بولۇپ قالغان، قىلىۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىزغا ياردەم قىلالمايۋاتقىنىمدىن ئىچىم سىقىلىدۇ. بىر تەرەپتىن جەمىيەتنىڭ ئۇلارغا كۆرسىتىۋاتقان ئىرەڭسىزلىگىگە ئەپسۇسلانسام، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ بەختىگە گۆر كولاۋاتقان، كولايدىغان خۇمسىلارغا ئەشەددى نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى، ئاياللار - مىللەتنىڭ غۇرۇرى، ئۇلارنىڭ خارلانغىنى- مىللەتنىڭ دەپسەندە بولغىنى. ھوقۇق ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن بىگۇناھ، ساددا خانىم-قىزلىرىمىزنى دەپسەندە قىلىدىغان سولامچىلارنى كۆپنىڭ قارغىشى ئۇرسىكەن دەيمەن. ) ›› بۇ يەرلەرنى ئوقۇغاندا راسلا ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم قەيسەركا،ھەي خۇدا بىز ئۆزمىزدىكى شۇنداق بالىلارنىڭ بارلىقىنى ئىتراپ قىلمىساق بولمايدۇ،نۇرغۇن قىزلار بار شۇلارنىڭ قارىسىغا كېتىدىغان،بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولدى ئۇ قىزنىڭ شۇنداق قىسمەتكە ئۇچرىغىنىغا،چەتئەلدىكى بېسىم بىلەن توغرا يۈزلىنەلمەيدىغان بالىلارنىڭ يەنىلا ئاز تاپسىمۇ گۆش يىمەي كۆكتات يەپ،بۇغداي يىمىسىمۇ زاغرا يەپ مۇشۇ يۇرۇتتا خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزىشىمۇ ناھايىتى بىر ئاقىلانە ئىشكەن،مەنمۇ بۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن،شۇڭا بۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي قالدىم،قىزلارنىڭ چەتكە چىقىشى يۇقۇرلاپ ئوقۇشى ياخشى ئىش بولسىمۇ لىكىن تۇرمۇش ئىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىشكەن،يالغۇز يېراقتا تۇرىۋەرسە مىجەزىمۇ ئۆزگۈرۈپ كېتىدىكەن،مۇنداق بولغاندا يا ئوقۇشى بىر باشقا چىقماي،يا تۇرمۇشى خاتىرجەم بولماي شۇنداقمۇ بىر تەڭ قىسلىقتا قالىدىكەن قەيسەركا،بولۇپمۇ قىزلار چەتكە ئويلىشىپ چىقسۇن دىگەن قارىشىڭىزنى مەن قوللايمەن،بۇ مىنىڭ قىزلارنى چەتئەلدە ياشىيالمايدۇ دىگىنىم ئەمەس،ئەلۋەتتە ياشىيالايدۇ بەلكىم بەزى ئوغۇللارغا قارىغاندا ياخشى ياشىيالايدۇ لىكىن بۇ بىز قىزلارغا ئۇنداق ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا بولىدىغان ئىش ئەمەس دىگەن تەجىربىنى يەكۈنلىگەن بىر قىز بولۇش سۈپۈتۇم بىلەن باشقا مەندىن كىچىك چەتكە ھەۋەس قىلىپ كۆيىۋاتقان سىڭىللىرىمغا بىر دەپ قويغۇم كەلدى،قەيسەركامنىڭ سورىنىدا سەل ئارتۇقچە گەپلەرنى قىلىپ ئاتكاچىلىق قىلىپ سالدىم،چۈنكى قەيسەركام بىر نەرسە يازسا بىرەر ئىنكاسنى يازمىسام بىر نەرسەم كامدەكلا بىلىنىدىغان بولۇپ قاپتىمەن،قەيسەركامنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىغا ۋە ئوتتۇرغا قويغان مەزمۇنلىرىنى بەك ياختۇرىمەن.ئارتۇق كەتكەن تاققا تۇققا سۆزلەپ سالغان بولسام تۈزۇتۇپ قويارسىلەر،مىنىڭمۇ كۆرگەن بىلگەنلىرىم چەكلىك،شۇ ئويلىغانلىرىمنى قالدۇرۇپ قويغۇم كەلدى. |
|