- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6676
- نادىر
- 0
- يازما
- 709
ئۆسۈش
33.52%
|
دۇنياغا قارىساق ئىككى خىل دۆلەتلەر بار. بىرسى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن بۇيىچە دۆلەت ئىدارە قىلىنىدىغان، يەنە مۇستەبىت شەخىس ياكى گوروھلار دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ.
ئاندىنقىسىدا ئۇمۇمىي خەلقنىڭ قانۇن قارىشى كۈچلۇك بولغان سىياسىي گوروھلار بىۋاستە ئۆز ئىختىيارى بۇيىچە ئىش قىلىشتا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ، بولمىسا خەلق ئۆكتە قۇپىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تەشۋىقات، تىلىۋىزىيە قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆز قارىشىنى بازارغا سىلىدۇ، خەلقنىڭ قايىل قىلىپ مەقسىتىگە يىتىدۇ. بۇ جەرياندا پۇلدارلار گوروھىنڭ مەبلىغىگە تايىنىدۇ. سىياسىي بىلەن ئىقتىساد ئۆزئارا مەنئەپەت يەتكۈزىشىدۇ. خەلقمۇ خېلى ئادىل بولغان ھالدا ھۇقۇقتىن بەھرىمەن بۇلىدۇ. ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئادىل جەمئىيەت.
كىيىنكىسىدە مۇستەبىتلەر بارلىق قارارنى ئۆزى چىقىرىدۇ، خەلقتىن ياكى پۇلدارلاردىن ئاۋام رايى بۇيىچە ياى باشقىچەيولدا پىكىر ئېلىش، مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرىشى ھاجەتسىز. مۇستەبىتلەر ھەم سىياسىي ھۆكۈمران ھەم پۇلدار گوروھ، بارلىق نەرسىنى كونترول قىلغان. ئۆكتە قوپقانلارنى ساقچى، ئارمىيە بىلەن ئۆزى چىقارغان، خەلق ھىچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ئاتالمىش قانۇن نامىدا باستۇرىدۇ.
دۇنيانىڭ سىياسىي ھاۋاسى مۇشۇنداق تەشكىل تاپىدۇ. ئىقتىسادىي كۈچلۇك،ھەربىي كۈچى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر كىچىك دۆلەتلەر ياكى خەلقلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ خالاس. لىكىن بەزى سىرلىقلاشتۇرىۋىتىلگەن ئاتالمىش يۇشۇرۇن تەشكىلات دۇنيانى كونتىرول قىلىش، سىرلىق پۇل-مۇئامىلە گوروھى ئۇيۇن ئويناش دىگەنلەر مىنىڭچە چىكىدىن ئاشقان خىيالپەرەسلىك.
بەزىلەر تارىختىكى ھەربىر كۈچلۇك شەخىس، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۇيۇنلارنىڭ كەينىدە شۇنداق بىر سىرلىق تەشكىلات بار دەپ قارايدىكەن. مىنىڭچەئىنتايىن ئاز قىسىم ئەھۋالدا شۇنداق بولسىمۇ لىكىن كۆپىنچە ئىشلار پەقەت دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي مەنپەئەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.
يىغىپ ئېيتقاندا ئىقتسادىي كۈچ ھازىرقى دۇنيادا سىياسىيغا تەسىر كۆرسىدىغان ئاساسلىق كۈچ، ئاز قىسىم ئەھۋالدا دىنىي، مىللىي، تارىخىي ھىسسىياتمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلار بۇنداق پاكىتى ئاز، نەزەرىيەسى جىق ئاتالمىش سىرلىق تەشكىلات، دىنىي دۈشمەنلىككە ئاۋارە بولماي، ئۆزىنى ئىقتىسادىي ۋە پەننىي جەھەتتىن كۈچلەندۇرگەندە شۇنداق ئۇيۇنلاردا قۇربانلىق بۇلۇشتىن ساقلىنالايدۇ.
ئەنئەنىنى، مەدەنىيەتنى ساقلاپ، ئىلىم-پەنگە يۈرۇش قىلىپ، ئىقتىسادنى كونتىرول قىلىپ قودرەت تېپىش كېرەك. ئېنىقسىز نەزەرىيە، داڭ چىقىرش ئۈچۇن يىزىلغان بۇنداق سەپسەتىلەرنى كورۇپ قۇيۇشقىلا ئەرزىيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا كۈچلۇكلەر سۆھبەت قىلىپ ئولجا بۆلىشىدۇ، ئاجىزلار مىڭ نەزەرىيە بىلسىمۇ ئىشىك سىرتىدا قىلىپ قۇربانلىق بۇلىدۇ. |
|