دۇنيانىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا يۈزى
تەۋىسيەلىك كىتاب:پۇل ئۇرىشى
كىتابخۇمار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىزلەر،يەنە بىر تىما ئارقىلىق سىلەر بىلەن ئۇچىرشىش پۇرسىتىگە نائىل بولغىنىم ئۈچۈن ئىگىمىز ئاللاھقا مىڭ شۈكىرى.ئىنشائاللا نەپىسىمىز توختىغانغا قەدەرئەقلىمىزنىڭ ئويغاق ،قەدىمىمىزنىڭ يەتكەن يىرىگىچە ھەركەت ھالىتىدە ياشىغىلى ئىگىمىز نىسىپ قىلسۇن ...
مەن كىتاب ئوقوش تەسراتىنى يىزىپ نۆۋەت‹‹ پۇل ئۇرۇشى ››دىگەن كىتابقا كەلدى.ئەمما بۇكىتابنى ئوقوغاندىن كىيىن تەسراتىمنى قانداق يىزىشتا بەكلا ئىككىلەندىم.رايىم ياندى. يازاي دەيمەن ئەمما يەنە توختايمەن.بەزىدە بۇنداق يىزىشنى ماڭا كىم قويوپتۇ.يازغىنىمنىڭ نىمە ئۈنىمى بار دىگەندەك ئويلار بىلەن كەينىگە تارتىلىپ كىتىۋەردى.ئەمما بۈگۈن يەنىلا بۇ نوقتىدا كاللامغا كەلگىنىنى دىيەلىگىنىم،سۆزلىيەلىگىم قەدەردە ئوتتورغا قويوشنى لايىق كۆردۈم.ئويلىغانلىرىمنى تولوق ئىپادىلىيەلەيمەن دەپ قارىمايمەن.ئەمما ئويلىغانلىرىمنىڭ بىر پارچىسىنى بولسىمۇ ئىپادە قىلىشنى بولسىمۇ لايىق كۆردۈم.
پۇل ئۇرىشى دىگەن بۇ كىتابنىڭ نامىنى 2008-يىلى خەنزۇ كىتابپۇرۇشلاردىن ئاڭلىغان ئىدىم،ئەمما ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى بولمىغاچقا خەنزۇچىسىنى ئوقوپ چۈشىنىشكە سەۋىيەم يەتمىگىنى ئۈچۈن ئوقويالمىدىم.ئۆتكەن يىلى بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى چىققاندىن كىيىن بۇ كىتابنى ئوقودۇم ھەم نۇرغۇن تەسراتلارغا ئىگە بولدۇم.
ئەمەلىيەتتە پۇل ئۇرىشى دىگەن بۇ كىتابنى ئوقوغاندىن كىيىن ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا رىئاللىقىمىزدىكى دۇنياغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر دۇنيا پەيدا بولىدۇ.يىغىپ ئىيتقاندا بىزگە بىلدۈرۈلگەن ۋە بىز بىلگەن،بىزگە كۆرۈنگەن ۋە بىز كۆرگەن دۇنياغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر سىرلىق دۇنيا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.
بىز ئۆزىمىز كۆرگەن ۋە بىزنىڭ ئۆز ئىڭىمىزدا ئەكىس ئەتكەن،بىز دۇنيا دەپ بىلگەن ئىڭىمىزدىكى دۇنيانى بەلكىم بىردىنبىر دۇنيا دەپ قارىشىمىز مومكىن،ئەمما بۇ دۇنيانىڭ پەقەت بىر يۈزىدۇر خالاس.بىز يەنە بىر سىرلىق دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ يەنە بىر يۈزىنىڭ بارلىقىنى بىلىش ۋە ئۇنى تونوش ئەمەس بەلكى شۇنداق بىر دۇنيانىڭ بارلىقىغىمۇ نۇرغۇنلىرىمىز گۇمان بىلەن قارايمىز .
ئەنگىن نوياننىڭ << بىزنى قانداق ھاماقەتلەشتۈردى >>دىگەن لىكسىيسىدە،بىز مۇبارەك قۇرئاننى چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا ھەر نەرسە ئۆزىلىگىدىن ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.بۈگۈن چۈشىنەلمىگەن ،پەرق قىلالمىغان نۇرغۇن مەسىلىنىڭ پەردە ئارقىسىدا نىمىلەرنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرۈشكە باشلايمىز .مۇبارەك قۇرئاننىڭ زوخروف سۈرىسى 54 -ئايىتىدە ئاللاھ بىزگە فىرئەۋىن ھەققىدە قىلغان بايانىدا ئاجايىپ بىر نەرسىنى بايان قىلىدۇ.ئايەتنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرگەندە مۇنداق دەيدۇ<< قەۋمىنى ھاماقەتلەشتۈردى >>دەيدۇ .قەۋمىنى دۆت،ئىچى بوش كىشىلەر ھالىغا كەلتۈردى.-كىم ؟
-فىرئەۋىن،
قانداق قىلىپ ؟نىمە ئىشلىتىپ شۇنداق قىلدى؟قورال كۈچى ئىشلەتتىمۇ ؟فىرئەۋىن قوللانغان كۈچلەر نىمە ئىدى ؟قورال كۈچىمۇ؟ئەسكەرمۇ ،ساقچىمۇ ياكى قىيىن-قىستاقمۇ،جەۋرى زۇلۇممۇ ؟ئىقتىسادى بىسىممۇ ؟
-ياق.
ئۇنىڭ قوللانغىنى خەلىقنىڭ كۆزىنى بوياش ئىدى.ئۇلارغا يالغان ئىيتاتتى.ئەقلىنى ئازدۇراتتى.بارنى يوق،يونى بار كۆرسىتەتتى،كاللىسىنى قىرىشتۇراتتى. بۇ ئارقىلىق خەلىقنى ھاماقەتلەشتۈردى،قەۋمىنى دۆت،ئىچى بوش كىشىلەر ھالىغا كەلتۈردى.دەيدۇ.
ئۇندىن باشقا دوكتورىمىز زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىمنىڭ ‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە ››دىگەن كىتابىنى ئوقوغۇچىلار بولسا خەلىقنىڭ مىڭىسىنى يۇيۇش ۋە بۇنىڭ قىسقىچە ئىپادىلىرى توغرىسىدا توختالغان مەزمۇنلار بار .
يىغىپ ئىيتقاندا بىزنىڭ ئىڭىمىزدىكى ۋە كۆزىمىزگە كۆرۈنىۋاتقان دۇنيادىن باشقا يەنە بىر دۇنيا ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولوپ،دۇنيانىڭ بۇ يۈزى كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ كۆزىدىن ۋە نەزىرىدىن تولىمۇ يىراقتىدۇر.كۆپىنچە بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆرۈنىۋاتقان رىئاللىق،يەنى بىزگە كۆرۈنىۋاتقان دۇنيا ،يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار ئەمەلىيەتتە پەردە ئارقىسىدىكى شۇ دۇنيا كىشىلىرى تەرپىدىن ئورونلاشتۇرۇلغان بولىدىكەن.ئۇلار ئويون قويغۇچى ياكى ئويون تەشكۈللىگۈچىلەر بولوپ كۆپلىگەن ئىنسانلار يەنى بىز پەقەت بىر تاماشىبىن ئىكەنمىز.
دۇنيانىڭ بىزگە كۆرۈنمىگەن يەنە بىر يۈزى كۆپىنچە دۆلەت،ھاكىمىيەت سىياسى ئىستىراتىگىيسى ياكى مەلۇم پەۋقۇلاددە مەنپەئەتدار گوروھلارنىڭ ئىستىراتىگىيسىنىڭ قوللانغان ھەر خىل ۋاستىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىكەن.رىئاللىقتىكى نۇرغۇن ئىشلار ۋە ۋە بىز كۆرىۋاتقان رىئاللىقنىڭ كۆپىنچىسى شۇلار تەرپىدىن ئورونلاشتۇرۇلغان بولىدىكەن.
تولىمۇ ئەپسۇسكى دۇنيانىڭ بۇ قاراڭغۇ يۈزى ئاز ساندىكى ئىنسانلاردىن باشقا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمىگەن ۋە ئالدىراپ كۆرۈنمەيدىغان،كۆپلىگەن ئىنساننىڭ كۆزىدىن يىراقتىكى بىر سىرلىق دۇنيا ئىكەن.
بىز ماسۇن تەشكىلاتى ۋە باشقا دۇنياۋى تەشكىلاتلار توغورلوق تىمىلارنى ئوقوغاندا نىمىلەرنى ئويلىدوق ؟
نەبىيجان تۇرسۇننىڭ 1930-يىللار ۋە كىيىنكى تارىخىمىزغا ئايىت مەزمۇنلارنى ئوقوغاندىن كىيىن ،ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسلار يەنى سىتالىن قاتارلىقلارنىڭ يالتا كىلىشىمى توغورلوق مەزمۇنلارنى ئوقوغاندىن كىيىن ،بۈگۈنكى ئەھۋالىمىزغا قاراپ نىمىلەرنى ئويلىدۇق؟
ئەجىبا يالتا كىلىشىمى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلار بىزنىڭ بۈگۈنىمىزبىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ ؟
بۇ نوقتىلارنى ئويلىغاندىن كىيىن شۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلىيتتە پىلانلىق،سىستىمىلىق ئىلىپ بىرىلغانلىقى ۋە داۋاملاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز .
نەچچە يىلدىن بىرى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن دۇنياۋى بىرىنجى باي بىل .گەيتىس ۋە شۇ قاتاردىكى بايلار توغورلوق ئۇچۇرلار بىرىلدى.بۇئۇچۇرلاردىن بىزلەرمۇ قۇرۇق قالمىدۇق.ئەمما ھىلىغۇ بىل گەيتىسكەن، بىل گەيتىس تەك بايدىن نەچچە ئون مىڭنىڭ پۈتۈن مال بىساتى ۋە بايلىقىنى بىر يەرگە يىغىپ كەلگەن ھالەتتىمۇ ،دۇنيادىكى ھەقىقىي بايلارنىڭ بىرىنىڭ مال مۆلىكىگىمۇ ئاران توغرا كەلگۈدەك دەرىجىدىكى بايلارنىڭ بارلىقىنى بىلسىڭىز،بۇنىڭ نىمە ئۈچۈن سىر تۇتۇلىدىغانلىقى،نىمە سەۋەبتىن دۇنيادىكى ۋە زامانىمىزدىكى كۆپىنچە ئىنسانلارنىڭ كۆزىدىن،نەزىرىدىن تولىمۇ يىراقتا تۇتۇلغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە نىمىلەرنى ئويلايسىز ؟مەلۇم دۆلەت ۋە رايون ئەمەس ،پۈتۈن دۇنيا بايلىقىنىڭ 70% نى،يەنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىنى قولغا كىرگۈزىۋالغان بىر توپلارنىڭ بارلىقىنى بىلگىنىمىزدە، ئەنگىلىيە ،ئامرىكىلارنىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنى پەردە ئارقىسىدا پىقىرتىپ كىلىۋاتقان بىر كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى بىلگىنىڭىزدە نىمىلەرنى ئويلايسىز ؟
ئۇندىن باشقا بۆرىلەر ۋادىسى توزاق فىلىمىنى كۆرگۈچىلەرگە ئايانكى مەھمەت خاراخانلى،يەنى پولات ئالەمدارنىڭ ئۆز دادىسىنى باشقۇردىغان ۋە ئۇنىڭ جىنىنى ئالغان كۈچلەرگە ،ئاندىن ئۈستات،مارگىرت،ئارماگىدۇن تىيمى قاتارلىق تەشكىلارغا ئەلبەتتە قىزىقماي ۋە ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئەلبەتتە قىزىقماي قالمايدۇ.
بۆرىلەر ۋەدىسى يەنى كورتلار ۋادىسى فىلىمىنىڭ بۇ قەدەر ئالقىشقا ئىرىشەلىشىدىكى سەۋەب، پەردە ئارقىسىدىكى شۇ دۇنيا ۋە ئىشلارنى ئاددى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلغانلىقى بولسا كىرەك.
پۇل ئۇرۇشى دىگەن كىتابمۇ دەل شۇ فىلىمغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ يەنە بىر يۈزى ياكى پەردە ئارقىسىدىكى دۇنيانى پۇلغا باغلاپ تۇرۇپ تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت بولىشى مومكىن.
ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تارىخىتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەلۇم توپنىڭ ئاھۇ زارى ،ئازابى بەدىلىگە بەزىلەرنىڭ مەنپەتى قۇرۇلىدىغان،بەزىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ گەجگىسىگە دەسسەشتىن،ھەتتا باشقىلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆز مەنپەتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنسانلار ئوتتورسىدىكى بۇ توقونوش دۇنيانىڭ بىزگەكۆرۈنمىگەن بۇ قارا ،سىرلىق يۈزىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن.
ئەمەلىيەتتە پۇل ئۇرىشى دىگەن بۇ كىتاب ياۋروپا ۋە ئامرىكا شۇنداقلا دۇنيا سىياسى ۋە ئىقتىسادى تارىخنىڭ قىسقىچە كارتىنىسىدۇر .
مەن پۇل ئۇرىشى ،ئا.جالالىدىن تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ھايۋانلار قوروقى ۋە باشقا كىتابلىرى،مەدەنيەتلەر توقونىشى،چوڭ شاھمات تاختىسى،زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىنىڭ ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە دىگەن بۇ كىتابلارنى ئامال بار ھەر بىرەيلەننىڭ چوقوم بىر قىتىم ئوقوپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ئەگەر كىنو كۆرىدىغانلار ۋە كۆرىۋاتقانلار بولسا بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىنى كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.بولمىسا كىنو كۆرمەي كىتاب ئوقوغىنىڭلار ئەڭ ياخشىدۇ.
ماسۇن تەشكىلاتى،يالتا كىلىشىمى،دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىكى نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلەر،پەردە ئارقىسىدا ئورونلاشتۇرۇلغان ھازىرقى رىئاللىق، ئاھۇ -زار،پەريات-نادامەت قاپلىغان پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى،بۈگۈنكى بۆلىۋىتىلگەن تۈرك دۇنياسى ۋە ھەممىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بىزلەر بىلمىگەن ياكى بىزلەردىن مەخپىي تۇتۇلغان سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقى دەل بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيۋاتقان شۇ رىئاللىقنى كۆزگىنىمىزدە ئاندىن بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولوشقا،نۇرغۇن سىرلار يىشىلىشكە باشلايدۇ .
بەلكىم سىز بۇلارنى قۇرۇق گەپ دەپ ئويلىشىڭىز مومكىن.بولوپمۇ ئارىمىزدىكى ساددا مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىز ھەر بىر ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ،ھەر ئىشنى ئاللا ئۆزى ئورونلاشتۇرىىدۇ دەپلا قويوپ بۇ ئىشلارغا ئىشىنىپ كەتمەسلىكى، ئىرەن قىلىپ كەتمەسلىكى،مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش پىسخىكىسى ئۈستۈن كىلىپ كىتىشى مومكىن.چۈنكى بىز مەسىلىگە مۇشۇ بويىچە قاراشقا ،مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈلدۇق ۋە كۆپىنچە ھەركەتلىرىمىز شۇ بويىچە بولىۋاتىدۇ...
قارا قوللارنى،زالىملارنى،ئۇلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىنى تونويدىغان كۆزلەر قانچە ئاز بولسا ،نۇرغۇن مەسىللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش پىسخىكىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان ئىنسانلار،بولوپمۇ ناماز بىلەن مەسچىت،قورساق بىلەن قۇرئاندىن باشقىغا نەزىرىنى ئاغدۇرمايدىغان ئىنسانلار قانچە كۆپ بولسا، ئۇلار بىلەن مۇجادىلە قىلدىغان كىشىلەر قانچە ئاز بولسا ئىنىقكى شۇ قارا قوللار ياكى شۇ زالىم كۈچلەر غەلبە قىلىدۇ ھەم شۇلارمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ،ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ.ئۇلارنىڭ كۈتكىنىمۇ شۇدۇر.ئۇلارنىڭ غەلبىسى كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ مەغلۇبىيتىدۇر.مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ ئىگىمىز ئۈچۈن مەسچىت بىلەن جاينىماز،قۇرئان بىلەن ھەدىس ۋەقورساقتىن باشقىغا نەزەر سالماسلىقتەك ھالىتى دەل شۇ دۇنيانىڭ يەنە بىريۈزىدىكىلەرنىڭ كۈتكىنىدۇر...
ئەتراپىمىزدىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىقنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلار، بىلىپ-بىلمەي شۇلار ياساپ بەرگەن يول بىلەن دىنىمىزنى تەشۋىق قىلىۋاتقان،دىنىمىزنى تەكىتلەۋاتقان ئەھۋاللار يوق ئەمەس،زالىمنىڭ يەنى دۈشمەننىڭ قەستەنلىك بىلەن ياساب بەرگەن يولدىن ماڭماق قىلتاققا چۈشمەكتۇر. ئۇلارنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقماق دەل شۇلارنىڭ مۇۋەپپىقىيتىدۇر...
قىلتاققا چۈشمەسلىك ئۈچۈن بولمىسۇن،شەخسى ھاياتىنى خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بولمىسۇن ياكى ئىگىمىزگە قايتىش ئۈچۈن بولمىسۇن مەيلى نىمە ئۈچۈن بولمىسۇن ھەممىسى ئۈچۈن كۆپلەپ ئوقوش كىرەكتۇر.
ئوقوش ئىگىمىز ئاللاھۇ سۈبھانە ۋەتائالانىڭ بىز ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن تۇنجى ۋە بىرىنجى بۇيرىقىدۇر.بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلماي تۇرۇپ باشقىلىرىدىن سۆز ئىچىشنىڭ ئۆزى قارغۇلۇق،بويونتاۋلىق،تۇزكورلوق ۋە ھاماقەتلىكتۇر ...
ئالدىنقى قىتىملىق تەۋسىيەلىك كىتابلار:
پۈتۈكنامە
./thread-22453-1-1.html
ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى
./thread-22441-1-1.html
ھايۋانلار قوروقى
./thread-19775-1-1.html
ئىنشائاللا كىيىنكى پىلاندا باي دادام نامرات دادام،دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى، ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە دىگەن كىتابلار .
|