- تىزىملاتقان
- 2012-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3281
- نادىر
- 5
- يازما
- 71
ئۆسۈش
42.7%
|
8
ئاتا – ئانا بالىنىڭ تەجرىبە پۇرسىتىنى تارتىۋالسا بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزىگە قىغۇزغان ياخشى.
ئادەتتە تۇنجى بالىغا قارىغاندا ئىككىنچى بالىنىڭ تەربىيەلىنىشى ياخشى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. تۇنجى بالا ئاتا – ئانىنىڭ ئەتىۋرالاپ بېقىشىغا مۇيەسسەر بولالايدۇ، ئەمما ئىككىنچىسىدىن باشلاپ ئاتا – ئانا بالا تەربىيەسىگە مۇئەييەن مۇئەييەن دەرىجىدە كۆنۈپ بولغاچقا، بالىنىڭ ھەر بىر ئىشى ئۈچۈن ئارتۇقچە شاپاشلاپ كەتمەيدىغان ۋە ئىنچىكىلەپ كەتمەيدىغان، پەرۋازسىز بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە پەرۋاسىزلىقنىڭ تەسىرى ياخشى بولمىغىنى بىلەن، ئايرىم بالىلارغا نىسبەتەن بەكلا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ھەر دائىم بالا ئۈچۈنلا شاپاشلاش بىزارلىقنى پەيدا قىلىدۇ. مەن كىچىك ۋاقتىمدا تەلەپچان دادامغا قارشى ھالدا، ئانام تەرىپىدىن ئارتۇقچە ئاسىراش تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلغانمەن. مەن تۇنجى بالا بولغاچقا ماڭا بەكلا كۆپ ئىمتىيازلار بېرىلگەنىدى. ماڭا ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەرنىمۇ سېتىۋېلىشقىمۇ ئاپام باراتتى، تاپشۇرۇقلىرىمغىمۇ ئاپام ئىمزا قوياتتى، نېمىلا ئىش بولسا ئاپام ۋاكالىتەن قىلىپ بېرەتتى. ئەتىۋارلىنىش ۋە ئاسرىلىش ھەقىقەتەن مېنى خۇشال قىلاتتى، ئەمما ئازابلانغان ۋە قايغۇرغانلىرىممۇ ھېلى ھەم ئېسىمدە.
ئۆز ئىشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قىلىنىشى ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ. "ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش" مۇھىتى "ئۆز كۈچىگە تايىنىش پىسىخىكىسى" ۋە "جەڭ ئېلان قىلىش روھى" نى يېتىلدۈرىدۇ. ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشنىڭ ھوزۇرىنى بىلگەندە بالا ئۆز كۈچىگە تايىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. "ئۆز كۈچىگە تايىنىش" دېگەن بىرىكمە ئەمەلىيەتتە "ئۆز" ، "كۈچ"، "تايىنىش" دېگەندىن ئىبارەت ئۈچ باش مەنىلىك بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بالىنى ئارتۇقچە ئاسرىغۇچىلار "ئۆز كۈچىگە تايىنىش" دېگەن بىرىكمى خاتا ھالدا "باشقا" ، "ئادەم" ، "تايىنىش" دېگەندىن ئىبارەت باش مەنىلىك بۆلەكلەرگە ئايرىيدۇ ۋە ئۇنى "باشقا ئادەمنىڭ كۈچىگە تايىنىش" دېگەن بىرىكمىگە ئۆزگەرتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئۆز كۈچىگە تايانمايدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ.
ماڭا كەلسەك، بىر چاغلاردا ئاپامنىڭ قولىدىن ئاجراپ، ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم قلىدىغان بولدۇم. باشقىلار قىلىپ بەرگەن ئىشلارنى ئۆزەم قىلىپ كۆرۈپ، بۇنداق قىلىشنىڭ قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدىم.
ئادەمدە ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغان جاسارەت بولىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، مەغلۇبىيەتمۇ كۆپ بولىدۇ، ئەمما بۇنى پۈتۈنلەي زىيانلىق دېگىلى بولمايدۇ.
|
|