- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1844
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
84.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا obzorqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-18 01:52
satuk يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 19:28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ئاللا قولىڭىزغا دەرىت ب ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم satuk ، بىلىمخۇمار ئەپەندى ئىلاۋە قىلغان : « ... ئۆزىنىڭ دىنىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ئەڭ ئۇچىغا چىققان كەمسىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقىلاردىن ئېتىقادىنى ئۆزىنىڭكىگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش ئادالەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. ھەممە ئادەملەر ئوخشاش خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، پەقەت ئېتىقاد قىلىشنىڭ شەكلىلا بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ. بىر دىننىڭ يەنە بىر دىندىن ئۇلۇغراق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ ئاللاھسى خرىستىيانلارنىڭ خۇداسى ۋە بۇددا دىنىدىكىلەرنىڭ ئىشۋارا (Ishvara) سى بىلەن ئوخشاش. بىزنىڭ دىندىن پەقەت بىرسىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئېھتىياجىمىز يوق، بەلكى، بارلىق دىنلارغا ئوخشاش دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار. » بۇ سۆزلەر ھىندىستانلىقلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق داھىسى گەندىنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن بولۇپ ، ئۇ ئىمانسىز بولغاچقا ، پەقەت ئۆزىچە « قالتىس » ئەقلىيە سۆزى سۆزلەپ ، پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئىناق ۋە باراۋەرلىكىنى تەكىتلىگەن ، خالاس . دىن ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئالساق ، ئۇ ئىمانسىز بولغاچقا ئەشۇنداق ھاماقەتلەرچە سۆزلەيدۇ ، ئەلۋەتتە . ئۇنىڭ گەپلىرىدىن سىز دېگەندەك : بىز مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھاقارەت - مەنىسى چىقمايدۇ . بىلىمخۇمارنىڭ بۇنى نەقىل كەلتۇرىشىمۇ خاتا ئەمەمەس . چۈنكى بىز بۇ قۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئىلمى مۇنازىرە ئارقىلىق توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىمىز ، ئىيمانسىزلارنىڭ بولسا ھايۋان كەبى ھاماقەتلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز - دە ، ئىمانىمىز ۋە غورۇرىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ .
گەندىنىڭ : « ئۆزىنىڭ دىنىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ئەڭ ئۇچىغا چىققان كەمسىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقىلاردىن ئېتىقادىنى ئۆزىنىڭكىگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش ئادالەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. » - دېگەنلىرى ئورۇنلۇق . چۈنكى بىز مۇسۇلمانلارمۇ باشقىلارنىڭ دىنىنى كەمسىتسەك ، تىللىساق قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈمىگە خىلاپلىق قىلغان بولىمىز . ئىسلام دىنىدا تەبلىغ قىلىپ ، دەۋەت قىلىش بار ، لېكىن زورلاش يوق .
لېكىن دەۋرىمىزدە ۋەھھابى مۇسۇلمانلار پەيدا بولۇپ ھەنەفى مۇسۇلمانلارنى تەييارتاپ ، ھارام يىدى ، بىدئەتچى ، مۇشرىك ... - دەپ ، ئۇلارنى ھاقارەتلەپ ئۇلارنىڭ ئىمان - ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىپ ، ئۇلارنى دوزاققا ھۆكۈم قىلىۋاتىدۇ .
مانا بۇ نۇقتا سىز تېما ئىگىسىگە : « نەئۇزۇبىللا ئاللا گۇناھلىرمىزنى مەغفىرەت قىلغىن . بۇ قۇرلارنى يىزىشقا قولىڭىز قانداقمۇ باردى سىز بۇ گەپنى سەل چاغلىماڭ ئەگەر بىز بۇ كوز قاراشنى توغرا دەپ قارىساق ئاللاھقا چوڭ توھمەت ۋە ھورمەتسىزلىك قىلغان بولىمىز ۋاختى كەلگەندە بۇ گۇناھنى بىر ئومۇر ياخشى ئەمەل قىلىپ يۇيۇپ بولالمايمىز . » - دېگەنلىرىڭىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر گۇناھ . شۇڭا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ۋەھھابىزىمدىن ئىبارەت بۇ پىتنىخور ۋابا كېسىلى قۇرۇپ كەتسۇن ، ئىلاھىم . اللەقا ئامانەت .
|
|