ئېينىشتېين نېمە ئۈچۈن تىنىچ ئالەمدىن كېڭىيىۋاتقان ئالەمگە ئۆزگەرگەن؟
تاشپولات روزى
ئېينىشتېين 1931-يىلىغىچە ئالەمنى تىنىچ يەنى ئۆزگەرمەس دەپ قاراپ كەلگەن. كوچا رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېينىشتېيننىڭ ئالەم تۇراقلىق دېگەن ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتكەن كىشى ئامېرىكالىق ئاسترونومىيە ئالىمى Edwin Hubble بولۇپ، ئۇ ئېينىشتېينگە ناھايىتى چوڭ تېلېسكوپ ئارقىلىق ئالەمنىڭ يىراق يېرىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن (Galaxy) بىزگە كېلىدىغان نۇرنىڭ قىزىل نۇر ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەپ كۆرسەتكەنلىكى سەۋەب بولغان دەپ قارىلىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە ئېينىشتېين ئالەمگە بولغان ھەرخىل ئۆزگىرىشچان ئويلىرىنى بەشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كېيىن بۇ ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ دېگەن نەزەرىيە ئۇقۇمىغا يەتكەن. شۋېتسارىيەدىكى ETH Zurich ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى Harry Nussbaumer ياۋروپا فىزىكا ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئېينىشتېيننىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى شۇ ۋاقىتتىكى ناھايىتى داڭلىق ئاسترونومىيە ئالىملىرى ئىچىدىكى بىرقانچە كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى يېشىپ چىقىدۇ.
ئېينىشتېين 1917-يىلى ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئالەمگە قوللىنىپ، تەكشى تىنىچ ھالەتتە بوشلۇقنىڭ ئەگىرلىنىشى پەيدا بولىدۇ دېگەن يېڭى ئالەم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىراق بۇ چۈشەندۈرۈشىدە ناھايىتى كوپ مەسىلىلەر تۇغۇلىدۇ. ئەگەر ئېغىرلىق كۈچ بىردىن بىر كۈچ دەپ قارالسا، ئېينىشتېين پەرەز قىلغان ئالەم ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ. مۇشۇ مەسىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېينىشتېين ئالەم تۇراقلىق سانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ قىيىن مەسىلىگە تاقابىل تۇرىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ دېگەن شۇ ۋاقتىدىكى يېڭى پەرەزگە ئۇنۇڭ خېلى كوپ سەپداشلىرى قوللىغان بولسىمۇ، ئېينىشتېين ئۇنۇڭغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. مەسىلەن، 1922-يىلى رۇسىيەلىك فىزىكا ئالىم Alexander Friedman، ئېينىشتېين تەڭلىمىسىنى قوللىنىپ، ھەرىكەتچان دۇنيانى چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە، 1927-يىلى بېلگىيەنىڭ ئاسترونومىيە ئالىمى Georges Lemaitre، ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ ئالەمنى تەكشۈرگەن نەتىجىلىرىنى ھەم ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بىراق، ئېينىشتېين، يۇقىرىدىكى ئىسپاتلارغىمۇ قايىل بولماي، ئالەمنىڭ تىنىچ تۇراقلىق ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرىدۇ.
بىراق، 1931-يىلى 4-ئايدا، ئېينىشتېين، ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ دېگەن پەرىزىنى، Prussian ئىلىم-پەن جەمئىيىتىگە ئەۋەتكەن خېتىدە بىرىنچى بولۇپ ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، 1932-يىلى، ئېينىشتېين نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى Willem de Sitter بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە كەڭ قوللىنىپ كەلگەن يېڭى ئالەم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنۇڭ بىلەن ئېينىشتېين ئالەم تۇراقلىق سانىدىن ۋاز كېچىدۇ.
يەنىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.
http://phys.org/news/2014-02-ein ... tatic-universe.htm
|