قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 9

مەخەت ئابدۇرېھىم؛ تاۋۇشلاردىن تارقىلارتاتلىق-تاڭسىق تەركىپلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 04:55:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
    تاۋۇشلاردىن تارقىلارتاتلىق-تاڭسىق


تەركىپلار


(سۆزئوينى)


تاۋۇشلاردىن تارقىلار تاتلىق-تاڭسىق تەركىپلەر،
تونۇشتۇرار  تاۋۇشنى  تۆۋەندىكى  تەرتىپلەر.


        ئا.        ئانىلارنىڭ  ئاۋازى،ئالەم- ئارا ئايلىنار،
                  ئادالەتلىك ئارزۇسى ئاڭلىق ئاڭغا ئاڭلىنار.


        ب       بەخىت-بايلىق بۇلىقى باغرىمىزدا بالىلار،
                 بىلىم بىرەر بۇلدۇقلاپ بالىلارغا باغچىلار.


        س     ساۋاتسىزنىڭ سىماسى سۇغا سىزغان سايىدەك،
               سايدىن-سايغا سۆرىلەر ساسلىقتىكى سالمىدەك.


        د       دادۈيدىكى دېھقانلار دانالارنى دورايدۇ،
                دادۈيجاڭلار داۋاملىق دېھقانلارنى داڭلايدۇ.


       ئى      ئىشلىگەنگە ئىشەنمەس ئىنەكلەرنىڭ ئىنىسى،
                ئىش ئىزىنى ئىزدەيدۇ ئىشچانلارنىڭ ئىگىسى.


       پ       پارىخورلار پوملايدۇ پۇقرالارنىڭ پۇلىنى،
               پەسەيمىسە پەسكەشلىك پارتىلايدۇ پوكىنى.


       گ     گىپى گۈلدەك گۈزەللەر گاچىلارنى گوزلايدۇ،
              گەپتە گاداي گالۋاڭلار گومۇشلارنى گوللايدۇ.


       ك    كۆرۈنمەيدۇ كۈندۈزدە كىتەكلەرگە كۆنگەنلەر،
            كۆزى كۆرمەس كەڭلىكنى،كۆڭلى كۈلدە كۆيگەنلەر.


      ن       نادىر  ناننى  ناۋايلار نەخلىمىسە  ناۋادا،
              نۇرغۇنلىغان نامەرتلەر نايناقلىشار نىكاھدا.


     غ         غېرىپلارغا غەمگۇزار غالىپلارنىڭ غەلبىسى،
               غىدىقلايدۇ غەزەپنى غالچىلارنىڭ غەلۋىسى.


     م       ماشىنىلار مەيداندا ماي،موتورسىز ماڭمايدۇ،
             مەكتەپتىكى مايسىلار مۇئەللىمنى ماختايدۇ.


     ت      تاشنى توغراپ تانىدا،تەتۈر تولغاپ تاڭغانلار،
            تەپەككۇرنى تەھرىرلەپ،تەتۈرلىكتىن توختاڭلار.


     ش     شىلدىرلاتماس شاخلارنى شەپىسىز شوخ شاماللار،
             شاپتۇل شۇنداق شىرنىلىك شاللىنىدۇ شاكاللار.


      ق     قاسىم قاسساپ قوندۇرماس،قوي-قوتازنى قوتاندا،
             قاراملىشار  قولىغا  قىزىل  قەغەز  قونغاندا.


      ج     جامائەتنى جىڭلايدۇ جا جۈيجاڭنىڭ جوزىسى،
             جۇغلانمىنى جۆندەيدۇ جا جاڭزىلىق جۆرىسى.


       ل     لايدەك لۆمشۈپ لىغىلداپ لايىقلىشار لالمىلار،
              لىۋى لەيلى لالىدەك، لەۋزى لاۋزا- لازىلار.


      ئو     ئوبدان ئويلاپ ئويغانسا ئوما ئورار ئوغوللار،
              ئورماندىكى ئوغلاقتەك ئوموملىشار ئويونلار.


      چ     چىكىملىكنى چەككەنلەر چاشقانلاردەك چامدايدۇ،
              چارچىغاندا چىرايى چىۋىلەردىن چانمايدۇ.


     ئە      ئەۋلاتلارغا ئەڭگۈشتەر ئەجدادىمىز ئەينەكتە،
             ئەقىللىقلار ئەسلەيدۇ ئەتتىگەندە ئەمگەكتە.



      ھ     ھۆرلۈك ھوقوق ھىدايەت ھىسياتلارنىڭ ھەۋىسى،
            ھەقىقەتكە ھىسداشتۇر ھەرىپلەرنىڭ ھەممىسى.


     ي     يىنى يۆتكەپ يۈز يەردە يۇمۇر يازدىم يىڭنىدەك،

             يامانلارنى يىغلىتار ياخشىلارغا يار-يۆلەك.


      خ     خەۋەرلەندى خالايىق خاسىيەتلىك خەتلەردىن،
            خۇلاسىمىز خالىدۇر،خوش-خاپىلىق خەپلەردىن.


                                                       مەخەت ئابدۇرېھىم

1

تېما

0

دوست

1698

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 12:56:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىر يېڭى ئۇسلۇبتىكى سۆز ئويىنىكەن، ياخشى چىقىپتۇ، رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

6

دوست

2950

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21988
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 914
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 13:07:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم، تەشەككۈر!

‹‹ڭ›› ھەرىپىگە سۆز ئۇيۇنى تۈزەلەيدىغان ئادەممۇ بارمىدۇ؟

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26641
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 13:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا......

0

تېما

0

دوست

3278

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 952
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 13:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ .

4

تېما

3

دوست

6275

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1595
توردىكى ۋاقتى: 395
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 16:29:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ، شۇ 32ھەرپنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىشلتىپ تۈزۈپ باقسا قانداق بولارھە؟

0

تېما

0

دوست

766

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9641
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 219
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 00:08:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KOBEjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 13:07
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم، تەشەككۈر!

‹‹ڭ›› ھەرىپىگە س ...

مانا مەن تۈزىمەن (ڭىھ ڭىھ ڭىھ )

0

تېما

0

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25312
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 12:27:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەت مۇئەللىم يارايدۇ...بۇ بىر بوشلۇق تولۇپتۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )