- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14690
- نادىر
- 19
- يازما
- 599
ئۆسۈش
11.73%
|
مەن بۇ يەردە قېرىنداشلارغا كۆڭۈل سۆزۈمنى يەنە ئازراق دەۋالاي.
مېنىڭ يازمىلىرىمغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىكى ماڭا بېرىلگەن باھالارغا مەن ئاساسەن لايىق ئەمەس. ئەمما، مەن ھەر بىر ئىنكاسقا ئايرىم-ئايرىم جاۋاب قايتۇرۇپ، «ماڭا بەرگەن بۇ باھارىڭىز ئارتۇق كېتىپتۇ»، دېيەلمىدىم. سەۋەبى مەن ئۇنداق قىلغىلى تۇرسام، مېنىڭ پۈتۈن ۋاقتىم شۇنىڭغىلا كېتىپ، ماقالە يېزىشنى داۋاملاشتۇرالماي قالىمەن. بىر ئادەم مېنى «ئالىم» دېسە مەن ئالىم بولۇپ قالمايمەن. بىر ئادەم مېنى «ئوغرى» دېسە مەن ئوغرى بولۇپ قالمايمەن. بىر قىسىم قېرىنداشلار مەن يازغان ماقالىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، بەزىدە مېنى ماختايدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئىنكاس يېزىۋاتىدۇ. بۇ يەردە بەزىلەر ماڭا نېمە دەپ باھا بېرىپتۇ، ماقالىنى نېمە دەپ ئاتاپتۇ، ئۇلار مۇھىم ئەمەس. پەقەت ماقالىنىڭ مەزمۇنىلا مۇھىم. تورغا چىقىرىلغان بىر ماقالىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاپتورىغا باھا بېرىشنىڭ، ھەمدە ئۇ ماقالىنىڭ خاراكتېرى ياكى كاتېگورىيىسىگە باھا بېرىشنىڭ زادىلا ھاجىتى يوق. بولسا ھەممىمىز بىر ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن «ماۋۇ قىلغىنىم ئاقىلانە ئىشمۇ، ياكى ھاماقەتلىكمۇ؟»، دەپ، ئۆز-ئۆزىمىزدىن بىر قېتىم سوراپ باقساق. ئۆزىمىزنى پات-پات ياپونلارغا سېلىشتۇرۇپ تۇرساق. شۇ ئارقىلىق ھاماقەتلىكتىن ساقلىنىپ، زېھنىمىزمى ھەقىقىي مۇھىم ئىشلارغىلا ئىشلەتسەك.
بۇ يەردە مەن سىلەرگە بىر بولۇپ ئۆتكەن ئىشنى سۆزلەپ بېرەي: مەن 2003-يىلى بىر يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىگە ئىشقا كىرگەندە، شىركەت باشلىقلىرى مەندىن «سەن بىزدىن ئۆزەڭگە قايسى خىزمەت سالاھىيىتى (جوب تىتلە) بېرىشنى ئىستەيسەن، مەسىلەن، ئالىي دەرىجىلىك ئىنجېنېر، ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى ياكى ئالىم دېگەندەك سالاھىيەتلەرنىڭ قايسىسىنى ياخشى كۆرىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇلارغا «مەن سالاھىيەتنى مائاشقا تېگىشسەم بولامدۇ؟ مەسىلەن، سىلەر ماڭا ھېچ قانداق سالاھىيەت بەرمەڭلار، ئۇنىڭ ئورنىغا يىللىق مائاشىمنى 10 مىڭ دوللار ئۆستۈرۈپ بەرسەڭلار بولامدۇ؟» دېدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. قاراڭ، سىزنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىشىڭىزنىڭ ئاساسەن ھېچ بىر قىممىتى يوق. شۇڭا سىزنى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نېمە دەپ ئاتىشىغا ئۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئۆزىڭىز ھەممىدىن ئوبدان بىلىسىز. ناسا دا ئىنجەنەرلارنى 4 دەرىجىگە بۆلۈدىغان بولۇپ، مەن 3-4 يىلنىڭ ئالدىدا 4-دەرىجىگە ئۆسۈپ بولغان. مەن ئۈچۈن نوپۇزلۇق ياكى رەسمىي باھا ياكى نام ئەنە شۇ.
مەن قېرىنداشلاردىن ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن زېھنىنى ئۇپرۇتۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
رەھمەت!
|
|