«مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاجىزلىشىشىنىڭ سەۋەپلىرىنى »ئوقۇغاندىن كىيىن
بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ماقالىسى توغرىلىق گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى (ئەمەلىيەتتە مىنىڭ گەپ قىلغۇدەك سالاھىيىتىممۇ يوق )مەن ئاكىمىزغا بولغان قايىللىقىمنى ۋە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرمەكچىمەن .
نىمىگە قايىل بولدۇڭ دەمسىز ؟ مەن ئاكىمىزدىكى ئۈممەت، مىللەت دەپ ئۆرتىنىۋاتقان ئىزدىنىۋاتقان شۇ قەلىبكە ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك شۇ خىل ئالىيجاناپ روھقا قايىلمەن .كۆز ئالدىمدىكى بۇ قۇرلارنىڭ ئارىسىدىن ئەنە شۇ خىل قەلىب شۇ خىل روھ ماڭا ئايان بولدى .مەن خەت ئۇقۇۋاتىمەنمۇ ياكى روھى ئالەمدە سەپەر قىلىۋاتىمەنمۇ دەپ پىچىرلىدىم ئۆز ئۆزۈمگە !
ئويلاپ قالدىم .ئەسلى ئاكىمىز قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئەمەلى نەتىجە ياشاۋاتقان رىئاللىقنىڭ ئارقىسىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىدىن قېلىشمايدىغان ئىدىيە زاپىسى ۋە يۈكسەك بىر روھى ئالەم بار ئىكەن ئەمەسمۇ !؟يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى بىزلەرگە نىسبەتەن غايىبانە ماكان ھىساپلانغان يىراق قىتئە، ئۇ يەرلەردىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز سۈرئەتتىكى تۇرمۇش رىتىمى ،تىما ئىگىسى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ ،ئۈزلۈكسىز يوللىنىۋاتقان زەنجىرسىمان ماقالە.تىمىغا چۈشكەن تېتىقسىز باھا.......... بۇ نىمىلەردىن دىرەك بىرەر ؟؟؟
تىما ئىگىسىنى بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە ،بۇ تىمىلارنى يېزىشقا ئۈندەۋاتقان ئامىل زادى نىمىدۇ ؟ئەجىبا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە خاس تۇرمۇشىنىى ياشىسا بولمامدۇ ھە؟!ئەجىبا ئۇ بىزگە ھەر دائىم ناسا توغرىلىق پاراڭ سېلىپ بېرىپ ئۆزىنى مۇتلەق رىياسەتچىگە ئايلاندۇرۇپ تۆردە ئولتۇرسا بولمامتى ؟ئۇ ۋاقىتتا ھېچكىم ئۇنىڭغا قۇشۇق سالالمايتتىغۇ ؟
ئويلاپ باقايلى .....ئەگەر شۇ ئورۇن شۇ شارائىتتا بىز بولغان بولساق بىز بۇ ئشلارنى قىلىلامدۇق يوق؟مەيلى چەتئەللەردە ياكى دىياردا بولمىسۇن ئالىملار ئاز ئەمەس ئەمما بىزگە ئۆزىنى كىملەرنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى ،باقى ئالەمدە ئىلىمنى ئاتا قىلغۇچى مەرھەمەتلىك زاتنىڭ ئالدىدا شۇ ئىلىملەرنىڭ ھىسابىنى بىرىدىغانلىقىنى ئىسىدىن چىقارماي بىزلەردەك ئىلىم تەشنالىرىغا تەلىم بىرىۋاتقانلا ساناقلىقلا كىشىلەرغۇ؟!ئىسىمىزدە بولسۇن بىر كىم تىما ئىگىسىگە ئەسەر ھەققى بەرمەيدۇ!(ئەمما ئۇلۇغ ئاللاغ ئەجرىنى كەم قىلمايدۇ ئىنشائەللاھ ) مۇشۇ تىمىنى يېزىش ئۈچۈن ئاپتۇر قانچىلىك ئىزدەنگەندۇ ؟!ئەقەللىسى مۇشۇ ماقالىنى ئۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كومپىيوتىر ئالدىدا قانچىلىك ۋاقىت مۈكچىيىپ ئولتۇرغاندۇ؟
ۋا دەرىخا .....نىمىدىگەن نادان بىز ھە؟!ئالىمنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلىمەي ،بىزنى تاشلاپ كەتكەندىن كىيىن ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەي توۋلاپ يۈرۈش ئۇدۇممۇ بىزگە؟!ھالبۇكى ئۇيغۇر ئەسلى ئۇنداق ئەمەس ئىدى .ئسلام بىزگە ئىلىم ئەھلىنىڭ مەيلى دۇنيادا بولسۇن مەيلى ئاخىرەتتە بولسۇن نەقەدەر ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەنلىنى شۇ قەدەر بىلدۈرگەن ئىدىكى بىر يۇرتتا ياشاپ ئۆتكەن ئالىمنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىقىش شۇ يۇرت ئەھلىگە ۋاجىپ ئىدى.شۇ ئارقىلىق كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۇلارنىڭ ئىزىدا ماڭاتتى .مىنىڭ دەيدىغىنىم ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز پەرزەنتلىرىگە ھازىردىن باشلاپ شۇنداق تەلىم بەرسۇنكى: ئامىرىكا ناسا ئالەم قاتناش ئىدارىسىدا (ئەركىن)(سىددىق)ئىسىملىك مۇسۇلمان بىر ئۇيغۇر ئالىمى بار .
ئەمدى ماقالە توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلەپ ئۆتەي....
(تەرەققىي قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى، ئۆز ئىمانى بىلەن ئۆز ئېتىقاتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىلىم ئىگىلەش. بۇ ئىشنى مۇسۇلمانلار بۇرۇن قىلالىغان. ھازىرمۇ قىلالايدۇ. بۇ يەردىكى گەپ سىز ئاشۇنداق قىلىشنى خالامسىز ياكى خالىمامسىز، دېگەندىن ئىبارەت)ئاپتۇر ئۆزى سۆزلەپ ئۆتۈپتۇ مانا بۇ ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى.بۇ ئۇشبۇ ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى بۇلۇپلا قالماستىن جامالىدىن ئاپغانى ،مۇھەممەد ئابدۇ ،رەشىد رىزا ،مۇھەممەد قۇتۇپ ،مۇھەممەد ئىمارە ،مۇھەممەد غەززالى ،راشىد غەرنۇسى ،راغىپ سىرجانى يۈسۈپ قەرزاۋى ، ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ ،ئابدۇلمەجىد زىندانى قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچى ئالىملارنىڭ ئورتاق ئىدىيەسىدۇر.
بۈگۈنكى كۈنلەردە بىزلەرگە يات تۇيۇلۇۋاتقان بۇ ئىدىيەلەر ئەسلى بۇنىڭدىن يۈز يىل مۇقەددەم دىيارىمىز بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ بولغان .يەنى ئۆز ۋاقتىدىكى مەمتېلى ئەپەندىم ،ئابدۇقادىر داموللاملار باشلىغان جەدىدىزىمنىڭ (يېڭى مائارىپ ھەركىتى )ئاساسلىق ئىدىيەسى ھەم شۇ بۇلۇپ بۇ ئىككى ئالىم دەل مۇشۇ ئىدىيەسى تۈپەيلى يېقىتىلغان ئىدى (مەن بۇ يەردە جەدىدىزىمنىڭ باشلانغان ۋاقتىنى دىمىدىم ).مەشھۇر مۇپەسسىر ئالىم مۇھەممەد زىرىپ قاراجىم 1927-يىلى يازغان ئەممە پارىسىنىڭ تەپسىرىنىڭ خاتىمىسىدە ئۇچۇق ئاشكارا قىلىپ ئسلام ئۈممىتى ئەقىدە بىلەن ئىلىم پەنگە ئورتاق ئەھمىيەت بەرگەندە ئاندىن ھەقىقى گۈللىنەلەيدۇ دەپ ئېيتقان (بۇ ئەسلى تىكىستى ئەمەس ،ئىسىمدە قېلىشىچە يازدىم ،مەنبەگە قارالسۇن ). قۇرئان ئۇقۇپ باققان كىشىلەر ھېس قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن .قۇرئاندا ئىلىمگە ئەقىلگە قانچىلىك ئۇرۇن بەرگەن ؟!قۇرئان كەرىم كائىنات ،تەبىئەت، ئنسان جىسمى ھەققىدىكى دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ ئىلىم پەننىڭ مۇتلەق ئسلامغا يىتەكلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە مۇسۇلمانلاردىن كائىناتقا تەبىئەتكە نەزەر سېلىشنى تەلەپ قىلغان .(بەزىبىر دىننى ئىلىم پەن بىلەن ئۆز ئارا زىت دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان كىشىلەر دىن سورايمىزكى سىز قۇرئان ئۇقۇپ باققانمۇ يوق ؟؟؟؟)دىمەك يول ئاللىقاچان سىزىلىپ بولدى ،ئەمدىكى مەسىلە بۇ يولدا ماڭامدۇق يوق ؟قانداق ماڭىمىز؟؟؟
1-ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇش2-ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش
خوش ئۇنداقتا ئەقىدىدە قانداق چىڭ تۇرۇمىز؟ئەقىدىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىزلەرگە نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەنمۇ ۋەزنى ئېغىر سۇئال بۇلۇشى ،ۋە ياكى كۆنۈپ كەتكەن ئادىتىمىز بۇيىچە بۇنداق سۇئاللارغا قىلچىلىك پەرۋا قىلىپ قالماسلىقىمىز مۇمكىن .
ئەقىدە ئۆگەنمىسىمۇ بۇلىدىغان ئاددى ساۋاتمۇ ؟ۋە ياكى ئۆگىنىپ قويسىلا بۇلىدىغان دەرسلىكمۇ؟
ياق ياق ...ئەقىدە دىمەك ھايات پىروگراممىسى ،ھايات خەرىتىسى دىمەك .ئەقىدە دىمەك غايە نىشان دىمەك ،ئەقىدە دىمەك ئاللاھقىلا ئىتائەت قىلىش ،ئۆزىنى ئاللاھقا بېغىشلاش دىمەك ،ئەقىدە دىمەك ھاياتنى قىزغىن سۆيۈش ،ئىنسانىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قۇشۇش دىمەك .خۇلاسە كالام ئەقىدە دىمەك بارلىق قىممەتنى ئاللاھتىن تاپشۇرۇۋېلىپ ئاللاھ تەلەپ قىلغان ئىنسانى سۈپەتتە ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش دىمەك!!!
دىمەك بىز قۇرئان كەرىمگە مۇراجىئەت قىلىدىغان بولساق ئەقىدە ئۈچۈن مانا شۇنچە كۆپ مەنەلەرگە ئېرىشەلەيدىكەنمىز.
ھالبۇكى بىز بۇلارنى قانچىلىك ئۆگەندۇق ؟بۇلارغا قانچىلىك ئەمەل قىلدۇق ؟ قىسقىسى قانچىلىك چۈشەندۇق؟بىز ئەقىدىگە قورسىقىمىزغا ،خىزمىتىمىزگە ،مۇئاشىمىزغا،چىرايىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەنچىلىك كۆڭۈل بۆلدۈكمۇ؟ ۋە ياكى ئاللىقانداق سەۋەپلەر تۈپەيلى ئەقىدىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتىقمۇ ؟!ئەقىدىنىڭ نۇرغۇن ئاساسلىرى ،نۇرغۇن تۈرلىرى نۇرغۇن شەرتلىرى بار ئىدى ،ساقلىنىدىغان نۇرغۇن ئشلار بار ئىدىكى دىققەت قىلمىساق ئۇ ئىشلار بىزنى ئەقىدىدىن چىقىراتتى ،ھالبۇكى بىز نادانلىقتىن ھەممىنى قىلىۋاتىمىزيۇ يەنە ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دىيىشتىن ئۇيالمايمىز .ھەممىنى بىلمىسەكمۇ ئەڭ زۆرۈر ئەقىدىۋى بىلىملەرنى بىلىش ھەر بىرىمىزنىڭ پەرز بۇرچى ئىدى ئېچىنارلىقى شۇكى كۈندىلىك پەرز بولغان بەش ۋاق نامازنى قانداق ئۇقۇشنى بىلمەيۋاتىمىز ؟ يا رەببى........يەنە نىمىلەر باردۇ بۇ ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىدە ?!?
مانا مۇشۇ بىزنىڭ ئەقىدىگە ئېسىلغانلىقىمىزمۇ؟!؟!
تالاي تالاي كىرزىسلارنىڭ بېشى بولغان بۇ كىرزىس بىزنىڭ كۆڭۈك بۆلۈشىمىزگە ئەرزىمەمدۇ ؟ئۇ ھەر بىرىمىزدىن يىراق ئەمەس ھەر بىرىمىزگە ئالاقىسىزمۇ ئەمەس .چۈنكى ئۆلۈمدىن ئىبارەت مۇتلەق ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلماي ئامال يوقدە .شۇنىڭ ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ۋاقىت ئاجرىتالمىغان بولساق ئەمدى ئاجرىتايلى ،بىلمەي كەلگەن بولساق ئەمدى كۆزىمىزنى ئاچايلى ،ھەر كۈنى ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ قۇرئان كەرىم ئوقۇيلى قېنى قۇرئان بىزلەرگە نىمە دەپ خىتاپ قىلىدىكىن ،ئوقۇغاندىمۇ ئۆزىمىزنىڭ بىلەرمەنلىكىمىزنى تاشلاپ ئۆزىمىزنى ئىلىمگە ، ھىدايەتكە تەلپۈنىۋاتقان ئاجىز ئىنسان دەپ قاراپ ئەقلىمىز تەپەككۇرىمىز بىلەن ئوقۇيلى
بىزگە قانداق مۇسۇلمانلار كىرەك دىگەندە ھەم مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئۇقۇيدىغان ھەم مىھرىبان دادا ھەم كۈيۈمچان ئەر بۇلالايدىغان ھەم ئشخانىلاردا ئش بىجىرەلەيدىغان ھەم تەجرىبەخانىلاردا تەجرىبە ئېلىپ بارالايدىغان ھەم شىركەت ماڭدۇرالايدىغان مۇسۇلمان ئەرلەر ،ھەم رومال ئارتىدىغان ھەم سادىق ئايال ھەم مەسئۇلىيەتچان ئانا بۇلالايدىغان ھەم كىتاپ ئۇقۇيدىقان ھەم يازالايدىغان ھەم تەتقىقات ئېلىپ بارالايدىغان مۇسۇلمانلار ئاياللار كىرەك
مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار نىڭ قاتارىدىن ئاكىمىز سۆزلەپ ئۆتكەندىن باشقا يەنە ھۇقۇقنىڭ ئەھلى بولمىغان كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشى ،ئالىملارنىڭ ۋەزىپىنى تۇلۇق ئادا قىلماسلىقى ،يۇنان پەلسەپە لوگىكىلىرىنى ھەممىنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلىشى ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ،تەسەۋۋۇپنىڭ باش كۆتۈرۈشى ،ئىچكى نىزانىڭ تۈگىمەسلىكى ،قاتارلىقلار بۇلۇپ بۇ ھەقتە مۇتەپەككۇرلاردىن مۇھەممەت قۇتۇب ،يۈسۈپ قەرزاۋى ،مۇھەممەد غەززالى قاتارلىقلار ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ قەلەم تەۋرەتكەن .مۇمكىن بولسا بۇ ئالىملارغىمۇ مۇراجىئەت قىلىنسا
يەنە بىر يېڭى ماقالىڭىزنى كۆرۈشكە ئىنتىزارمىز ئاكا!ئىھتىمال سىلىگىمۇ ئايان بۇلۇشى مۇمكىن ،ئۆزلىرى بۇ تىما توغرىلىق ئىزدىنىپ قەلەم تەۋرىتىۋاتقان تۇنجى ئۇيغۇر ئالىم ،داۋاملىق يازغايلا ئاكا ئاللاھ قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن .قىلىۋاتقان ئەمگەكلىرىگە ئەڭ ئالى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن !دۇئالىرىدا بىزلەرنى ئەسلەپ قويسىلا ئاكا!
ئەسلى بەزىبىر ئنكاس يازغۇچىلار ھەققىدە گەپ قىلاي دىگەن .خەيىر ئاللاھ ئۇلارغىمۇ ئنساپ بەرسۇن
|