- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13761
- نادىر
- 2
- يازما
- 1360
ئۆسۈش
9.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-11 01:50
مۇبارەك بولسۇن ....
ئابىدە شىركىتى بىلەن باغداش تورىنىڭ ھەمكارلاشقىنى ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق،قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بوپتۇ.قۇتلۇق بولسۇن،ئاللاھ ئىگىمىز ھەر ئىككىلى تەرەپكە بەركەتنى زىيادە بەرسۇن...
بۇ ئىشنىڭ قىممەتلىك ،ئەھمىيەتلىك بولىشى شۇ يەردىكى ئابىدە شىركىتىنىڭ مەبلەغ باغداش تورىنىڭ تىخنىكا چىقىرىشىدەك بۇنداق يىڭى يۈزلىنىش خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دىگەندەك ئىش بوپتۇ.
ئابىدە شىركىتىمۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلان ۋە باشقا تەشۋىقاتىنى قىلالايدۇ ،قىلغاندىمۇ راۋۇرۇس پەچەن چىقالايدۇ.بۇ ئابىدە شىركىتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.ئۇندىن باشقا باغداش شىركىتىمۇ بۇ پۇرسەتتە ئۆزىنى تىخىمۇ ئوڭشاپ، تىخىمۇ تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ .چۈنكى شۇ بىر نەرسە ئايانكى تور بىكەتلىرىمىز خەلقىمىز ئۈچۈن ئىس تۈتەكسىز بوران چاپقۇن ئىچىدە خەلقىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان،خۇددى بىر ئالى مەكتەپكە ئوخشاش خەلقىمىزنى تەربىيلەۋاتقان بىلەن ئاساسەن ھىچبىر كىرىمى يوق دىيەرلىك .مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئالىدىغان ئوقوش پۇلىمۇ يوق.مەكتەپلەرگە ئوخشاش يۇقىرنىڭ بىرىدىغان قوشومچە مەبلىغىمۇ يوق .ھەممەيلەن پايدىلىنىمىز ئەمما بىر فۇڭ ھەق تاپشۇرمايمىز .بۇلارنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسى ،تۆكىۋاتقان مىھنەتسىز ئەجرى،خەلقىمىز ئۈچۈن ئىلىۋاتقان پىداكىرانە روھى ۋە قەدىمىنى ئويلىغىنىمىزدا ھەر بىرىمىزنىڭ يۈزى قىزارماي قالمايدۇ .چۈنكى قىزىل ۋە سىرىق چىراقلار ھەممىزگە ناتونوش ئەمەس .شۇ تور بەت قۇرغۇچىلارنىڭمۇ ئائىلىسى،قورسىقى باردە ...
تور بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ئىلگىركى سەركە توربەتلىرىمىزدىن سەلكىن،دىيارىم،شەبنەملەر ۋە ياكى ھازىرقى باغداش ،ئەلكۈيى ،مىسرانىم ،ئىزدىنىش ۋە باشقا بىكەتلەر بولمىسۇن ھەر بىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيتىگە كۆرسىتىۋاتقان ئىجابىي تەسىرى ھەقىقەتەن زور بولدى.باغداش تورىمۇ ھازىرقى تور بەتلەر ئىچىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگۈچە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىن ئايانكى باغداش تورىنىڭمۇ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى ئاجايىپ زور ۋە ئالاھىدە بولوپ كەلدى.بولوپمۇ بىز جەمىيتىمىزدە،كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئادالەتسىزلىك ياكى قانۇنسىزلىقلارغا نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئەمەس ھەتتا شۇنىڭ خاتالىقىنى ئويلاشقىمۇ پىتىنالماي ياشاپ كىلىۋاتقان شۇ دەملىرىمىزدە باغداش تورىدا ئىلان قىلىنغان شۇ بىر قاتار تىمىلار بىزنىڭ نىرۋىلىرىمىزنى غىدىقلاپ بىزنى ئويغىنىشقا،ئويلىنىشقا يىتەكلىدى.بىز ئىلگىرى بەزى يەرلىك ،ئاساسى قاتلام چىرك رەھبەرلەرنىڭ خەلىقنى قاقشىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ زورلوق زۇمبۇلۇقلىرىنى ۋە شۇ كىشىلەرنى پارتىيە ،ھۆكىمەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كۆرۈپ ،بۇ ئىشلارغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە قارىلىپ ،ھەتتا تىنىشقىمۇ پىتىنالمىغان دەملىرىمىزدە باغداشتىكى شۇ تىمىلارنى ئاۋايلاپ،بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاران كۆرۈشكە باشلىدوق.بىز كۆرگەنچە ئويغىنىشقا ۋە ئويلىنىشقا باشلىدۇق.تۇرمۇشىمىزدىكى،جەمىيتىمىزدىكى بەزى ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە پارتىيە ۋە ھۆكىمەت نامىدا پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ نامىنى بولغاپ قىلىۋاتقان قانۇنسىزلىقلىرى ئىكەنلىكىنى كۆردۇق.
نۇرغۇنلىغان پارخۇر ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا يەرلىك خاقان بولىۋالغان شۇ بىر توپلار قانۇنىمىزنىڭ تىگىشلىك جازاسىنى يىدى.پارتىيە ۋە ھۆكىمىتىمىزنىڭ سىياسەتلىرىنى بۇرمىلاپ ئىجرا قىلغۇچىلاردىن نۇرغۇنلىرى موللاق ئاتتى .ئەڭ موھىمى خەلقىمىز نىمىنىڭ ھەق نىمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى،قايسىنىڭ قانۇنىمىزغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى بىر بىرلەپ بىلىشكە تونوشقا باشلىدى.دىمەك خەلقىمىز ئارىسىدا بۈيۈك بىر ئويغىنىشنىڭ باشلىنىشى بولىۋاتىدۇ.بۇ جەريان باغداش تورىنى قۇرغۇچى ۋە خالىس ئەجىر قىلغۇچى شۇ مىھنەتكەش ،پىداكارلىرىمزنىڭ ئەجرىدىن ،ئىگىمىزنىڭ بۇنى نىسىپ قىلىشىدىن بولدى .لىكىن بۇلارغا، شۇ بۈيۈك قەدەملەرگە ھەمدەم بولوشنى ئىستىگەن روھ ۋە قەدەمنىڭ ئابىدە شىركىتىدىكى دوسلىرىمىزدىن ئىلىنغىنى بىزنى ھەقىقەتەن خەلقىمىزنىڭ ئابىدىسى دىگۈزمەي تۇرالمايدۇ.چۈنكى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەمتىلى ئەپەندى بولىشى ئۈچۈن مەھمۇت مۇھتى ئەپەندىمنىڭ ياردىمى ۋە رۇشەن كۆزى.داھىمىز ماۋزىدوڭنى ماۋزىدوڭ قىلغان يەردە قەدىردان جۇئىنلەي بولغانغا ئوخشاش ھەتتا پۇسۇ فىلىمىدە پولاتنى پولات قىلغان ئارسلان،مەماتى،ئابدۇلەي ،جاھىتقا ئوخشاش ئابىدە شىركىتىمۇ بۇ قىممەتلىك قەدەمنى باستى.ئىنشائاللا باغداش تىخىمۇ تەرەققى قىلىپ ۋە تىرىشىپ خەلقىمىزگە تىخىمۇ زور خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندىن سىرت ئۆزىنىڭمۇ ۋە ئابىدەنىڭمۇ بىر كىشىلىك نىسىۋىسىگە ئىرىشىشىنى ،ئىگىمىز ئاللاھنىڭ بۇلارنىڭ ئەجرىنى زىيادە بىرىشىنى،بەركەت بىرىشىنى تىلەيمەن.
بۇندىن كىيىن ئىچىملىك ئىچكىنىمدە چوقوم ئابىدەنى ئاۋۋال تاللاشقا ۋە دوسلىرىمغا تەۋسىيە قىلىشقا تىرىشىمەن.تىخىمۇ تەرەققى قىلىشىڭغا تەشنامەن ئەلنىڭ ئابىدىسى ئابىدەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە...
تىخىمۇ قەد كۆتىرىشىگە تەشنامەن باغداششششششششششششش...
باغداش ۋە ئابىدەنىڭ ئاتامانلىرىدىدەك ئەزىمەتلىرىمىزنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان شۇ قەدىردان ئاتا-ئانىلىرىمىزغا بارىكاللا ....
|
|