ئابىدە شىركىتى شىركەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان شىركەت خەۋىرى :
شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ باغداش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
ئەپ دېتالىنى ئىشلەش ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى.
تەرەققىيات ھەر ۋاقىت ھەمكارلىققا موھتاج ،ئەگەر مەلۇم بىر شەخس ياكى كوللىكتىپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدىكەن ئۇ ھالدا چوقۇم باشقا شەخس ياكى باشقا كوللىكىتپ بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك.چۈنكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشش بولغاندا ئاندىن قوللاش ۋە نەپ يەتكۈزۈش بولىدۇ.
2014 -يىلى3-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ باغداش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئۆز-ئارا ئىشەنگەن ئاساستا ھەمكارلىق ئورنىتىپ باغداش-ئابىدە ئەپ دېتالىنى ئىشلەش،مەبلەغ سېلىش توختامىنى ئىمزالىدى.
شنجاڭ ئابىدە بىيو پەن- تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى ئەپ دېتال ئىشلەشكە كېتىدىغان مەبلەغنىڭ تولۇق سېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ باغداش مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىمۇ چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا ئەپ دېتال ئىشلەش خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەر قانداق بىر خىزمەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى ۋە ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەت ئادەمنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ.
توختام ئىمزالانغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ قانۇنلۇق ھالەتتە مەركۇز ئەپ دېتالنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ بىر-بىرىنى قوللىغان ئاساستا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەمكالىقنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپ تەڭ مەسىلھەتىلىشىپ توختامغا تولۇق ئەمەل قىلغان ھالدا ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ھەققىدە سۆھبەتلەشتىى.
ئۆز-ئارا ياردەملىشىش ۋە دوستانە ھەمكارلىق بولغاندا مۇۋاپىقىيەت ۋە تەرەققىيات يولى مەڭگۈ قىستاڭچىلىق ئەمەس.پەقەت شۇ خىل ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا كۆزلىگەن نىشانغا غەلبىلىك يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق توختامنىڭ ئىمزالىنىشى ئىككىلا شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇلسا ئىككىلا تەرەپ تەڭ تەرەققىي قىلشتەك قوش ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تور قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەبلەغ سالغانلىقى ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە ۋە ماختاشقا تېگىشلىك بىر ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە باغداش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئۇزاققىچە ھەمكارلىشىپ تەڭ تەرەققىي قىلىشىدا بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق تۇنجى قەدەم بولۇپ قالغۇسى!
: رەنا ئەھەت
|