"سېستىما تۈزۈلىشى،ھەركەت شەكىللىرى،ئەركىن مۇلاھىزىلەر"دىن تەرمە:
قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنىڭ بىرقىتىملىق قوياشنى ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدا قانچە دانە سىفرال قالدۇرىدىغانلىغىغا دىققەت قىلىش كىرەك.دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئۆزگەرمىدى دىگەن شەرىت ئاستىدا سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇشۇ سىفرال سانىنىڭ مىقدارى تۇراقلىق بولسا پىلانىتلار قوياش بىلەن مۇقىم ئارىلىقنى ساقلاۋىتىپتۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ،كېمەيسە قوياشقا يىقىنلاۋىتىپتۇ،دىسەك بولىدۇ،ئارتىپ كەتسە قوياشتىن يىراقلاۋىتىپتۇ،دەپ قارىساق بولىدۇ.ھەربىر دولقۇن مىقدارىنىڭ كېمىيىشى قوياشقا يىقىنلاشقانلىقتىن ،ئارتىشى يىراقلاشقانلىقتىن دىرەك بىرىدۇ.مۇقىم بولسا قوياش بىلەن بولغان ئارىلىق ئۆزگەرمىدى ،تۇراقلىق دەپ قاراش كىرەك.بىر قىتىملىق دەۋرىلىكتە قالدۇرغان سىفرال ئىزنىڭ سانى پۈتۈن سان ھەسسىلىگى بۇيىچە بولمىسا ۋە بۇنداق ھالەت تۇراقلىق بولمىسا بۇپىلانىت قوياشتىن يىراقلىشىۋاتقان ياكى يېقىنلىشىۋاتقان بولىدۇ.مەنپى تەرەپكە قاراپ سۈرۈلسە يېقىنلىشىۋاتقان،مۇسبەت تەرەپكە قاراپ سۈرۈلسە قوياشتىن يېراقلىشىۋاتقان بولىدۇ.زەررىچە ياكى جىسىملارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى قىسقىراپ كەتسە بۇ ھال زەررىچە ياكى جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىنىڭ ئاشقانلىغىدىن ،دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئۇزۇراپ كەتسە كېمەيگەنلىگىدىن دىرەك بېرىدۇ.باشقىچە ئىتقاندا دولقۇن ئۇزۇنلۇغى قىسقا زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى يۇقۇرى،دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئۇزۇن زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى ئاستا دەپ قاراش كىرەك.بۇ خىل ھېساپلاش ئۇسۇلىنى "ئېن"دىن تارتىپ پۈتكۈل فىزىكىلىق ئالەمگە قوللۇنۇپ ،نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.بۇ تەشەببۇس ۋە ئىدىيەلەر بىلەن دوپلىر ئىففىكىتىنىڭ مۇناسىۋىتى بار- يوقلىغىنى ،مۇناسىۋىتى بولسا قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى ئويلۇشۇش كېرەك.
ئادەتتە دولقۇن ئۇزۇنلۇغى ئىككى دولقۇن چوققىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ تۈز سىزىقلىق مىقدارى دەپ قارىلىدۇ.بىز ئىككى دولقۇن ئويمىنى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىمۇ دولقۇن ئۇزۇنلىغى،دەپ قارىماسلىققا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.بىز بۇلارنى دولقۇن ئۈستى ئوزۇنلىغى،دولقۇن ئاستى ئوزۇنلىغى،دەپ ئاتاپ پەرىقلەندۈرسەكمۇ بولىدۇ.ئەسكەرتىش كېرەككى،مەيلى قايسى دولقۇن ئۇزۇنلىغى بولسۇن،ئۇ ھەرگىز شۇ دولقۇننى شەكىللەندۈرگەن زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ ئەمىلى تىرايىكتۇرىيىسى ئەمەس،پەقەت،ئۇ ئىككى دولقۇن چوققىسى ئارىلىقنىڭ مىقدارىنى تۈز سىزىقلىق ھالەتتە ئۆلچەش،بىلىش،ئىپادىلەشنىڭ بىر قورالىدىن ئىبارەت.ئەمەلى،رىيال زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ئىزى بولسا تەكشىلىكتە سىنوس ئەگرى سىزىغى ،بوشلۇقتا سىفرال ھالەتتە بولىدۇ.
دولقۇننىڭ ئاستى،ئۆستى ئوزۇنلۇقلىرىنىڭ مىقدارى تەڭ،سىممىتىرىك بولمىسا بۇنداق دۇلقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىدىغان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ھەركىتى ئەسلا تۈز سىزىقلىق ھەركەت بولمايدۇ،بۇنداق زەررىچە ياكى جىسىم ھامان دولقۇن ئۇزۇنلىغى قىسقا تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.مانا بۇ 29-41-تىئورمىلارنىڭ لوگىكىلىق ئاساسلىرىنىڭ بىرى.
|