قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 9843|ئىنكاس: 34

ئۇيغۇر ئاياللىرى (ياپونچىدىن تەرجىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 782
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 18:07:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۇيغۇر ئاياللىرى (بىر ياپون ئايالنىڭ بايان)

ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: نىكۇ


            ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قورغاق، قۇملۇق رايونلىرىدىكى بوستانلىقلاردا ۋە چوڭ تاغ تىزمىلىرى (ئالتاي، تەڭرىتاغ، قۇرۇم تاغ تىزمىسى) نى قوينىغا ئالغا تەبىئىي مۇھىت ئىچىدە يېتىشىپ چىققان مەدەنىيەت.
         ئۇيغۇر مىللىتى   10 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلاپ 15 – ئەسىردە پۈتۈنلەي مۇسۇلمان بولغان. ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي خاراكتېرى تولىمۇ كۈچلۈك دىن بولغاچقا، ئىجتىمائىي چەكلىمە ئائىلىدىكى ئاياللارنىڭ رولىنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.
        ئاياللار ھازىرمۇ ئەتتىگىنى ھەممىدىن بۇرۇن تۇرۇپ، ئاۋۋال ئاللاھتىن "بۈگۈنمۇ خەيرىلىك كۈن ئاتا قىلغىن" دەپ پۈتۈن ئائىلىدىكىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تىلەيدۇ. ئەرلەر مەسچىتكە چىقىدۇ، ئەمما ئاياللار مەسچىتكە چىقسا بولمايدىغان بولۇپ ئۆيدە دۇئا – تىلاۋەت قىلىدۇ. ئاياللار ھەرقانچە ناچار مۇھىت ۋە نامرات تۇرمۇش ئىچىدە بولسۇن ئېرىگە بويسۇنۇپ، ئۇماق بالىلىرى، ئاتا – ئانىسى، قېرىنداشلىرىغا كۈيۈم ۋە سەمىمىيلىكنى ئىپادىلەيدۇ. بالىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ، قىز بالا ياتلىق بولغىچە ئارىلىقتا ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىنىدۇ. شىنجاڭ زامانىۋىلىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ توي قىلىش يېشى 15 ~ 16 ياش (ئوغۇللار 16 ~ 18 ياش) ئىدى، ھازىر قىز – ئوغۇللارنىڭ 18 ياشقا توشماي توي قىلىشىغا قانۇن يول قويمايدۇ. ئىلگىرى بولغۇسى قېيىناىسى تەرىپىدىن تاللىنىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەنلا بولىدىغان تويلار ئاساسى ئېقىم ئىدى. قىز – يىگىت توي كۈنىگىچە پەقەت ئىككى – ئۈچ قېتىملا كۆرۈشسە كۇپايە قىلىدۇ. بالىلىق بولۇش بىلەن تەڭ ئائىلە ئايالى بولۇش سۈپىتى بىلەن قېيىن ئاتا – قېين ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بۇ ئەقەللىي ئىش ھېسابلىنىدىكەن، ئەمما بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئائىلە ئىشى، ئېتىز ئىشىنى قىلىش ۋە ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك جاپالىق مۇھىت ئىچىدىمۇ ئاياللارنىڭ ئورنى يەنلا تۆۋەن بولۇپ، خېلىلا نامرات ھالەتكە چۈشۈپ قالسىمۇ ئاجرىشىش نىسبىتى شۇنداق تۈۋەن. ھازىرقى جەمئىيەتتە مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ئاجرىشىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. ئەمما، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش دېگەندىمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئاتا – ئانىنىڭ ئىرادىسىنى ئاساس قىلىپ توي قىلىش ئومۇمىيدۇر.
          ئومۇمەن قىز – ئاياللار ئىسلامىي تەربىيەنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭدا تۇرمۇش جاپالىق بولسىمۇ، يوقسۇللۇقتا ئوتسىمۇ ئائىلىنى بۇزۇشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رېئاللىقتا قىزلارنىڭ توي قىلماي يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئاجرىشىش سەۋەبلىك بالىنى يىتىم قىلماسلىق ، بالىنى خار قىلماسلىق، بالىنى جاپا تارتقۇزماسلىق دېگەنلەرمۇ چىدامچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ ئائىلىنى قوغداپ قالىدىغان روھ كۈچلۈك، چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئەر ئايال ئائىلىدە بىرلىكتە كۈچىسە ئىشلار  چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دېيدىغان ئۈمىد يېلىنجايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرالىغانلىقىدىن بولغان.
         ئىسلامىي تەربىيەدە ئەڭ مۇھىم جۈملىلەردىن "بالا دېگەن كەلگۈسى دۇنيا"، "ئائىلە ئادەمنىڭ روھى ئوزۇقى"، "ئائىلە ئادىمىيلىكنى يېتىلدۈرىدىغان مەكتەپ"، "ئائىلە كىچىك جەمئىيەت، بۇ جەمئىيەت بۇزۇلسا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىن ئىبارەت چوڭ جەمئىيەت بۇزۇلىدۇ" قاتارلىقلار بار. جاپالىق تۇرمۇش ئادەمنى تاۋلايدۇ، دېگەن گەپ بار، ئەمما غورۇرنىڭ بولىشىمۇ مۇھىم بولغاچقا، بالا تەربىيەسىز قالسا باشقىلار دەرھاللا ئانىسى ياخشى قىلماپتۇ دېيىشىدىغان بولغاچقا، ئاياللار ئاجرىشىش مەسىلىسىدە يېنىكلىك قىلمايدۇ.
         يېڭى جوڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلاردا ئوغۇللارنى چوڭ، قىزلارنى تۆۋەن كۆرۈدىغان ئاڭ كۈچلۈك ئىدى. ئەرلەر ئايالى تۇغمىسا تالاق قىلىۋېتىپ باشقا ئاياللار بىلەن توي قىلاتتى؛ خوتۇنى تۇرۇپمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئۈچكىچە خوتۇن ئالالايتتى. ئەرلەر سودا ياكى باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئائىلىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلغاندا بولسا، "ۋاقىتلىق خوتۇن" ئالىدىغان ئىشلارمۇ بولغانىكەن. بۇ ھادىسىلەر ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، كونا ۋە ناچار ئادەت سۈپىتىدە يېقىنقى مەزگىلگىچە داۋاملاشقان بولسىمۇ، ھازىر ئۇنداق ئادەتلەر تامامەن يوقالغان.
          مەجبۇرى مائارىپ يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئوتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان قىز بالىلار كۆپەيگەن بولسىمۇ، يېزىلاردا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىغان قىز بالىلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشى ھازىرقى رېئال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا دېھقانلار كۆپ بولغاچقا، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش تۆۋەن بولغان. ئەمما، قىسمەن قىزلار 1980 – يىللارغا كەلگەندە، مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى تونۇپ ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن، بۇ ۋاقىتلاردا يەنە ئاز بولسىمۇ چەتئەلدە ئوقۇيدىغان قىزلار بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئويغۇنىشى ياپون ئاياللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 100 يىل ئارقىدا قالغان. ياپونىيەدە 1872 – يىلى (مېيجىنىڭ 4 - يلى) 8 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بەش نەپەر قىز ئۆسمۈر ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان. يۈز يىل كېيىن قالغان دېگەندە ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئېلىشى كۆزدە تۇتۇلغان. ھازىر چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان قىز - ئاياللارنىڭ سانى 300 گە يېتىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتمەكتە. ئۇلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم ئىقتىساس ئىگىسى دەپ قارالماقتا.
        1980 – يىللىرىغىچە ئىش ئورۇنلىرىغا ئەرلەر ئالدىن تاللىناتتى. قىز – ئاياللارنىڭ شىركەتكە كىرىپ ئىشلىشى بەكلا تەس بىر ئىش ئىدى. خىزمەت ئىلتىماسى سۇنغاندا بولسا جىنىسقا ئېغىر چەك قويۇلاتتى. ئازىر بولسا جىنسقا چەك قويۇلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ، نەتىجىسىگە كۆرە ئەمەلىي ئىقتىدارىنىڭ بار – يوقلىقى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە، قىز – ئاياللارمۇ ئۆزىنى ئىپادىلەپ، ئەمەلىي كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئىلىم ساھەلىرىدە رىقابەتلىشەلەيدىغان بولغان.
        ھازىر شىنجاڭنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئورگىنى، شىركەت ۋە مەكتەپلەردە قىز – ئاياللارنىڭ سانى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇرۇنقىدەك "ئاياللار ئائىلە جابدۇققى" دېيدىغان فىئودال قاراشلار ئاستا – ئاستا يوقىلىپ، ئەكسىچە قىز – ئاياللار جەمئىيەتتىكى مۇھىم ئەمگەك كۈچى ھېسابلانماقتا. چوڭ شەھەرلەردە قىزلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش نىسبىتى يۇقۇرلىماقتا. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغانلارمۇ كۆپەيمەكتە. ئىقتىسادى يار بەرگەن ئائىلىلەر ئىچىدە قىزلىرىنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغانلىرىمۇ جىقلىماقتا. يېقىندىن بېرى، چەت ئەلدە ئوقۇشنى، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىشنى، يېڭى دەۋرنىڭ باشلامچىسى بولۇشنى ئويلايدىغان قىز – ئاياللارنىڭ سانى ئاشماقتا. ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە  "ئايال كىشىنىڭ ئىشى بالا تۇغۇش" دېيدىغان فىئودال قاراش يوقالغان.


0

تېما

0

دوست

1306

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12969
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 413
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 20:10:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەمەلىيەت سۆزلىنىپتۇ، بىراق بىراۋنىڭ سۆزىنى مىسال ئالغاندا يدكى باشقا يەرلەردە ئىشلىتىش زۆرۈر بولغاندا «»نى ئىشلىتىمىز،"بولسا ئۇيغۇرچىسدىكى تىنىش بەلگىسى ئەمەس.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1758
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6581
توردىكى ۋاقتى: 1549
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 20:15:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بارلىقىنى ئۆزىمىز ئۇنتۇپ كېتەي دەپتىمىمىز...

0

تېما

0

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25920
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 20:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنى خېلى تەتقىق قىپتۇ. ئەر-ئايال باراۋەر نۇقتىسى ئوچۇق كۆرسىتىلىپتۇ...ئۇلۇغ ئاللا ئاياللىرىمىزغا ئىنساپ، ھايا، ۋاپادار قىلغايسىز. ئۇلارنى يات قەۋمنىڭ كۆزىدىن يىراق قىلغايسىز. بىزلەرنىمۇ شۇ ئاياللىرىمىزنى قوغدىغۇدەك جاسارەت ئاتا قىلغايسىز....
لىكىن ھازىر بەزى ئۆزىنى يىگىت سانايدىغان ھەزىلەك ئۇلانمىچىلار كۆپىيىپ قالدى...ئانى  مانىڭغا ئۇلاپ .

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 21:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى توغرا يەكۇنلەپتۇ بۇ ياپۇنلۇق .

0

تېما

0

دوست

108

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25553
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 21:09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ياخشىكەن، يوللىغۇچىغا رەھمەت !
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )