تاكى بۈگۈنگىچە موڭغۇلىيىدە تېپىلغان قەدىمكى تۈرك (رۈنىك-ئورخۇن) يېزىقىدا يېزىپ قالدۇرۇلغان تاش ئابىدىلەردىن چورىن مەڭگۈتېشى (ئۇلانباتورنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چورىن دېگەن جايدىن 1971-يىلى تېپىلغان، 686-687-يىللىرى ئورنىتىلغان)؛ تۈيۇنقۇق مەڭگۈتېشى (ئۇلانباتوردىن 60 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بايىن چوقتۇ دېگەن جايدىن 1897-يىلى تېپىلغان،مىلادي 716-يىلى ئورنىتىلغان)؛ مويۇنچېر مەڭگۈتېشى-1 (موڭغۇلىيىنىڭ سېلىنگا دەرياسى بىلەن شىنە-ئوسۇ كۆلى ئارىلىقىدىن تېپىلغان، 759-يىلى ئورنىتىلغان)؛ مويۇنچېر مەڭگۈتېشى-2 (موڭغۇلىيىنىڭ تالياتتى دېگەن يېرىدىن تېپىلغان)؛ توققۇز ئۇيغۇر خاقان مەڭگۈتېشى (ئورخۇن دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىنىڭ غەربىي-شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) دىن 1890-يىلى تېپىلغان)؛ سۇجى مەڭگۈتاشلىرى (موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىدىكى سۇجى داۋان يېنىدىن بىر نەچچە مەڭگۈتاشلار 1909-يىلى تېپىلغان.)
موڭغۇلىيىدە تېپىلغان تۈرك مەڭگۈتاشلار ئورنىنىڭ تارقاق بولۇشى ۋە بۇ نۆۋەت موڭغۇلىيىگە قىلغان سەپىرىمىز پائالىيەتلىرىنىڭ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سەۋەبلىك تولىمۇ ئەپسۇس ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھەممە مەڭگۈتاش ئابىدىلىرىنى تاۋاپ قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمىدۇق.
بىز ناھايىتى قىزىقىش ۋە ھاياجانلىق كەيپىياتلار ئىچىدە ئاۋۋال كھۆشۆۆ تساىدام مۇزېيى ئىچىگە قويۇلغان راست كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈتاشلىرىنى ۋە باشقا تارىخىي يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ تۈگەتكەندىن كېيىن بۇ مەڭگۈتاشلارنىڭ ئەسلى ئورنىغا بېرىپ بۇ يەردە بار بولغان تەبىئىي تارىخىي كۆرۈنۈشنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە يېڭىدىن تەقلىد قىلىنىپ ياسالغان كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشلىرىنى ۋە تاش پاقا ھەيكەللىرىنى كۆردۇق. بۇ تۈركلەرنىڭ بۆشۈك يېرىدە غۇلىچىمىزنى بولۇشىغىچە تاشلاپ يېتىپ تۇپراقنى سويدۇق… تۈرك مىللەتلىرىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇرغا بولغان تىلەكلىرىمىزنى، سۆيگۈمىزنى ئىزھار قىلدۇق. تارىخىمىزنىڭ يەككە شاھىتى بولغان بۇ تۇپراقلاردىن ئايرىلىشقا كۆزمىز قىيمىدى ئەمما كۆپىنچىمىز ئەجدادلىرىمىز ياشىغان تۇپراقلارنىڭ تېشى دەپ تۇتىيادىن ئەۋزەل كۆرۈپ بىر–ئىككى تالدىن يانچۇقلىرىمىزغا سېلىۋالدۇق!
ئەجدادلار قالدۇرغان تارىخىي ئىزلارنى كۆرۈپ غورۇرلىرىمىز ئىپتىخارلانماقتا، يۈرەكلىرىمىز قاتتىق سوقماقتا، قانلىرىمىز قىزىماقتا، نادامەتلىك پىغانلىرىمىز ۋىجدانىمىزنى تىلغىماقتا… بۇ مىنۇتلاردا يايلاقنى بېشىغا كىيىپ توختىماي غۇيۇلداپ كېلىۋاتقان سوغۇق شاماللىق تەلۋە يامغۇرلار يۈز-كۆزلىرىمىزگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ ھېچ بىر تەسىرىنى ئۆتكۈزەلمەيۋاتاتتى... بۇ يەردە بىر ھەقىقەتنى ئېيتىشقا مەجبۇرمىزكى بۇ مەڭگۈتاشلارغا كېيىنكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئىبرەتى ئۈچۈن تەخمىنەن بۇنىڭدىن 1300 يىللار ئىلگىرى “تىلى يۇمشاق، تاۋارلىرى ئېسىل، سوۋغىلىرى ياخشى، ھىيلە-مىكىرلىرى رەزىل خىتايدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئۇلارغا ئالدانماڭلار” دەپ چاقىرىق قىلىپ تاشلارغا پۈتۈكلەر پۈتۈلگەن بولسىمۇ ۋەھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار يەنە ئاشۇلار ئاسارىتىدە ئەجدادلارنىڭ ئىبرەتلىرىدىن تولۇق ئىبرەت ئالالمىغانمۇ ۋەياكى “كەلمىگەن تەلەيدە ئانىسىنىڭ ھەققى بارمۇ؟” دېگەندەك ئىشقىلىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىردىن بىر يارىسى قاتارىدا 21- ئەسىردە مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇش ياكى يوقىلىشتەك تارىختىكى ئەڭ قاباھەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە...
بىز ئاخىر 2 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان خوشو سايدام مۇزېيىدىكى زىيارىتىمىزنى تاماملاپ، بۇ يەردىن ئانچە ئۇزاقتا بولمىغان بۈگۈن ئاخشام بىز تۈنەيدىغان كىگىز ئۆيلەر - خوشۇ سايدام ئارامگاھىنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتۇق.
كۆك خوشۇ سايدام ئارامگاھىدا ئۆتكۈزگەن يامغۇرلۇق كېچە
ئارامگاھقا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن كەچتە ھەممىمىز ئارامگاھ رېستورانىغا يىغىلىپ ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى يىغىنىڭ يىغىن پروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى داۋاملاشتۇردۇق. بۈگۈنكى يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ۋاققاس مەمەدىنوۋ، رابىت ئىسمايىلوۋ، كېرىم ھاجى، سۇيۇنگۇل خانىم ۋە دولقۇن قەمبىرى قاتارلىق پېشقەدەملىرىمىزنىڭ مەسلىھەتى بويىچە «ئەجداتلار روھى» غا ئاتاپ نەزىر قىلىش ۋە ئەجداتلارنى ياد ئېتىش تەشەببۇسى بىلەن ئارامگاھىمىزغا يېقىن يەردىن بىر قوي سېتىۋېلىپ ئۆز قولىمىز بىلەن بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلدۇق.
بۈگۈن كەچتىكى يىغىندا تۇنجى بولۇپ ئارخېئولوگ، تىلشۇناس دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى “ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى” توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىسىنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلدى.
دوكتور دولقۇن قەمبىرى يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ تارىخىي جەريانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
"گەرچە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى يوقالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلار ياراتقان مەدەنىيەت يوقالمىدى بەلكىم ئىمپېرىيە ۋە خانلىقلار دەۋرلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كېلەلىدى. تەبىئىيكى مۇنداق بولۇشىدا مەدەنىيەتنىڭ جان تومۇرى بولغان تىل-يېزىقنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئوينىغان ئاچقۇچلۇق رولىدۇر. بۇ نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلىپ ياشىغان ئۇزاق تارىخىي مۇساپىسىدە دۇنيا مەدەنىيىتىگە جۈملىدىن ئاسىيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى بىلەن گەۋدىلىنىدۇ. ئاددىيسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ياشاپ كېلىۋاتقان جۇغراپىيىلىك ئورنىغا نەزەر سالساق دۇنيادا ھېچ بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ 10 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن چېگرىلىنىدىغان ۋە ھەممە مەدەنىيەتلەر ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان مۇنداق بىر دۆلەت (رايون) دا ياشىغان خەلقلەرنى تاپالمايمىز. 12 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ۋە بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگۇ دۆلىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەپ نام بېرىپ ئۇىنىڭ ”ئايرىلماس بىر قىسمى” دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىنلاردا ئۇيغۇرلار مىلادى 742-يىلىدىن 848-يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى، مىلادى 1335-يىلىغا قەدەر مۇستەقىل دۆلەت ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، چىڭگىزخان ئۆزىنىڭ 5-قىزىنى ئۇيغۇر ئىدىقۇت پادىشاھىغا ھەدىيە قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنى، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بولۇنۇپ 10- ئەسىردىن باشلاپ قەشقەرنى مەركەز قىلىپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىدارە قىلغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغانلىقىنى ۋە 15-ئەسىردە يەنى چاغاتاي دەۋرىدە بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ياركەنتنى مەركەز قىلغان چاغاتاي سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ رەسمىي دۆلەت تىلى قىلىنىپ قوللىنىلغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. مانا ئۇيغۇرلارغا تەۋە بۇ زېمىننىڭ تەقدىرى 20-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىسىز ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگۇ دۆلەتلىرىنىڭ يالتادا چاقىرغان 2-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى قايتىدىن سېزىپ چىقىش يىغىنىدا جۇڭگۇغا تەۋە قىلىندى…….
ئۇيغۇر تىلى ئورال-ئالتاي تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى چوڭ تارمىقىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈرك تىللىرى تارمىقىغا تەۋە. ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىگىچە ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تاكى چاغاتاي سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقلىرىغىچە دۆلەت تىل يېزىقى سۈپىتىدە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان بارلىق تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن قوللىنىلىپ كەلگەن تىل ۋە يېزىقتۇر.
بۈگۈنكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە يېزىقىدا كۆرۈنەرلىك پەرق ياكى دىئالېكتىكىلارنىڭ پەيدا بۆلىشى بولسا – تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ياشىغان جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ ناھايىتى كەڭ بۆلىشى ۋە ئۇزۇن يىللار بىر-بىرلىرىدىن ئايرىلىپ ياشاشتەك تەبىئىي يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، قىسقىسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تارىخىي تەرەققىياتى بىر ئۇرۇقتىن كۆپىيىپ كۆپ ئۇرۇققا تارقىلىشتەك جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ يەنى تۈركىي مىللەتلەر بىر مەنبەلىك ئېتنىك كېلىپ چىقىشتىن تەدرىجىي پارچىلىنىپ ھازىرغا قەدەر بۆلۈنۈپ 23 ئېتنىك تۈركىي مىللەتلىرى بولۇپ شەكىللەندى. ئەمما بىز جۇڭگۇ دۆلىتى تەۋەسىدىكى خەن مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تەرەققىياتىغا دىققەت قىلساق ئۇلار نۇرغۇنلىغان بىر-بىرلىرىگە ئوخشىمىغان ئېتنىك قەبىلىلەر ۋە مىللەتلەردىن تەدرىجىي يىمىرىلىپ ياكى ئۆز-ئارا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ بىر خەن ئېتنىك مىللىتىگە ئۇيۇشۇشتەك يۆلىنىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.
دېمەك بىر مىللەتنىڭ تىلى- شۇ مىللەت ئۆزنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ، كېلەچەك ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ بىردىن بىر شەرتىدۇر! ........
قىسقىسى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىدا ئەركىن يېزىشى ۋە ئەركىن پىكىر قىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنلىشى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلار ئارقىلىق قوغدىلىنىشى كېرەك چۈنكى بۈگۈنگىچە دۇنيادا بار بولغان ۋە جانلىق قوللىنىۋاتقان تىل ۋە يېزىق ئۆز نۆۋىتىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان مەدەنىيەت مىراسى ۋە ھەققىدۇر. بىز دەۋرىمىزدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق ئورنى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىنى، بۇ ھوقۇقنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش دەرىجىسىدە تەڭ مۇئامىلە قىلىنىپ قوغدىلىنىشىنى ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز زۆرۈردۇر".
دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئەپەندىنىڭ يىغىن ئەھلىگە تەقدىم قىلغان ماقالىسى قىزغىن ئالقىش-سادالار بىلەن قارشى ئېلىنغاندىن كېيىن بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بولغان ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلەر مەركەزلىرىگە ۋاكالىتەن ھەر قايسى قەلەمكەشلەر مەركەزلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى–شائىرلارنىڭ مۇشائىرە سورۇنى باشلاندى. يىغىن ئەھلىگە ئۆتكۈر شېئىرى ئىجادىيەتلىرى بىلەن قازاقىستاندا يېڭىدىن تونۇلغان “ئويغان قەلبىم”، ۋە “ھاياتقا مۇھەببەت” ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى بولغان 21 ياشلىق مولۇتجان توختاخۇن ئۆز شېئىرلىرىنى ئوقۇدى.
2011-يىلى 6-ئىيۇن:
كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسى مازارلىقىغا زىيارەت
بىر كېچە–كۈندۈز داۋام قىلغان توختىماي تۆكۈلگەن جۇدۇنلۇق يامغۇردىن كېيىن ئىيۇل ئېيىدا سالقىنلىققا مايىل موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ كۆك ئاسمىدا كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆزنىڭ ئىللىق ئاپتاپلىرىنى زېمىن يۈزىگە قايتىدىن توككەن، جاننى راھەتلەندۈرىدىغان غۇر-غۇر شاماللار يۈزلىرىمىزنى سىلاپ ئۆتۈپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى بىزگە يەنە بىر نۆۋەت ھېس قىلدۇرۇۋاتقان ساپ ھاۋالىق سەھەردە بىز خوشو سايدام ئارامگاھىدىكى بىزنى كۈتۈۋالغان خىزمەتچىلەرگە مىنەتدارلىغىمىزنى بىلدۈرۈپ سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى پائالىيەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن ئاپتوبۇس بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق.
بۈگۈنكى سەپەر پىلانىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خوشو سايدام تۈرك مەدەنىيەت ئىزلىرى مۇزېيى يەنى كۆلتېكىن بىلەن بىلگە قاغان مەڭگۈتاشلىرى ئورنىتىلغان جايدىن 19 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى غەربىي-جەنۇپ تەرەپتە ئۆتۇكەن تاغلىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان تاغ باغرىدىكى ئېگىزلىكتە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن پايتەخت قىلىپ ياسالغان تۈرك مىللەتلىرىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى شەھرى-ئوردۇ بالىق (قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلىش بولۇپ، ئوردۇ بالىق شەھىرى بىلەن كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈتاشلىرى ئورنىتىلغان يەرلەرنى ئورخۇن دەرياسى ئايرىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە بۇ يەردە ئوردۇ بالىلىق شەھەر خارابىسىگە بىۋاسىتە بارىدىغان يول ياكى ئورخۇن دەرياسىدىن ئۆتىدىغان كۆۋرۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ يەنە قاراقۇرۇم شەھىرىگە تۈركىيە ياساپ بەرگەن تاش يول ئارقىلىق قايتا بېرىپ، ئۇ يەردىن ئورخۇن دەرياسىغا سېلىنغان كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن.
ساياھەت يېتەكچىمىزنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە بىز ئاۋۋال خوشو سايدام ئارامگاھىدىن ئانچە يىراقلىقتا بولمىغان شەرقىي-شىمال يۆلىنىش تەرەپتىكى تاش-ئېدىرلىق ئېگىزلىككە بېرىپ ئۇ يەردىكى كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي ئىنشائاتلىرىنى يەنى يېقىنقى مەزگىللەردە ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن بايقالغان يەر ئاستى يوللارنى ۋە باشقا تارىخىي ئىزلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئورخۇن دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئوردۇ بالىق شەھەر خارابىسىنى زىيارەت قىلىدىكەنمىز.
ئاپتوبۇس بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ئېگىزلىككە ھالسىراپ ئىلگىرىلىمەكتە. كۆزىمىز ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن تەبىئەت ئىلاھى سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان ئورخۇن ۋادىسىنىڭ گۈزەللىكىگە ھەۋەس بىلەن تىكىلمەكتە.
كۆز يەتكۈسىز يىراقلىقتا غۇۋالىق ئىچىدە تۇمان قاپلىغان تاغلار، تاغ باغرىلىردا تارقاق ئاق چېكىت چوڭلۇقىدا كۆرۈنۈۋاتقان كىگىز ئۆيلەر، كۆك ئاسماندا تەبىئەتنىڭ مەۋھۇم سىرلىرىنى نامايان قىلىۋاتقان شەيتان بۇلۇتلار، ئەگرى-توقاي ئېقىن ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ ئاققان ئورخۇن دەرياسى بويلىرىنى بويلاپ ئۆسكەن پاكار-پاكار ئورمانلار سىزگە خۇددى دۇنيادا ئەڭ ئۇستا رەسسام سىزغان بىر پارچە رەسىمدەك كۆرۈنىدىغان بىر مەنزىرىنى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۈيى ئۇلۇغ، چۆپلىرى بۇلۇق، تەبىئەت ئۆزىنىڭ ھەممە گۈزەللىك ۋە بايلىقلىرىنى سېخىيلىق بىلەن تۆكۈۋەتكەن بۇ باياشات زېمىندا دۆلەتلەر قۇرۇپ ئەسەرلەر ياشىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشىىمىز ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك!.
بىز ئېگىزلىككە چىقتۇق. غۇر-غۇر شاماللار يۈزلىرىمىزنى خۇددى بىزنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك سىلىق سۆيۈپ ئۆتمەكتە. بۇ يەر يەرلىك موڭغۇل بۇددىستلار تەرىپىدىن“ ئۇلۇغلار مازارگاھى” دەپ قارىلىپ، بىر تاش توپلىكنىڭ ئۈستىگە تاش پارچىلىرى توپلانغان بولۇپ، ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈز ۋە باش سۆڭەكلىرى ئۇلۇغلارنىڭ روھىغا ئاتاپ ھەدىيە قىلىنغان، ئالا-بۇلا لاتىلار چىگىلگەن قاغجىراپ كەتكەن شاخ-شۇمبىلار خۇددى ئەينى دەۋردىكى تۇغلاردەك ھەيۋەت بىلەن لەپىلدىمەكتە…
ساياھەت يېتەكچىمىز بىزگە چۈشەندۈرۈپ، ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشىچە كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈتاشلىرى قويۇلغان جايدىن بۇ يەرگىچە بولغان ئارىلىققا يەر ئاستى يولى ياسالغانلىقى، بۇ بىز تۇرغان ئېگىزلىك دەل يەر ئاستى يولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ، كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ جەسىتى بۇ يەرگە خۇپىيانە ھالدا نەچچە يۈزلىگەن ئەسكەرلەر بىلەن بىللە دەپىنە قىلىنغانلىقىنى، 2008-يىلى قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ئالايىتەن بۇ يەرلەرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ جايلاردىكى تارىخىي ئىزلارنى قوغداش ئۈچۈن قازاقىستان دۆلىتى ياردەم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئورخۇن دەرياسىنىڭ سۇينى ئىچىش
بىز كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغانلار دەپىنە قىلىنغان دەپ قارالغان كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ تاغ ئۇستىدىكى تارىخىي ئىزنالىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يېرىم سائەتتەك يول يۈرۈپ قاراقۇرۇم شەھىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ بىز تەشنالىق بىلەن كۈتكەن ئورخۇن دەرياسى كۆۋرۈكىگە يىتىپ كەلدۇق.
ئورخۇن دەرياسى موڭغۇلىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۆۋۆركھاڭا ئايمىقى (ئۆلكىسى) گە تەۋە بولغان خاڭاى تاغلىرى (تارىختىكى ئۆتۇكەن تاغلىرى) دىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ تۇۇل دەرياسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن سېلىنگا دەرياسىغا قوشۇلىدۇ يەنە داۋاملىق شىمالغا قاراپ ئېقىپ ئەڭ ئاخىرىدا بايقال كۆلىگە قۇيۇلىدۇ ۋە بايقال كۆلىدىن يەنە داۋاملىق شىمالغا قاراپ ئېقىپ رۇسىيە تەۋەسىدە ئاڭارا دەرياسىغا ئايلىنىپ ئەڭ ئاخىرى شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ.[xviii]
بىز ئورخۇن دەرياسىنىڭ دەريا قېتىدا تۇرۇپ باغرىمىزنى بۇ ئانا دەرياغا يېقىپ تۇرۇپ چاڭقىغان يۈكىمىز قانغۇدەك سۇ ئىچتۇق ياق زەمزەم ئىچتۇق. قولىمىزدا ئۇچلاپ سۇلارنى ئېلىپ يۈزىمىزگە سۇرۈتتۇق.
دەريا باغرىنى قۇچاقلاپ يېتىپ يۈزلىرىمىزنى دەريا سۈيىگە يېقىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھلىرى بىلەن دىدارلاشتۇق… بىباھا دەريا قاشلىرىدىكى تاشلارنى ئالىقانلىرىمىز بىلەن سىلىدۇق، سۆيدۇق… چۈنكى بۇ دەريا ئوغۇزخان رىۋايەتلىرىدىن باشلاپ مىللىتىمىز مىللەت بولۇپ، خەلقىمىز ئۇيغۇر ئېلىنى قۇرۇپ سەلتەنەت سۈرگەن زامانلاردىن تارتىپ ۋەياكى بالايىئاپەتلەرگە مۇپتىلا بولۇپ ياۋلارنىڭ پاراكەندىلىككە دۇچار بولغان ئاھۇ-زارلىق زامانلاردا بولسۇن ئۇزاق تارىخىي ئۆتمۈشلەردىن بۇيان ئۇيغۇرنىڭ ھايات تومۇرىدا قان بولۇپ ئاققان، تەقدىر-تىلەك ۋە ئىستەكلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، تارىخنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئاسمان تەڭرى ۋە زېمىن ئانا تەقدىم قىلغان ئەزىم دەريادۇر!
ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق (قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىسىنى زىيارەت قىلىش
بىزنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ئورخۇن دەرياسى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ غەربىي جەنۇب يۆلىنىشكە قاراپ بىر سائەتكە يېقىن ماڭغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق شەھەر خارابىسىدىن ئانچە يىراقتا بولمىغان بىر دادىلىق تاغ باغرىغا كېلىپ توختىدى. بۇ يەردە يېڭىدىن ئىككى-ئۇچ كىگىز ئوي ياسالغان ۋە بىر يۈك ئاپتوموبىلى توختىتىلىپ قويۇلغان بولۇپ، بىرقانچە موڭغۇللاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئارخېئولوگلار دۆڭلۈك ئۇستىدىن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە ئائىت بولغان بىر قەبرىستانلىقنى قىدىرىپ تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن.[xix]
بىز ئۇلارنىڭ چاسىلاپ، مېتىرلاپ، سانتىمېتىرلاپ يەر قەۋەتلىرىنى ئۆلچەپ، يەر يۈزىدىن چىققان ھەر بىر نەرسىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۈپۈرۈپ ئېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرغاندىن كېيىن بۇ قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقان موڭغۇلىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئارخېئولوگى، دوكتور زاگد باتساىكھان ئەپەندى بىزگە ئۆزىنىڭ بۇ يەرلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلىرىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
"بۇ قارابالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئەتراپلىرىدا نۇرغۇنلىغان قېزىلمىغان تارىخىي جايلار بار. بىز ھازىر قىزىۋاتقان بۇ يەردىن بىر قانچە بالىلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى ۋە قەبرە ئىچىگە قويۇلغان بۇيۇملارنى تاپتۇق…".
كېيىن ساياھەت يېتەكچىمىز بىزگە بىز تۇرۇۋاتقان يەردىن قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسىگە 2-3 كىلومېتىرچە كېلىدىغانلىقىنى ئەگەر خالىغانلار پىيادە ماڭسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن بىز بىرقانچە ياشلار چەبدەس قەدەملىرىمىزنى يورغىلىتىپ قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق ) شەھەر خارابىسى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق.
كۆز ئالدىمىزدا ئاز دېگەندە يەر يۈزىدىن 10 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە چوقچىيىپ تۇرغان قارابالاساغۇن شەھەر قەلئەسىنىڭ ئىزنالىرىدىن بىرى بولغان ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئاز بولغاندا 3-4 قەۋەتلىك قىلىپ ياسالغان بۇتخانا مۇنارىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پەقەت بىر توپلۇق ئېگىزلىككە ئايلىنىپ قالغان خارابىسى يىراقتىن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بىز خارابىلىككە يېقىنلاشقاندىن كېيىن شەھەرنىڭ تۆت چاسا شەكىلدە ياسالغان تاملىرىنىڭ ئىزلىرىنى (بەلكىم ئىمپېرىيە ئوردىسى بولۇشى مۇمكىن)، شىمال ۋە شەرقى تەرىپىدىكى ئۇپراپ ئۆز ئەسلىدىن تامامەن تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئوردىغا كىرىش ئېغىزىنىڭ قاراۋۇللۇق مۇنارلىرىنى كۆردۇق.
موڭغۇلىيىلىك ساياھەت يېتەكچىمىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ئەينى ۋاقىتتىكى قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسى سۈننىي ھەمراھ ئارقىلىق تەكشۈرۈلۈپ سۈرەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن ئانالىز قىلىنىپ، شەھەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 25 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
"پايتەخت ئوردۇ بالىق شەھىرىنىڭ 25 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر دائىرىسى ئىچىگە پادىشاھلىق سارايلارنى، مىنىستىرلىكلەر بىنالىرى، ئىبادەتخانىلار، باغچىلار، قول-ھۇنەرۋەنچىلىك ۋە سودا رايونلىرى بەرپا قىلىنغان".[xx]
ئوردۇ بالىق (قارابالاساغۇن) شەھىرى ئورخۇن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تالالخاىن يايلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، موڭغۇلىيىنىڭ ئارخاڭاي ئۆلكىسىگە تەۋە بولغان بۈگۈنكى قاراقۇرۇم شەھىرىنىڭ غەربىي-شىمالىغا توغرا كېلىدۇ.
مىلادى 742-يىللىرى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ سەركەردىسى قۇتلۇق بىلگە قاغان رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر–قارلۇق قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىگە قارشى ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ ۋە كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى ئۆزمىش قاغاننى ئەسىرگە ئالغان باسمىل قەبىلىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئورخۇن دەرياسى بويىدا 744-يىلى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرىدۇ. 747-يىلى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى قۇتلۇق بىلگە قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى مويۇنچېر قاغانغا “قاغان ئەل ئەتمىش بىلگە” نامى بېرىلىپ ئاتا تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى ئوردۇ بالىق[xxi] (ئوردا شەھەر)[xxii] نى دۆلەت پايتەختى قىلىدۇ ۋە مويۇنچېر قاغان ئوردۇ بالىلىق شەھىرىنى قۇرۇپ 7 يىلدىن كېيىن سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق (باي شەھەر) نى قۇرۇدى. ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقىتلىرىدا زېمىنى 5 مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشقان بولۇپ، شەرقتە تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە، جەنۇبتا خىتاينىڭ سېرىق دەريالىرىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىنلارغىچە، غەرىپتە بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارال دېڭىزىغىچە بولغان زېمىنلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيادا پەقەت تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان كۈچلۈك بىر ئىمپېرىيىگە ئايلىنىدۇ.[xxiii] تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە سودا ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ ئۆز تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ بۇنىڭ دەلىلى شۇكى مىلادى 755-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇزوڭ خانغا قارشى ئانلۇشان قوزغىلىڭى قوزغىلىدۇ.
756 -يىلى تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىدىن بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىپ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلگەن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى قاغانى تاڭ سۇلالىسىگە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇپ بېرىدۇ ۋە جەنۇب تەرەپتە خىتاي زېمىنىنى بېسىۋالغان تىبەتلەرنىمۇ مەغلۇپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىگە ئۇزۇن يىللار يىپەك ۋە باشقا ماللارنى تارتۇق قىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى نىڭۇونى بايانچۇر قاغانغا خوتۇنلۇققا ھەدىيە قىلىدۇ….759-يىلى بايانچۇر قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى تەڭرى بۆگۈ تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ.
تەڭرى بۆگۈ 762- يىلى خىتاي تاڭ سۇلالىسىنىڭ داىزوڭ ۋە لوياڭ قاتارلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن زېمىنلارنى ئىگىلەيدۇ. 763-يىلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە تاڭ سۇلالىسى ھەر يىلى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىگە 20،000 تۈرگە يىپەك بېجى تۆلەيدۇ….
839-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە تەبىئىي ئاپەت ۋە كېسەل تارقىلىپ نۇرغۇنلىغان مال-چاۋىلار ئۆلۈپ كېتىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن ئاچارچىلىق يۇزبېرىدۇ. 840-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچىدە ھاكىمىيەت تالىشىش كۆرۈشى كەسكىنلىشىدۇ. ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچىدىكى 9 مىنىستىرنىڭ بىرى ئۆتكۈچى كۇرەبىر قەبىلىسىدىن بولغان كۆل بۇقا دېگەن سەركەردە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوردا ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە قاغانلىق ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە يېنسەي بويىدىكى قىرغىزلاردىن 100 مىڭغا يېقىن ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، قارابالاساغۇن شەھىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى شۇندىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ …..
بىز شەھەر خارابىلىكلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ خارابىلىكلەر ئىچىدە ئەڭ ئېگىز كۆرۈنگەن بۇتخانا مۇنارىنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقتۇق ۋە پۈتۈن شەھەر خارابىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى ئېنىق كۆردۇق.
بۇ دەقىقىلەردە تۇيۇقسىز كۆك ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىدى… تەلۋە شاماللار غۇيۇلداپ كېلىپ قارابالاساغۇن شەھىرىنىڭ قان رەڭلىك توپا-تاشلىرىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن يۈز-كۆزلىرىمىزگە تىقىشقا باشلىدى. بىلمىدۇق، بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ 1300 يىلدىن كېيىن ئاتا-بوۋىلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ شەرەپلىك شەھەرگە تۇنجى قېتىم ئايىغى باسسا ئانا تەبىئەت نېمە ئۈچۈن يۈز-كۆزلىرىمىزگە بۇنچىۋالا توپا-چاڭلارنى تىقىدۇ؟ بىز بۈگۈنكى كۈندە شۇ قەدەر كەچۈرگۈسىز گۇناھقا پاتقانلىغىمىز سەۋەبتىنمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھلىرى بىزنى ئۆز تۇپراقلىرى بېشىدا كۆرۈشنى خالىمىدىمۇ؟ ئاھ نادامەتلىك ئۇيغۇر، ئارمانغا، ئاتا-بوۋىلارنىڭ قەرزىگە قەرز بولۇپ مۈكچەيگەن بۇ ئەۋلاد؟!
تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە بۈگۈنكى قىسمەتلىرىمىز سەۋەبىدىن كاللامغا يامغۇر مىسالى قۇيۇلۇۋاتقان جاۋابسىز سوئال-سوراقلار نەپىسىمنى بوغماقتا، يۈرىكىمنى ھالسىراتماقتا… قەدەملىرىم ئاستىدا دەسسىلىپ تۇرغان قان رەڭلىك تۇپراقنىڭ نىمجان نالە قىلىۋاتقان نىدالىرى يۈرىكىمگە ئوقيا تىغىدەك سانجىلماقتا… بۇ بەلكىم ئەجدادلار روھىنىڭ مەندە-ۋىجدانىمدا ئەكس ئېتىۋاتقان سۈكۈتتىكى سۇئال-سوراقلىق دەقىقىللىرىدۇر، بەلكىم!
بىز بۇ سەپىرىمىز داۋامىدا بىر موڭغۇل زىيالىيسى چىڭگىزخاننىڭ ناھايىتى ئىقتىدارلىق رەھبەر، سىياسەتچى، پەلسەپىچى بىر بۈيۈك شەخس ئىكەنلىكىنى تەرىپلەپ ئېيتقان مۇنداق بىر سۆزى تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى: “چىڭگىزخان بارلىق موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ھەربىي يورۇشىنى باشلايدۇ، كۈچى يەتكەن قەبىلىلەرنى كۈچ بىلەن كۈچى يەتمىگەن قەبىلىلەرنى قايىل قىلارلىق سۆزى بىلەن قايىل قىلىپ باش ئەگدۈرىدۇ. ئۇ بىر قېتىم چىڭگىزخانغا قارشى چىققان ئۆكتىچى موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ باشلىقىغا بىر تال ئوقيانى بېرىپ ئۇنى سۇندۇرۇشنى سورايدۇ. ئۇ بۇ بىر تال ئوقيانى ھېچ بىر كۈچىمەستىنلا سۇندۇرىدۇ. ئارقىدىنلا چىڭگىزخان ئۇنىڭغا بىر توپ ئوقيانى بېرىپ، ئۇلارنىمۇ بىراقلا سۇندۇرۇشنى سورايدۇ ئەمما ئۇ قەبىلە باشلىقى ھەرقانچە كۈچەپمۇ بۇ ئوقيالارنى سۇندۇرالمايدۇ… كېيىن چىڭگىزخان قەبىلىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ تۇرۇپ- ‘بىز ئىتتىپاقلاشماي خۇددى بىر تال ئوقيادەك ياشىساق دۈشمەن بىزنى ئاسانلا يوق قىلىدۇ ئەگەر بىز ئوم بولۇپ بىر توپ ئوقيادەك ياشىساق دۈشمەن بىزنى يوق قىلالمايدۇ. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۆملۈكتىن كېلىدۇ".
بىز كۈچلۈك بورانلىق شامالارغا قارشى ئۆمىلەپ يۈرۈپ دېگەندەك مىڭ تەستە بۇتخانا مۇنارى ئۈستىگە يامىشىپ چىقتۇق ئەمما بىر بىرلىرىمىزگە يېقىن تۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئارلىقمىزدىن شاماللار ئۆتۈشۈپ، بىزنى ئىككى يانغا ئىرغىتىشقا باشلىدى ھەتتا بىر قانچىمىزنى بورانلىق شاماللار ئۇچۇرتۇپ كېتىشكە تاسلا قالدى ئەمما بىز ئۇلارنى ئۆز سېپىمىزگە تارتۇق. بىز شۇ زامان بۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ ھەممىمىز دەرھال بىر يەرگە مەركەز بولۇپ توپلاندۇق، بىر-بىرلىرىمىزنىڭ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ ئاۋازىمىزنى بولۇشىغىچە قويۇۋېتىپ كۆك ئاسمانغا ياق قارا بۇلۇت قاپلىغان، كۆك تەڭرىنىڭ غەزىپى تۆكۈلگەن ئەپتى يامان ئاسمان ئىلاھىغا قاراپ بىر نېمىلەرنىدۇر دەپ توۋلىدۇق… ۋارقىرىدۇق….ئۆتۈندۇق... بۇ نىدالىرىمىزدىن پەرۋاسىز شىددەتلىك چىقىۋاتقان بورانلىق شامال بىزنى ئۇچۇرتۇپ ئېلىپ كېتىشكە، قاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۇپ بېرىپ ئىنسان كۆزىدىن غايىب قىلىۋېتىشكە، ئاخىردا جىن-ئالۋاستىلار ئالىممۇ بۇرۇن ئىگىلەپ ئۆزىنىڭ ماكانى قىلغان بۇ سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن شەھىرىنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرنۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتقاندەك ۋەياكى بىز بۇ قارا نىيەتلىك تەبىئەتنىڭ مۇدھىشىنى بايقاپ قالغان چېغىمىزمۇ ئەيتاۋۇر، خۇددى ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئاتىدىغان ئوقى تۈگەپ چارسىز ھالدا دۈشمەن ئالدىدىكى ئىستىھكامغا بەدىنىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن شېھىت بولۇشقا ھازىر بولغان قەھرىمانلاردەك قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكى ئۇستىدىكى بوران-چاپقۇنلۇق شاماللارغا كۆكرىكىمىزنى كېرىپ تۇرۇپ مۇراجىئەت قىلدۇق “ئەي كۆك تەڭرى، بۈگۈن ئۇيغۇرغا بىر مەرتەم نەزىرىڭنى سال، نۇسرەت بەر! ئەي يەتتە ئىقلىمغا مۇساپىر بولغان ئۇيغۇر، بۈگۈن سەن نەدە؟؟؟ نەدە سەن……. ئۇيغۇر!” بورانلىق شاماللار يۈز-كۆزلىرىمىزگە ئۇرغان توپا-چاڭلار سەۋەبىدىنمۇ ياكى يۈرەكلىرىمىز قاتتىق ئازابلاندىمۇ ياكى ھەر ئىككىلا سەۋەبتىنمۇ كۆزلىرىمىزدىن نادامەتلىك ئىسسىق ياشلار توختىماي تۆكۈلمەكتە... قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكىدىكى قان رەڭلىك تۇپراققا قوشۇلۇپ تىزدىن كۆزدىن غايىب بولماقتا......
ناۋادا ماڭا بۇ خارابىلىكلەردىن ئەينى دەۋرگە ئائىت بىرەر نەرسە ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك تەۋەررۈكۈم ۋە بايلىقىم سۈپىتىدە ئۆيۈمدە ئەينەك شېشىگە ئېلىپ ساقلىسام، كۈندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر قارىسام… دېگەندەك شېرىن خىياللارنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قارابالاساغۇن شەھىرىنىڭ شەھەر بۇ خارابىلىقلىرىدە كۆزلىرىمگە كىرىۋاتقان توپ-چاڭلارنى سۈرتۈپ ئۇ يەر-بۇ يەرلەرنى تىمتىقلاشقا باشلىدىم. ھازىرمۇ يەر يۈزىدىن 2-3 مېتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ۋە ئەينى زاماندىكى شەھەرنىڭ سېپىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدىغان توپا دۆڭلەرنى كەزدىم. بىر چاغدا قانداقتۇر بىر قاتتىق نەرسىنىڭ پۇتۇمغا ئۇرۇلغانلىقىنى تۇيدۇم دە پۇتۇم ئاستىدىكى بەلكىم قىرلىق تاش بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئېرەنلىك بىلەن قارىدىم. ئۇ تاش ئەمەس ئىككى تال تۆمۈرنىڭ پارچىلىرى بولۇپ چىقتى. بۇ تۆمۈر پارچىلىرى ئەسلى سۇنغان بىر داش قازاننىڭ قىرغاقلىرى بولۇپ قېلىنلىقى 1.20 سانتىمېتىر، كەڭىرلىگى 10 سانتىمېتىر، خىيالى ئايلانما شەكلىدە ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. دېمەك بۇنىڭدىن شۇنى مۇقەررەرلەشتۈرۈش تەس ئەمەسكى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاردا تۆمۈر سانائىتىنى ئۆز ئىچىگە ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىمۇ خېلى مۇكەممەل دەرىجىدە راۋاجلانغان.
(مانا ئاخىر بىر ئارزۇيۇم بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى. ئەجدادلىرىمدىن ھېچ بولمىسىمۇ ماڭا قازاننىڭ بىر پۇچۇقى تەگدى ئەمما ئۇنى ئۆزۈم ئىزدەپ تاپتىم. بۇ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن قالغان قازاننىڭ پۇچۇقىنى موڭغۇلىيىدىن تاموژنىلاردا يوشۇرۇپ دېگەندەك ئۆتكۈزۈپ ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتىم، مەن ھازىر بۇ تۆمۈر پۇچۇقىنى ئەينەك شېشىدە تەۋەررۈكۈم قاتارىدا ئۆيۇمدە ساقلاۋاتىمەن. موڭغۇلىيە سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانچە قېتىملاپ قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭغا قارىغىنىمنى ساناپ بولالمايمەن. –ئاپتوردىن)
تولىمۇ ئەپسۇس گەرچە 2004-يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورخۇن ۋادىلىرىدىكى تۈرك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىلتىماسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ “خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى” تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ بۇ ھەشەمەتلىك دۇنياۋى تەشكىلاتنىڭ ياكى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكلىرىنى قوغداش شەپقىتى تېخى يىتىپ كەلمىگەن ئىدى.
قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكلىرى شۇ قەدەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغانكى خارابىلىكنى كېسىپ ئوتكەن چىغىر يوللار ياكى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ شەھەر خارابىلىكلىرى ئىچىدە قوي-كالا بېقىپ قالدۇرغان ۋەيرانچىلىقلىرى ۋەياكى كەلگۈندى تەۋەككۈلچى ئېكىسپېدىيەچىلەرنىڭ ئاسارە-ئەتىقىلەر ئىزدەپ قالايمىقان كولاپ قالدۇرغان ئازگاللار قەدەمدە دېگەندەك ئۇچراپ تۇراتتى. ھەتتا بۇ يەرنىڭ نام نىشانىمۇ رەسمىي شەكىلدە بىرەر يەرگە يېزىلمىغان بولۇپ، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى شەھەر خارابىلىكىگە كىرىدىغان بىر يەرگە بۇ يەرنىڭ “ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسى” ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر تاختاي ياساپ بېكىتىشكىمۇ قۇربى يەتمىگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرغا ۋەتەنسىزلىك ھەر-بىر قەدەملەردە شۇنداق روشەن بىلىنىدىكى ھەتتا 1300 يىللار ئىلگىرى قۇرۇلغان دۆلىتىمىز پايتەختىنىڭ جىسمانىي ئورنىنى رەسمىي بىر شەكلىدە ئاتىلىشقا ۋە قوغدىلىنىشقا ئىگە بولالماپتۇ.
گەرچە بىز ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش بولغان تۈركىيە خەلقىنىڭ دۆلىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكىدىن 19 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈتاشلىرى ئورنىتىلغان يەرلەرگە بۇ تارىخىي ئىزلارنى قوغداش ئۈچۈن مىللىيۇنلىغان دوللار خەجلەپ مەخسۇس “كھۆشۆۆ تساىدام (خوشۇ سايدام) تۈرك مەدەنىيەت ئىزلىرى مۇزېيى” قۇرۇپ ۋە بۇ يەرگە بارىدىغان 45 كىلومېتىر تاش يول ياساپ ئۆز مەدەنىيەت ئىزلىرىگە ساھىب چىقىپتىكى بۇ شەپقەتلەر ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇنغا مەنسۇپ بولماپتۇ. بىز ئاپتوبۇس بىلەن قايتىش يولىمىزدا يىغىن سەپىرىدە بىرگە بولغان بىر قانچە ئۇيغۇر پېشقەدەم يازارلىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز بىلەن ئوردۇ بالىلىق (قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىلىكلىرىنى قانداق قوغداپ قېلىش توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەر قىلىشتۇق ۋە ئاخىردا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىدا ئورتاق بىر تونۇشقا كەلدۇق:
1- ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىكلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن “خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى” تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن بىرىنچىدىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي شەكىلدە قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.
2-قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكلىرى ئۇيغۇرلارغىلا مەنسۇپ بولماستىن تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا تەۋە تارىخىي جاي ۋە بۇ نۇقتىدىن شەھەر خارابىلىكىنىڭ قوغدىلىنىشى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك.
3-بولۇپمۇ پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇر لار بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسىگە ۋە باشقا خەلقئارالىق مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقىلەرنى قوغداش جەمئىيەتلىرىگە ئىلتىماس قىلىش ۋە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر قوللىنىشىغا كۆۋرۈك بولۇشى زۆرۈر.
4-دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار بىر ئارىغا كېلىپ ئۆزلىرى تەشكىل قىلغان بىر كومىتېت قۇرۇپ چىقىش ۋە بۇ كومىتېت مەخسۇس قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىرىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇيغۇر مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقىللىرىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش ۋە تەدبىر كۆرۈش.
5-قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسىنى ئۇيغۇرنىڭ ئىككىنچى مەككىسىگە ئايلاندۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇرلارنى موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن ۋادىلىرىغا جۈملىدىن قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز تارىخىمىزنى بىلىش قىزغىنلىقى قوزغاش.
6-قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىكلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆز كىملىكىمىزنى تونۇش ۋە تارىخىمىزغا ئىگە بولۇش تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش.
7-ئۇيغۇر ۋەكىللىرى رەسمىي شەكىلدە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىرىنى ۋە موڭغۇلىيىدىكى باشقا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي جايلارنى قوغداش توغرىسىدا دىپلوماتىك قاناللار ئېچىپ قەرەللىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش.
8-بۇ مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى سودا-سانائەتچىلەر، ئىقتىسادى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر ساھەلەرنى تەشكىللەپ مەبلەغ يىغىش ۋە يىغىلغان مەبلەغلەرنى قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەرنى، تارىخىي جايلارنى قوغداشقا سەرپ قىلىش.
يۇقىرىقى يەكۈنلەر بۇ قېتىم موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن بويلىرىدا ئېچىلغان “3- نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي خەلىقلىرى قۇرۇلتىيى .......” غا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى، رەسسام، تارىخچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئورتاق تونۇشى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن ئاممىۋى كۈچكە ئىگە مۇراجىئىتى بولۇپ، بۇ مۇراجىئەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى سۆيگەن، ئۇيغۇرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇمىغان، ئەجدادلىرى بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشلەرنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ تارىختىكى دۆلەتچىلىك مەيدانىدا تۇرۇپ بۈگۈنكى مىللىي مەدەنىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىستەكلىرىدە بولۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ۋەتەن سۆيەر ۋە مىللەت سۆيەرلىرىنىڭ جىددىي ئويلىنىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچىدمىز.
بۇ ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرلەرگە تولغان سەپرىمىز ئاياغلاشتى. يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن سۆزگە چىققان .... باش كاتىپى ھورى تاكەئاكى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا سۆز قىلىپ: “مەن بۇ سەپەر جەريانىدا موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى گوبى چۆللۈكلىرىدىن بىر تال گۈل ئىزدەپ تېپىشنى كۆڭلۈمگە پۇتكەن بولساممۇ ئافرىقىدىكىگە ئوخشاش يەنىلا ئۆزۈم ئىزدىگەن گۈلنى تاپالمىدىم ئەمما ئۇگۈلدىنمۇ ئارتۇق بىر نەرسە تاپتىم- ئۇ بولسىمۇ ئورال ئالتاي بىرلىكىنىڭ چىن دوستلۇقى. بىز سەپەر داۋامىدا يامغۇردا بولسۇن ياكى پژىرغىن ئىسسىقتا بولسۇن دائىىم دېگەندەك كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ، ئىسسىق-سوغۇققا چىداپ، يايلاقمۇ يايلاق، ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا، بۇ تاغدىن ئۇ تاغقا توختىماي سەپەر قىلدۇق…بىز سەپەر داۋامىدا ئۆزىمىزنى قاتتىق چېنىقتۇردۇق ۋە بۇ سەپەر ئارقىلىق بىز ھەقىقى ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ ھۇلىنى سالدۇق. مەن بىزنىڭ پارلاق كېلەچىكىمىزنىڭ بارلىقىغا ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنىڭ چوقۇم نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچىدىمەن.”
ئەڭ ئاخىردا موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ مەسئۇل ىساھىپخان گ مەند-ئوئويو ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە خوشلىشىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن“3-نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” نىڭ يىغىنى رەسمىي ئاياغلاشقانلىقى ئېلان قىلىندى ۋە يىغىن ئەھلى بىر- بىرلىرى بىلەن خوشلىشىپ، ئۆز-ئارا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ يىغىن زالىدىن ئايرىلدى.
موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلار
مىلادى 843-يىلى ئوردا بالىقنى پايتەخت قىلغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار شەرق، جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇب ئۇچ يۆلىنىشكە بولۇنۇپ كۆچۈپ، شەرىقى يۆلىنىشى سېرىق دەرياسىنىڭ جۇنۇبلىرىغىچە،جەنۇبىي يۆلىنىشى كەڭسۇ ۋە كۆكنۇر (ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ گەنسۇ ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى) گىچە، غەربىي يۆلىنىشى ھۇن ۋە تۈرك ئىمپېرىيىلىرى دەۋرلىرىدىن تارتىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىماللىرىدا تۇرپان، تارىم ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زېمىنلاردا ياشاپ كەلگەن يەرلىك توققۇز ئوغۇز (ئۇيغۇر) قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنى ۋە قاراخانىيلار دۆلەتلىرىنىنى قۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ دۆلەتچىلىك تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئاچىدۇ….
ھازىر بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدە ئەڭ ئاز بولغاندا تەخمىنەن 5 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئۇلار ئاساسلىق موڭغۇلىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى رۇسىيە ۋە جۇڭگۇ بىلەن 40 كىلومېتىر چېگرىداش بولغان ئالتاي تاغلىرىنىڭ شەرقى بۆلگىگە جايلاشقان بايان ئۆلگەي (ئۆلگىىى) ئايمىغى ۋە خوبدا، زاپخۇن قاتارلىق شەھەرلەرنى مەركەز قىلىپ قازاقلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، يەنە ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ئۇلانباتور شەھىرىدە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەۋلادلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مانجۇزۇلۇمدىن قېچىپ، تىرىكچىلىك قىلىش يوللىرىنى ئىزدەپ ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق يۇرتلاردىن كۆچۈپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلار ئەينى زاماندا موڭغۇلىيىگە ئۇيغۇرنىڭ تاماقلىرى، يېزائىگىلىك ۋە قۇرۇلۇش قاتارلىق ھەر خىل ھۈنەر-كەسىپلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە موڭغۇلىيىگە ئېلىپ كېلىپ چارۋىچى موڭغۇل خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغانلىقنى موڭغۇلىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، 1957-يىلى موڭغۇلىيىدىن ۋەتەنگە قايتقان ئابدۇراخمان ئەبەي ئەپەندى ئۆزنىڭ ۋە بارلىق موڭغۇلىيىدە ياشىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھايات سەرگۇزەشتىللىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ يازغان “موڭغۇلىيىدىن ۋەتىنىگە قايتقان ئۇيغۇرلار”ناملىق ماقالىسىدە شەرھلەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى سۆز
بۇ يىغىن ئاياغلاشتى. بۇ يىغىن موڭغۇل يايلاقلىرىدا-ئۇيغۇرنىڭ ئاتا تۇپرىقى ئورخۇن بويلىرىدا بىر ھەپتە داۋام قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرىنىڭ قەلبىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىگە چوڭقۇر ھاياجانلارنى، تولۇپ تاشقان ئارزۇ-ئارمانلارنى، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ ئاياغلاشتى...
بۇ يىغىن بىزگە بىر قىممەتلىك دەرسخانا، ئۇيغۇرنىڭ كېلەچىكىگە ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى، يولىمىزغا يېڭى نىشانلارنى ئاتا قىلغان بىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولدى. خۇددى بىز بۇ يىل فېۋرالدا تارىختىكى ھۇن بوۋىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى دۆلىتى ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزگەن يىغىنىغا ئوخشاش بىزگە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى...... تارىخىي قان-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ دۇنيادا كۆپلىكىنى........ قايتىدىن ئەسلەتكىنىگە ئوخشاش بۇ نۆۋەتلىك يىغىندىمۇ ئەينەن تەكرارلاندى…
مەيلى بىز قىزىل باتۇر (ئۇلانباتۇر) شەھىرىدىكى ھەشەمەتلىك يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا بولايلى ياكى كۆلتېكىن، بىلگە قاغان مەڭگۈتاش ئابىدىلىرىنى زىيارەت قىلايلى ياكى خانىۋەيرانچىلىقتا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مۈكچەيگەن دۆڭلۈكلەر ئارقىلىقلا بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق(قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلايلى ياكى بولمىسا گۈزەل موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىدە پەيدا بولۇپ قالغان ئېزىتقۇ چىغىر يوللارنى بويلاپ خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ سۈكۈتتە ماڭايلى، ھەر كاللىدا ھەر بىر دەقىقىدەبىرلا سو’ئال ۋىجدانىمىزنى تىلغىدى… ئۇ بولسىمۇ “ئەي ئۇيغۇر، ئاتا-بوۋىللىرىڭنىڭ تارىخى سېنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ سېنىڭ كەلگۈسىىڭ نىچۇن؟ ياكى مىلادى 843- يىلىدىكىدەك ئۇيغۇر سەركەردىسى كۆل بۇقنىڭ ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلىپ قىرغىزلارنى باشلاپ كېلىپ ئۆز ۋەتىنىنى گۇمران قىلغىنىدەك ياكى 1678- يىلى ئىسلام تونىنى كىيگەن سۇفى - ئىشان ئاپئاق غوجا جۇڭغارلارنى (ئورىيات موڭغۇللىرى) باشلاپ كېلىپ سەئىدىيە ئۇيغۇرخانلىقىنى مۇنقەرز قىلغىنىدەك ۋە ياكى1877- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەت مانجۇ ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىنى ئانا تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە 10 يىل مۇستەقىل دۆلەت سورىغان قەشقەرىيىنىڭ ئەمىر بەدۆلەت ياقۇپ بەگنى كورلىدا خوتەنلىك نىياز بەگنىڭ زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگىنىدەك ...... يەنە كىملەر سېنى قايسى ئوتلارغا تاشلاپ كۆيدۈرەر؟! يەنە كىملەر ساڭا زەھەر بېرەر؟.......يەنە……يەنە…” تەبىئىيكى بۇ جاۋابسىز قالغان سوراقلارغا جاۋاب تېپىش ئارمانلىرى بىلەن يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەتىنى ئۈچۈن ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلىش بەدىلىگە كۈرەش قىلغان كۈرەشچان ئەجدادلار روھىنىڭ بۈگۈن بىز تاۋاپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق خارابىلىقلىرىدە، ھەر بىرئۇيغۇرنىڭ قەلبلىرىدە ۋىجدان سوراقلىرى بولۇپ قايتىدىن مۇشۇ دەقىقىلەردە سورالماقتا.......