- تىزىملاتقان
- 2012-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5757
- نادىر
- 0
- يازما
- 289
ئۆسۈش
15.14%
|
تارانچى خەلقى ئۇرۇش ئىشىنىڭ ئىلگىرى باسالمايۋاتقىنىنى ئىناق ۋە ئىتتىپاقسىزلىغىدىن كۆرۈپ، ئىختىلال ئىشىنى ئاساسىدىن تۈزەپ، تۈپلۈك ھۆكۈمەت سايلاشنىڭ لازىم ۋە زۆرۈرلىگىنى چۈشەندى، ئۇقتى ھەم موللا نەسىرىدىن ئەلەمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇلۇغ كىڭەش ئۆتكۈزۈشكە يىغىلدى. مەزكۈر ئەلەم رىياسىتىدە ئىچىلغان قونكى ( ئومۇمىي ) قۇرۇلتاي مەزەمبەگ ھاكىمنى ” سۇلتان مەزەمخان “ ئۇنۋانى بىلەن خان كۆتەردى. ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئەمىر، نەسىردىن ئەلەمنى قازى – كالان، موللا شەۋكەت ئاخۇننى قازى ئەسكەر، موللا روزىنى مۇپتى، ئەلھاسىل سۇلتاندىن تارتىپ يۈز بېشىغىچە ھەممە مەنسەبدارلارنى تەيىنلەپ تارقالدى. يېڭى سۇلتان ئەسكەرلەرنىڭ ئىدىتىنى دەپتەرگە قەيت قىلدۇردى ( دەسلەپ ئەسكەرلەرنىڭ ئىدىتى مەلۇم ئەمەس ئىدى ). ئۇ مۇجاھىدلارنى بالدۇرقىغا قارىغاندا خېلى ئىنتىزامغا سالدى. شۇ چارغدا باياندايغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۈرەدىن بىرىنچى دۈركۈن چىڭ چېرىكلىرى چىقتى، بۇ ئۇرۇشتا تارانچى مۇجاھىدلىرى زەربە يەپ قالدى. قاماقتا ( قورشاۋدا ) تۇرغان بايانداي بولسا ئېلىنمىغان ئىدى. تارانچى مۇجاھىدلىرى چېرىكلەرنى قەھىرمانانە رەۋىشتە ياندۇرۇپ تۇرسىمۇ، ھەر تەرەپتىن زەربە بېرىشكە چېغى يەتمەسلىكى سېزىلىپ تۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى بىر يەرگە توپلاشقا سۇلتاندىن پەرمان سادىر بولۇپ، كۈرە تەرەپتىكى تۇڭگانلار بىلەن ئۆزبەكلەر ئالدۇرۇلدى. چەتتە قالغان تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىدىكى شەيىخلەرگىمۇ ئادەم ئەۋەتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بالا – چاقىلىرى بىلەن سولانلار تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنغان خەۋىرى ئېلىندى. تارانچىلارنىڭ ھەممە ئۇرۇش كۈچى بىر يەرگە توپلانغاندىن كېيىن كۈرە بىلەن بايانداي يولىنى بۆلۈپ، مەشھور تامبارگاھ سوقۇلدى ھەم باياندايغا قەتئىي ھۇجۇم باشلاندى. قەلئە ئىچىگە شوتا – نارۋانلار ئارقىلىق بايانداي قوغىنىنى ئىلىش مۇمكىن بولمىدى. ئۇلار قورغاننى دورا كۈچى بىلەن بۇزماق بولۇپ، بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مەشھۇر سادىر خاڭرۇق ( سادىر پالۋان ) دېگەن كىشىگە تاپشۇرۇلدى. سادىر خاڭرۇق چاپسان ئىشلەپ، قورغان ئىستىكامىنى دورا كۈچى بىلەن بۇزغان بولسىمۇ، چېرىكلەر ئاتقان قار – يامغۇردەك ئوققا قارشى ھۇجۇم قىلىپ بايانداي ئىچىگە كىرەلمىدى. تاڭلىسى قوزغىلاڭچىلار قورغاننىڭ بۇزۇلغان يېرى مەزمۇت قىلىپ بەكىتىلگەنلىكىنى كۆردى. شۇ گەزدە باياندايدىكى چېرىكلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۈرەدىن ئىككى نۆۋەت چېرىك چىقتى، بۇلار قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى ۋە 710 نەپەر چېرىكىنىڭ ئۆلۈگىنى ئۇرۇش مەيدانىدا قالدۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ مەغلۇبىيەتنى چىڭ دائىرىلىرى جاڭجۇڭنىڭ تەدبىرسىزلىكىدىن كۆرۈشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كونا جاڭجۇڭنى چۈشۈرۈپ، ئورنىغا مىن دېگەن ئەمەلدارنى جاڭجۇڭ قىلدى. بۇ يېڭى جاڭجۇڭنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھېچ يامانلىغى تەگمىگەن كىمسە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىگە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم يامان قارىماسلىغىنى ئېتىۋارغا ئىلىپ، تارانچىلار بىلەن تىل تىپىشقا كىرىشتى، يەنى بۇ جاڭجۇڭ ئىختىلال ئوتىنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئىختىلالچىلارنىڭ تىلىگىنىنى بىرىپ بولسىمۇ ئۇلار بىلەن چىقىشماق بولدى ۋە تارانچىلارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەردى:
1) قوزغالغان تارانچىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئەپۇ ئومۇمى قىلىش.
2) تارانچىلاردىن ئىلگىرى ئىلىنغان ئۈستەمە ( قوشۇمچە ) سېلىقلارنى ياندۇرۇپ بېرىش.
3) تارانچىلارنىڭ ئىستىقلالىيىتى _ چىڭ ھۆكۈمىتىگە باغلىق بولماي، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزلىرى قىلىشنى تونۇش ( تارانچى ۋىلايىتىنىڭ چېگارىسى چەيلەڭزىگە قەدەر ).
4) سۇلتانغا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ مەنسىپىنى، يەنى لەھەل جوڭزىلىق دەرىجىنى بېرىش.
بۇنىڭ بەدىلىگە تارانچىلار بۇزۇلغان تۇڭگانلارنى چېرىكلەرگە تۇتۇپ بېرىشى لازىم. چېرىكلەرنىڭ بۇ تەكلىپىگە يېڭى سۇلتانبەگ قاتتىق جاۋاب يازدى. “ بىزگە ھېچبىر شەرتسىز ئەل بولۇڭلار، بولمىسا ئازابلىق ئۆلۈم بىلەن قەتىل قىلىمىز ھەمدە ئۇشبۇ خەتنى ئالغان زامان كۈرەدە سولاقلىق تۇرغان ئىككى يۈز مۇسۇلماننى چىقىرىپ بېرىڭلار “ دېدى. جاڭجۇڭ سۇلتان تەرەپتىن بولغان تەكلىپكە بىنائەن سولاقلىق ئىككى يۈز مۇسۇلماننى چىقىرىپ بەردى. بۇ ھال ئىختىلال باشلىقلىرىنىڭ روھلىرىنى كۆتەردى. چۈنكى بۇنىڭدىن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچسىزلىگى بىلىنەتتى. ئەمما ئۇششاقلار – قوزغىلاڭچىلار روھسىز ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكەر باشلىقلىرى بىرەر يەرنى پەتىھ ( ئىشغال ) قىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشنىڭ كويىدا ئىدى. شۇ ۋەجىدىن سۈيدۈڭنىڭ قىشىدا بىد شانىدىكى چېرىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدى. بۇنى كۆرگەن چاقار جوڭغارلار دەرھال تارانچى ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقا ئالدىرىدى. تورغاۋۇتلار بولسا بۇلاردىن بالدۇر ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىتەرەپلىكىنى بىلدۈرگەن جاڭجۇڭ تارانچىلار بىلەن سۆزلىشىشتىن مەنا چىقمىغانلىقىنى ئېتىۋارغا ئىلىپ، يېڭىدىن ئۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشكەن ئىدى. مەقسىتى قوزغىلاڭچىلارغا ساقايماس زەربە بىرىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەدىكىلەر تارانچىلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىدىغان 3 – پىرقە ئەسكىرىگە ئىشەنچ قىلاتتى. بۇ قىتىمدا تارانچىلار، مەقاۋمەت قىلالماي ياندى. لېىكىن تارانچى – تۇڭگانلار تارىلىپ، چىكىنگەندىن كېيىن كۈرەدىكىلەر قوغلىماستىن ئارقىغا ياندى ۋە قەلئە ئىچىگە كىرىپ، ساقچىلىققا سولان، قالماق چەنپەنلىرىنى ( ياللانمىلىرىنى ) قويۇپ، يەنە ئۇرۇشقا جىددىي جابدۇنۇشقا باشلىدى. ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇش ھازىرلىقىدىن ئىلىنىڭ سول ياقىسىدىكى شىۋەلەرنىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى. شىۋەلەر بولسا تارانچىلارغا سادىق بولۇپ، چېرىكلەر تەرىپىدىن ئالغان بۇ خەۋەرلەرنى ئاققوزا، توقىلەكلەرگە يەتكۈزدى. بۇلار دەرھال سۇلتانغا خەۋەر بەردى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تارانچىلار ئۇرۇش تەييارلىقى كۆرۈشتى. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ، بايانداي تەرەپكە كۈرەدىن يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز چېرىك ھۇجۇم باشلىدى. رەجەپ ئىيىنىڭ 17 سىدە ئىككى تەرەپنىڭ چېرىكلىرى ئۇچرىشىپ، قانلىق ئۇرۇشتىن كېيىن دۈشمەن تەرەپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ قاچتى. تارانچىلارغا 96 زەمبىرەك، 60 ھارۋا ئوزۇق – تۈلۈك، ياراق – جابدۇق ئولجا چۈشتى. تارانچىلارنىڭ تالاپىتىمۇ سىزىلگىدەك ئېغىر بولدى، ئەمما بۇ قىتىم دۈشمەنگە ساقايماس دەرىجىدە زەربە بەردى.
|
|