قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7822|ئىنكاس: 61

ئوغلانى : ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

12

دوست

9511

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 226
تۆھپە : 2806
توردىكى ۋاقتى: 587
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 19:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى


نادان خەق بار ، قالاق خەق بار ، ئارقىدا قالغىنى ھەم بار .
ھاراقكەش بار ،خوتۇنپەز بار ، زەھەرگە بولغىنى يەم بار .
قىمارۋاز بار ، قىزىل كۆز بار ، ئالدامچى ،ھىلىگەر جەم بار .
كىسەللەر بار، بىشەملەر بار ، ھارامدىن تېتىغان تەم بار .
چاپلىسۇن قانچىلىك ئىللەت،ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .


ئەسەردە تىللىدى مەزگىل چاۋىنى بىر  يېيپ  چىتقا ،
ئۇيغۇر دەپ ئالدى ئىلھاملار يوتقاندا ئۇچرىسا پىتقا .
سۆڭەك يىسە يەنە بىرسى« ئۇيغۇرۇم ئوخشىدى ئىتقا» .
ياخشىلار بولدى بىر بېلىق ،يامانلار تەسۋىرى كىتقا .
تۆھمەتكە چىداملىق مىللەت  ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .


ئالىمىڭ ئالدى شۆھرەتنى ئالدىڭغا  باققىنە قاراپ،
ئۆز كىشىڭ بەردى خىزمەتنى دىيارغا ناملىرى تاراپ .
ياشلىرىڭ تاپتى قۇدرەتنى دۇنيامۇ قىلدىلەر ئىتراپ .
مۇشۇنداق تۇتسا پۇرسەتنى بىزگىمۇ تىگىدۇ مىھراب .
ماختىسام كۆپ يەنە خىسلەت ،ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .


ئۇچرىسا ئانچىكىن توسقۇن ، يانمىغىن كەينىگە تېزدىن ،
غەيرەتتە يۆتكىلەر تاغمۇ ، ھەقنى سەن ئايرىما سۆزدىن .
بېشىڭغا كەلسىمۇ دەتلەر ، ئەقىلدە ئازمىغىن ئىزدىن .
تەر قانچە ئاقسىمۇ ئاقسۇن ، لىكىن ياش ئاقمىسۇن كۆزدىن .
ھامان تارقايدۇ شۇم قىسمەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .


بىلىمسىزلەر قەدىرسىزدۇر ،جاھانغا بىر قاراپ باققىن  ،
يۇيۇلماس دىل كىرى ھەتتا، مەيلى دەريادا ھەم ئاققىن .
چۈشەن ئۇشبۇ ھېكمەتلىنى ، مىختەك دىلىڭغا بەك قاققىن .
بىلىملىك ئۈلگمىز كۆپتۇر ، ھۆرمەتلەر  بابىغا قاتقىن .
شۇندا سەنمۇ يارات قىممەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .


ئىللەتكە تىك ئۆتكۈر كۆزۈڭ ،كۆرسۇن ھەم ياخشنى قوشلاپ  ،
ئۈمىدسىز قويمىغىن  دىلنى ، ئۈمىدلەر  كەتمىسۇن تاشلاپ .
نەدىن ،كىم بولمىغىن مەيلى ،روھلىرىڭ تۇرسا گەر ياشناپ ،
ئىگەم ھامان بېرەر ئوڭلۇق ،  ھىدايەت سۈيىنى باشلاپ .
باردۇر ھەر ئىشتا بىر  ھېكمەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .



   2014-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى

   تىيەنجىن  










باغداشتا تېما ئاز بولسا بولسۇن، ساز  بولسۇن ، خەلق رازى بولسۇن !

2

تېما

1

دوست

4101

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10928
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 221
تۆھپە : 1089
توردىكى ۋاقتى: 371
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 19:35:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rushangull تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 19:41  

كېچىنى قانچە زۇلمەت قاپلىغانسېرى سۈبھى تاڭنىڭ يېقىنلىششى شۇنچە تېز بولىدۇ.
لېكىن يەنىلا تىرىشمىساق بولمايدۇبىز ئۇيغۇر ئەتنىڭ ئۈمۈتلىرى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

2662

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 836
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 19:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مەزمۇنى   ياخشىكىن   ،    ئۇممۇتسىزلىك   ئۆلگەن    بىلەن   باراۋەر    .     ياخشى   تىمىلىرىڭىز    ئۇزۇلۇپ    قالمىسۇن   .  

43

تېما

2

دوست

6333

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 717
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 424
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 20:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇرۇمدا ئەلۋەتتە ئۈمىت بار. ئۈمىتسىز پەقەت شەيتاندۇر.
    يوقۇرقى شىئىر ناھايىتى جانلىق، رىئاللىقنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىلىپتۇ.
    مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۈمىتلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن! دەيمەن.

0

تېما

2

دوست

1133

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10327
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 20:13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز  ھىممەتلىك  غەيرەتلىك ئۇيغۇر  ياشلىرى

0

تېما

0

دوست

1115

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26536
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 20:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرۇم،  سەندە  يۇقۇرقى  ئىللەتلەر  يوق !  

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 515
توردىكى ۋاقتى: 290
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 21:09:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە قىسمەتلەر ئالدىدا باش ئەگمىگەن ، چاقناپ تۇرغان ئىسىل مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت ئاللاھ خالىسا باش كۆتەرمەي قالمايدۇ

1

تېما

2

دوست

4462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1304
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 21:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقىنى ئىمان بىلەن ئۈمىد . ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )