- تىزىملاتقان
- 2014-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
6.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arslanuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-21 18:53
ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ تولىمۇ كۈلگىم كەلدى.مۇشۇ دوختۇر دىگەن قاسساپ ئۇبۇ دىگەن
تورداشلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ھەممىسى يۇقىرى كىشىلەرمىدۇ دەپ ئويلىنىپمۇ قالدىم،دوختۇرلارغا باھا بەرگىدەك سالاھىيىتى بولغاندىكىن ھەممىسى ئالىملار بولسا
كىرەك.
ئىچكىردە ئوغرىلىق بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ پۈتۈن ئۇيغۇرنى ئوغرى دىسە بارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاچچىغى كەلگىنىدەك ناھايىتى ئويلىماي تەپەككۇر قىلىدىغان تورداشلار ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەسكەن.
چەتئەللەردە دوختۇرغا ئاق خالاتلىق پەرىشتە دەپ نام بىرىلگەندىن كىيىن دۆلىتىمىزگە
سىڭىپ كىرگەن ئىدى.ئەمدىلىكتە بىز ئۆزىمىزدە قانچىلىك بىلىم بار دىگەننى ئويلاشماي
دوختۇرلارنى تىللىغىلى تۇرۇپتۇق.توۋا دەيلى.
مەيدىڭىزگە ئۇرۇپ ئاشۇ دوختۇر تاتقان جاپانىڭ يىرىمىنى تاتالايمەن دەيدىغاندىن
نەچچىڭىز بار؟ھەققىقەتەن كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەيدىغان خىزمەتلەر كۆپ
بىراق دوختۇردەك شۇ ھەربىر مىنۇتتا ئىنچىكىلىك بىلەن كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئشلەشكە
توغرا كىلىدىغان خىزمەت كۆپ ئەمەس.ئالىي مەكتەپتە قىنى قايسى كەسىپ تىببىي پەندەك قىيىىن؟قايسى شۇنىڭدەك ئوقۇغاندىمۇ كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلايدىغان جاپالىق؟
قاسساپ دىگەن تىرىكنى ئۆلتىرىدۇ.دوختۇر داۋالايدۇ.ئەلۋەتتە ئىنساندەك بىر مۇرەككەپ جانلىق ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسىنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولۇش سۈپىتى
بىلەن ئۇنداق ئاسانلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان ئەمەس.
دوختۇرلۇق كەسىپى مەكتەپلەردە خىمىيە،بىئولوگىيە،فىزىكا،ماتىماتىكا قاتارلىق بىز ئۇيغۇر مىللىتى بىرقەدەر ئاجىز كىلىۋاتقان تەبئىي پەنلەرنى ئاساس قىلىپ ئۆتىلىدۇ.
بەش يىل ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ يەنە بەش يىل ئىشلەپ تەجىربە توپلىماي تۇرۇپ مۇشۇ
كىسەلگە مەن مەسئۇل دەپ كىسەل داۋالىغان دوختۇرنى كۆردىڭىزمۇ؟
ئەلۋەتتە ھەممە كەسىپدىن ناچار كىشىلەر چىقىدۇ،بىراق شۇ ئاز بىرقىسىم كىشىلەرنى
تۇتقا قىلىپ دوختۇرنى تىللايدىغان نىمە ھوقۇقىڭىز بار؟ئەلۋەتتە سىزنىڭ دوختۇرلارنى
نازارەت قىلىدىغان ئۇ ھەققىدە پىكىر قىلىدىغان ھوقۇقىڭىز بار.بىراق بۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك پىكىر قىلىدىغان كىشى ئىشىنىمەنكى،بىلىم دىگەندىن سۆز ئاچقۇسىز
كىشىلەر بولسا كىرەك.
ئەلۋەتتە مەنمۇ بەك بىلىمكىك كىشى ئەمەس خاتا كەتكەن تەرەپلىرى بولسا توغىرلاپ
بىرەرسىلەر.بۇ ئىنكاسىمغا بىردەملىك ھىسىيات ئارلىشىپ قىلىشىدىن ساقلىنالمىدىم.
ئىشىپ كەتكەن تەرەپلىرى بولسا توغىرا چۈشىنەرسىلەر. |
|