- تىزىملاتقان
- 2014-2-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3563
- نادىر
- 0
- يازما
- 282
ئۆسۈش
52.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kanjebatur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-21 11:37
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ ‹ئىلى دولقۇنلىرى›ناملىق ئەسرىنى ياقتۇرىمەن.ئۇنىڭ ‹ھايات سىرى›ناملىق كتابىنى ئازراق ۋاراقلاپ باققان،سىز دىگەندەك مەزمۇنلارنى كۆرۇپ قويۇپ قويغان،مۇئەللىپنىڭ قانداق بولۇپ شۇنداق كىتاپنى يازغانلىقىغا مەنمۇ ھەيران.
نىمە ئۇچۇنكىن شۇنداق ئەسەرلەر كۆپىيىپ قالدى،شۇڭا ھازىر ئۇيغۇرچە ھىكايە-رومانلارنى ئوقۇماس بولۇپ قالدىم.نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ھەرخىل ئەدەبىي ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇپ ئوقۇغان،لېكىن ژۇرناللاردىكى ھىكايە -پوۋسىتلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەكلا ئەر-ئاياللارنىڭ تاپتىن چىقىشى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇزۇقچىلىقى تەسۋىرلەنگەچكە ئەدەبىي ژۇرناللاردىن سەسكىنىپ كەتتىم.ئەڭ سەسكەندۇرگىنى سەمەت دۇگايلىنىڭ تارىم ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان ‹بۇنداق تۇرمۇشقا نىمە دىگۇلۇك›دىگەن پوۋسىتى.شۇندىن كېيىن ئەدەبىي ژۇرناللارنى قولۇمغا ئىلىپ باقمىدىم.مەن ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرچە ژۇرنالدىن پەقەت ئىككىسىلا بار،بىرى‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›،يەنە بىرى‹بۇلاق›.
نوبىل ساھابى مىسرلىق نەجىپ مەھپۇز ‹ئۇچ كوچا تىرلوگىيەسى›دىگەن كىتابى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپتىكەن،مەن ‹قەسىر كوچىسى›نى ئوقۇغان،ئۇنىڭدا شۇنداق مىىرنىڭ ئىنقىلاپ دەۋرىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىقى تەسۋىرلىنىپتىكەن.بىزنىڭ يازغۇچىللىرىمىزنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئالغىسى كەپقالدىمۇ؟ئەختەم ئۆمەرنىڭمۇ شۇنداق ھىكايىللىرى كۆپ،مەسىلەن ‹نازىنىن›،يەنە يىزىغا چۇشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن بىر ھىكايىسىدىمۇ شۇنداق مەزمۇنلار بار.
يەنە ‹كۆپۇك›،‹گۇللالە›دىگەن روماندىمۇ شۇنداق مەزمۇنلار بار.ھەيران قالارلىق يىرى ‹لالە›دىگەن رومان تۆت قېتىم قايتا بېسىلىپتۇھەتتا‹گۇللالە›نىڭ مۇئەللىپى سۇنى ئۆزىمىز لىيىتقاندىكىن ئۆزىمىز ئىچىشىمىز كىرەك،يەنى تويدىن بۇرۇن قىزلار باشقىلار بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە بولسا توغرا چۇشىنىش كىرەك دىگەن مەزمۇننى ئىلگىرى سۇرۇپتۇ. . . ئادەمدە ئۇنداق ھايۋانى ھەۋەسنى يوق دىگىلى بولمايدۇ،ئۇنى كۆپلەپ يىزىشنىڭ ھاجىتى يوق.بەلكىم بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولۇشى مۇمكىن،يا بەلكىم بۇنداق ئەسەرلەرنى تۇرمۇشقا چۆكمەيلا،خىيالىغا تايىنىپ يازغىلى بولىشى مۇمكىن.<غىلاپ بەندىسى>،<خامىلىيون>قاتارلىق ھەكايىلەرنىڭ ئاپتۇرى چىخوف ياش ۋاقىتلىرىدا شۇنداق بولمىغۇر مۇناسىۋەتكە ئائىت ئەسەرلەرنى يىزىپ،ئاقسۆڭەكلارنى خوش قىلىپ كۇنىنى قامداپتىكەن،كېيىن ئىسمىنى چىخوفقا ئۆزگەرتىپ ،خەلىقنىڭ تۇرمۇشىغا چۆكۇپ بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتىپتىكەن. مەن ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرنىنىڭ ئۇچىنلا كۆرمەي،تۇرمۇشقا چۆكۇپ ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يىزىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. |
|