قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2771|ئىنكاس: 7

قەيسەر مىجىت: ئىگىلىك تىكلەش مېلودىيەسى-(3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

70

تېما

16

دوست

9409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   88.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 43
مۇنبەر پۇلى: 795
تۆھپە : 3173
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 03:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

ئىگىلىك تىكلەش مېلودىيەسى-(3)


قەيسەر مىجىت


           ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىدا ھەر زامان ئىقتىسادى پائالىيەتلەر يادرولۇق ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن. خۇددى يەككە ئادەم -ھاياتلىق ئۈچۈن  يىمىسە، كىيمىسە بولمىغانغا ئوخشاش، بىر جەمىيەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۈچۈن ھەر خىل تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. دېمەك ئىھتىياجنى ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان تەلەپنى قاندۇرۇش ئۈچۈن توۋار ۋە مۇلازىمەتلەر ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە تەمىن ئىتىلىشى كىرەك. مانا مۇشۇ تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتە قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئىقتىسادنى  مۇنداق تۆت مۇھىم تەركىۋى قىسىمغا(ساھە ياكى كەسپمۇ دەپ قويىدۇ) بۆلىدۇ.
         
بىرىنجى قىسمى- ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش ئارقىلىق  ۋە تەبىئەتتىن تەبىئى بايلىقلارنى ئىلىش ئارقىلىق خام ماتىريال ئالىدىغان ساھەلەرنى يەنى ئاساسلىغى دىھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بىلىقچىلىق كانچىلىق كەسپىنى ۋە ھەتتا نىفىت ھەم تەبى گاز ئايرىيدىغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      
ئىككىنجى قىسمى- كىشىلەر بىرىنجى قىسىمدا  ئالغان خام ماتىرياللارنى يېرىم مەھسۇلاتقا ياكى تەييار مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدىغان يەنى خام ماتىرياللارنى يىرىم پۈتكەن ياكى تەييار مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدىغان كەسپلەرنى يەنى مەھسۇلات ياسايدىغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      
    ئۈچىنچى قىسمى بولسا مۇلازىمەت كەسپى بولۇپ ئۇنىڭدا قول بىلەن تۇتقىلى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بىرەر مەھسۇلات يارىتىلمايدۇ، بەلكى ئۇ جەمىيەتنى قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ساھەگە  مىلىچ ماللارنى سىتىش، بانكا، مىھمانخانا، ئۆي- مۈلۈك تىجارىتى مائارىپ، تىبابەت ، توك، گاز ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى كىرىدۇ.
   
  تۆتىنجى قىسمى بولسا ئۈچىنچى قىسمىدىن ئايرىلىپ چىققان بولۇپ  ئۇ كۈچلۈك بىلىم  جۇغلانمىسى تەلەپ قىلىدىغان ساھەلەرنى يەنى ئۇچۇر تارقىتىش، يىغىش، مەسلىھەتچىلىك، پەن تەتقىقاتى ۋە مالىيە پلانلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
         ئىقتىسادنىڭ بۇ تۆت قىسمى ئۆزئارا بىر -بىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. مەسىلەن قۇۋانخان دىھقانچىلىق قىلىپ پاختا تىرىسۇن، قۇۋانخاننىڭ شۇغۇللانغىنى بىرىنجى كەسپ، ئاندىن ئۇنى پالتاخۇن سىتىۋىلىپ ئۆزىنىڭ توقۇمچىلىق فابرىكىسىدا ئەتلەس توقۇسۇن، پالتاخۇننىڭ شۇغۇللانغىنى ئىككىنجى كەسپ يەنى ئۇنىڭ شۇغۇللانغىنى توقۇمىچىلىق سانائىتى، توغرىسىنى ئىيتقاندا يىنىك سانائەت بولىدۇ.
    ئەمدى ئۈچىنچى كەسپنى ئىككىنجى كەسپكە باغلىساق، ھوپاق ئاخۇن پالتاخۇننىڭ ئەتلەسلىرىنى توپ باھادا ئىلىپ دۇكىنىدا پارچە ساتسا ھوپاق ئاخۇننىڭ شۇغۇللىنىۋاتقىنى ئۈچىنچى كەسپ بولىدۇ. ئەگەر تەڭگەباي پالتاخۇننىڭ ئەتلەسلىرىنى خۇددى تاۋباۋ ياكى ئېبەيدەك، "ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى" قۇرۇپ ساتسا  ياكى بىرسى سىزنىىڭ بىر سۆۋەت تۇخۇمىڭىزنى قايسى سۆۋەت ياكى سۆۋەتلەرگە سىلىش ھەققىدە جۈملىدىن بايلىقىڭىزنى قايسى تۈرلەرگە سىلىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرسە بۇ تۆتىنجى كەسپكە ياتىدۇ.
        جەمىيەتكە نەزەر سالساق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىدىن ئۇنى ئىلىپ ساتقۇچى بايراق كىلىدۇ. 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ياۋروپادا ھۆكۈم سۈرگەن "سودا ئەلاچىلىغى" تەرەپدارلىرىنىڭ بىر مىللەتنى ۋە بىر دۆلەتنى قۇدرەتلىك قىلىشتا سودىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىگىنى تەكىتلىشى بىكار ئەمەس.
        ئەمدى بۇ تۆت كەسپنى يەنە ئۆزئارا باغلاپ باقايلى: قۇۋانخان پاختا سىتىپ كىرىم قىلغان پۇلدىن 10000 يۇئەننى، پالتاخۇن ئەتلەس ئىشلەپچىقىرىپ تاپقان پايدىدىن 20000 يۇئەننى، ھوپاقئاخۇن ئەتلەسنى پارچە سىتىپ ئالغان پايدىسىدىن 50000 يۇئەننى،تەڭگەباي 20000 يۈەننى ئۈرۈمچىدىكى بانكىغا يىللىقى 2% ئۆسۈم بىلەن ئامانەتكە قويسۇن، چۈنكى ئۇلار قولىدىكى پۇلنى ئۆيدە ساقلىغاندىن بانكىغا ئامانەتكە قويسا زىغىرچىلىك بولسىمۇ ئۆسۈم چىقىدىغانلىغىنى بىلگۈدەك چۈشەنچىگە ئىگە يۇ لىكىن ئۇنىڭ يۇقۇرىسىنى ئويلاپ يىتەلمەيدۇ. ئەمدى بۇ پۇلنى بانكا- ئەۋجال ئەپەندى قۇرماقچى بولغان شىركەتكە  6% ئۆسۈم بىلەن قەرز بەرسۇن دىسەك، بانكىنىڭ باشقىلار ئامانەت قويغان پۇلدىن ئالىدىغان ساپ پايدىسى  4000يۇئەن بولىدۇ، ئەمىليەتتە رىئال دۇنيادا بانكىغا ئامانەت قويىدىغان ئادەم تۆت ئەمەس، تۆت مىليون، قىرىق مىليون، شۇڭا بانكىنىڭ ئالىدىغان پايدىسى شۇنىڭغا ماس ھالدا نەچچە مىليون ۋە نەچچە يۇز مىليون يۇئەن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بانكىنىڭ تاپىدىغان پۇلى نىمە دىگەن ئاسان-ھە؟
      تەرەققى قىلغان ئەللەرنى شۇنىڭ ئۇچۇن تەرەققى قىلغان دەيمىزكى چۇنكى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان، سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىدا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنجى كەسپى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان. ئۇنداق بولۇشى بۇ جەمىيەتلەردە مۇئارىپ، پەن تېخنىكا ۋە  شۇنىڭغا ماس ھالدا قانۇن-تۈزۈم سستىمىسى تەرەققى قىلغان بولۇپ ئۇلار ئۈچىنچى ۋە تۆتىنجى كەسپنىڭ زورىيىشىنى مۇنبەت تۇپراققا ئىگە قىلغان.
        دىمەك بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلىشى كىرەك، ئۇنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كىشىلىرىنىڭ ئىدىيىسى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا يىتىشىپ مىڭىشى، زامانىۋى ئىگىلىكنى ياخشى چۈشۈنۈشى ۋە ئۇنىڭ قاينىمىغا ئۆزىنى ئىتىشى كىرەك.
زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىش - ئىتىقادنى يوقىتىشقا قاراپ ماڭغانلىق ئەمەس بەلكى ئىتىقادنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ماددى ئاساس ھازىرلاش دىگەنلىكتۇر. كىم رىئاللىقتا قۇرۇق تاغارنىڭ ئۆرە تۇرغىنىنى كۆرگەن؟
        نۆۋەتتە ئۆزىمىزگە قارايدىغان بولساق،  نوپۇسىمىزنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا بىرىنجى كەسپ بىلەن ئاز بىر قىسمى ئىككىنجى ۋە ئۈچىنچى كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تۆتىنجى كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يوق ھىساپتا.  يەنىلا ئۈچىنچى كەسپتىكىلەرنىڭ كۆپى  ئاساسلىغى دۇكان، ئاشخانا، مىھمانخانا ئىچىش، قاش تىشى سىتىش، ئۆي-مۇلۇك تىجارىتى ۋە باشقا ئىلىم-سىتىم تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەمما مەلۇم بايلىقنى ئۆزىگە جۇغلىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئىچىدە پۇل مۇئامىلە بازىرىغا كىرگىنى ياكى كىرەلىگىنى يوق دىيەرلىك.
        بازاردا ساتقۇچى ۋە ئالغۇچى ئىككى تەرەپ بولىدۇ، مەيلى بۇ نورمال تاۋار بازىرىدا بولسۇن ياكى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا بولسۇن. ئەمدى بىز تاۋار بازىرىنى قويۇپ تۇرۇپ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا كىلەيلى، چۈنكى بىزنىڭ خەلقنىڭ بۇ ھەقتە ساۋادى ئاساسەن ھەم تىيىز ھەم تار دائىرىدەدۇر:
         پۇل-مۇئامىلە بازىرى - پۇل مۇئامىلە تاۋارلىرىنى ئالماشتۇرۇدىغان سورۇن بولۇپ ئاساسلىق پۇل مۇئامىلە تاۋارلىرى -پاي چىكى ۋە زايوملاردۇر، لىكىن ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ ئىككى تۈر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى پۇل- مۇئامىلە بازىرىنىڭ تارمىغىدا قىسقا مۇددەتلىك قەرزگە ۋە مەبلەغكە بولغان تەلەپنى قاندۇرىدىغان پۇل بازىرى، پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا كۆرۈلىدىغان زىياننىڭ خەۋپ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىككىلەمچى يەنى ھاسىلىۋى بازارلار، مەھسۇلاتلارنىڭ كەلگۈسىدىكى مەلۇم كۈندە يەتكۈزۈلۈپ بىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇنى جاۋاپكارلىغى بولغان ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن توختاملار بازىرى، ھەر خىل خەۋپ-خەتەرنى باھا ئارقىلىق تەقسىملەيدىغان سۇغۇرتا بازارلىرى ۋە خەلقئارا سودىدا زۆرۈر بولغان تاشقى پىرىۋوتلارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چەتئەل پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش بازارلىرى بار.
       مەن بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مېلودىيەنىڭ بۇ قىسمىدا پەقەت پاي چىكى ھەققىدە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتىمەن، بەك ئۇزۇن بوپ كىتىپ قالسا ھۆ دەپ قۇسۇپ سالىسىلەر بىكار!:
         گەرچە ئالى مەكتەپ ئىقتىساد دەرسلىكلىرىدە پاي چىكى ھەققىدە نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى يۈزە بولسىمۇ ئوقۇغان بولساممۇ لىكىن پاي چىكىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئىلىپ كىلىدىغان دولقۇنىنىڭ تەسىرىنى 1992-1993يىلىغا كەلگەندە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۈزۈتۈش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم.
     ئالى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىدى. چوڭ جەھەتتىن دېڭشىاۋپىڭ 1992-يىلى جەنۇپقا بىرىپ ئىسلاھات ھەققىدە بىرلا سۆزلەپ قويۇۋىدى، دولەت ئىگىلىگىدىكى چوڭ كىچىك كارخانىلارنى ئىسلاھ قىلىپ ئۇنى پاي ھەسسىدارلىق تۈزۈمىدىكى شىركەتلەرگە ئايلاندۇرۇش ھەققىدە جوڭگۇنىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلىرىدىن، ۋۇ جىڭ لىيەن، جۇ شىياۋجى، يۈ گۇاڭيۈەن ۋە لى يى نىڭ قاتارقلىقلار بەس-بەستە سايراپ كەتتى، ئۇغۇ ئاكادىمىكلارنىڭ پىكرى،  ئاكادىمىكلار ئادەتتە دۆلەت يۈرگۈزۈۋاتقان ياكى يولغا قويماقچى بولغان سىياسەتنى ھىمايە قىلىپ سۆزلەيدۇ، نىمىلا بولسۇن شۇ دولقۇنلارنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىدە ئاكسىيە (پاي چىكى) بازىرى قۇرۇلدى.
    ماۋۇ ئادەملەرنىڭ نادانلىغىنى دىمەيسىلەر، پاي چىكىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ ھاياجانلىنىپ كىتىشلىرىنى.... ئاكسىيە بازىرى ئىچىلماقچى بولغان بىرىنجى كۈنىلا ئادەملەر ھىلىقى7- ئىنجى يولنىڭ ئاپتوۋوزى ماڭىدىغان يولغا جايلاشقان بىنانىڭ ئالدىدا  كىچى-كىچىلەپ ئۆچرەت تۇرۇپ پاي سىتىۋىلىش ھوقۇقىنى سىتىۋىلىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن ئىدى. بۇنىڭ پاي بازىرىنى قۇرماقچى بولغانلارنىڭ كىشىلەرنى دەي-دەيگە سىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن پەنتىمۇ ئەمەسمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئەمما شۇ چاغدا ئىگىلىك باشقۇرۇش 90-يىللىق 2-سىنىپتا ئوقۇيدىغان توپنى خىلى ياخشى تىپىدىغان كۆزەينەكلىك ئۆزى ئۇزۇن ئەمما ئورۇق بولغان  ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئابدۇ ئىسىملىك بالىنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئەڭ ئالدى نومۇرنى بىر خەنزۇغا ئىلىپ بەرگىنى ئۈچۈن بىر ئىككى مىڭ يۈەنگە ئىرىشكىنى ئىسىمدە، ئۇ ھەققىدە شۇ چاغدا فاكۇلتىتتا خىلى گەپ بولغان ئىدى، چۈنكى 2000 يۈەن بىر پروفىسسورنىڭ 4-5 ئايلىق مۇئاشى ئىدى-دە.
        دىمەك كىشىلەردىكى بايلىققا بولغان ھىرىسمەنلىكنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ. بايلىق دىگىنىمىزدە ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىغىدىكى ئالماشتۇرۇش قىممىتى بار نەرسىنىڭ ھەممىسى كۆزدە تۇتىلىدۇ. گەرچە كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تىجارەت ئارقىلىق ئىرىشىدىغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىغىدىكى بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتى بولسىمۇ ئەمما  ئۇلارنىڭ مۇئاشى ۋە تاپاۋىتى  بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزىدە بار بولغىنى مەسىلەن ئامانەت قويغان ياكى يىققان پۇلى ئىككىسى بىر گەپ ئەمەس. باشقا ئامىللار ئۆزگەرمىگەن شارائىت ئاستىدا (مەسىلەن پۇل پاخاللىغى بولمىغان...)  كىشىلەرنىڭ ئامانەت قويغان ياكى يىققان پۇلى ئۇلارنىڭ بايلىقىنى كۆپەيتىدۇ. ئالايلى، سىز  مۇۋاپىق پەيتتە پاي چىكى ئىلىپ قويسىڭىز پاي چىكىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن بايلىقىڭىز ئاشىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا پاي چىكى دىگەن نىمە؟
      پاي چىكى -مەلۇم شىركەتكە بولغان ئىگىدارچىلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى بولۇپ ئۇنى سىتىۋىلىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئىرىشىۋاتقان پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولىسىز. ئەمىليەتتە سىزنىڭ پاي چىكى سىتىۋىلىشىڭىزنىڭ ئۆزى - بىر خىل مەبلەغ سىلىش ھەركىتىدۇر.
     شىركەتلەر پاي چىكى تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تجارەت كۆلىمىنى كىڭەيتىشتە زۆرۈر بولغان مەبلەغنى يىغىدۇ يەنى شىركەتنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ بىر قىسمىنى سىزنىڭ پۇلىڭىزغا تېگىشىدۇ. مەلۇم شىركەتنىڭ پېيىنى قانچە كۆپ ئالسىڭىز سىزنىڭ شۇ شىركەتكە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىڭىز زورايغان بولىدۇ.
      كىشىلەرنىڭ قەلبى - نۇرغۇن ئارزۇ-ئىستەككە پۈركەنگەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى مۇسبەت بولسۇن ۋە ياكى مەنفى بولسۇن نۇرغۇن ئىھتىماللىقلارغا ۋە يەنە مۈمكىنچىلىكلەرگە تولغان بولىدۇ.  مەسىلەن سىز 8 ياشلىق ئوغلىڭىزنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىدىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كىيىن چوڭ بولغاندا بارغانسىرى قىممەت بولۇپ كىتىۋاتقان ئۆيلەرنى سىتىپ ئالالىشىدىن ئەنسىرەيسىز، تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان قىزىڭىزنى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن ئامىرىكىغا ئوقۇشقا چىقىرىشنى ئويلايسىز، دەم ئىلىشقا چىققاندىن كىيىن قىشنىڭ كۈنلىرىدىكى ئۇرۇمچىنىڭ ئىس-تۇتەكلىك ھاۋاسىدىن قىچىپ خەينەندە 2-3 ئاي تۇرۇپ كىلىشنى ئويلايسىز...مانا مۇشۇ ئىستەكلەر سىزنىڭ ھازىردىن باشلاپلا پەرزەنتلىرىڭىز ۋە ئۆزىڭىز ئۇچۇن ئىقتىسادى جەھەتتىن پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلىپ بىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
      شۇنىسى ئىنىقكى، كىشىلەر ئۈچۈن بايلىقنى تىپىش بىر گەپ بولسا ئۇنىڭ قىممىتىىنى ساقلاش ۋە كۆپەيتىش يەنە بىر گەپتۇر.   
     سىز پاي چىكى سىتىۋىلىش ئارقىلىق بايلىقىڭىزنى كۆپەيتىش مەقسىدىڭىزگە ئاساسلىغى مانا مۇنداق ئىككى يول ئارقىلىق يىتىسىز. بىرىنجىسىدە سىز سىتىۋالغان پاي چىكىنىڭ قىممىتى ئېشىش ئارقىلىق سىزنىڭ بايلىقىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. چۇنكى پاي بازىرىدا ناۋادا پاي سىتىۋالغۇچى توغرا قارار چىقىرالىسا، ئۇنىڭ بىيىشى ئاسانغا توختايدۇ. مەسىلەن ئامىرىكىنىڭ بوئېن شىركىتىنىڭ 2001-يىلى 1-نويابىردىكى بىر پىيىنىڭ باھاسى $33.50 بولۇپ، 2006-يىلى 5-ئاينىڭ  3-كۇنىگە كەلگەندە ئۇ ئۆرلەپ $85 دوللارغا چىققان.  دىمەك سىز، بوئېىن شىركىتىنىڭ پېيىدىن 10000 نى 2001-يىلى ئىلىپ قويغان بولسىڭىز، 2006-يىلىغا كەلگەندە يىرىم مىليونىر بوپ قالاتتىڭىز دىگەن گەپ. ئىككىنجىسىدە سىز سىتىۋالغان پاي ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا  (ئادەتتە ھەر پەسىلدە بىر قىتىم) شىركەت پايدىسىنىڭ بىر قىسمىدىن بەھرىمەن بولىسىز.
     ئەگەر سىز مانا مۇشۇنداق قىممىتى ئۆرلەش ئىھتىماللىغى بار پاي چىكىنى سىتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئىشنى نەدىن باشلايسىز؟ ئالدى بىلەن قايسى پاينىڭ ئىشىش قىممىتى بارلىغىنى بىلىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ. بۇنى بىلىش ئۈچۈن سىزگە دەل ۋاقتىدا، ئىلمى بولغان ئۇچۇر كىرەك. بۇنى نەدىن ئالىسىز؟ ئەگەر سىز خەلقارا پاي بازىرىدىن مەلۇم خىل پاينى ئالاي دىگەن نىيەتكە كەلسىڭىز، ئۇنى قانداق ئالىسىز؟ ئۈرۈمچىگە قارىسىڭىز، ئۇيغۇر مەبلەغ شىركىتى پەقەت جوڭگۇنىڭ  ئىچىدىكى ئىلىم-سىتىم بولسا ياردەم قىلالايدۇ. ئەمما پاي چىكى بازىرى نىسبەتەن مۇكەممەللەشكەن، سىياسەتنىڭ ئارىلىشى بىلەن ئەمەس بازارنىڭ ئۆزىنىڭ تەبئى ئايلىنىشى بىلەن ماڭىدىغان ئائۇسترالىيە ياكى ئامىرىكىدىكى پاي بازارلىرىغا كۆز يۈگۈرتسىڭىز، تىل، تىخنىكا جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىسىز؟ كۆزىڭىزنى ئىچىپ سەگەكلىك بىلەن قاراڭ، سىزنىڭ چۈشىڭىزنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىغا ياردەم بىرىمىز دەپ ئىشەنچ بىلەن يۈرۈۋاتقان  ئاۋسترالىيە كانادا ۋە ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان، سىز بىلەن ئورتاق گۇللىنىش ئارزۇسىدىكى قىرىنداشلىرىڭىز بارمۇ يوق؟ .
    ئۆز نۆۋىتىدە مەن سىزگە ئامىرىكىنىڭ پاي چىكى بازىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات خاراكتىرلىق ساۋات بىرىپ ئۆتۈپ كىتەي.
       ئادەتتە ئامىرىكىنىڭ ئىقتىسادقا ئائىت خەۋەرلىرىدە "بۈگۈن بازارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى مۇنداق" دەپ سۆزلىشىدۇ، بۇ يەردە ئۇلار "بازار دىكى ئۆزگىرىش" دىگىنىدە كۆزدە تۇتىدىغىنى "پاي چىكى كۆرسەتكۈچى" نى كۆرسىتىدۇ.
بۇ كۆرسەتكۈچ - ئومۇمەن ئىيقتاندا بىر گۇرۇپپا پاي چىكى، زايۇم ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە توۋارلىرىدىكى ئۆزگىرىشنى ئۆلچەيدۇ.
ئامىرىكا پاي چىكى بازىرىدا كىشىلەر ئەڭ دىققەت قىلىدىغان مۇنداق ئۈچ پاي چىكى كۆرسەتكۇچى بار:
The Standard & Poor's 500 Index (S&P500)
The Dow Jones Industrials (the DOW)
The Nasdaq
           ھەر بىر كۆرسەتكۈچ بارلىق پاي چەكلەرىنىڭ باھالىرىنى قوشۇپ بىر ئوتتۇرىچە قىممەتكە يىغىنچاقلاشتىن كىلىپ چىققان. ھەر بىر پاي چىكىنىڭ قىممىتىدىكى كۈندۈلۈك ئۆزگىرىشگە ئاساسەن بۇ كۆرسەتكۇچلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. نىمىشقا مەلۇم شىركەت تارقاتقان پاي چىكىنىڭ قىممىتى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ؟
         ئاساسلىغى ئىككى سەۋەپتىن شۇنداق بولىدۇ، بىرسى پاي چىكى تارقاتقان شىركەتنىڭ تاپاۋىتىدىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن يەنە بىرى بۇ شىركەتنىڭ تاپاۋىتى ھەققىدىكى بازاردىكى كىشىلەرنىڭ قىياسىنىڭ ئوخشىماسلىغىدىن.
       ئىقتىسادى پائالىيەتلەردە ئىشلار ھەمىشە ئوبىكتىپ بولمايدۇ، سوبىكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرى ھەم زور بولىدۇ.  كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئىقتىسادى ۋە سىياسى مەسىلىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ بازارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قارىتا كۆز قاراشلارلىرى ئوخشىمىغانلىقتىن بەزىلەرگە بىيىش پۇرسىتى كىلىدۇ، بەزىلەرگە زىيان ئالۋاستىلىرى ئۆزىنى ئاتىدۇ. مەسىلەن مەلۇم شىركەتنىڭ تاپاۋىتى بەك ياخشى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىنسا شۇ شىركەتنىڭ پېيىنى سىتىۋىلىش قىزغىنلىغى كۆتۈرىلىدۇ -دە ئۇنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ، ئەمىليەتتە بۇ شىركەتنىڭ تاپاۋىتى راست ياخشى بولامدۇ بولمامدۇ ئۇنى ئەمىليەت ئىسپاتلايدۇ، لىكىن ئاشۇ قىياسنىڭ تەسىرىدىن ئۆزگەرگەن پاي چىكىنىڭ قىممىتى تۇپەيلى بەزىلەر پايدا ئالىدۇ، بەزىلەر زىيان تارتىدۇ.
       ئامىرىكىلىقلارنىڭ ھاياتى پاي چېكى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار ھەر خىل مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا توختىماي ئىلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. پاي چېكى سىتىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ قارايدىغىنى مانا مۇشۇ مۇھىم بولغان ئۈچ كۆرسەتكۇچتىكى ئۆزگىرىشتۇر.
     S&P500 كۆرسەتكۇچى - ئامىرىكىدىكى 500 چوڭ پاي چىكىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئامىرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تېخىمۇ روشەن ئەكس ئەتتۇرۇپ بىرىدىغان كۆرسەتكۇچتۇر.
   the DOW كۆرسەتكۈچى  1884-يىلى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ئامىرىكىدىكى ھەر خىل كەسپكە تەۋە  30 چوڭ شىركەتنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۇرىدۇ.  يەنى بۇ كەسپلەر تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىدىن تارتىپ ياساش سانائىتىغىچىدۇر مەسىلەن ۋولمارت ۋە مىكروسوفتلارنىڭ پاي چېكى بۇنىڭ ئىچىدىدۇر.
     The Nasdaq- 1971-يىلى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ كىچىكرەك ھەمدە خەتىرى بار شىركەتلەرنىڭ پاي چىكى قىممىتىنىڭ يۈزلىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
       پاي چىكى تارقىتىش ئارقىلىق جامائەتكە يۈزلەنگەن كارخانىلار پۇل مۇئامىلە بازىرىدا مەبلەغ سىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكىنىڭ ياردىمى بىلەن پاي چىكى تارقاتقاندا ئەڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ھەر بىر پىيىنىڭ باھاسىنى بىكىتىپ سىتىش ئارقىلىق پاي چىكى بازىرىنىڭ ئاساسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇ بازاردىكى مۇناسىۋەت - پاي تارقاتقۇچى بىلەن پاي سىتىۋالغۇچى يەنى مەبلەغ سالغۇچى ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. ئۇندىن كىيىن بۇ پايلارغا ئائىت ھاسىلىۋى بازار مەيدانغا كىلىدۇ، يەنى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆز-ئارا ئاللىقاچان تارقىتىلىپ بولغان پاي چىكىنى ئىلىپ-ساتىدۇ بۇ ئىشلارنى ئۇلار ئۇچۇن بىجىرىپ بىرىدىغان ۋاكالەتچى خادىملار بار ئەلۋەتتە. چۈنكى پاي چىكىنىڭ باھاسى كۈندە دىگۇدەك ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، مانا مۇشۇ ئۆزگىرىشتە بەزىلەرگە پايدا بار، بەزىلەرگە زىيان!، تۇرغۇنلۇقتا پۇرسەت يوق، بارى پەقەت بەزىلەرگە بۇرۇختۇملۇق، بەزىلەرگە كۆڭۈل خاتىرجەملىگى، خالاس!
      ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بىز ئۇيغۇرلاردىنمۇ پاي چېكى سىتىۋالدىغانلار بارمۇ؟
      مەن ئۇيغۇرلارنىڭ رىستۇران ئىچىپ، يەر ئىلىپ بىنا سىلىپ، قاش تىشى تىجارىتى قىلىپ ۋە باشقا تىجارەت قىلىپ بىيىغىنىنى كۆپ ئاڭلىدىم. لىكىن مەن بىرەرسىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سىلىپ بىيىغىنىنى ئاڭلىمىدىم. بۇ ساھەگە مەبلەغ سالمىساڭ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى قانداق بىلىسەن؟
      مىنىڭچە بولسا بەزى كاللىسى ئويغاق، كەسپداشلىرىنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان بەزى ئۇيغۇر بايلىرى بىراقلا دۇنيا پۇل- مۇئامىلە بازىرىغا يۈرۈش قىلىپ ئامىرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە تاۋارلىرىنى سىتىۋالسا ئۆزى ئۈچۈنمۇ، جەمىيەت ئۈچۈنمۇ كۆپ ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق مەبلىغىنى كۆپ خىللاشتۇرىدۇ، پۇل پاخاللىغى تۈپەيلى قىممىتى تۆۋەنلەپ كىتىش ئىھتىماللىغى ۋە جەمىيەتتىكى تۇراقسىزلىق تۇپەيلىدىن بايلىقى بىر كىچىدىلا غايىپ بوپ كىتىش خەتىرىنىڭ تەسىرىنى كىچىكلەتكىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاتىلارنىڭ سۆزى بار: كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ. مىڭ جاپادا تاپقان بايلىق كوزىسىنى قۇچاقلاپ تازا ھاۋادا ئۇچۇپ كىتىۋاتقان بىرسىنىڭ كوزىسى شۇنداق ئويلىمىغان چاغدا بىر كۈندە سۇنۇپ كىتىپ قالسا، خۇدا ساقلىسۇن ئۇ كۈنلەردىن، مالايسىيانىڭ چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلانىنى تاپالمىغاندەك تاپالماي قالىدىغان گەپ.شۇڭا بايلىقنىڭ بىر قىسمىغا نېۋ يورك پاي بازىرىدىن ئاز-تولا پاي ئىلىپ قويۇشمۇ بىر ئىستىراتىگەيلىك تەدبىردۇر.  نىمە قانداق قىلىمەن دەمسىز؟ مۇشۇ تىمىدىكى يازمىنىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجىسىنى ئوقۇپ چىقىڭ. ئاندىن جاۋابىنى تاپىسىز.:)
        پاي چىكى ئىلىپ -سىتىشقا نىسبەتەن بىزدە يەنە چۈشەنچە قاتماللىغى بار. بىز بۇ قاتماللىقنى بۆسۈپ تاشلىشىمىز كىرەك. ئۇنى ئۇيغۇرلار قىلسىمۇ بولىدۇ. تۈركىيەدىمۇ پاي چىكى بازىرى بار. سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى ئال ۋالېد ئال تالا دىگەن كىشىمۇ ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى پاي چىكى بازىرىغا سىلىپ ھەددى -ھىساپسىز بىيىغان كىشى بولۇپ ئۇ ئامىرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە، ئۆي مۈلۈك، ۋە ئاخبارات ساھەلىرىنىڭ پاي چېكىلىرىنى سىتىۋالغان  ھەتتا ئۇ - ئامىرىكىنىڭ توختىماي ئەرەب ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىگە نىسبەتەن تەنقىدى كۆزقاراشنى ئىپادىلەيدىغان فوكس خەۋەرلىرى شىركىتىنىڭ پاي چىكىنى ئالغان.
       بۈگۈنكى دۇنيادا كۈچنىڭ مەنبەسى - ئىقتىسادى كۈچتىن بولۇۋاتىدۇ، باشقا جەھەتتىن قەد كوتۇرۇش مۇھىم ئەمما  ئىقتىسادتا قەد كۆتۈرگەندىلا بىز كۆتۇرىدىغان  قەد مەزمۇت ھەم مۇستەھكەم بولىدۇ، ئەۋلاتلارنى خاتىرجەملىك ۋە بەختىيارلىققا ئىرىشتۇرىدۇ.
       "ئاخۇنۇم كۈلمەپتۇ كۈلسە تىلىقىپ قاپتۇ" دىگەن بىر سۆز بار، ئاڭلىغان ھەممىڭلار.
        بىز ھەرقايسىلىرىنى بولۇپمۇ ئىگىلىك تىكلەپ باي بولغانلىرىڭلارنى جوڭگۇنىڭ  پاي چىكىنىلا ئەمەس، دۇنياۋى پاي چىكىنىمۇ ئىلىپ كۆرسۈن، پايدا ئالسۇن دەيمىزغۇ ئەمدى!
       يىراقنى ئويلىغاندا خوتۇننى كۆپ ئالغاندىن نېۋ يورك پاي بازىرىدىن پاي ئىلىپ قويغانمۇ كۆپ ئەۋزەل، ئالدىنقىسىنىڭ راھىتى قىسقا مەزگىللىك، باش ئاغرىغى ئۇزۇن مەزگىللىك بولۇشى مۇمكىن، كىيىنكىسىنىڭ باش ئاغرىقى قىسقا مەزگىللىك، ئىلىپ كىلىدىغان خاتىرجەملىك ئۇزۇن بولۇشىدا گەپ يوق!

       ھەممىسى دۆلەت قانۇنى ، سىياسەت ئىچىدە بولىدۇ، قانۇندا،سىياسەتتە يول قويمىسا بىزمۇ قىلمايمىز -ئەلۋەتتە .
      ئامىرىكىنىڭ شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى سىتىۋىلىش ئارقىلىق قانۇنى يوسۇندا  بايلىق ئىگەللەشكە ھەۋەس قىلىپ باقارسىزلەر جۇما...
     بۇمۇ بىر بۆسۈش، بىر يىڭىلىق ۋە بىر مۇۋەپپىقىيەت يولى بوپ قالغۇسى بەزى ئادەملىرىمىزگە...
ئەمىسە يولۇڭلارغا قارايمىز....بىز قۇرۇق  ۋەدە بەرمەيمىز، كۆپ ۋەدە بەرمەيمىز، ئەمما سەمىمىلىك بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز.


0

تېما

1

دوست

152

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28135
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 00:59:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karwan21 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 01:08  

رەھمەت قەيسارئاكا ،ئاخىر بىز ساقلاۋاتقان پۇل -مۇئامىلە تۇغۈرلۇقمۇ توختالدىڭىز ،نوۋەتتە ئارىمىزدا پاي، چىكى ، قەرەللىك مال ، تاشقى پىرىۋۇت،ھەم يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالتۇن ،كومۇش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بارغانسىرى كوپۇيۋاتىدۇ ،( چۇنكى بۇبازار ئىرىق ئايرىمايدۇ  ئەمەسمۇ ) ھەتتا 10 يىلدىن ئارتۇق تارىخى بارلىرىمۇ خىلى كوپ لىكىن پايدا ئالغانلار نىسپەتەن ئاز ( بۇ بازارنىڭ قانۇنىيتىغۇ شۇ ) مەن ئوزوم تونۇيدىغانلرنىڭ سانى ۋەمەبىلىغىمۇ خىلى كوپ .تەخمىنەن پەرىزىمدە مۇشۇ سودىنى قىلىۋاتقان رايۇنىمىزدىكى  مىللىيلارنىڭ ئومومى  مەبىلىغى 8 خانىلىق ساندىن ئاز ئەمەس . گپنى يىغسام مىىنىڭ تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا بۇ بازاردا ئاز مەبلەغ بىلەن پارتىزانلارچە ئۇيىنىغان بىلەن (قىسقا ئارلىققا ) .كوپرەك مەبلەغ بىلەن ئۇزۇن ئارلققا يۇگىرەش بىر ئادەمىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . بۇ چوقۇم شىركەتلىششى كىرەك  .دىمەك بىز ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان ئۇزۇنراق ئارلىقىنى تەخمنىە ن قىياس قىلالايدىغان ئاساسىي تەھلىلىگە ،ئۇيۇشتۇرالايدىغان  بىر باشقا تولىمۇ ئىھتىياجلىق .مەسىلىنڭ نىگىزى ھەرگىزمۇ مەبلەغدە ئەمەس .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2482

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9944
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 300
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 483
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 01:33:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەيسەر مىجىت ئەپەندىم، قېرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان مېھنىتىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاللا سىزگە ھەسسىلەپ قايتۇرغاي.
مەخسەتكە كەلسەك، سىز يازمىڭىزدا ئىيتقاندەك، نۇرغۇنلىرىمىز پاي بازىرى توغرىسىدىكى كەسپىي بىلىملەردىن بىخەۋەر. سىز تەۋسىيە قىلغاندەك، چەتئەل پاي بازىرىدىن پاي سېتىۋېلىشنى توغرا تاپقانلارغا (مېنىڭ چۈشىنىشىمچە) سىز ياكى شىركىتىڭىز ۋاكالىتەن پاي سېتىۋېلىپ بېرىدىكەن. ئەلۋەتتە، سىز ياكى شىركىتىڭىزنىڭ «قورسىقى» مۇ ئۈچ ۋاخ ئاچىدۇ، ۋاستىچىلىق ھەققى توغرىسىدىمۇ كونكرېتنىراق چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولارمۇ؟ رەخمەت.

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 4091
توردىكى ۋاقتى: 1236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 17:43:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-4-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگۈسىدە دۇنيا سودا ساھەسىدە چاقنايدىغان ئۇيغۇر كارخانىچىلار  يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1

تېما

2

دوست

1229

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8367
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 361
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 02:50:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ قەيسەركا بۇ يازمىلىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ،تىلىمۇ شۇنداق ئاممىباب ھەم
چۈشىنىشلىك. مېنىڭچە بۇ تېما چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ۋەتەندىكى بىر قىسىم ئىختىساس ئىگىلىرىگە بىر ئەينەك بولغۇسى.
شۇنداقلا سىزنىڭ ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
داۋامىنى تەقەزالىق بىلەن ساقلايمەن جۇما

0

تېما

0

دوست

608

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22565
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 08:24:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىركەت قاچاندىن باشلاپ مۇلازىمەت باشلايدۇ؟

0

تېما

0

دوست

255

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 10:17:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

169

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27607
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 18:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  ،  سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز قەيسەر ئاكا .
ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )