- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31805
- نادىر
- 18
- يازما
- 1020
ئۆسۈش
54.51%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-30 17:10
« ۋال-سىترىت گېزىتى تورى» نىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سەھىپىسىگە « چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى يۇقۇرى مۇقام بىلەن تەكىتلىشىنىڭ كەينىدىكى قوزغاتقۇچ كۈچ ھەققىدىكى قىياسى » ناملىق بىر ماقالە بېسىلغان بولۇپ ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ :
جۇڭگونىڭ بۇ قېتىم ئېلىپ بارغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەركىتى ئۇزۇنغا سوزۇلدى ، سالمىقىمۇ ئىلگىرىكىدىن زور بولدى. بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنى ئىسلاھات يوللىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ، دەپ قارىسا يەنە بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگودىكى ئاۋام-پۇخرالارنىڭ كومپارتىيەگە بولغان ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، دەپ قارىدى.
ئەنگىلىيە « كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىغا رېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر پارچە ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ ، ماقالىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر زاتنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم يۇقۇرى دەرىجىىك ئەمەلدارلارنى تازىلاش ئارقىلىق ئىسلاھات ئىدىيىسىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنى كومپارتىيە ئىچىدە ، ھۆكۈمەتتە ۋە ئارمىيىدىكى موھىم ئورۇنلاردا ۋەزىپىگە قويماقچى ئىكەن. جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدىغان شۇ زادنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىشىچە ، شى جىنپىڭ ئەشۇ چىرىك ئەمەلدارلار ۋە ئىسلاھاتقا قارشى ئېقىمدىكىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق ج ك پ نىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ ، ئىقتىساد ، ئەدلىيە ۋە ئارمىيە قاتارلىق موھىم ساھەلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. شۇ ماقالىدىكى شى جىنپىڭ بىلەن شەخسىي مۇناسىۋىتى بار يەنە بىر زادنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىشىچە ، دۆلەت كارخانىلىرى ھەم پارتىيە ئىچىدىكى تەسىرى زور بىر قىسىم پىشقەدەملەرنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىزچىل تۈردە« قىيىن ھالەت » تە تۇرىۋېتىپتۇ.
شۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، شى جىنپىڭ ھازىر ھەدەپ ئىشەنىچلىك ئادەملەرنى يېنىغا تارتىۋېتىپتۇ. ئۇ نەزىرىنى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ، باشقا ئۆلكىلەردىكى ئانا مەكتىپى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە ئىسلاھات ئىدىيىسى بار ئەمەلدارلارغا ئاغدۇرىۋېتىپتۇ. ئەمما ، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە جىيېجىياڭ ئۆلكىسىلا شى جىنپىڭنىڭ موھىم كادىر مەنبەسى بولالايدىكەن. چۈنكى ، بۇ ئۆلكە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن ئىسلاھاتنى قوللاپلا قالماي يەنە كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ ، زور مىقداردىكى پۇخراۋى كارخانىلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ زاۋۇدىلىق رولىنى ئارىتقۇرۇپ، پىشاڭلىق رول ئوينىغانكەن. خەۋەردە يەنە ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى زادنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ ، شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىلدا تەخمىنەن 200 نەپەر ئىسلاھات ئىدىيىسىگە ئىگە جېجىياڭلىق ئەمەلدارلارنى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرگە قويۇدىغانلىقى ئېيتىلغان.
ياپونىيىنىڭ « دېپلوماتلار » ژۇرنىلى تورىمۇ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى رېتېر ئاگېنىتلىقىنىڭ يۇقۇرىقى قاراشقا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشنى شەرھىلەيدىغان بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ماقالىدە دېيىلىشىچە ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق سېياسىي جەھەتتىكى قوللىغۇچىلىرىنى موھىم ئورۇنغا قويۇش شى جىنپىڭنىڭ بىردىن بىر مەخسىدى ئەمەسكەن. مەخسەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئاۋام-پۇخرالارنىڭ ج ك پ غا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن. ماقالىدە دېيىلىشىچە ، شەنشىلىك « نەۋرە ئاكا » ياڭ داسەيدەك چىرىك ئەمەلدارلار پۇخرالارنىڭ كومپارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىگە زىيان سالغان ھەم پۇخرالار ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىرىكلىكنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن. مۇبادا ئاۋام-پۇخرانىڭ بېسىمى بولمىسا چىرىكلىككە قارشى ھەركەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن.
ماقالىدە يېزىلىشىچە ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ كۆرەشنى ئۇزۇنغىچە داداۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىسىدىن قارىغاندا ، پەقەت ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنلا ئەمەستەك قىلىدۇ. مۇبادا نوقۇللا شۇنداق بولغىنىدا ئۇ چىرىكلىككە قارشى كۆرەش سالمىقىنى پەيدىن پەي بوشىتىپلا قالماي يەنە 2014-يىلدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ 2013-يىلدىكىدىنمۇ كەسكىن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويمىغان بولارىدى. شى جىنپىڭنىڭ ئىلگىركىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۈرلۈك موھىم خىزمەت تەركىبىگە كىرگۈزگەنلىكىدە ئىكەن. مۇبادا ئۇ بۇ كۆرەشتىن ۋاز كەچسە ئۇنىڭ شەخسىي ئوبرازىغىمۇ تەسىر يېتىدىكەن. ماقالىدە يېزىلىشىچە ، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ « پۇخرالارنىڭ ئۆز ئادىمى » بۇلىشىغا تىرىشىۋېتىپتۇ. شۇڭا ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ بۇندىن كېيىنكى كۈندىلىك خىزمەتلىرىدە يەنىلا يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدىكەن.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بوزقىر تەرجىمىسى :
http://www.foundersc.com/cjjp/14/04/18/5K36075025FS.shtml |
|