قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3606|ئىنكاس: 12

نۇري تېيىپ: كەپتەرلەر-(5)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

70

تېما

16

دوست

9409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   88.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 43
مۇنبەر پۇلى: 795
تۆھپە : 3173
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 12:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

كەپتەرلەر


(نۇري تېيىپ)


ئۇزۇنغا سوزۇلغان "ئولىمپىك"مۇ ئاخىرلاشتى. ئىدارىدە ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كۆتەرگۈدەك ، ھېچقانداق قىزىقارلىق ئىشمۇ قالمىغاندەك. ئەمما بىر يېڭىلىق، ئىدارىدىكى باشقا بۆلۈمدىكى ھەر مىللەت ياشلىرى، ماڭا خېلىلا قىزىقىدىغان، پاراڭلاشقۇسى كېلىدىغان بىر ئەھۋال بارلىققا كەپمۇ قالدى. لېكىن كۈنلەر يەنىلا، ئوخشاش ئىشنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن مەنىسىز ئۆتمەكتە.
زېرىكىشلىك كۈنلەر. يازدا دىمىق ئىسسىق، قان شورىغۇچ پاشىلار ... دىققەت قىلمىسىڭىز سىزنىڭ قېنىڭىزنى شوراپ ، ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ. ۋاي ۋاي ۋاي ... كېچىسى نە ئۇيقۇ دەيسىز؟ بارغانچە بىزار بولۇشقا باشلىدىم، بىزار بولغانچە كۈنلەر تېخىمۇ ئاستا ئۆتۈشكە باشلىدى. بىر ئاماللارنى قىلىپ چەتكە چىقىش ئارزۇسى، كاللىغا كىرىۋېلىپ، قويغان - تۇتقاننى ئۇقمايدىغان بولۇپلا قالدىم.
89-يىلى ، ئاخىرى ياپونىيەنىڭ، بىر تىل ئۆگىتىش مەكتىپىدىن چاقىرىق تاپشۇرۇپ ئالدىم . ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا قېرىنداشلىرىم ياردەم قىلغان ئىدى . رەسمىيەتلەر ھەر ھالدا ئوڭۇشلۇق بېجىرىلدى. لېكىن، مېنىڭ كىچىكىمدىن تارتىپ ماڭا ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتقان، بىر يەردە جىم تۇرالمايدىغان كېسىلىم، بەڭۋاش مىجەزىم، مېنى يەنە بىر چوڭ چاتاق چىقىرىپ قويۇشقا مەجبۇرلاپ قويدى.
ئىدارىدە، ياش جەھەتتىن مەندىن خېلىلا چوڭ، بەستلىك بىر ئاكىمىز بولىدىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بەستىگە ئىشىنىپ، ئىدارىدىكى ئۆزى دېمەتلىكلىرىنى ۋە يېڭى كەلگەن كىچىكلەرنى، بەكلا بوزەك قىلاتتى. شەنبە كۈنلىرى، يېنىمدىكى ياتاقتىكى بىر ياۋاش، ياش خىزمەتدىشىمنىڭ ياتىقىغا كىرىۋېلىپ، ئۇ بىچارە ئۇخلاۋاتقان بولسا ئويغىتىپ، ئۆگىنىش قىلىۋاتقان بولسا نوقۇشتۇرۇپ:
ھە،  ماڭە... ھاراق ئەكىر. بۈگۈن مېنىڭ ئىچكۈم بار. ھەقىلەي - شەقەلەي ... دەپ دائىملا ئۇ ياۋاشنىڭ ئارامىنى بۇزاتتى. بەزى كۈنلىرى باشقا يەردە، ئىچىپ كەلگەن بولسىمۇ، كەم قالغان يېرىنى مۇشۇ بىچارىنىڭ ياتىقىدا تولۇقلاپ، تاغاردا بىر، پونى ئېتىۋېتىپ، ياتىقىغا چىقىپ كېتەتتى.
ئامما، بۇ ئاكىمىز نېمىشقىكىن، مەندىن سەل ئەيمىنەتتى. ئانچە گەپمۇ قىلىپ كەتمەيتتى. سىزمۇ دېمەيتتى، سەنمۇ دېمەيتتى، ئىسمىمنىمۇ ئاتىمايتتى. مېنىڭ قورسىقىمدىمۇ، " بىر كۈنى بولماي بىر كۈنى، ماڭا بىر شۇنداق قىلىپ قالسىدى، تازا بىر ئەدىپىنى بېرىپ، ئىككىنچى ياۋاشنى بوزەك ئەتمەيدىغان قىپ قوياتتىم." دەيدىغان بىر غۇم مەۋجۇد ئىدى.
"ئانار" مۇ پىشتى. پىشقانمىدۇ كەينى - كەينىدىن، ئىككى قېتىم ۋايىغا يېتىپ پىشتى.

بىر كۈنى ئىدارىدىكىلەرنى ۋە مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدىكىلەرنى ئولتۇرۇشقا چاقىردىم. 40 - 50 ئادەم. بىزدە بارى ئاران شۇ زاماندىكى، كېسەك ئۇنئالغۇدىن سەللا چوڭراق ئۇن ئالغۇ. ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئولتۇرۇشتا ئاۋازى چىقامدۇ ئۇنىڭ دەيسىز؟.
ئۇنىڭ تازا يوغان ئاۋاز ياڭراتقۇ ساندۇقىدىن ئىككىسى بار ئىدى. سورىدۇق، يالۋۇردۇق، پۇل بېرىمىز دەپ باقتۇق ... ياقلا
ئۇ چالۋاقاپ ئۆزىنى تېخىمۇ يوغان كۆرسىتىپ، ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى. سەل ۋىجىكرەك بالىلارغا يوغانچىلىق قىلىپ، سۈيۈمنى قاچۇردى. " توختا، مۇشۇ گۇينى بىر جايلىمايما، مانا بۈگۈن تازا پەيتىكەنغۇ" دەپ ياشلىق قىلدىم. ئۇ ياش ۋاقىتلاردا، مانا مۇشۇنداق تۈكى يوق ئىشلار بىلەن خېلى چوڭ جېدەللەر كېلىپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىنىڭ بىرى مەن ئىدىم.
ئۇنى، بىر تونۇشۇمغا ھاۋالە قىلىپ، مېنى چاقىرىۋاتىدۇ دېمەي، ئىدارىنىڭ ئاپتوبۇسلىرىنى توختىتىدىغان جايغا باشلاپ چىققۇزدۇم. ئۇ مەغرۇر ھالدا ئالچاڭلاپ مېڭىپ، ئاپتوبۇسنىڭ دالدىسىغا ئۆتتى.
ھە نوچى، مانا ھېچ كىم يوق، مەيەردە، بايىقى نوچىلىقىڭنى ئەمدى بى قىممامسە؟! دەپ ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى تەرىپىدىن كېلىپلا، ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدۇم.
ئۇ مەندىن ئېگىز، بەستىمۇ مەندىن خېلىلا يوغان، ئامما كۆرۈنۈشكە سەل كالامپايراق كۆرۈنەتتى يۇ ... كۆپ ئادەملەر بۇنىڭ بۇ بەستىدىن، بۇنى خېلى نوچى ئوخشايدۇ، دەپمۇ قالاتتى.
ئۇ دەسلەپتىلا پوپوزا قىلىپ، گۈر - گۈر
سەنما؟ ھاھااا پوقۇڭنى يە ماڭ ماڭقا! ...
"غۇژژىدە" كەلدىكى بۇ ئاچچىق ... ئۇدۇل مۇشت بىلەن تۇمشۇقىغا ، راسا بىرنى سالدىم. ئۇ مەندىن ئېگىز بولغاچ ، مەن ئاتقان مۇشت ئۇنىڭغا يېرىم- ياتە ئارانلا تەگدى. " ئاپلا " دېدىم ئىچىمدە:
ئەگەر بۇنىڭ بىلەن ئېلىشىشتا، مەن ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسام، تۇگىگىنىم شۇ. ئۇ ئەلۋەتتە ، ئۇ يوغان بەستى بىلەن، مېنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتىدۇ. ھەرگىز ئۆزۈمنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىقىم ئالدىنقى شەرت. چاققانلىق بىلەن، ئۇنى يېقىن كەلتۈرمەي، مۇشت بىلەن ئامال قىلىپ، ئۇنى يىقىتىش كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا، مەن ئۇنى ئۈزۈم سىرتقا چاقىرىپ چىقىپ، ئۆزۈمنىڭ ئاغزى - بۇرنى قان بولسا، ئولتۇرۇشقا قانداق ؟ نېمە ؟ دەپ قايتىپ كىرىمەن ھوي ...
غۇۋا چىراغ نۇرىدا، بىر يوغان بىلەن بىر كىچىك ئېلىشماقتا.
ئۇنىڭ قالايمىقان ئاتقان مۇشتلىرى ئاساسەن ھاۋاغا كەتىپ بارىدۇ. ئاندا - ساندا " ھايت " مۇ دەپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇ ھاياجان ئىچىدە " ھايت " دەپ ئۆزى " ھەل قىلغۇچ" مۇشت دەپ ئويلاپ قالغان، كۈچلۈك ئوڭخاي مۇشتتىن بىرنى ئاتتى. مەن چاققانلىق بىلەن، سول قولۇم بىلەن ئۇنىڭ ماڭا كېلىۋاتقان مۇشتنى توسقاچ، مېنىڭ ئوڭ تەرىپىمگە ئىتتەردىم. ئۇ ئېغىر بەدىنىنىڭ سالمىقى بىلەن، تەگمىگەن مۇشتىنىڭ ھاۋادا ئۇنى تارتىشى بىلەن
مانا مەن، ئۇرمامسەن دەپ، ئۇنىڭ يوغان يۈزى، مېنىڭ دەرھال قول سېلىشىمنى ئۆتۈنگەندەك ئالدىمدا تۇراتتى. چاقماق تېزلىكىدىكى ئىنكاس، دەل پەيتتىكى بىر مۇشت، بەزىدە ئاخىرقى غەلىبىگە ئېلىپ بارالايدىغۇ.
ئۇنىڭ ئاتقان كۈچلۈك مۇشتى بىلەن، ئۇ سەل ئېڭىشكەن، ئۇنىڭ يۈزى مەن دائىم ئۇرىدىغان، قۇم خالتىنىڭ ئېگىزلىكىدە ئېسىقلىق.
قاس - قاسلا قىپ قالدى. يېنىك سول مۇشتۇمۇم ئۇنىڭ سول مەڭزىگە، ئوڭ مۇشتۇمۇم ئۇدۇل بېرىپ، ئۇنىڭ بۇرنىغا تەگدى. ئوڭ مۇشت، مەنمۇ بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ ئاتقان مۇشت بولغاچ، تورىنى كۆرسەتتى بولغاي، ئۇ دەلدەڭشىدى. ئۇ ئۆزىنى ئوڭشىغۇچە " شالاق - شۇلۇق ، پاراس - پۇرۇس " قىلىپ ئۇششاق مۇشتلار ئۇنىڭغا يامغۇردەك ئاقتى. ئۇ ئېڭىشكىنىچە پەقەتلا ئورە بولالمىدى. بەلكىم بايىقى ئۇدۇل مۇشت ئۇنىڭ قاڭشارلىق ئېگىز بۇرنىنىڭ سۆڭىكىنى، مايماق چىقىرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا بۇلۇتسىز كېچىدە، يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.
مۈرىسىدىن تۇتۇپ، ئۇنى ئۆزۈمگە قاراتتىم. قوي - ئۆچكىلەر ئۈسۈشكەندەك، بېشىمنى ئارقامغا تارتىپ تۇرۇپ ، بىرنى ئۈستۈم ... ئۇنىڭ بۇ قاتتىق تەككەن كاللىدىن، بەشى پېقىردىمۇ، " موسلا " قىلىپ ئولتۇرۇپلا قالدى.
ئاللا كەچۈرسۇن. ئۇ ئۇنچىۋالا قاتتىق ئۇرۇلۇشقا تېگىشلىك ئادەم ئەمەستى. مەن پەقەت ياشلىققا تايىنىپ، نوچىلىق تالىشىپلا، بۇ ئەرزىمەس جېدەلنى تېرىۋاتىمىز. تەنتەكلىك قىلىۋاتىمەن، ياشلىق قىلىۋاتىمەن ... ئاللا گۇناھلىرىمنى كەچۈگەي ...
ئۇ يىغىپ ئېيتقاندا، بىر مۇشت، بىر كاللا بىلەنلا يىقىلدى. ھېلىقى ... ھېلىقى غاچ - غاچ قىلىدىغان، ئىلى تېرە زاۋۇتىدا تىكىلگەن شىبلىت، مەيدانغا چۈشتى. بىلىسىزغۇ؟ مۈڭگۈزدەك شىبلىت!
خەلقئارالىق لوڭقا تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە، 11 قەدەم ئۇرغاندەك، ئارقامغا ئىككى قەدەم داجىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە تەپتىمكى ... قاتتىق شىبلىت ئىچىدە قىسىلىپ تۇرغان پۇتۇممۇ ئاغرىغۇدەك تېپىپ سالدىم. ئۇنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ، ئوڭدىسىغىلا ياتتى.
ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئولتۇرۇشقا قايتىپ كىرىپ، ئويۇنۇمنى ئويناۋەردىم.
ئەتىسى، بىر خىزمەتدىشىم ئوڭ- سولى يوق ياتىقىمغا كىرىپ:
ۋاي چاتاق بولدى. ئاخشام بىرسى ئاۋۇ ئاكىمىزنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويۇپ ، قېچىپ كېتىپتىكەن، قان بەك كوپ ئېقىپ كېتىپ، ئەھۋالى ياخشى ئەمەسكەن. قاندا گۇي ئۇرالىغاندۇ؟ بۇ يوغان ئاكىمىزنى... دەپ خەۋەرنى ماڭا يەتكۈزدى. مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك:
شۇنداقمۇ؟ قانداق نوچىكەن شۇ، بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەرنى ئۇرغان، جۈرە چىقىپ ئاكىمىزنى يوقلاپ كىرەيلى دەپ، ئارتىسلىق قىپ كۆردۈم. چىرايىمنى ئەستايىدىل ، تولىمۇ ھېسداشلىق قىلىۋاتقان قىياپەتكە ئېلىپ كېلىپ.
تاك، تاك، تاك قىلىپ ئىشىكنى چەكتۇق.
ئىچىدىن:- كىم ؟ دېگەن، ئايالىنىڭ ئاۋازى چىقتى.
- ھە مەن. ئاخشام ئاكىمىزغا بىر كېلىشمەسلىك بوپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. سايىپخانە بولغاندىن كېيىن، ئەھۋال سوراپ كىرىۋىدىم.
ئەرنىڭ ئاۋازى:
ماڭە ئاناڭنى .... گۇي. خۇپسەنلىك قىلما. ماڭ ماڭ ماڭ... بىز ساقچىخانىدا دېيىشىمىز. ئاناڭنى پالان - پەشپەت ... دەپ تىللاپلا كەتتى.
ئاپلا ... ئىش چاتاق. بۇ ئاداش ھەممە ئىشنى ئايالىغا دەپ بوپتۇ- دە ... ئايالى ئۇققانىكەن ئىدارىگە پۇر كېتىدۇ- دە ئەمدى. ياۋاشلىق بىلەن بولۇم باشلىقىغا كىرىپلا:
ئاخشام كەيپچىلىكتە قاراڭ ئاكا ... مۇشۇنداق بوپ قالدى ... ئەسلى -
ئۇ بۇ دەپ، كەيپىچىلىككە ئارتىپلا قۇتۇلمايدۇ، دەپ ئويلىدىم.
ئەسلى ئىشنى ھەممە بىلىپ بولغانىكەن. لېكىن باشلىقلار ئارىسىدا:
ھەي تاڭ، ئۇ بالا تاياق يېگۈچىدىن خېلىلا كىچىك تۇرسا، تاياق يېگۈچى ئاشۇ پالۋاندەك بەستى بىلەن، شۇ بالىدىن مۇشۇنچىۋالا تاياق يەما .... دېيىشىپ، تېخى " جىنايەتچى" نى جەزمىلەشتۇرەلمەيۋاتقان ئىكەن.
ئىشنىڭ يوغىنىشىنى خالىمىدىم. ئۇدۇل باشلىق بۆلۈمىگە كىرىپ:
بۇ ئىشنىڭ باش - ئاخىرىغا مەن ئىگە، ئۇنى مانا مەن يالغۇز ئۇردۇم، دەپ پۈتۈن گۇناھنى ئوز ئۈستۈمگە ئالدىم.
بولۇم باشلىقى كۈلۈپ كېتىپ:
ئۇكام ، راست گېپىڭىزنى قىلىڭ، زادى كىملەر؟ قانچە ئادەم ئۇردۇڭلار ئۇنى؟ مەردلىك قىلىپ ھەممە ئىشنى ئوز ئۈستىڭىزگە ئېلىۋالماڭ، ئۆزىڭىزگە زىيان. كەلگۈسى ئىستىقبالىڭىزغا تەسىرى يېتىدۇ. ھەم سىزنىڭ، ئۇ مەرتلىكىڭىزگە كىم ئىشىنىدۇ؟ ھەم شۇنداق قىلالىشىڭىز مۇمكىنمۇ؟ مەسىلىڭىزنى تولۇقى بىلەن تاپشۇرسىڭىز، كەڭچىلىك بار، ئەلۋەتتە...
دەپ مەن بىلەن چېتىشلىقى چوقۇم بار بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالغان، ئادەملەرنىمۇ يىغىپ، بىر يولدىلا بىر تەرەپ قىلماقچى ئىكەن.
ۋەتىنىمىزدە قاچان بىرمەسىلىسىنى تاپشۇردى دەپ، گۇناھىنى يېنىكلەشتۈرگەن ئىش بار. بېكىتىلمىگەن گۇناھنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىنى، كىم بىلەتتى؟ شۇنىڭغا دەسسىگەن ئادەملەرنىڭ كاساپىتىدە، زىيانغا ئۇچۇرغان، يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىگەن ئادەم ئازمىدى. مەن تاپشۇراي دېسەممۇ، نېمىنى تاپشۇرىمەن؟ ھەممە ئىشنى يالغۇز ئۈزۈملا قىلغان تۇرسام. ئوز گۇناھىنى ئوز ئۈستىگە ئالسىمۇ ئىشەنمەيدىيا ... بۇ باشلىقلار
ئۇنى دېسەم بۇ، بۇنى دېسەم ئۇ. ئاخشام كەلگەن مېھمانلار ئىچىدىن، جېنى بار، قاتنىشىش ئېھتىمالىغا يېقىن ئادەملەرنىڭ تىزىملىكىمۇ ئالدىمغا قويۇلدى . 6 - 7 ئادەمنىڭ ئىسمى مېنى خېلىلا جىددىيلەشتۈردى.
ھوي، تىزىملىكتىكى ئادەملەر مېنى نېمە دەپ قالار ئەمدى؟ ئالە شەرىڭنى ... قاندا گەپ بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ھوي .. بۇ ئىشلار. ئەگەر راستتىنلا، شۇ ئىدارە سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلار، سۈرۈشتە قىلىنسا، ئىشىم چاتاق. ئىدارىدىن ماڭا قانچىلىك جازا بېرىلسە، چاتاق يوق. لېكىن، جامائەتتە
ھوي بۇ ئاداش، قىلىدىغاننى ئۆزى قىلىپ، پوقنىڭ ئىچىگە بىزنى تىقىپ قويۇپتۇ، تازا بىر لاتا ئاداشكەن بۇ ... دەپ سۆز- چۆچەك بوپ كەتسە، ئۇنى كۆتۈرگۈچىلىكىم يوق.
ئەسلى مۇنداق بولغان ئىكەن. ھېلىقى " غاچ - غاچ " چىقىدىغان شىبلىت، ئۇنىڭ قاڭشىرى بىلەن قوشۇلۇپ، كۆز تەرىپىگە تېگىپ ، ئۇ ئېسىنى يوقىتىپ، شۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت يېتىپ قاپتۇمىش. ئولتۇرۇشلار تارقاپ، ئىدارە ئىچى جىمىغاندا، ئۇ ئېسىگە كېلىپ، دەلدەڭشىگەن پېتى، ياتىقىغا ئاران كىرىۋاپتىمىش. سەھەر، بىزنىڭ بىر، " قۇلاق كەستى " ئادىمىمىز قايناق سۇ ئالغىلى ( پارخانىغا ) چىققىنىدا، يولغا ئاققان، قاننى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇ قان ئىزىنى بويلاپ، ئىز بېسىپ ماڭسا، بۇ قان، نەق ئاشۇ تاياق يېگۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. كىرىپ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، بىرنى ئىككىگە ھەتتا ئۈچكە قېتىپ، ئىدارە باشلىقىغا دوكلات قىپتۇدەك. ئىدارە باشلىقى، ئۇنى بولۇم باشلىقىغا يەتكۈزۈپ، ئىشنى تېگى- تەكتىگىچە تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇغانىكەن. ھەمدە، بىز ئورنىمىزدىن تۇرغىچە، رايونلۇق دوختۇرخانىغا، ئۇ ئاكىمىزنى ئاپىرىپ، تەكشۈرتۈپ دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاڭلاپ بولغانىكەن. دىئاگنوز مۇنداق ئىكەن: بۇرۇن كۆمۈرچىكى ( ئۇستىخىنى ) سۇنغان، سۇنغانلا ئەمەس، ئېزىلىپ قالايمىقان بولۇپ كەتكەن. بىر كۆزى غۇۋا كۆرەلەيدىكەننۇ، يەنە بىر كۆزى پەقەتلا .... قاپاق - ماپاق كۆكىرىپ مۈشۈكئېيىققا ئوخشاپ قالغانمىش . ... ئۇنىڭ تەلىپى، تېز ئارىدا مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوختۇر پۇلى، دەم ئالغان كۈنلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى تولۇقى بىلەن تۆلەش، ئۇرغۇچىلارنى تۇتۇپ قانۇن بويىچە جازالاپ، تۈرمىگە تاشلاش، تېز تۇتۇش قىلمىغاندا، ئۇرغۇچىنىڭ ياپونىيەگە چىقىپ كېتىش ئىستېمالىنىڭ بارلىقى .... ۋاي - ۋۇي
راست گەپنى قىلغاندا، ئۇنىڭ تەلەپلىرىمۇ ئورۇنلۇق، توغرا ئىدى. لېكىن شۇ ۋاقىتلاردا:
ۋاي ماۋۇ پاخ - پاخ نېمانچىلا قىلىدۇ؟ كىچىككىنە بىر جېدەلگە. ئوغۇل بالا دېگەن، مەيداندىلا بىر تەرەپ قىلمامدۇ جېدەل دېگەننى، دېگەن قاراشتا ئىدۇق. ئەرز قىلغۇچىنى، " ئىلگىرىكىن ئۇششۇق ئاداشكەن بۇ " دەپ ئۆزىمىزنىڭكىنى توغرا قىلىشقا تىرىشاتتۇق.
مەسىلىنى، بۇ قانلىق " دېلو" نى پاش قىلىش، ئېچىپ تاشلاش، شېرىكلىرىنىڭ ھەممىنى ئېنىقلاپ چىقىش دولقۇنى باشلىنىپ كەتتى. كۈندە نەچچە قېتىم سوراق. سىلىق گەپمۇ بار، قوپال گەپمۇ ئەلۋەتتە بار.
بىنى بى دەيتتىمەن، دەپ ئوز گېپىمدىن يانمىدىم. يانساممۇ نەگە يانىمەن؟ تاياق يىگۈچىمۇ ئۆز ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە
مېنى شۇ قاراڭغۇدا، بىر توپ بالىلار بىرلىشىپ ئۇرۇپ كەتتى. ئىككىسى قولۇمنى تۇتۇپ بەردى، بولمىسا بۇنچىلىك تاياق يەمتىم مەن ... دېگەندەك گەپلەر بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمدا...
مېنى ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ كۆزلىرى تېخىمۇ چەكچىيىپ، ماڭا تېخىمۇ ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان، بۇرۇنقى خەقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن جېدەللەرنى سۆرەپ ئاچىقىپ، مەسىلە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش كېرەك، دېگەن تەلەپلىرىنى ئىدارە رەھبەرلىرىگە سۇنۇشماقتا.
مەن بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئاكىلار بولسا،
ئوبدان قىلدىڭ ئۇكام. بۇ گۇيغا ئاشۇنداق تېتىتىپ قويىدىغان ئادەممۇ چىقمايۋاتقان. خوپ بولدى. خاتىرجەم بول ئىدارە ھېچنېمە قىلمايدۇ،
دېيىشىپ كۆڭلۈمنى ياساپمۇ تۇردى.
كۈنلەر مۇشۇنداق دەككە- دۈككە ئىچىدە ئۆتمەكتە. چەتئەلگە چىقىش ئىشلىرىمۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق، ئەمما تولىمۇ مەخپى بېجىرىلىۋاتىدۇ. ئىدارىدىن ئالىدىغان تونۇشتۇرۇش، ئىسپات تاراق - تۇرۇقلار ئىدارە باشلىقىمىز ئىشخانىسىدىلا:
ھېچقانداق ئادەمگە تىنماڭ ئۇكام. جىمجىت ئىشىڭىزنى پۈتتۈرۈڭ. ئېھتىيات قىلىڭ ئۇكام ، ئۇ يەنە بىرنېمە دەپ قالسا، ھەرگىز قول ياندۇرۇپ قويماڭ ... ئەگەر بۇدا، مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ، بىر ئىش بولۇپ قالسا، مەنمۇ، ئىدارىمۇ سىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ ئۇكام،
دەپ قەغەزلەرگە تامغىلار " گۇم-گۇم " قىلىپ ئۇرۇلۇپ چىقىۋاتىدۇ. ئىدارىدىكى بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر، تالاش - تارتىشلارمۇ پەسىيىپ ، ئىشلارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، ئۇرغۇچىنى پات ئارىدا، رايونلۇق ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن، دېگەن گەپ بىلەن ئاخىرلىشىۋاتىدۇ.
ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىش ۋىزىسى ھەل بولدى. ئايروپىلانغا بېلەت ئالىدىغان ۋاقىتمۇ يېقىنلاشتى. لېكىن، ھەي ھەي ھەي ... پۇل يوق. سادىغاڭ كېتەيلەر پۇل يوق ... قانداق قىلغۇلۇق ؟
ماۋۇ جىددىيلىكنى كۆرۈڭ. خىزمەتداشلاردىن سوراي دېسەم، تېخى. ئەلۋەتتە بىرسىدىن سورىسام، ئىدارىگە پۇر كېتىدۇ.
ھە ماۋۇ ياپونغا قاچىدىكەنلا دېسە، تاياق يېگۈچى ئۇدۇل ساقچى چاقىرىدۇ. ئىشنىڭ تۈگىگىنى شۇ.
ئاخىرى ئاغىنە - بۇرادەرلەر، ناھايىتى يېقىن ئۆتۈشكەن ئاكىلارنىڭ ياردىمى بىلەن، ئايروپىلان بېلىتىگە لايىق پۇل يىغىلدى.
ئىشەنسىڭىز، بۇ پۇللارنىڭ كوپ قىسمى 5 سوملۇق 10 سوملۇق پۇللار. بەزى ئاكىلار، ئايالىغا دېمەي، نەچچە يىل، يوتقاننىڭ ئايالى بىلمەيدىغان يەرلىرىگە تىقىپ يورۇپ، ئىقتىساد قىلغان پۇللىرىنى مەن ئۇچۇن، مېنىڭ ساق - سالامەت ئۇچۇپ كېتىشىم ئۇچۇن ئاتىدى. مەن شۇ ۋاقىتتا ياردەم قىلغان ئاكىلارغا ھېلىھەممۇ رەخمەت ئېيتىپ تۇرىمەن. تېلىفونلاشسام ، ھەر قېتىم شۇ پۇللارھەققىدە گەپ قىپمۇ قويىمەن. چۈنكى، شۇ 5 ، 10 سومدىن يىغىلغان پۇل بولمىغان بولسا، مېنىڭ ھازىرىم ، ئەلۋەتتە بولمىغان بولاتتىغۇ...
پۇللارنى ئىشتان يانچۇق، چاپاننىڭ قويۇن يانچۇقى، بىر قىسمىنى سومكىغا سېلىپ بېرىپ، ئايروپىلان بېلىتىنىمۇ قولغا ئالدىم.
ئۇفففف .... بۇ 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىدى . كەچ كىرىپ ، تاڭ ئاتسىلا ، مەن شۇ مىڭ بىر جاپادا ئالغان، ئايروپىلان بېلىتىنى ئىشلىتەلەيمەن. ھەممە ئىشلار پېچەت. لېكىن، كۆڭۈل خاتىرجەم ئەمەس. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن، يوغان سومكىنى كۆتۈرۈپلا، سىرتقا ماڭسام، ئۇ كىچىككىنە ئىدارىدە، بىر دەمدىلا ھەممىسى بىلىپ كېتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك ؟
يەنىلا ئاغىنىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، كىيىم - كېچەك، ئازراق نەرسە - كېرەكلەرنى نەچچىگە بۆلۇپ، سىرتتىكى ئاغىنىلەرنىڭ ياتىقىغا يۆتكەپمۇ بولدۇق. بۇ جەرياندا مېنىڭ بالا دوستۇم ھەم بۇ شەھەرگە مەن بىلەن بىللە كەلگەن خىزمەتدىشىم ، ئالاھىدە ياردەم قىلدى. ھەتتا بەزىبىر گۇناھلارغىمۇ تەڭ شېرىك بولۇپ، مېنى قوغدىدى. ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مانا ھازىر ئامېرىكىدا، شۇ ئاغىنەم بىلەن بىللە ياشاپ كەتىپ بارىمەن. ئاللا بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغۇسى ... ئۇ دوستۇمغىمۇ رەخمەت ئېيتماي تۇرالمايمەن. ئىدارىدە پەقەت مېنىڭ بەدىنىملا قالدى. كەچ كىرسە، تامدىن ئاتلاپ بولسىمۇ چىقىپ كېتەلەيمەن...
ۋاقىتنىڭ ئۆتمىكى تولىمۇ ئاستا، سائەتكە قاراپ- قاراپ قويىمەن. چىك - چىك - چىك ... قىلىپ بۇزۇلۇپ قالدىمۇ ھوي؟ دېگۈدەك ئاستا ماڭماقتا.
كەچمۇ كىردى. تاماكا چەككەچ، غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ، ئىدارە قورۇسىنى ئايلىنىپ چىقتىم. بىر - بىرلەپ كىشىلەر ئۇيقۇغا تەييارلىق كۆرمەكتە. ھېلىقى تاياق يېگۈچىنىڭ چىرىغىمۇ بەك تەسلىكتە ئۆچتى. ھاپىلا - شاپىلا ياتاققا كىردىم. ئىككى يىلچە ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلگەن، ئالتۇن بېلىقلىرىم بىلەن ئايرىلىشقا قىيمىغان ھالدا، تەستە خوشلاشتىم. ئۇلار ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز، پىلتىڭلاپ ئۇرۇشۇپ، مەن بىلەن خوشلاشتى.
كېچىچە كىرپىك قاقماي، ئاغىنىلەر بىلەن سىرتتا، تاڭ ئاتقۇزدۇق. شۇ ۋاقىتتا شەھەر ئىچىدىن، ئايروپىلان ئىستانسىغىچە بېرىش، ئاپتوبۇس بېلىتى، ئادەم بېشىغا 8 سوم ئىدى. بىز 10 نەچچە بالا ... بارى ئاران 20 سوم. ئاخىرى ئاغىنىلەر بىلەن شەھەر ئىچىدىلا خوشلىشىشقا توغرا كەلدى. بىرلا ئاغىنەم مەن بىلەن ئايروپىلان ئىستانسىغىچە بىللە چىقتى.
ھەر خىل تەكشۈرۈشلەر تۈگىدى. ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدىكى، ساقلاش زالىدا، پەقەت ئايروپىلاننىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشىنىلا كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن. ئايروپىلان قوزغىلىشقا يەنە تولۇق بىر سائەت ۋاقىت بار.
ۋاي بۇ بىر سائەتتە نېمە ئىشمۇ قىلاي ھوي ... قارىسام زالنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرنەچچە ئاممىۋى تېلېفون تىزىقلىق تۇرۇپتۇ. شەيتانلىقىم يەنە تۇتتى.
تېلېفوننى ئېلىپلا ئىدارە بولۇم باشلىقىغا ئۇلىدىم.
ئەسسالام ئەلەيكۇم. ھە مەن. يەنە ئازراقتىن كېيىن، ئۇچۇپ كېتىمەن. ئۆتكەنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مانا مەن قىلغان. ئەمدى قانداق بىر تەرەپ قىلساڭلار، ئىختىيار سىلەردە ... خوش ئاكا،
دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئىدارىمىزدىن ئايروپىلان ئىستانسىسىغىچە ماشىنا بىلەن نەق بىر سائەتلىك يول ئىدى. قارىسام يەنە ۋاقىت بار. ھېلىقى تاياق يېگەن ئاكىمىز بىلەن خوشلىشىپ قوياي دەپ، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا، تېلېفوننى ئۇلىدىم:
خوش ئاكا، كەلگۈسىدە سەن تەلەپ قىلغان، ئۆتكەنكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرىمەن. ئەمسە مەن كەتتىم، دەپ خوشلاشتىم.
ئۇ: ھۇ ئاناڭنى ... ۋەي -ۋەي ...ۋەي نەدە سەن؟ دەپلا قېپ قالدى.
ئايروپىلانغا چىقتىم. جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ كىچىك دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ، ئايروپىلاننىڭ قوزغىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇردۇم.
ئاخىرى ۋاقىتمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن تەستە ئۆتۈپ، ئايروپىلان ئورنىدىن مىدىرلىدى. بىر ھازا مېڭىپ، سۈرىتى ئاستىلاپ توختاۋاتىدۇ ....ئوھھھھھ...
قارا دېگەندەك قىلدى، دېرىزىدىن قارىسام ، چىراغلىرى ۋال- ۋۇل، گال- گۈل قىلغان، ئىككى ساقچى ماشىنىسى، بىز چىققان ئايروپىلان تەرەپكە ئۇچقاندەك كېلىۋاتىدۇ.
ئاپلااا .... نېمە پوق يەپ، ئىدارىگە تېلېفون بەرگەندىمەن ... ھەي ئەخمەق، بىر سائەت بولسىمۇ، كۆتۈمنى قىسىپ تۇرسام بولماسمىدى ... ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق...
نابىئەن نابىئەن ، راڭكەى راڭكەى ( ئۇياقتا ئۇياقتا ، يول ئېچىڭلار))
دەپ تۆتتەك ساقچى ئايروپىلانغا چىقىپ، قەدەملىرىنى تېز - تېز ئېلىپ مەن تەرەپكە كېلىۋاتىدۇ. ....
ئىممم تۈگىدىم!!!
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوستلار ، مەن تەرەپكە تېز - تېز كېلىۋاتقان ساقچىلار نېمە ئىش قىلغاندۇ؟ ۋالاق - ۋۇلۇق باغلاپ، ئايروپىلاندىن ئىتتىرىپ- سۆرەپ مېنى چۈشۈرىۋالغانمىدۇ؟ ۋە ياكى، غوجام نەگە ماڭغانلا ؟ بىزگە بۇيرۇيدىغان ئىش - پىشلىرى بامۇدا؟ ھەجەپ بىزگە دېمەيلا مېڭىپسىلىيا؟ ئورۇندۇقتا ئازادە ئوتتاغانلا؟ ئاق يول بولسۇن ئەمسە ... دەپ مەن بىلەن خوشلاشقانمىدۇ؟ قانداق بولغانلىقىنى كېيىنكى بۆلەكلەردىن ئوقۇغايسىز.

4

تېما

3

دوست

6536

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2633
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1225
تۆھپە : 1191
توردىكى ۋاقتى: 1037
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 14:06:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھې .......ھې.......... ھەجەپ يۇمۇرلۇق بىر  ئاخىرلىشىپتۇ  ماۋۇ قىسمى . بىر قىسىم بىلەن يانا بىرقىسىمنىڭ ئارلىقى بەك ئۇزۇراپ كىتىۋاتىدۇ بېشىنى ئۇنتۇپ قالغىلى ئاز قاپتىمەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

1376

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22881
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 16:00:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xatmen يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 14:06
ھې .......ھې.......... ھەجەپ يۇمۇرلۇق بىر  ئاخىرلىشىپتۇ  ماۋۇ ق ...

ئادەمنى تەشنا قىلغۇچە بىراقلا يوللاپ ھاردۇقنى چىقارسا بولمامدىغاندۇ؟
قىزىق بىر كىنو كۆرۋاتسام ئىلان چىقىپ كەيپمىنى بۇزغاندەكلا تۈگەپ قالدى دىسە.....

4

تېما

3

دوست

6536

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2633
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1225
تۆھپە : 1191
توردىكى ۋاقتى: 1037
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 16:43:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xatmen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 22:41  

ئالدىنقى قىسىملىرىدىكى بىرئىنكاستا ، نۇرى ئەپەندىمنىڭ فىيىسبوكتا يازما يازىدىغانلىقىى ئېيىتقان .
مومكىن بولسا فىيىسبوك ئۇلىنىش ئادرىسىنى يوللاپ قويغان بولساڭلار . مىنىڭ تامدىن ئاتلاش تەخنىكام بار .


1

تېما

2

دوست

4462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1304
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 22:58:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش قىسمىنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ ؟بىلىدىغان تورداشلار دەپ بەرگەن بولساڭلار .

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2352
توردىكى ۋاقتى: 583
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 09:13:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلا

2

تېما

0

دوست

3139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 15:29:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئاخىرنى ساقلاۋاتقان ،رەھمەت

0

تېما

2

دوست

647

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25969
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 19:53:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئەسەرنى بەكمۇ كۈتكەن ئىدىم ، ئەسەرگە تەشنا بۇلۇپ قەيسەركامغا ئۇچۇرمۇ يۇللىدىم ، قەيسەركا ئەجرىڭىزگە رەخمەت.      ھەراست : بۇ ئەسەرنىڭ باش قىسمىنى كۆرمەكچى بۇلساڭلار  قەيسەر مىجىتنىڭ باش سۇرىتىنى بېسىپ ئاندىن تېما دىگەننى باسساڭلار  بارىلىق ئەسەرلەر كۇرىنىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )