- تىزىملاتقان
- 2014-5-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2884
- نادىر
- 0
- يازما
- 353
ئۆسۈش
29.47%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۈيەر ئەپەندىم قانداق ئەھۋالىڭىز،ئوزۇن بولدى جىمجىتلا بوپ كەتتىڭىز ، تورلارغىمۇ چىقماس بولۇپ كەتتىڭىز،
بۇ تېمىنى ناھايىتى ياخشى يولاپسىز، مەزمۇنلىرىمۇ ھەقىقەتەن ماڭا بەكمۇ ئېلھام بولدى،
مەن سىزنىڭ ھەر تەرەپلىرىڭىزگە ھەقىقەتەنمۇ قايىلمەن، سىز بىر تىرىشچان، ئەقىللىق بىر ياش، ئەمما ئۆزىڭىزدىكى ئازراق مەنمەنچىلىكنى يوقىتىشىڭىزنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن ، مەن قىز بالا بولساممۇ چۇقۇم ئوغۇللاردىن قېلىشمىغۇدەك جاسارىتىم،تىرىشچانلىقىم بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ مىللىتىمىز قىزلىرىغا ئۈلگە بولۇشقا، تىرىشىۋاتىمەن، بوشاشماي ماڭساملا چۇقۇم نىشانىمغا يىتەلەيمەن، بىر ئىشلارغا ئالدىراقسانلىق بىلەن يەكۈن چىقىرىۋاتمەي سالماقلىق بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈپ يەكۈن چىقىرىشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمەن، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى مېنىڭ ئوبرازىمنىڭ شۇنچىلىك تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى ماڭا يەنە بىر رىقابەت ئېڭىنى بارلىققا كەلتۈردى،ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ،
ياراتقان بولسىمۇ گەرچە قىز قىلىپ،
ھەممىدە ئەلەمگە دەرتكە يار قىلىپ.
تەقدىرگە تەن بەرمەي ئەردەك ياشايمەن،
مېھنىتىم ئەجرىمدىن يوقنى بار قىلىپ.
ئەي يۈرەك بىھۇدە ۋەھىمە يىمە،
ھاياتنىڭ خۇۋلىقى نېمىدۇر دىمە.
قان-زەرداپ يۈتسەڭمۇ ۋىجدانلىق ياشا،
تەقدىرنىڭ پۈتكىنى شۇ ئىكەن دىمە.
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق ، كۈنلىرىڭىزنى كۆڭۈللۈك، تۇرمۇشىڭىزنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگىلى نىسىپ قىلسۇن، بەخىت ئامەت سىزگە يار بولسۇن،
سىزگە بەخىت تىلەيمەن، بەزى گەپلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن، نەسىھەت ئاچچىق ، مېۋىسى تاتلىق دېگەن ھېكمەتلەر بار ئەمەسمۇ ؟
بۇ گەپلىرىمنى بۇ يەردە دېيىشىم ناھايىتى خاتا ئىش بۇنى بىلىمەن، ئەمما سىز مەن سىز سىزگە تېلفۇدا پىكىرلىشەي دەپ تېلفۇن قىلساممۇ ماڭا پۇرسەت بەرمىگەنلىكتىن ئامالسىز بۇيەردە دىيىشكە مەجبۇرى بولۇپ قالدىم .
|
|