قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 11089|ئىنكاس: 45

تۈركىيە تەسىراتلىرىم (4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

12

دوست

1525

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 02:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

"پالاۋلىقلارمۇ ئۇيغۇر ئىكەن"



  


   پالاۋ ساياھىتىمىزنىڭ 5 ‏-كۈنى، نەسىردىن ئەلاغا دېدۇق:
   - ئۇكا پالاۋنىڭ مەنزىرىسىگىمۇ قاندۇق، يىمەك-ئىچمەكلىرىنىمۇ تېتىدۇق، ئەمدى بىزنى پرېزدېنتىڭ بىلەن بىر كۆرۈشتۈرمەمسەن؟- بىز نەسىردىن ئەلانى ئىككى كۈندىن بېرى پالاۋلىق دەپ ئاتىۋالغان ئىدۇق.
     - بولىدۇ، چاتاق يوق- دېدى ئۇمۇ ۋە بىز بىلەن قەرت ئويناپ ئولتۇرغان TIM ئەپەندىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى. تىم ئەپەندى، بىر تېلېفون سۆزلىشىشتىن كېيىن دېدى:
     - ئەمىسە پرېزىدېنت تورىبوڭ بىلەن  ئەتە چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولىمىز.
   ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن تۈركىيە ۋە ۋەتەن بىلەن قىلىشىدىغان تېلېفونلىرىمىزنى قىلىپ بولۇپ، مىرشات ئىككىمىزنىڭ بىر مەيدان چېنىققۇمىز كېلىپ قالدى. چۈنكى تۈركىيىدە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سەھەردە يۈگىرىدىغان ئادىتىمىز، بىر ھەپتىدىن بېرى توختىغان ئىدى؛ بەش كۈندىن بۇيانقى يەپ  -ئىچىشلىرىمىزمۇ بەل ۋە كاچاتلىرىمىزدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى. دېڭىز ساھىلىدا يۈگرۈپ كېتىۋاتقىنىمىزدا ئىككى كىشى ماشىنىسىنى توختىتىپ سورىدى:
     - ياردەم كېرەكمۇ؟ بىر يەرگە ئالدىراۋاتقاندەك قىلىسىلەر؟
           دېمىسىمۇ سىرتتا بىزدىن باشقا يۈگۈرۈپ چېنىقىۋاتقان ئادەم يوق، ياكى بۇلارنىڭ چېنىقىش سائەتلىرى مۇقىم ۋە بالدۇرمۇ ياكى چېنىقىش ئادىتى يوقمۇ بىلمىدۇق، ئەمما بۇلاردا كۆپرەك كۆزىمىزگە چېلىققان ئۇ پاكار-پاكار، يۇمىلاق-يۇمىلاق بەدەلەرنىڭ شەكىللىنىش سىرىدىن بىراز يىپ ئۇچىغا ئىگە بولغاندەك بولدۇق، دېمەك، ئىنسان ئۇدۇلىغا قاراپ يۈگرەپ تۇرمىسا بەدەن يانغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. مىرشات ئىككىمىز مۇشۇ مۇلاھىزىمىزنى قىلىپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتساق نەسىردىندىن تېلېفون كەلدى:
- نەدە سىلەر؟
- دېڭىز بويىدا.
-نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر....
- چېنىقىۋاتىمىز.
-قانداق دېگەن گەپ بۇ؟ پرېزىدېنت تورىبوڭ سىلەرنى ساقلاۋاتىدۇ!
- نېمە دەيسەن-ھوي ئۇكا، راستمۇ-چاقچاقمۇ؟
- بۇ گەپنىڭمۇ چاقچىقى بولامدۇ؟! ئاخشام تىم ئەپەندى تېلېفوندا سۆزلەشكەندىن كېيىن دېدىغۇ، كۆرۈشمىنى چۈشلۈك تاماقتا دەپ.--- بىز ئەسلىدە تىم ئەپەندىنىڭ ئاخشامقى بۇ گېپىنى چاقچاق  دەپ چۈشەنگەن ئىدۇق، چۈنكى بىر دۆلەت پرېزىدېنتى بىلەن كېچە سائەت 11 دە قەرت ئويناپ ئولتۇرۇپ سۆزلەشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماپتۇق.
- ئەمىسە بىز 15 مىنۇتتا ياتاققا يېتىپ بارىمىز، 45 مىنۇتتا مېھمانخانىدىن چىقىشقا تەييار بولۇپ بولىمىز، پرېزدېنتقا ئۆزۈڭ باھانەدىن بىرنى توقۇپ توغرا چۈشەندۈرۈپ قويۇپ تۇر.
  مېھمانخانىغا كەلسەك، كۈتىۋېلىش زالىدا پرېزىدېنت بىزنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ، بېسىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمىدى، تەلەپ-تەپچىرىگەن قوللىرىمىز بىلەن پرېزىدېنت بىلەن كۆرۈشىۋېتىپ ياتقىمىزغا چىقىپ كەتتۇق. ياتىقىمىزدىن تەييار بولۇپ پەسكە چۈشكىنىمىزدە، ئاخشام دېيىشىلگەن ۋاقىتتىن نەق بىر سائەت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى؛ يەنە پرېزدېنتنىڭ كەيپىياتىدا خاپىلىق ئالامىتى يوق، بىراق، ئىنىمىز نەسىردىن ئەلانىڭ تەرى بىراز بۇزۇق؛ پرېزدېتنىڭ ئارقىسىدىن كېتىپ بېرىپ نەسىرىدىن ماڭا قورسىقىنى بوشاتتى:
    -كېچىككىنىڭلارنى ئاز دەپ مېنى يالغانچى قىلىپ قويدۇڭلار، مەن سىلەرنى بۈگۈن ئىككىسىدىن بىرىنىڭ  مىجەزى يوق بولۇپ قېلىپ دورىخانىغا دورىغا ئالغىنى كېتىپتۇ دېگەن ئىدىم، سىلەر چېنىقىپ كېلىۋاتىمىز دەپ مېنى ئوسال قىلدىڭلار، مەن تېخى سىلەرنى مېھمانخانىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن كىرمەي كەينى ئىشىكىدىن كىرىپ ئۇدۇللا ياتىقىغا چىقارمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.....
    پرېزىدېنت بىزنى دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر ھەشەمەتلىك رېستۇرانغا باشلىدى، ساھىپخانلىقىنى بىزگە تالىشىش پۇرسىتىمۇ بەرمەستىن ئۆز ئۈستىگە ئالدى. سورۇندا بىز ئۈچ ئۇيغۇر ۋە پرېزدېنتتىن باشقا ئامېرىكىلىق تىم ئەپەندى ۋە پرېزندېنتنىڭ شوپۇرىمۇ بار. داستىخاندا پرېزدېنتنىڭ ئەڭ ئاۋۋال دېگەن گېپى شۇ:
--- مەن رەسمىي سوھبەتلەردىن غەيرىي رەسمىي سۆھبەتلەرنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى  بەزى نازۇك ئىشلار، غەيرىي رەسمىي سۆھبەتلەردە ئاسانراق پۈتىدۇ- پرېزدېنت بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئالدى بىلەن قىلىشقان گېپىمىز ئۈستەل ئۈستىدە قالىدىغان گەپ، ئاخباراتقا كۆتۈرۈلۈلۈپ چىقمىسۇن، دېمەكچى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دوستانە ئولتۇرايلى، راھەت- ئازادە بولۇڭلار دېمەكچى. ئۇ بىر پرېزدېنت بولۇش سۈپتى بىلەن  بىزنىڭ ئۇچرىشىش تەلىۋىمىزنى مەلۇم بىر كوللىپتىپنىڭ دەرت ياكى مەنپەئەتى توغرۇلۇق دەپ ئويلىغان ئىدى، ئاخشام يېتىشنىڭ ئالدىدا  تىم ئەپەندىدىن تېلېفون كەلدى،  بوپتۇ، مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇقلارنى گېزىتتىنلا كۆرمەي ئۆزلىرىنى بىر كۆرۈپ باقاي دېدىم.
  چاقچاق ئارىلاش باشلانغان سۆھبىتىمىز بىرازدىن كېيىن ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ۋە مىجەزلىرىمىزدىكى ئورتاقلىقلارغا يۆتكەلدى:
       مۇھەببەتنى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ئوخشىمايدۇ، -دېدى تورىبوڭ- مەسىلەن ياۋروپالىقلار ئاپىسىغا  " مەن سېنى سۆيىمەن" " مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ؛ بىزدە ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى بالىنىڭ ئانىنى سۆيىشى تەبىئى، ئۇنى ئېغىزدا ئىپادىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق،ئېغىزدا ئىپادىلىگەن چاغدا سۈنئىيلىك ھېس قىلىمىز، مۇھەببەت قىممىتىنى يوقتىدۇ، ئۇ ئارقىدىن پالاۋدا يىگىتلەرنىڭ قىزلارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش شەكلىنىڭمۇ ئوخشىمايدىغانلىقى، قىزلارنىڭ كىتابىي گەپ ۋە جىددىي تىمىلارغا قىززىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
       - بىزدىمۇ شۇنداقراق-دېدىممەن گەپ قىستۇرۇپ- ياسىن دەپ بىر ئاغىنىمىز بولىدىغان، بىر كۈنى  يېڭى تېپىشقان مۇھەببىتى بىلەن باغچىدا ئۇچرىشىپتۇ، ئۇچرىشىشتا، ئۇ ئۆزىنىڭ راۋۇرۇس  مەلۇماتلىق بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىملىق ئىراق-ئىران ئۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە 2 سائەت توختۇلۇپتۇ؛ شۇ قېتىملىق سوھبەتتىن كېيىنلا ئۇ قىز ئۇنىڭ يېنىدايوق، ئەمما شۇ كۈندىن بۇيان ئۇنىڭغا قويۇلۇپ قالغان لەقەم ھازىرغىچە بار: ياسىن ئىراق.
       - مەن ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا- دېدى تورىبوڭ  بىر كۈنى بىر ئايال  ساۋاقدىشىمنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم، نېمە بولدۇڭ دەپ سورىىسام، "بۈگۈن ئۈستەلدە خەت يوق" دەيدۇ، نېمە خەتكەن دېمەمسىلەر، بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ يولدىشى ھەركۈنى ئۇنىڭدىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئىشقا ماڭىدىكەن، ئۆيدىن چىقىدىغان چېغىدا " I Love you" ("مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن") دەپ خەت يېزىپ قويۇپ چىقىپ كېتىدىكەن. ئەگەر مەن ئەتە ئەتىگەن ئۆيدىن چىقىدىغان چېغىمدا ئۈستەلگە شۇنداق بىر خەت تاشلاپ قويۇپ باقاي؟ چوقۇم، ئايالىم كەچتە پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقانلارنى بىر ئۆيگە يىغقاندىن باشقا يەنە بىر ئويگە پىسخولوگىيە دوختۇرىدىن بىرنى چاقىرىپ ئەكەپ قويۇپ بولغان بولىدۇ- ئۇنىڭ بۇ گېپىگە پاراقلاپ كۈلىۋاتقان مىرشات بىلەن نەسىردىنگە دېدىم:
-بالىلار، پالاۋلىقلارمۇ ئۇيغۇر ئىكەن؟!
    تورىبوڭ پالاۋلىقلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ بىراز تېز ئىكەنلىكىنى دېۋىدى، مىرشات مۇنداق دېدى:
      - پالاۋلىقلار ئۆزىنىڭ چاققانلىقىنى ئالدىنقى كۈنى ئىسپاتلاپ بولدى، ئەسلىدە پالاۋلىقلار ھەققىدە بىز بىر ساياھەت خاتىرىسى يازماقچى ئىدۇق، بىز خاتىرىمىزنى باشلىماي تۇرۇپ پالاۋلىقلار بىزنى يېزىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش بەتكە .
   ئۈچ سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى، سورىنىمىز داۋاملاشماقتا، ئارىلاپ شەخسىي پاراڭلارغىمۇ، پولارغىمۇ  ئورۇن بار. مىرشات تەرەپكە بوينۇمنى سوزۇپ پەس ئاۋازدا دېدىم:
   - قارا، بۈگۈن سەن سورۇندا پرېزدىنتنىڭمۇ يۇقۇرىسىدا ئولتۇردۇڭ، چىقىمىڭغا لايىق ئىش بولدى، ئەمدى زىيان ئېسىڭغا كېلىپ ئاغرىپ قالغۇدەك بولساڭ، مۇشۇنى ئويلىساڭ ساقىيىپ قالىسەن‏-ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ باشلىغى ئىدى، ئۇ تېزلا جاۋاپ بەردى:
      -بۇنىڭ تەسەسللىي بولىدىغان نەرى بار، بۇ بۈگۈن بۇ يەردە  پەقەت  20 مىڭ نوپۇسلۇق بىر خەلققە ۋەكىل بولۇپ ئولتۇرىۋاتىدۇ، مەن دېگەن 20 مىليونغا يېقىن نوپۇسلۇق  بىر خەلققە ۋەكىل بولۇپ ئولتۇرىۋاتسام.
  بىر ئارىلىقتا نەسىردىن ئەلانىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم:
      - ئۇكا، بۇ بىللە ئولتۇرىۋاتقىنىمىز، راست تورىبوڭمۇ، يالغان تورىبوڭمۇ؟ راست بولسا، بۇ راست پرېزدېنتمۇ يالغان پرېزدېنتمۇ؟ دىققەت قىلدىڭىزمۇ، يا قايتىشقا ئالدىرىمايدۇ، يا بىرسى ئىزدىمەيدۇ، مانا ئۈچ سائەتنىڭ ئىچىدە ئاران بىر قېتىم تېلفۇنى جرىڭلىدى، ئەگەر سىز بۈگۈن بىرەر ئۇيغۇر باشلىق بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالسىڭىز، بىر سائەتتە ئاز دېگەندە 10 قېتىم تېلېفونى جىرىڭشىيدۇ، بىر سائەتنىڭ يېرىمىدە سىز بىلەن سۆزلەشسە، يېرىمىدا سورۇننىڭ سىرتىدىكىلەرگە يوليورۇق ياكى مەلۇمات  بېرىدۇ." نەسىردىن چاقچاق ئارىلاش قىلغان  بۇ سۆزۈمگە جىددىي جاۋاپ بەردى:
     -بىر دۆلەت بىلەن بىر تەشكىلاتنىڭ پەرقى مۇشۇ نۇقتىدا. دۆلەت  ئاپىراتلىرىدا مۇۋاپىق ئىش تەقسىماتى بار،  ھەركىم ئۆزىگە تېگىشلىكىنى قىلىدۇ؛ تەشكىلاتلاردا مۇنداق  ئاپىراتلار بولمىغاندىكىن نەچچە مىليون كىشىنىڭ دەردى ساناقلىق كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلۈنۈپ قالىدۇ،  ئۇلارنى ئالدىراش قىلىۋېتىدۇ.
      سورۇندىن كېيىن  خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشتۇق، تورىبوڭ بىز بىلەن بىر نەچچە پارچە رەسىمگە چۈشكەندىن كېيىن، بىزنى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن ئاپىراتىمىزنى قولىغا ئالدى ۋە يېرىم سائەتلەرگىچە ئاپىراتنى قولىدىن چۈشۈرمىدى؛  ئۇ رەسىمگە تارتقاندا  شۇنداق ئەستايىدىلكى  ھېلى زوڭزۇيۇپ ئولتۇرسا، ھېلى ياندىكى بىر رىشاتكىغا يۆلىنەتتى، ھېلى يېقىنلاپ كېلىپ تارتسا، ھېلىقى ئارقىسىغا يۈگرۈپ، يىراقتىن تارتاتتى؛ ئەگەر ئەتراپ بىر چىملىق بولۇپ قاغان بولسا، ئۇنىڭ بىزنى يېتىپ-يۇمىلاپ يۈرۈپ رەسىمگە تارتىشقىمۇ مەيلى بار ئىدى. رەسىمگە چۈشۈشتىن كېيىن بىز ياتىقىمىزغا قايتتۇق؛ تورىبوڭ رېستوراننىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان مۇخبىرلارغا تۇتۇلۇپ قالدى:
        تورىبوڭنىڭ كىچىك پېئىللىقىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم شۇ:
        بۇ دۆلەتنىڭ كىچىكلىكىدىنمۇ ھارۋاردتىكى تەلىم -تەربىيەدىنمۇ؟ بىلىشىمچە، ئازىراق پۇل تېپىپ يانچۇقى تومپايغاندا، كىچىككىنە مەنسەپكە ئېرىشىپ پۇتى سەلدىن يەردىن كۆتۈرۈلگەندە، ئاز-تولا ئامىتى كېلىپ نام-ئاتىقى چىققاندا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ دولىسىغا دەسسەپ مېڭىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، باي ۋە قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن كۆپ كىچىك ۋە نامرات دۆلەتلەردە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تورىبوڭدىكى سەمىمىيلىك بەلكىم ھارۋاردتىكى تەلىم تەربىيەدىن بولسا كېرەك؛ يەنە بىر نۇقتا بار، ئالىي بىلىم يۇرتىدا تەھسىل كۆرۈش باشقا، ئۇنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇش باشقا؛ بەلكىم ئۇ تەلىمنى كورگەنلا ئەمەس ھەم يۇقتۇرغانلار تائىپىسىدىن بولسا كېرەك.
.

4

تېما

12

دوست

1525

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 02:59:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالاۋ پرېزدېنتىنىڭ رەسىمى: https://www.google.com/search?q= ... 18.html%3B750%3B635
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

7

دوست

4354

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1272
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 12:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaryabkok يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 02:59
پالاۋ پرېزدېنتىنىڭ رەسىمى: https://www.google.com/search?q=palau+president&sa ...

رەھمەت،دۇنيادىكى رەڭگارەڭ ئىشلاردىن ئاز-تولا خەۋەردارقىلىپ تۇرىۋاتىسىز ،قېرىندىشىم.
پالاۋلىقلارمالاي ئېرقىغا تەۋەمۇ؟ئۇلارنىڭ دۆلەت تىلى ئىنگلېز تىلىمىكەن ياكى ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك تىلىمىكەن؟

4

تېما

0

دوست

5571

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1281
توردىكى ۋاقتى: 404
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 12:49:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  دۇنيا  ئەجەپ  بىر  سەن   يىغلىغاننلارنى  بىر ئومۇر  يىغلىتىپ   كىلۋاتىسەن  .قاچانمۇ   كۇلدىغان  كۇنلەرنى  بېرەسەن  .

2

تېما

2

دوست

3292

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   43.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1004
توردىكى ۋاقتى: 348
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 12:52:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى پرېزىدېنت  دەڭلا ئادەمنى  گوللىماي .

1

تېما

1

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 976
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 13:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسمى سۆھبەت دىگەن مەركىزى تىلۋىزيەدە بولىدىغان كۆرىنىش شۇمۇ.مەسلەن:بىر قاتار ئۈستەل. . ....بىر رەتتە بىر يەرنىڭ ۋەكىللىرى.يەنە بىر رەتتە ساھىپخانا ۋەكىللىرى.ئىككى  باشلىق ياكى باش ۋەكىل.ئارقىدا تەرجىمان.ئالدىدا فوتو ئاپارات كۆتۈرۋىلىشقان تاراتقۇ ۋەكىللىرى دىگەندەك.

غەيرى رەسمى سۆھبەت دىگەنچۇ؟بەلكىم بۇ سۆھبەت ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئۇنداق كۆپ بولمىغان ئادەتتە مۇخبىرلارمۇ ئارلاشمىغان بىر ئۈستەلدە تاماق يىگەچ شەخسى پاراڭ سالغاچ تۇرمۇش مەدىنىيەت ئۆرۈپ ئادەت تۇغۇرلۇق يەنە مۇھىمى ساھىپخانغا ئۆزلىرى توغۇرلۇق مەلۇماتلارنى ھىس قىلدۇرۇش ئىشلىرى بىلەن كۆڭۈل بىلدۈرۈش سۆھبىتىنى غەيرى رەسمى سۆھبەت دەيمىزمۇ.قارىغاندا غەيرى رەسمى سۆھبەت بوپ قۇيغۇدەك.تىما يازغۇچىغا رەھمەت.

1

تېما

1

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 976
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 13:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Zarifa يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 12:53
مىنىڭچە پىرىزىنتنىڭ كىچىك پىئىل،سەمىمىيلىكى ئۇنىڭ سا ...

مىنىڭچە بۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى قاتارلىق بىر قىسىم سىياسى نۇقتىلاردا ئەڭ ياخشىسى دۆلىتىمىزنىڭ تارقاتقان مۇشۇ دۆلەت تۇغۇرلۇق بەرگەن خەۋرىدىن بىلگىنىمىز ياخشىمىكىن.تىما يازغۇچىدىن بۇنى مەجبۇرلاش ياخشى ئەمەس دەپ قارايمەن.

14

تېما

20

دوست

9796

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 2902
توردىكى ۋاقتى: 1077
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 16:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ گوگىل ئادرىسمۇ ئىچىلمايدىيا...
دۆلەتنىڭ خەنزوچە يىزلىشى ۋە ئورنىنى رەسىملىك يوللىۋىتىڭلار باللا، قۇياش ئىنىرگىيسى مۇۋاپىقمۇ، شامال ئىنىرگىيسىمۇ يا دۇلقۇن ئىنىرگىيسىمۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )