قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3780|ئىنكاس: 97

ئەلسۆيەر: دوپپىلىرىمىزغا بېشىڭىزدىن ئورۇن تېگەرمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

12

دوست

2495

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 814
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 17:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

دوپپىلىرىمىزغا بېشىڭىزدىن ئورۇن تېگەرمۇ


ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

55055.jpg

        يېقىندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم ناھىيەگە باردىم، شۇ ناھىيەدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات دەرسى بېرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى دوستۇم ماڭا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ دوستۇم بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىدا بېشىغا دوپپا كىيىپ مەكتەپكە بېرىپتۇ، بۇنى كۆرگەن يەنە بىر خىزمەتدېشى ئۇنىڭغا:
ـــ سىز ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ دوپپا كىيسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ دەرھال بېشىڭىزدىكى دوپپىنى ئېلىۋېتىڭ،ـــ دەپتۇ.
ـــ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇشۇم بىلەن دوپپا كىيىشىمنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار، دوپپا دېگەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيمى تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇندا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى دوپپا كىيىپ خىزمەتكە بارسا بولمايدۇ دەيدىغان بەلگىلىمە يوق، يەنە كېلىپ بۈگۈن ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمى، شۇڭا مۇشۇ بىر كۈن بولسىمۇ بېشىمدىن دوپپىنى ھەرگىز ئالمايمەن،ـــ دەپتۇ دوستۇم.
           بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، دوپپا ھەققىدە ئىزتىراپلىق ئويلارغا چۆمكەلدىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئالاھىدىلىكى بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ تەتقىقاتچىلار دوپپىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دوپپىنىڭ شەكلىنىڭ مىسىردىكى پىرامىدا شەكلىگە ئوخشايدىغانلىقى، دائىم دوپپا كىيىپ بەرگەندە ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسىدىغانلىقى، نېرۋىسىغا پايدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققانلىقىنى سۆزلەپ، بىزگە ئىمكانىيىتىمىز يار بەرسىلا دوپپا كىيىپ يۈرۈشىمىزنى تەكىتلىگەنىدى.
مىللىي كىيىملىرىمىزنىڭ يارقىن سىماسى، خاس بەلگىسى بولغان دوپپا توغرىسىدا كاللامدا گادىرماش سوئاللار پەيدا بولۇۋاتقان دەملەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ مەدەنىيەت بوستانى پىروگراممىسىدا يېقىندىلا ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت بەلگىسى دوپپا» تېمىسىدىكى سۆھبىتىنى كۆرۈپ سۆيۈندۈم. سۆھبەت جۇڭگو تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېكىتىدە بار،                ئادرىسى:  http://uyghur.cntv.cn/program/uy_culture/20140404/103841.shtml  
       سۆھبەتتە، خەلقىمىزنىڭ تارىخىتىن بۇيان ئەڭ مۆتىۋەر، كاتتا زاتلىرىمىزغا، دائىلارغا، مەملىكەت ئىچى ياكى چەتئەلدىن كەلگەن مۆتىۋەر رەھبەرلەرگە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھۆرىمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇلارغا دوپپا تەغدىم قىلىدىغانلىقى، بۇ ھالنىڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىمىز ئىچىدە دوپپىنىڭ زور مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.
       دېمەك، دۇنيادا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ باش كىيىم مەدەنىيىتى شۇ مىللەتنىڭ سىموۋۇللۇق مەنىسى سۈپىتىدە قەدىرلىنىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەلپۈنۈشلىرى دوپپىغا مۇجەسسەملەنگەن. ئالايلۇق: بىز بىرەر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا كانىۋاي كۆڭلەك كىيىۋېلىپ كوچىدا ئوغرىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەيمىز، شەخسەن مەن ئۇ خىل ھالەتنى كۆرۈپ باقمىدىم. بېشىغا شۇنچىلىك ياراشتۇرۇپ چىمەن دوپپا، ئۇچىسىغا ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگەن، چىرايىدىن ئىمان نۇرى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ كوچىدىكى يىگىتلەرنىڭ قالايمىقان چاقچان قىلىش ئوبىكتى بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ مەن ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم. ئامېرىكىنىڭ نىيۇرۇك شەھىرىدە مىغ – مىغ ئادەم توپى ئىچىدە دوپپا كىيىپ كېتىۋاتقان بىرەيلەننى ئارقىدىن كۆرۈپ، ئۇنى چوقۇم ئۇيغۇر پەرزەنتى دېسەك خاتالاشمايمىز. دېمەك، كىيىم زۆرۈرىيىتى ئەخلاقى زۆرۈرىيەتنىڭ ماددىلىشىشى،  ئۇيغۇر دوپپىلىرىغا            

      ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ خاس بەلگىسى يوشۇرۇنغان، دوپپىلىرىمىزدا ئەخلاق ئارقا كۆرۈنىشىمىز ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.
مەن ھەر قېتىم دۆلەت رەھبەرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىزمەت تەكشۈرۈپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بېشىغا دوپپا كىيدۈرۈلۈپ قويىلىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. قىسقىسى، يېقىندا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا خىزمەت تەكشۈرۈپ كەلگەندىمۇ بېشىغا دوپپا كىيدۈرۈلدى. بۇنىڭدىن بىز دوپپىنىڭ ئۇيغۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، مىللى كىملىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدىغان قىممەتلىك كىيمىلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
        ئەمما يېقىندىن بۇيان، ياشلىرىمىز ئارىسىدا مىللى كىيىم مەدەنىيىتىمىزدىن ياتلىشىش خاھىشى ئالاھىدە كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. بازارلاردا ئوزۇن چاچ قويۇپ، ھەر خىل ھەرەڭ-سەرەڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەتتا زىبۇ زىننەت تاقاپ، ئالا-جاقىل توۋلاپ، تاماكىسىنى پۇرقىرتىپ چېكىپ، توپلىشىپ كېتىپ بارغان ياشلارنى دائىم ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر قېتىم مۇشۇنداق بىر قانچە ئوزۇن چاچلىق، خېنىم چىراي ئەرلەرنى كۆرگىنىمدە  خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق- ئەھكاملىرى، ئەر-ئاياللار ئەخلاقى ھەققىدىكى ۋەز-نەسىھەتلىرىنى يادىمغا ئېلىپ ئازابلىناتتىم. ئۇلاردىن ھېيقىتىم. بورۇندىن چەبدەس، باتۇر، چېچەن دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرلىرىمىز مانا ئەمدى ئاياللارغا ئوخشاش چاچلىرىنى ئوزۇن قويۇپ بېرىپ، زىبۇ-زىننەت تاقاپ، ھەتتا گىرىم قىلىپ  كوچىدا يۈرسە، كىملەرمۇ ئۇلارغا لەنەت ئوقۇماس، دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ئەجىبا ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس قېلىپ، ئۆزگىلەر ئالدىدا قەددىمىزنى كۆتۈرگەن دوپپىلىرىمىز ئاشۇ خېنىم چىرايلارغا ياراشماسمۇ؟
        جەمئىيىتىمىزگە نەزەر كۆزىمىزنى يەنە ئاغدۇرىدىغان بولساق، بەزىدە كوچىلاردا ئەر-ئاياللىقىنى ئىلغا قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كىيىم كىيىۋېلىشقان ياشلارنىڭ توپ-توپ بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇلارنىڭ ئەر-ئاياللىقىنى بىلىشكە تىرىشىمىز. بەزىدە ھەتتا، ئۇلارنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقى ھەققىدە ئۆز-ئارا بەس مۇنازىرە قىلىپ كېتىشىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەجىبا، ئاشۇ كىشىلىرىمىزمۇ ئەر ئاياللىقىنى بىر قاراپلا پەرقلەندۈرۈگىلى بولىدىغان ئاشۇ دوپپىلىرىمىزنى كىيىۋالغان بولسا، بىر قاراپلا ئۇلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولماسمىدى دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.
يەرشارىلىشىشنىڭ چوڭ دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەتلەر، ئادەتلەر ئۆز ئارا يۇغۇرلۇپ كېتىۋاتىدۇ ھەمدە تۇرمۇشىمىزغا، ئادەت-تەپەككۇرىمىزغا يات بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر شىددەت بىلەن كىرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىر مىۋىسى سۈپىتىدە قاراپ باقساق، تىكىلىشى، بويىلىش شەكلى ئاجايىپ غەلىتە، ھەرەڭ-سەرەڭ ھەتتا چاكىنا كىيىم-كېچەكلەر ئەتراپىمىزنى بىر ئالدى. نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ ئۇچىسىدا شۇ خىلدىكى چاكىنا كىيىملەرنى كۆرمەكتىمىز. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ئېستېتىك گۈزەللىكى ئوخشىمايدۇ، كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيەت ئاراقا كۆرۈنۈشى بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ بىر ئوبدان كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىز ۋە كىيىنىش، ياسىنىش ئادىتىمىز تۇرۇپ، ئۆزگە مەدەنىيەتكە قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كەتسەك، ئېنىقكى لاۋزىلىشىپ قالىمىز. «كۆككە باقماي، كۆپكە بېقىش»، تۇرمۇشتىن چاكىنا رەڭۋازلىقنى ئەمەس، ئاددىي-ساددا ئېسىل گۈزەللىكنى تېپىپ چىقىش ئاقىلانىلىكتۇر. مېنىڭچە كىندىكىلىرى ئوچۇق، پۇچقاقلىرى يەردە سۆرىلىپ تۇرغان، ھەتتا چۇچىلىرى، قىرلىرى سۆكۈلگەن، بوياق–رەڭلىرى شۇ قەدەر يېقىمسىز، ئادەمگە خۇددى ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن، دۇنيادىن رايى قايىتقان كىشىلەردەك تۇيغۇ بېرىدىغان كىيىنىپ-ياسىنىش بىر ئادەمنىڭ تېشىدىن ئىچىگە قاراپ تۈگىشىشىنى، ئاخىرىدا ئىچى ۋە تېشىدىن بىراقلا تۈگىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
        جۇشقۇن ياشلىرىمىزنىڭ تەشەببۇسى، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى كۈنى قىلىپ بېكىتىلگىلى 4 يىل بولدى، دوستۇم، سىز ئۇزاقتىن بۇيان دوپپا كىيىپ يۈرۈۋاتقان بولسىڭىز، سىزگە ئاپىرىن، ئەمما سىز دوپپىنى پەقەت نەزىر – چىراقلاردىلا ئانچە – مۇنچە كىيىپ يۈرىدىغان كىشى بولسىڭىز، مۇشۇ دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى كۈنىدە بولسىمۇ دوپپىلىرىمىزغا بېشىڭىزدىن ئورۇن تېگەرمۇ؟

ـــ 2014 – يىلى 4 – ماي ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزىلدى



0

تېما

1

دوست

3663

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1120
توردىكى ۋاقتى: 478
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 22:39:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەئىسىمىزنىڭ قەشقەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە دوپپا كىيىپ چۈشكەن رەسىمىنى ساقلاپ قۇيۇڭلار ، ، ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

19

دوست

3515

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1120
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 22:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەشتىم .رەئىسىمىزنىڭ قەشقەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە دوپپا كىيىپ چۈشكەن رەسىمىنى ساقلاپ قۇيۇڭلار ....

32

تېما

11

دوست

3484

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1082
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 23:19:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ خالىسا، ئەتە چوقۇم دوپپا كىيىمەن

0

تېما

7

دوست

2108

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25116
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 196
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 23:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kutteken يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 23:19
ئاللاھ خالىسا، ئەتە چوقۇم دوپپا كىيىمەن

ئاللا خالىسا ئەتە چۇقۇم دوپپا  كىيىمەن دىمەي بۇنىڭدىن كېيىن ئاللا خالىسا بېشىمدىن
دوپپىنى چۇشۇرمەيمەن دەڭ قېرىندىشىم چۇنكى دوپپا دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز،
لېكىن ئۇيغۇرلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن؛

1

تېما

0

دوست

805

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27706
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 23:35:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alim0070 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 22:54
ئەگەشتىم .رەئىسىمىزنىڭ قەشقەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كە ...

ساقلىۋالدىم

0

تېما

0

دوست

96

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28407
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 23:41:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيىتىمىزگە نەزەر كۆزىمىزنى يەنە ئاغدۇرىدىغان بولساق، بەزىدە كوچىلاردا ئەر-ئاياللىقىنى ئىلغا قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كىيىم كىيىۋېلىشقان ياشلارنىڭ توپ-توپ بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇلارنىڭ ئەر-ئاياللىقىنى بىلىشكە تىرىشىمىز. بەزىدە ھەتتا، ئۇلارنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقى ھەققىدە ئۆز-ئارا بەس مۇنازىرە قىلىپ كېتىشىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەجىبا، ئاشۇ كىشىلىرىمىزمۇ ئەر ئاياللىقىنى بىر قاراپلا پەرقلەندۈرۈگىلى بولىدىغان ئاشۇ دوپپىلىرىمىزنى كىيىۋالغان بولسا، بىر قاراپلا ئۇلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولماسمىدى دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن......

0

تېما

0

دوست

697

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25471
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 244
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 00:02:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 30يىلدىن بۇيان دوپپىدىن ئايرىلىپ باقمىدىم.ئانچە-مۇنچە ئۆي ئىچىنى ھىساپقا ئالمىغاندا،سىرىتقا يالاڭباش چىقىپ قالسام خۇددى بىر يەرلىرىم ئوچۇق قالغاندەكلا...........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )