- تىزىملاتقان
- 2013-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1199
- نادىر
- 0
- يازما
- 77
ئۆسۈش
19.9%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاسپىرانىت قىزلار، سىلەرگە سالام يوللايمەن .ئويلىنىش ئىچىدە ئىنكاسلارنى ئوقۇپ چىقتىم .ماۋ زېدوڭنىڭ شۇنداق بىر گېپى باركى ‹‹ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغانلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ››دەپ .مەن ئۇدا ئىككى يىل ئىمتىھان بېرىپمۇ ئاسپىرانىتلىققا ئۆتەلمىدىم (ئەمما بالامنى ئوڭۇشلۇق يەڭگىۋالسام ئاللاھ خالىسائائىلەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئاساستا يەنە تىرىشىپ قايتا ئىمتىھان بېرىش پىلانىم بار ).بولمىسا تولۇق كۇرىستا خېلى ياخشى ئوقۇغان قىز ئىدىم. ئاسپىرانىتلىققا ئۆتۈش ئىمتىھانلىرىنىڭ سالمىقى خېلى يۇقىرى .كىشىدىن كۆپ ئىرادە -ئېتقاد ، سەۋىر -غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ .ئىنكاستىكى بەزىلەر تەسۋىرلىگەندەك ئىستىلى ياخشى بولمىغان قىزلارنىڭ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى قىيىن . شۇڭا سىلەرگە ئىشىنىمەن ،داۋاملىق غەيرەت قىلىڭلار .
يەنە بىر مەسىلە ،تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسى تېما ياشنىڭ چوڭىيىش مەسىلىسى . سىلەرنىڭ توي مەسلىسىگە بالدۇرراق تۇتۇش قىلىشىڭلار ھەر قايسى جەھەتتىن ياخشى . تېخىمۇ بەكرەك غەيرەت قىلساڭلار ئائىلە ۋە ئوقۇش مەسلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيسىلەر .ئەلۋەتتە بۇ جەھەتتە مەن ھازىرچە بىر مەغلۇبىيەتچى .پەقەت تۇرمۇش مەسلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىدىم ،ئاسپىرانىتلىق ئارزۇيۇم ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن .مېنىڭ بىر تەرەپتىن تۇرمۇش قۇرغاچ بىر تەرەپتىن ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇۋاتقان دوستلىرىم بار .سىلەرگە ئىشىنىمەن .چوقۇم قىلىپ كېتەلەيسىلەر .
زېرەك ئىسىملىك تورداش ۋە ئۇنى قوللىغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئوقۇش ئەمما ئوچۇق تەپەككۇر بىلەن ئوقۇش كۆز قارىشى توغرا . ئەمما باشقا كۆز-قاراشلىرى سەل كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ .ئەلۋەتتە بىر لاياقەتلىك ئانا بولۇش ئۈچۈن لازىم بولغىنى ئانىلىق ئۇنىۋېرسال ساپا .بۇنى بىزگە ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۆگىتىپ بولالمايدۇ .ئەممائادەتتىكى ئەھۋالدا تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئانىدا تولۇقسىزنىڭ دۇنيا قارىشى بولىدۇ .تولۇق كۇرىسنى پۈتتۈرگەن ئانىدا شۇنچىلىك دۇنيا قاراش ۋە ئاسپىرانىتلىقنى پۈتتۈرگەن ئانىدا ،ئاسپىرانىتلىققا چۇشلۇق دۇنيا قاراش بولىدۇ . ئۇنىڭ بۇ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇنىۋېرسال ساپا ھازىرلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ . ئىشىنىمەنكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاسپىرانىت قىزلار ئۆزئۆگەنگەنلىرىنى ئائىلىسىگە ۋە جەمىيەتكە ياخشى ئىشلىتىپ كېتەلەيدۇ .
باھادىر جەڭچى ۋە ئەلسۆيەر ناملىق تورداشلار ،سىلەرنى ئەتراپلىق ئىلمى پىكىر قىلىدۇ دەپ بىلەتتىم .ئەمما بۇ تېمىغا بەرگەن ئىنكاسىڭلار مېنى ھەل ھەيران قالدۇردى .ئەلۋەتتە قىزلارنىڭ مەھرەمسىز ئوقۇشقا چىقماسلىقى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن .لېكىن بارلىق ئەر -ئايال مۇسۇلمانلارغا بىلىم ئېلىش پەرىز قىلىپ بېكىتىلگەن . بۇ دۇنيادا ياشاش يوللىرى خىلمۇ-خىل . قۇرئان ۋە سۈننەتكە چىڭ باغلىنىپ ياشاش يولى ئەڭ توغرا يول .سىلەر دىنى نۇقتىدىن چىقىپ مەسلىھەت بەرمەكچى بولساڭلاربەكرەك ئىزدىنىپ ھەم گۇناھ بولمايدىغان ،ھەم پەرىزنى ئادا قىلىلايدىغان بىرەر يول كۆرسەتسەڭلار بولاتتى .
ئىنكاسىم بەلكىم كىملەرگىدۇر ئېغىر كەتكەن بولۇشى ،ياكى قايسى بىر سۆزنى قىلىشتىكى پىكىر يولۇم ئەتراپلىق بولمىغان بولۇشۇم مۇمكىم .لېكىن نىيىتىم دۇرۇس .ئارتۇق كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر .
تىرىشچان ،توغرا يوللۇق ئاسپىرانت سىڭىللىرىمىزغا ،ھەدىلىرىمىزگە يەنە بىر قېتىم سالام بولسۇن .غايىۋى ھەمشىرەڭلار سىلەرگە ئاللاھتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدا بېرىدىغان توغرا ئىلىم تىلەيدۇ .خەيىر ،ئامان بولۇڭلار . |
|