قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4048|ئىنكاس: 24

قەيسەرمىجىت : شۇڭقار كەبى چاغلار-(7)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

16

دوست

9771

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 45
مۇنبەر پۇلى: 807
تۆھپە : 3325
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 10:16:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


شۇڭقار كەبى چاغلار-(7)

قەيسەرمىجىت



ئىلاۋە:
     "شۇڭقار كەبى چاغلار" ناملىق بۇ چاتما ئەسەرنىڭ 7-ئىنجى قىسمىنى يېزىپ بولۇش بىلەن تاماملايمەن دەپ ئويلىغان، كىم بىلسۇن، ئىچىمدىكى بىلگەنلىرىمنى يىزىپ بولالمىدىم. قارىغاندا ئۆز ھىسسىياتىمغا، پىكرىمگە چەكلىمە قويۇپ خاتا قىپتىمەن، بوپمۇ مۇشۇ مەسىلىدە.!
   مەن بۇ ھىكايىلەرنى يېزىپ باقاي، تۈگىگەندە تۈگەر، قانداق دەيسىلەر؟ مەندە يازىدىغان نىيەت بار، كۆڭۈل تېخىمۇ بار، سىلەردە ئوقۇيدىغان ۋاقىت بارمۇھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر؟ "ھەسەلنى يەۋەرسە ئەمەن تىتىيدۇ" دەيدۇ خەلق. بۇنىتولا ئۇزۇن يىزىۋىتىپ زىرىكتۈرۈپ، تىرىكتۈرۈپ قويماي يەنە مۆھتەرەم ئېزىزلارنى!؟


***********************************************************


          مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا بەلكىم ئۇ  1987-1988 يىللىرى بولسا كېرەك، ئاتۇش شەھەرلىك كىنوخانىدا  "تەڭرىتاغ كىنو ستودىيەسى" ئىشلىگەن "نۇرنىسا" ناملىق فىلىمنى كۆرۈپ ھەم تەسىرلەنگەن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ئىدىم.
    1980 -يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەزكۇر ئۇيغۇر كىنو ستودىيەسى - "رەنانىڭ تويى"، "بەخت ناخشىسى"، "يىتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى" غا ئوخشاش بىر يۈرۈش ئېسىل كىنولارنى ئىشلەپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقان ئىدى. (قاچان بۇ ستودىيە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان، بىزنىڭ تارىخىمىزنى ئەسلىتىدىغان ۋە ئۈمىدلىرىمىزنى ئىپادىلەيدىغان فىلىملەرنى ئىشلەشتىن قالدى، ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئورنى غايىپ بولدى)
   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرى - ھەقىقەتەن كىشىلىرىمىز سېغىنغىدەك بىر مەزگىللەر ئىدى، مەن ئەلۋەتتە بۇ گەپنى نىسبى مەنىدە ئېيتىۋاتىمەن .سىز "بەخت ناخشىسى" دىگەن كىنونى كۆرگەنمۇ؟ قاراڭ ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن ياش ئوغۇل-قىزلار ئارىسىدىكى ساپ مۇھەببەتكە، خەلقىمىز تەلپۈنگەن خوشال تۇرمۇشقا، ئىشەنچ ۋە ئۈمىتۋارلىققا تويۇنغان ھاياتقا؟
   مەن نىمە ئۈچۈن ئۇ كىنولارنى ئەسلەپ قالدىم؟ چۈنكى ئەسلەش زۆرۈر بولدى. "نۇرنىسا" فىلىمىدە شۇنداق بىر كۆرۈنۈش بولىدىغان فىلىمنىڭ باش قىسمىدا.
     ئونۋىرسىتىتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتىدە - بىر جۈپ كىلىشكەن ئوغۇل-قىز ئۇسۇل ئويناپ چىقىدۇ.مەن گۈزەللىككە ۋە خوشاللىققا ئاسانلا ئەسرا بولىدىغان ئادەم. مەزكۇر كىنودىكى مۇھىتنىڭ يېقىملىقلىغىمۇ، ئادەملەرنىڭ چىھرىدە ئەكس ئەتكەن خوشاللىقمۇ ۋە ياكى قىز پىرسۇناژنىڭ گۈزەللىگىمۇ ئىشقىلىپ بىر نەرسە ماڭا تەسر قىلغان ئىدى شۇ چاغدا.  كىنونى كۆرۈۋىتىپ ئاجايىپ خىياللارنىڭ كاللامدىن كەچكىنى ۋە شۇ كۈنى ياتاققا قايتقاندىن كىيىن بىر ھازاغىچە ئۇخلىيالمىغىنىم ئېسىمدە. قارىغاندائارزۇ-ھەۋەسكە، سۆيگۈ مۇھەببەتكە نىسبەتەن ياشلىقكۆڭۈل دەرۋازەم ئىچىلىشقا باشلىغان چىغى، مەن خاتىرەمگە مۇنداق ئۈچ نەرسىنى يازغان ئىدىم.
   1) بۇ ئۇنۋرسىتىتتا ئوقۇيمەن.
    2) بىرەر ئاتۇشلۇق پروفىسسورنىڭ  قىزىنى "توچەي تۇتۇپ" ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن (بۇ ساددا بالىلارچە خىيال توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشەندۈرۈش بېرىمەن، ئالدىرىماڭلار ھە ھەجەپ غەلىتە خىيال قىپتۇ 17-ياشتا دەپ. خوتۇن ئىلىشقا ئالدىراپ كەتكىنىمدىن ئەمەس، ئۆيلىنىشنىڭ ئىنسان ھاياتىنى نورماللىققا ئىگە قىلىدىغانلىغىغا شۇ چاغدىلا ئىشەنگىنىم ئۈچۈن)
3) چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇپ كىلىمەن.(ئوقۇپ كىلىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم ئۇ چاغدا، ئەمما ئەمىليەت باشقا بوپ قالدى...)
       ئەنە شۇ چاغدا خىيالىمدىن كەچكەن ئوي، كىيىن ئارزۇغا ۋە ئاخىرى بىرىپ نىشانغا ئايلاندى. كىيىنكى ھاياتىمدا مەن بىشىمدىن ئۆتكەن تۇرمۇش ئەمىلىيىتىم، ھايات قىسمەتلىرىم ۋە كۆرگەن بىلگەنلىرىم ئاساسىدا ئوبىكتىپ شارائىتقا قاراپ ئارزۇلىرىمنى تەڭشەپ، ئۆسۈپ كەتسە كىسىپ، يەتمىسە ئۇلاپ  ئاساسلىق نىشانلىرىمنى چۆرگىلەپ پىرقىراپ يۈردۈم. مەن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا - ۋەتەندە ئۆتكەن كۈنلىرىم ھەققىدە بىر خۇلاسە قىلدىم. شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن - يەنى بۇ ئىشلارنى قايتا- قايتا ئەسكە ئىلىپ تۇرغىنىم ئۈچۈن بۈگۈن ئۇنى يەنە تېخى تۈنۈگۈن خىيال قىلغاندەك ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمەن.
        ئىھتىماللىق نەزىرىيىسى ۋە ئىستاتىستىكا ئىلمىدا "ئارزۇ قىلغان" ياكى "كۈتكەن قىممەت" بىلەن ئەمىلى قىممەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئۆلچەيدىغان "ئۆزگۈرۈشچانلىق" دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بار. "ئۆزگۈرۈشچانلىق" قانچە يۇقۇرى بولسا بۇ "ئەمىلى قىممەت بىلەن كۈتكەن قىممەتنىڭ" ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭلۇغىنى كۆرسىتىدۇ. ئىستاتىسىكىلىق ئانالىزلاردا "ئۆزگۈرۈشچانلىق" نىڭ قىممىتى ئانالزچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇنى شەخسلەرنىڭ تۇرمۇشىغا باغلاپمۇ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. يەنى بۇنى زاغرا تىل بىلەن ئىپادىلىسەك، "ئىگىز-پەسلىك" دىگەنلىك بولىدۇ.
     سىز تۇرمۇشىڭىزدا "ئىگىز-پەسلىك"نىڭ بولۇشىنى خالىمايسىز، شۇنداققۇ؟ يەنى سىز شىرىن سۆزى بىلەن قەلب دۇنياسىڭىزنى ئىچىپ كىرگەن قەددى-قامىتى كىلىشكەن يىگىتنىڭ ئۆز گىپىدە تۇرىدىغان ئەركەك ئىكەنلىگىنى ئارزۇ قىلىسىز ئۇنداق ئەمەسمۇ-يا؟ ھەرگىز ئۇنىڭ "سۆلىتىنى ئات تارتالمايدىغان، ئىچى كاۋاك قوقەن بايۋەتچىلىرى"دىن بولۇپ قىلىشىنى خالىمايسىز. سىز ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقاندىن كىيىن، تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ ياكى سىز ئويلىغان يىگىت ياكى ئەسلىدەسايىسىغىمۇ يىقىن يولىمايدىغان لامزەللە ۋە ياكى ۋۇجۇدىدا غايە، ئىرادە، ئىنتىلىش، قىزغىنلىق، سۆيگۈ، ۋاپا، بىلىم ۋە ئىقتىدار، مەرتلىك ھەم پىداكارلىق ھەمدە ئائىلىۋى ۋە ئىجتىمائى مەسۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان پەقەت قەددى قامىتىلا بولغان قۇرۇق بىرسى ئىكەنلىگىنى بىلىسىز.
      دىمەك سىز ئارزۇيىڭىزدىكى "ئاق ئاتلىق شاھزادە" بىلەن ئالدىڭىزدىكى قامەتلىك قامەتجاننىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلچىمۇ پەرقنىڭ بولماسلىغىنى، بولغاندىمۇ ئىنتايىن كىچىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىسىز. ئەگەر بۇ پەرق چوڭ بولسا، ئىنىقكى تۇرمۇشىڭىزدا ئىگىز-پەسلىك بولىدۇ.
       پاي چىكى بازىرىدا ئۆزگۈرۈشچانلىغى يۇقۇرى پايلار- ئۆزگۈرۈشچانلىغى تۆۋەن پايلارغا قارىغاندا خەتەرلىكرەك ھىساپلىنىدۇ.
     رىئال تۇرمۇشتا كۈتكەن قىممىتىڭىز بىلەن سىز ئىرىشكەن قىممىتىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق چوڭ بولسا، سىز قانداق ئويلايسىز؟ ھەسرەت چىكەمسىز؟ ئازاپلىنامسىز؟ ۋە ياكى مەيۈسلىنەمسىز؟ ئىشقىلىپ خوش بولمايسىز. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدا خەتەرگە قارىغاندا خاتىرجەملىككە، ئۆزگۈرۈشچانلىققا قارىغاندا تۇراقلىققا مايىلراق كىلىدۇ.
     لىكىن كۆڭلىڭىزگە بىر ھەۋەس، يۈرىگىڭىزگە بىر ئوت چۈشىدىكەن، ئۇ سىزنى تىنىم تاپقۇزمايدۇ، كېچىلىرى ئۇخلاتمايدۇ. خىيالغىلا بەنت بولسىڭىز ئۇ سىزنى يەيدۇ، ۋە ئاخىرى پاخ-پاخ قىلىپ تاشلىۋىتىدۇ.بىر ئادەم ئۈچۈن مەلۇم غايە ۋە نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ ياشاشنىڭ ئۆزى - ئۇنىڭ ھاياتنى قىزغىن سۆيۈپ ياشاۋاتقانلىغىنىڭ ئىپادىسى.
      مەن ئاشۇ كىنونى كۆرگەندىن كىيىن، نىشانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئي ئىرادىگە كەلدىم. شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ  ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىدىغان  يىلى - قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش پۇرسىتىنى رەت قىلدىم.
   ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە بىرىنجى بولۇپ ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ تەبىئى جۇغراپىيە ۋە خىمىيە كەسپىنى يازغان ئىدىم، ئەمما باشقا كەسپكە يەنى ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا چىققان خادىم مىنىڭ ئارخىۋىمنى كۆرۈپ بەلكىم كەلگۈسىدە "چوڭ ئىگىلىك تىكلىۋەتسۇن بۇ بالا" دەپ ئۇمىد قىلىپ قالغانمىكىن-تاڭ؟
     دىمەك ،مەن ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئۇنىۋىرسىتنىڭ قوبۇل قىلغانلىق چاقىرىغىنى 1988-يىلى ياز پەسلىدە قولۇمغا تاپشۇرۇپ ئىلىپ بەك خوش بولدۇم شۇنىڭ بىلەن بىرىنجى ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، خۇداغا شۇكرى.
    ئۈچىنچى نىشانىم- چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشۇممۇ ئارىدىن 9 يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئەمەلگە ئاشتى-يۇ ئەمما چالا بوپ قالدى يەنى قايتىپ كىلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم. ئوبىكتىپ شارائىتقا قاراپ بەزىدە تەڭشەپ قالدىم دىگىنىم شۇ.
     ئەمدى ئىككىنچى نىشان ھەققىدە ئاز-تولا توختىلىپ ئۆتەي، يەنى ئاتۇشلۇق پروفىسسورىڭ قىزىنى "توچەي" تۇتۇش ھەققىدە. ئاتۇشتا ئەمدى ياشلىقىغا قەدەم قويغان بالىلاردىن چوڭلار سوراپ قويىدىغان ئەينى چاغلاردا بىرسىنىڭ قىز قوستى بار-يوقلىغىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن ياكى قىزىقىپ ياكى چاقچاق قىلىپ:
- ۋا مەخەممەت ماڭ قايلا، توچەي تۇتتۇڭما ؟
    بۇ بىر ئوبرازلىق ئوخشۇتۇش بولۇپ ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىدا ئەرلەرنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى چوڭ ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىغىر كۆرگەنلىكتىن ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئىيتىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن بۇ سۆز  ئەگەر قىز توچەي بولسا، ئۇنى سۆرەيدىغان يىگىت نىمە بولىدۇ؟ ياكى سىزچە نىمە بولسا توغرا بولىدۇ؟. ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم ئەمىسە جاۋابىنى ئۆزۈڭلار تىپىۋىلىڭلار ھە!
     ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ۋە نىكاھ ئىشلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاس قائىدە يوسۇنلىرى بار. يەنى تۇققانلار ئارا قۇدا -باجا بولۇش (يات يىگىچە ئۆز يىسۇن)، قىز-يىگىتنىڭ تېگىنى يەنى ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئائىلە ئەخلاقى (قىز ئالساڭ ئانىسىنى كۆر)،  ھەمدە يۇرت-مەھەللىسىنى (پالانى يەرنىڭ ئەرلىرى مەرت بولىدۇ، ياكى پوكۇنى يەرنىڭ قىزلىرى پاكىز، ئىشچان بولىدۇ دىگەندەك) سۈرۈشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدا باجا بولۇدىغان ئىشلىرىمىز بار بەلكىم بۇ قائىدە يوسۇنلار پۈتۈنلەي توغرا، ئېسىل بولمىغىنىدەكشۇنداقلا پۈتۈنلەي خاتا، قالاقمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ھەم ياخشى تەرىپى ھەم يامان تەرىپى بار، بۇ ھەقتە توختىلىشىم ھاجەتسىز.
     ھازىرقى ياشلار كۆپىنچە ھالدا نىكاھ ئىشىدا ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئائىلىۋى ئارقا كۆرۈنۇشنى ئەمەس، ئادەمنى ئاساس قىلىپ توي قىلىشىدۇ (مەن شۇنداق دەپ قارايمەن، مەن ياش چاغلىرىمدا، ۋەتەندە شۇنداق ئىدى). مىنىڭچە بۇ بىر ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئىجتىمائى ئىلگىرلەش بولۇپ شەخسلەرنىڭ ئۆز ھاياتىدا ئەركىن تاللاش ھوقۇقىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. "ھەي مۇستاپا، سەن بۇ دۇنياغا بىرلا كەل - دە، ئەمما ئائىلىۋى شارائىتىڭ تۈپەيلى، ياكى چوڭلارنىڭ ئارىلىشىۋىلىشى تۈپەيلى، ئۆزۈڭ سۆيگەن قىزنى ئالالما.  ئەپسۇسلۇنارلىق ئىش ئەمەسمۇ -يا بۇ؟"
    سەن بىرەرسىنى سۆيۈپ باقمىساڭ، بىرەرسىگە كۆيۈپ باقمىساڭ، سۆيگۈنىڭ قانداقلىغىنى، كۆيگۈنىڭ نىمىلىگىنى نەدىن بىلىسەن؟ مەن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئاشۇنداق كەلگۈسىدە سۆيىدىغان  ئادىمىمنىڭ كىملىگىنى بىلمەي تۇرۇپ " ئەينى چاغدا نىمىشقا ئاتۇشلۇق پروفىسسورنىڭ قىزىنى "توچەي" تۇتماقچى بولغانلىغىمنىڭ سەۋەبىنى چۇشەندىم،:)
   بىرىنجىدىن ،مەن ئادەملىرى شالاڭ،تەبىئى ۋە ئىجتىمائى مۇھىتى بىكىك تاغلىق رايۇندا تۇغۇلۇپ ئۆستۇم.
  ئىككىنجىدىن ئۇ چاغلاردا مىنىڭ بىلىدىغىنىم شۇ ئاتۇش. غۇلجىنىڭ قىزلىرىنىڭ پاكىزلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغانلىغىنى، ئىشچانلىغىنى، قۇمۇلنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىغىر بېسىق كىلىدىغىنىنى "ۋاي قەيسەر گاڭ ئۆزلە نىمە دىسىلە شۇ" دەيدىغىنىنى بىلمەيمەندە ئۇ چاغلاردا...:)
  ئۈچىنچىدىن ئاتا-ئانامنىڭ توي قىلغاندىكى ھىكايىسى.
    ئاتا-ئانام قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرىدا ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن بولۇپ دادام ئاتۇش ئۇستۇناتۇشنىڭ قايراق ساي دىگەن يىرىدىن، ئانام ئوچار دىگەن يىرىدىن ئىكەن. شۇ چاغلاردا بۇ يۇرتتا بىر مەھەللىدىن يەنە بىر مەھەللىگە قىز ياتلىق بوپ كەتسە كىشىلەر نارازى بولىدىغان "ياتقا كەتتى" دەيدىغان ئىشلار بار ئىكەن.  قايراقلىق دادامنىڭ ئوچارلىق ئانام بىلەن توي قىلىغىنىغا ئانام تەرەپتىن بەزى تۇققانلار قارشى تۇرۇپ نارازى بولغان ئىكەن . بۇ ئىككى يۇرتنىڭ ئارىلىغى بولمىسا 10 كىلومىتىرغا يەتمەيدۇ.
    شۇڭا مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالغان -دە، "ئاتۇشلۇق پروفىسسور"نىڭ قىزىنى توچەي تۇتمىسام قارشى چىقىدىغان تۇققانلار چىقىدۇ دەپ...
   خوش ئەمدى، بۇ توغرىدا مۇشۇنچىلىك توختىلاي، ئوغۇل بالا خوتۇننىڭ گىپىنى جىق قىپ كەتسە چۈلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
    ئەگەر سىز مۇشۇ ناملىق چاتما ئەسەرنىڭ 6-ئىسىنى ئوقۇغان بولسىڭىز،ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن. مەن ئۇنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشىغا تاقاپ توختاتقان ئىدىم.
   ئەمدى گەپنىڭ نۇقتىسىنى ئۈچۈنچى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇس ھەققىدىكى ھىكايىگە بۇرايلى:
     1980-يىللىرىدا چەتئەلگە مەيلى قايسى سەۋەپتىن بولسۇن بىر چىقىش ياكى چەتئەلدە تۇققىنى بولۇش - ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئىش ئىدى. نىمىشقا شۇنداقلىغىنى يۈزەكى كۈزەتكەندە زادى قايسى ئامىللارنىڭ ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغانلىغىغا بىر نىمە دىمەك تەس، يەنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ  سودا كارۋانلىرىنىڭ شەھەر چۆگىلەپ چىگرا ئاتلاپ دۇنيا كۆرۇپ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاننىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلىكتىنمۇ ياكى 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۇلۇپ قالغان خەلقنىڭ يىڭىلىققا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ كۈچلۈكلىگىدىنمۇ ۋە ياكى مەلۇم شەيى قانچە يىپىق ۋە ناتونۇش بولغانسىرى ئۇنىڭ شۇنچە سىرلىق ۋە جەلپكار بولۇشىدىنمۇ، ئىشقىلىپ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشۇنداق ئىدى.
     خۇ ياۋ باڭ ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىگىدە يولغا قويۇلغان خەلقچىل سىياسەتنىڭ تەسىرىدە، سوۋىت بىلەن ئالاقىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا يۇرتىنى تاشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىگە چىقىپ كەتكەنلەر ئاستا-ئاستا ئۇرۇق -تۇققانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ۋەتەن زىيارىتى قىلىپ قايتىپ كىلىشكە باشلىدى، ھەمدە بەزىلەر ھەتتا ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى  ئۆزلىرىنى كۆرۈپ كىتىشكە تەكلىپ قىلىپ ئالاقىمۇ ئەۋەتىشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۇققانلىق مۇناسىۋەت قويۇقلاشتىلا ئەمەس يەنە سودا-تىجارەتمۇ گۈللىنىشكە باشلىدى. بىزنىڭ ياكى ئانا تەرەپتىن ياكى دادا تەرەپتىن ۋەتەندىن چىقىپ كەتكەنلەر يوق ئىكەن. شۇنداق شارائىتتا بىزنى كىممۇ تەكلىپ قىلسۇن؟ ئاللىكىملەرنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى يوقلاپ كىلىشكەنلىكلىرى، ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئاجايىپ تۇرمۇشلىرى ھەققىدىكى ھىكايىلەر ئەلۋەتتە مەندەك تاغدىلا چوڭ بولغان سەبىنىڭ كۆڭلىگە "بىزنىڭمۇ چەتئەلدە تۇققانلىرىمىز بولسىچۇ، بىزنىڭ تۇققانلار ئەجەپ يۇۋاش ئىكەن" دىگەن ئويلارنى پەيدامۇ قىلغان ئىدى.
     لىكىنكېيىن ئەدەبىيات دەرسلىگىدىمۇ ياكى بىرەر ژورنالدىنمۇ ئوقۇغان مۇنۇ ھىكايە (ھىكايىنىڭ ئىسمى تۇتىيا، يازغۇچى ئابلىمىت ھاجى، شۇنداققۇ دەيمەن، تازا ئىسىمدە يوق):بەكتەسرقىلدى:
    1940-يىللاردا سودا ئىشى بىلەن چەتەلدىكى مەلۇم دۆلەتكە بىرىپ قالغان قەشقەرلىك سودىگەر ۋەتىنىگە قايتىپ كىلەي دىگىنىدە چىگرا تاقىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى ۋەتەن ئىشقىدا كۆيۈپ، ئۇرۇق-تۇققانلىق مېھىر دولقۇنىدا ئىقىپ كۈنلىرىنى سىغىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ كىشى ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن سىياسەت يولغا قويۇلغان شۇ مەزگىلدە ۋەتىنىگە، تۇغۇلغان يۇرتى ئەزىزانە قەشقەرگە كىلىدۇ. ھىكايىدە مۇنداق تەسۋىرلەر بار ئىدى:
   - ئايرۇپىلان قەشقەر ئايرۇدۇرۇمىغا قونغاندا، ئۇ ئايرۇپىلاندىن چۇشۇپلا قەشقەر تۇپرىقىغا ئۆزىنى تاشلاپ تۇپراقنى سۆيۈپ كىتىدۇ، كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلىدۇ، "قەشقەر، قەشقەر، ئانا تۇپرىغىم، سىنى ھەجەپ سىغىندىم"...
    بۇ كىشى يەنە قەشقەردىن كىتىدىغان چاغدا يەنە بىر خىل قىيالماسلىق بىلەن كۆز يىشى قىلىپ، قەشقەر تۇپرىغىنى بىر بوتۇلكىغا قاچىلاپ ئىلىپ كىتىدۇ.
ماڭا بۇ ھىكايە بەك تەسىر قىلغان ئىدى. ئاشۇ ھىكايىنى ئوقۇۋاتقۇچە سەبى كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، بىر نەچچە قىتىم كۆز يىشىمۇ قىلغان ھەتتا "ھەرگىز ۋەتىنىمدىن ئايرىلمايمەن" دەپمۇ ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە قىلىپ كەتكەن ئىدىم.
    لىكىن ئادەم چوڭ بولغانسىرى، كۆرگەن بىلگىنى كۆپەيگەنسىرى ئۇنىڭمۇ ئىدىيىسى ئۆزگىرەيدىكەن.
   مەن بارغانسىرى ئىلىم-پەننىڭ، تېخنىكىنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىغىنى، بىر تۈركۈم ئادەملىرىمىزنىڭ تەرەققى قىلغان ئەللەردە ئوقۇشىنىڭ لازىملىغىنى تونۇشقا باشلىدىم.
   مەن ئاتۇشتا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان شۇ مەزگىللەردە ۋاقتىم بولسىلا ئوبلاستلىق كۈتۈپخانىغا بىرىپ گىزىت ژورنال كۆرەتتىم. بۇ كۈتۇپخانىدا زىلەيخان ئىسىملىك سۈپەتلىك سالاپەتلىك كۆزەينەك تاقىۋىلىپ بىر نىمە يىزىپ كىتىدىغان 50 ياشتىن ئاشقان مىھرى ئىسسىق بىر ئايال بار ئىدى (شائىر مۇختەر بۇغرانىڭ قىيىن ئانىسى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم كىيىنچە).
     مەن دەل شۇ يەردە "ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى" دىن مۇنداق بىر سۈرەتلىك خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم:«رايونىمىزدىن دەسلەپكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ياپونىيەگە ئوقۇشقا ماڭدى».
  دىمەك ،مەن ياشلىرىمىزنىڭ چەتئەلگە ئىلىم-پەن ئۈگۈنۈش ئۈچۈن سەپەر قىلالايدىغىنىنى شۇ چاغدا بىلگەن ئىدىم. شۇ چاغدىكى چۈشۈنۈشۈمدە -بىز چوقۇم پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ياپونىيەگە ئوخشاش ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان ئەللەردىن ئۈگۈنىشىمىز كىرەك دەپ ئويلايتتىم. مىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىدىغان قولاي ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ بىزنىڭ ئادەملىرىمىز تەرىپىدىن ياسالمىغانلىغى، فىزىكا خىمىيە دەرسلىكلىرىدە بىرەر دۇنياغا مەشھۇر نەزىرىيە ۋە تېئورمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان ئۇيغۇرلارنىڭ بولماسلىغى بەك ئەپسۇسلاندۇراتتى. لىكىن مەن "بىزگىمۇ شارائىت بولسا، بىزدىن ھەر ھەر ئادەملەر چىقىدۇ" دەپ قەتئي ئىشىنەتتىم. نىمىشقىكىن مەندە ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە بولغان ئىشەنچ چەكسىز ئىدى. نەزىرىمدە بىز پەقەت بىر پۇرسەت تاپالمىغان، ئىجادىيەت مۇھىتى يارىتىلمىغان، قايمۇققان مىللەت ئەمما  يەنە ئىلىم-مەرىپەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، يىڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ياخشى مىللەت ئىدۇق.
      مەن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ھەققىدە  ئالى مەكتەپكە ئەنە شۇنچىلىك ئىدىيە بىلەن كەلگەن ئىدىم. لىكىن خەنزۇچەم ھىلىقىدەك "شى" بىلەن "شخى" نى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە نۆل بولغاچقا چەتئەل تىللىرىنى ئالى مەكتەپنىڭ 4-5 يىللىقلىرىدا ئۈگىنەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، كىم بىلسۇن كۈتۈلمىگەن تاسادىپىلىقنىڭ تەسىرىدە ئالى مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا كەلگەندە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېنگلىز تىلىدىن كەچكۇرستا دەرس بىرىدىغان ئوقۇغۇچى "مۇئەللىم" بوپ قالدىم دىسە. (تەپسىلاتى ئۈچۈن شۇڭقار كەبى چاغلار ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ باش قىسمىغا قارالسۇن).  ھەتتا ئېنگلىز تىلىغا قوشۇپ ئالى مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىغا چىققاندا ياپون تىلىدىن خىلىلا ياخشى ساۋات چىقىرىۋالدىم، ھىلىھەم شۇ چاغلاردا ئۈگۈنۈۋالغان سۆزلىرىمنى پۇرسەت بولسا سۆزلەپ قويىمەن، بۇ ئەلۋەتتە ئۈگەنگەن سۆزلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈندۇر.
     بىز ئالى مەكتەپنىڭ 3-ئىنجى يىللىقىغا چىققاندىغۇ دەيمەن ئۇنۋىرسىتىتىمىزنىڭ ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ كىيىن ياپونىيەنىڭ خوككايدو تەرەپتىكى بىر ئۇنۋىرستىتىقا تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن كامالىدىن نىزامىدىن ئىسىملىك ياش، ئەقىللىق ھەم قاۋۇل بىر مۇئەللىم فاكۇلتىتىمىزغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلدى.
   كامالىدىن نىزامىدىن ئىسىملىك بۇ مۇئەللىم - غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاق-كۆڭۈل، تىرىشچان مىللەتسۆيەر روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ بىزگە كۆيۈنۈپ دەرس ئۆتەتتى. كامالىدىن ئاكا بىز ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى باھار پەسلىدىكى بىر كۈنى سىنىپىمىزغا كىرىپ شۇنداق دىدى:
- مىنىڭ ياپونىيەدىكى ئوقۇتقۇچۇمدىن خەت كەلدى، سىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭدىن بىر-ئىككىنى ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەپ تەربىيلەپ بىرەي دەيدۇ.    ئۆزى بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرى شىئەنگە كىلىدىكەن. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچى چوقۇم ياپون تىلىنى مەلۇم سەۋىيەدە بىلىشى كىرەك ئىكەن، قىنى كىم سىنىپىڭلاردىن بۇنىڭغا جۇرەت قىلىپ باقىدۇ. بىر ھازا جىم جىتلىقتىن كىيىن مەن قولۇمنى كۆتۈردۈم.
- مەن قىلىمەن.
   كامالىدىنكام مىنىڭ دۆلەتلىك ئېنگلىز تىلى 4-دەرىجىلىكلەر ئىمتىھانى (CET-4) دىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ بولغىنىمنى بىلەتتى. شۇڭا مۇئەللىم بىشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلغانلىغىنى بىلدۈردى.
-مىنىڭ سىنىپىمدىن شۆھرەت ماخمۇت بار، دىمەك بىزنىڭ فاكۇلتىتتىن 2 ئوقۇغۇچى تەييارلىق قىلىسىلەر. ۋاقىتنى چىڭ تۇت.
    مىنىڭ مۇشۇنداق ۋەدىنى بىرىپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى ئورۇنلايمەن دەپ كەينىدىن قوغلاپ ئۆزۈمنى ھارغۇزىۋالىدىغان مىجەزىم بار، بۇ بىر ھىساپتا خاراكتىر كەمچىللىكى بولۇپمۇ ھىساپلىنىدۇ.
    ئەگەر ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىساڭ ھىچ بولمىدى دىگەندە ئۇنى ئاشۇرۇشقا تىرىشمىساڭ، ئەركەكلىگىڭگە، ئادىمىلىكىڭگە نۇقسان يىتىدۇ، داغ چۈشۈدۈ، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يوقۇتۇش بولامدۇ ئوغۇل بالىغا!
    ۋەدىنىغۇ بەردىم، بىراق ئىشنى نەدىن باشلايمەن؟ مىنىڭ بارى يوقى 2 ئايلا ۋاقتىم بار.
   شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا خوتەندىن كىلىپ ئۇنۋەرسىتىت فىزىكا فاكۇلتىتى سىمسىز ئېلىكترونلىق كەسپى 87-يىللىق 2-سىنىپتا ئوقۇيدىغان ياپون تىلىدا مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 1-ئىنجى بولغان ئەزىز مەتسەيدى ئەخمەت ئىسىمگە كەلدى. مەن ئەزىزنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى نامىدىن ياپون تىلى كۇرسىغا دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان ئىدىم.
    ئەزىز ئەھۋالىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ماڭا دەرھال شۇ چاغدا ياپونچە كۇرسلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان "يىڭى ياپون تىلى/ئاتاراشى نىخون گو" دىگەن كىتاپنى بەردى ۋە ماڭا ياپون تىلىدىكى ئاساسلىق يىزىق سىستىمىسى بولغا خىراگانا  ۋە چەتتىن ياپون تىلىغا كىرگەن سۆزلەرنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان كاتاكانا سيستىمىسىدا يىزىلغان ھەرپلەرنى قانداق ئوقۇشنى ئۈگۈتۈپ قويدى:
مەن ئەمدى سەھەر تۇرۇپ ياپون تىلى ئۈگۈنۈشكە باشلىدىم:
ئا ئى ئۇ ئە ئو
كا كى كۇ كە كو
گا گى گۇ گە گو
سا شى سۇ سە سو

ئاندىن ناھايىتى تىز سۈرئەت بىلەن تىكىست يادلاشقا چۈشتۈم:
ساكۇرا ساكۇرا
نوياما مو ساتو مو

****************

     سەن بىلمىگەن ئىكەنسەن، ئۈگۈنۈشكە قىزىقىدىكەنسەن، بەدەل تۆلىشىڭ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىنىشىڭ كىرەك. مەن ياپون تىلىنى قىسقا مۇددەت   ئىچىدە تىز ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ھەتتا ياپوندا ئوقۇپ كەلگەن مۇئەللىملەرنى ئۆيىگىچە ئىزدەپ باردىم. مەسىلەن بىئولوگىيە فاكۇلتىتىنىڭ گىنىتىكا كەسپىنىڭ ئافغانىستانلىق ئۆزبەك گىنىرال دوستۇمغا ئوخشاش تەققى تۇرقى بولغان، بۇرۇتلۇق ھەم قامەتلىك كەلگەن ئەركىن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ باردىم.
ئەركىن مۇئەللىمنى مەن نەچچە ئاي ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى نامىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياپونىيە ئالى مۇئارىپ ۋە پەن تېخنىكىسى ھەققىدە لىكسىيەگە تەكلىپ قىلغاندا ياخشى تونۇشقان ئىدىم.
    ئەركىنكامغا رەخمەت، مەن بۇ مۇئەللىمنىڭ ماڭا "ناكەرەبا نارىماسەن" دىگەن سۆزنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ قويغىنىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. مىنىڭ يەنە ھەتتا ياپونىيەدە ئوقۇپ كەلگەن مۇئارىپ ئىنستىتوتىنىڭ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىسى  - ئابدۇراھمان مۇئەللىم بىلەن ئۇچرىشىپ ياپونچە سۆزلەشكىنىم ئىسىمدە (15 يىلدىن كىيىن ئابدۇراھمان ئاكىنى ئامىرىكىدا بىر تويدا ئۇچرىتىپ قالدىم، مىنى دەرھاللا تونۇۋالدى، رەھمەت). مەندە ئۇ چاغلاردا قىلىمەن دىگەن ئىشقا نىسبەتەن ئەنە شۇنداق ئۆزىنى بىغىشلاش روھى بار ئىدى. (ئەمما ماۋۇ ئىسپانچىنى ئۈگۈنۈپ باقاي دىسەم ئۇ روھلار قىچىپ كىتىپتۇ دەيمەن..ئىھ،شۇڭقارلىغىم)
     شۆھرەت ماخمۇتمۇ تىرىشچان ياش ئىدى. ئۇ مەندىن بىر يىل تۆۋەن بولۇپ دادىسى مەرھۇم مەخمۇت ئاكا ئۇنىۋىرسىتىت قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنتۇق (جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن).
    شۇ مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ روسىيەدىكى ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ھازىر تىببى ئۇنۋىرسىتىتنىڭ مۇدىرى خالمۇرات ئاكا - شۆھرەتنىڭ قەيىن ئاكىسى بولۇپ، سانائەت ئىنستىتوتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ياپونىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇرۇشىت ئىسىملىك بىر مۇئەللىمنى شۆھرەتكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ بەرگەن ئىكەن. (خالمۇرات ئاكا مىنى ئاۋال شۆھرەتتىن ۋە كىيىن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى مەسلىھەتچىسى بولغان مىنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم باۋو مۇئەللىمدىن ئاڭلاپ بىر قىتىم  قىينى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە چاقىرتقۇزۇپ كۆرۈشكەن ئىدى، ئۆزى كىچىك پىئل، تىرىشچان ياشلارنى قوللايدىغان زىيالى كىشى ئىكەن. تا مەن ئامىرىكىغا چىقىپ كەتكۈچە ئىزدىشىپ تۇردۇق، خالمۇراتكام 1998-يىلى بوستونغا ئىككى كۈنلۇك يىغىنغا كەلگەندىمۇ ئىز-دىرىگىمنى قىلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ رىغبەت بىرىپ كەتكەن ئىدى، خالمۇرات ئاكىنىڭ تىرىشچان ياشلارنى قوللايدىغان، مەرىپەتپەرۋەر بۇ خىل روھىغا رەخمەت)
    كامالىدىن ئاكىغا ۋەدە بىرىپ 39-ئىنجى كۈنى بولغاندا شۆھرەت ئىككىمىزدىن ئىمتىھان ئىلىندى. شۆھرەت ياپون تىلىنى ماڭا قارىغاندا سيستمىلىق ئۈگەنگەچكە يىزىقتا ياخشى ئالدى، مەن پارتىزانسىكى يۈگرەپ تۇرۇپ، سۆزلەپ تۇرۇپ ئۇگەنگەچكە ئىغىزچى سىناقتا ياخشى ئالدىم، ئەمما ھەر ئىككەيلەن ئۆتەلمىدۇق. كامالىدىن مۇئەللىم بىزنىڭ نەتىجىمىزگە قاراپ بىزنىڭ شىئەنگە گە بىرىپ ئاۋارە بولماسلىغىمىزنى ئىيتتى. شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇشنى پۇتتۇرۇپلا ياپونغا ئوقۇشقا چىقىش خىيالىم رىئاللىققا ئايلانمىدى. لىكىن ياپونتىلىنى ئۈگۈنۈپ قويغىنىمنىڭمۇ پايدىسى بولدى يەنە بىر يىلى ياپونىيە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتىۋىمىز بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ئىككى ھەپتىلىك لاگىرغا كەلگەندە مەن ئۇيغۇر ئوقۇچىلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ تاللاندىم ھەمدە مەكتەپنىڭ چەتئەل تىلى تەرجىمانى پاكىستان فىلىمىدىكى ئەسمەتخانغا ئوخشاش بۇرۇتى بار (بەلكىم ئۇ بۇرۇتلار چۈشۈرۈلۈپ كەتكەندۇ بۇ ئاي بۇ كۇنلەردە)، ماڭسا يەرنىڭ قىتىغى چۇگۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ ئاياپ دەسسەپ ماڭىدىغان كەمسۆز پەرھات مۇئەللىم ، چەتئەل تىلى فاكۇلتىتىدىن ئىككى قىز ۋە يەنە بىر مەكتەپ ئەمەلدارىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزى بولۇپ  بەشىمىز ئۇنىۋەرسىتىتتىن تاللانغان يەنە باشقا 6-7 ئوقۇغۇچىغا قوشۇلۇپ 15 دەك ياپونلۇق ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇنۋىرسىتىت مىھمانخانىىسىدا ياتتۇق، ئاش تامىقىمىز ئۈچ ۋاق - سىرىق رەڭلىك ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسى (ئۈچ يىرىم قەۋەتلىك بىنا شۇغۇ دەيمەن) نىڭ يىنىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇ ئاخشانىدا رەيھانمۇ، ئايزىمگۇلمۇ ئىشقىلىپ ئاشۇنداق ئىسىملىك كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان مۇئامىلىسى ياخشى ئاشپەز خانىملار بار ئىدى.
     مەن تەتسۇيا ئىسىملىك  ياپوندىكى بىر ئۇنىۋىرسىتتتا ئاگرونوملۇقتا ئوقۇۋاتقان بالا بىلەن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم. بۇ بالا دەسلەپتە ھەيققاندەك بولدى، كىيىن 15-كۇن جەريانىدا چىقىشىپ كەتتۇق.مەن ھەم ئىنگلىزچە بىلگىنىم ھەم ياپونچىنى ئەپلەپ بىر ئۇيغۇر تۇركچىنى يومزام سۆزلەيدىغاندەك سۆزلىيەلەيدىغىنىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كەتتىم. ماۋۇ ياپۇنلۇق ئوقۇغۇچى قىزلارمۇ ھىسسياتسىز ئەمەس ئىكەن. ئۇ ياز مەزگىلى بولۇپ مەكتەپ تەتىل كۆپ ئوقۇغۇچى يوق، بۇ قىزلارنىڭ بىر نەچچە قىتىم ياپون ئاياللىرى كىيىدىغان گەيىشا كىيىمىنى كىيىۋىلىپ مەكتەپ چەتئەللىك مىھمانلار ياتىدىغان مىھمانخانا قوروسى ئىچىدە تېمىسقىلاپ، قىسىپ دەسسەپ مىڭىشلىرى، كۈلكىلەر بىلەن رەسىمگە چۈشۈشلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ھەممىدىن قىزىقى، مىنىڭ بىر نەچچە قىتىم تاماق ئۈستىدە مەكتەپنىڭ ئىنگلىز تىلى تەرجىمانى ۋە ئىنگلىز تىلى فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچى قىزلىرىنى ئىشەندۇرۇۋىتىشىم بولدى-دە. بۇ ياپونلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرى ئۈستىدە پاراڭ قىلىشىدۇ-دە، بەزىدە قىزىقىپ سورايدۇ، مەن ئامال بار ياپونچە سۆزلەشكە
تىرىشىمەن. بىلىدىغان يادلىۋالغان جۈملىلىرىمنى جايىغا كەلتۈرۈپ سۆزلەۋىرىمەن، تاپالمىغان سۆزۈمگە ئىنگلىزچە قىتىپ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياپونلۇقلار، چۈشەنگەندەك قىلىپ باش لىڭشىتىپ تۇرۇپ «سو دەسۇكا؟» دىيىشىدۇ. مىنىڭ قارىماققا ئۇلار بىلەن "بىمالال" ياپونچە سۆزلەپ كىتىشىمگە قاراپ مىنىڭ ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغۇنۇمدىن گۇمانلانغاندەك قاراپ قويىدۇ ھىلىقى كۆزلىرى يوغۇن ئۇرۇمچىلىك قىز (ئىسمىنى دىمەي ئۆتۈپ كەتتىم ھە). پەرھاتكام ئەسمەتخاندەك بۇرۇتلىرىنى بۇراپ قويىدۇ "نەدىن ئۇگۇنۇۋالدىڭ بۇنى دىگەندەك". مەن "ئالدامچى" بوپ قالغان بولسام ھىلىقى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئالدار كۇسىدەك "چوڭ ئالدامچى" بوپ كىتەتتىممۇ نىمە؟ ھازىر ئويلىسام، ياشلىقتا قىزىقچىلىق قىلىپ بەكرەك قىزىپ كىتىپ قاپتىمەن دىسە! ئىشقىلىپ ئۇلار بىلەن ئىككى ھەپتە بىللە ياشاش جەريانىدا ياپۇنچاممۇ خىلى ئۆسۈپ قالدى. ياپۇنلۇقلارنى "سوغۇق، ئۆز ئىشىغا پۇختا، ھىسسىياتىنى ئاشكارىلىمايدىغان خەقلەر" دىيىشىدىكەن بەزىلەر. پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەسكەن. ئۇلار كىتىدىغان چاغدا ئايرىلىشقا قىيمىغاندەك خىلى دوستانىلىق ئىپادىلەشتى...ھەممىسى دىگۈدەك ئالاقە ئادرىسلىرىنى قويۇشۇپ ھەتتا سوغات سوغا قىلىشىپ كىتىشتى...
     مىنىڭ ياپۇنغا ئوقۇشقا چىقىشىم پىشانەمگە پۈتۈلمەپتىكەن. ئۇنۋىرسىتىت ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىدا ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە ئوقۇۋاتقان بىر يىلى - ياپونىيە كيوتو ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروفىسسورى - خىروشى ئوخنىشى (دا شى خوڭ دەيدۇ خەنزۇچىدە) ئەپەندىم فاكۇلتىتىمىزغا كىلىپ لىكسىيە سۆزلىدى. مەن ئۇ ئادەم بىلەن تونۇشۇپ پاراڭلاشتىم. كەچتە فاكۇلتىتىمىزنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىسى ئابلىكىم ھەسەن مۇئەللىم بىر يەرگە چاقىردى. سورۇندا فاكۇلتىتىمىز مۇدىرى- كىچىكىدە ئاز تولا ئۇيغۇرچە ئوقۇغان، ئۇيغۇرلارغا سەمىمى كۆزىدە قارايدىغان سوڭ لىڭ مۇئەللىم (قازا قىلىپ كىتىپتۇ ئۆتكەن يىلى)، مەكتەپ ئىلمى ژورنىلى باش تەھرىرى كۈرەش ماھمۇت ئاكا ھەمدە خىروشى ئوخنىشى ئەپەندىلەر بار. بىر تەرەپتىن تاماق يىيىلىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ماۋۇ دۇتارغا ئۇستا كۇرەش ئاكا ناخشا ئىيتىپ دۇتار چىلىۋاتىدۇ. ماۋۇ خىروسى ئوخنىشى مۇئەللىم بىر پەدە تۇگۇشى بىلەنلا ماڭا گەپ قىلىدۇ، سوڭ مۇئەللىم "بۇلارنىڭ" تىلىنى قاچان ئۇگۇنىۋالدىڭىز دىگەندەك ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويىدۇ. ئىنگلىزچىنى قوشۇپ سۆزلەۋاتقىنىمنى ئۇقمايدۇ---دە ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنى تەشۋىق قىلىدىغان ئابلىكىم ئاكا مىنىڭ ياپونچەمنى ماختاپ قويىدۇ (ئابلىكىم ئاكا چاڭ چۇندە ياپونچە ئۈگۈنۈپ كىيىن ياپوندا ئوقۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىنگلىزچىسىمۇ ياخشى ئىدى)
- مەن بۇ رايوننىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادى تەرەققىيات ھەققىدە ئىزدەنمەكچى. مەن مودىل تۇزمەكچى. ماۋۇ كىتاپنى ئۈگۈنۇڭ. ئۇ ماڭا "مىقدارلىق ئىقتىسادشۇناسلىق" قا ئائىت بىر ياپونچە كىتاپنى بەردى. كىيىن مەندە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى خالىسىڭىز قارشى ئالىمەن....
   مەن "بولىدۇ، ماقۇل" دەيمەن. خىروشى مۇئەللىم ياپونغا قايتقاندىن كىيىنمۇ ماڭا خەت يىزىپ كىتاپ ئەۋەتىپ تۇردى. مۇبادا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئامىرىكىغا ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىپ كەتمىگەن بولسام بەلكىم خىروشى مۇئەللىمنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بوپ قالاتتىم. ئۇ ئادەم مەن بىلەن تازا قىزغىن ئالاقە قىلىۋاتقان چاغدا مەن ئامىرىكىغا كىتىپ قالدىم. شۇندىن كىيىن بۇ مۇئەللىم شۆھرەت ماخمۇتنى ۋە ئابلىكىم ئاكىنىڭ ئىنىسى تېرىشچان ياش ئۆمەرجان ھەسەننى ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇغۇچىلىقىغا ئالدى. بۇ ئىككىسى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كىيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەتتى. شۆھرەت ھازىر - مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پروفىسسورى، ئۇ مەكتەپنىڭ كەلگۈسى شۆھرەتكە ئوخشاش تېرىشچان، قابىليەتلىك ئوقۇتقۇچىلارسىز بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۆمەرجان ھەم ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىنىڭ غوللۇق، قابىليەتلىك ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇردى دەپ ئاڭلىدىم، ئۇ ئىنگلىز تىلىنى مىنىڭ كۇرسىمدا ئۇگەنگەن بولۇپ ناھايىتى تىرىشچان ئۆتكۈر يىگىت ئىدى، 3 يىلنىڭ ئالدىدا بوستونغا كىلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا بوستونغا ئىلمى يىغىنغا كەلگەن ئوخنىشى ئەپەندىم بىلەن قىزغىن كۆرۇشتۇق. نىمە ئوقۇغانلىغىم نىمە ئىش قىلىدىغانلىغىم... ھەممىنى تەپسىلى سورىدى. 3-4 سائەت تاماق ئۈستىدە بىرگە بولدۇق. دىمەك، تەقدىر دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن. بىزنىڭ فاكۇلتتىىن نۇرغۇن ياش ئوقۇتقۇچىلار يەنى ئابلىمىت، غەلىبە، جۈرەت، سەرىك قاتارلىقلار كىيىن ياپونغا چىقىپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئىلىشىپ كىتىشتى.      

        بىراق مەن 1997-يىلى ئۆكتەبىردە ئامىرىكىغا كىتىپ قالدىم ... چۈنكى مىنىڭ ئامىرىكىغا ئوقۇشقا كىلىشىم خىلىلا مۈشكۈلگە توختىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مەزكۇر چاتما ئەسەرنىڭ 8-ئىجىسگە دىققەت قىلغايسىز...كىلەر قىتىم يۈز كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ،
سايونارا!





5

تېما

0

دوست

4776

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1614
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1104
تۆھپە : 705
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 12:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نادىر سۆيۈملۈك ئەسەر ..... بارىكاللا  ،،،داۋامىغا تەشنامىز ،.ناكەرەبا نارىماسەن دىگەن نىمە دىگەن گەپ . بىلدىغانلار بارمۇ  ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2364
توردىكى ۋاقتى: 585
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 12:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى كەچۈرىۋەتتۇق ئاخىر
داۋاملىق ھە

2

تېما

0

دوست

502

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23782
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 13:18:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاراڭنىڭ قىزىغى  ،نوچىلىرى چىقىۋاتىدۇ  ، پىرافىسوارنىڭ قىزى قانداق بولدى ، بۇ ئالدىنقى قىسىملاردە بارمۇ ، مەن دىققەت قىلمىدىممۇ يا ،.

2

تېما

0

دوست

3139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 13:46:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ مەزگىللەردە قەيسەركاملار بىلەن بىللە ئۇقۇغانلار يوقمىدۇ باغداشتا ؟

0

تېما

0

دوست

394

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22092
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 16:49:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قەيسەر مىجىت بىلەن بىر فاكۇلتېت، بىر كەسىپتە ئوقۇمىغان، ئەمما مەكتەپداش بولۇپ، ئۇنى سىرتتىن بىلەتتىم. شۇ چاغلاردا بەزىدە ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققىنىمدا ئۇنى مەيداندا ھاۋاغا مۇشت- پەشۋا ئاتقاندەك بىر ھەرىكەتلەرنى قىلىپ چېنىقىشنى ئاللىقاچان باشلاپ بولغان، يەنە بىر ھازالاردىن كېيىن كىتاپتىن بىر نەرسىلەرنى يادلاۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتىم.

0

تېما

3

دوست

1521

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 468
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 18:58:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاكىمىزنىڭزە،پاراڭ سوقۇپ تازا قىزىق يىرىگە كەلگەندە، توختىۋېلىشىنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ جۇمۇ، باللا

1

تېما

1

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 976
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 19:34:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كەچمىشكەن.بۈركۈتتەك ئۆتكۈر،يولۋاستەك چەبدەس دەۋرىڭىز ئىكەن.سۇدەسۇكا دىگەن نىمە گەپ،
مۇشۇ ياپۇنچىنىزە ۋاتاشىۋا دىن باشقىنى بىلمەيمەن.يەنە راسىت ھىلىقى ياپونغا قارشى ئىشلەنگەن سەنماۋ دىگەن كىنۇدىمۇ چىقىدۇ بەزى ياپونچە گەپلەر.باگا،ھايىت،يوش. . ....ھى ھى.يات تىل بىر خىل كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ بۇ زاڭلىق قىلغانلىق ئەمەس.

بۇرۇن يۇرتىمىزدا خەنزۇ يوق ياكى ئاندا ساندا بار چاغدا يى ئەر سەن دەپ ماڭسا بىز ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسىۋىلىپ بىزنى نىمىشقا سەن دەيسەن دىگەندەك ئىش.

ياپون تىلى كورىيە تىلى مالاي تىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىنگىلىزچىغا ئورۇن بەرمەيدىغان مۇنۇپول تىل روس تىلى ئوتتۇرا شەرىق ئەرەپ ئافرىقا رايۇنىدا ئەرەپ ئىنگىلىز پارىس تىلى دۇنياۋى ئالاقىدە ئىنگىلىز تىلى.......


تارىخىمىزدا شۇنداق جاپانى باشتىن كەچۈرۈپتىمىز.ھەم تارتىۋاتىمىز.شۇ جاپالارنىڭ بىر قىسىمى دۇنياۋى تىللارنى ئىگىلەش بولغان بولسا بىزلەر تىلىمىز يۇمشاق بولغانكىن خەلىقئارا دىپلوماتىيەدە يۈرەتتىمىزكەن.تىل ئۆگىنىش زادى نەزەر دائىرىنى كىڭەيتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )