قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3005|ئىنكاس: 13

قەيسەر مىجىت: شۇڭقار كەبى چاغلار-(8)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

70

تېما

16

دوست

9409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   88.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 43
مۇنبەر پۇلى: 795
تۆھپە : 3173
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 13:21:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قەيسەر مىجىت

      مەن ئالى مەكتەپكە كەلگەن بىرىنجى يىلىنىڭ ئاخىرى، كىچىكىدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ئىچكىرىدە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ فاكۇلتىتىمىزغا ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشكەن تاشمەمەت ئىسىملىك بىر ياش ئوقۇتقۇچىنىڭ توفىل ئىمتىھانىدا يۇقۇرى نومۇر ئالغانلىغى ھەققىدە مەكتەپتە بىر گەپ بولدى. (كىيىن بىلسەم بۇ ئوقۇتقۇچى - ھازىر كالىفورنىيەدە ياشاۋاتقان تاشپولات روزى ئاكىنىڭ ئىنىسى، ئىجتىھاتلىق ياش "biliwal.com" تور بىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربانجان روزىنىڭ ئاكىسى ئىكەن)
      ئامىرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە تەبىئى پەن كەسپلىرىنىڭ تەتقىقات فوندى ئىجتىمائى پەنلەرگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبئى پەن كەسپلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلىشى نىسبەتەن ئوڭاي، ئەمما ئىجتىمائى پەنلەردىن ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىشى تەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇكاپات قىلىپ بەرگۈدەك پۇلى يوق. ئىقتىساد فاكۇلتىتلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات بىرىش ئەھۋالىنى خىلى قىيىن دەپ كەتمىگەندىمۇ ئۇنچە ئوڭايمۇ ئەمەس.
     ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تاشمەمەت ئاكا يىڭى زىنلاندىيەدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش قەغىزنى تاپشۇرۇۋالغىنى بىلەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يوق ئىكەن. قانداق قىلىش كىرەك؟ تاشمەمەت مۇئەللىمنىڭ توفىل ئىمتىھانىدا يۇقۇرى نومۇر ئالغانلىغى راست. سەن مەلۇم نەتىجىنى كۆرگىنىڭدە ئۇنىڭ قانداق شارائىتتا ۋە قانداق زامان ۋە ماكاندا ۋۇجۇتقا كەلگىنىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىغىڭ كىرەك، ئەلۋەتتە.
      بىز ئالى مەكتەپكە كەلگەندە پىشقەدەم مۇئارىپچى ھاكىم جاپپار ئەپەندى (جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن!) مەكتەپ مۇدىرى ئىكەنتۇق. شۇ چاغلاردا مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ بىرىنجى قول باشلىغى - جۇغى كىچىكرەك ئەمما ھۆرمىتى ئۇستۇن ئاق-سىرىق كەلگەن ھەممە "ئايشەم ئاپپاي" دەپ ھۆرمەت قىلىدىغان تاتار خانىم ئىدى. ئەنگىلىيىنىڭ باش مىنىستىرى ساچېر خانىمغا ئوخشاش سۈپەتلىنىدىغان بۇ ھۆرمەتلىك ئاپپايغا مەن خىلى دىققەت قىلغان ئىدىم. جىگەر رەڭلىك خىزمەت سومكىسىنى كۆتۈرۈۋىلىپ خىزمەتنى ناھايىتى بىجانىدىللىق بىلەن ئىشلەيتى.
      ئەدەپ -ئەخلاق، پەزىلەت بىلەن قابىلىيەت ۋە ساپ نىيەت بىلەن بىرلەشسە تەڭداشسىز كۈچ ھاسىل قىلىدۇ.
     مەن ئايشەم ئاپپايغا سىرتتىن بەك ھۆرمەت قىلاتتىم، تەرىپىنى ھەم باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىدىم. مەن كىيىن تاشمەمەت ئاكىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشىغا كەلگەندە ئايشەم ئاپپاينىڭ قاتتىق تۇرۇپ مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە مۇئارىپ نازارىتىنىڭ مەسۇللىرى بىلەن تىك تۇرۇشۇپ "ئەگەر بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا مۇشۇنداق بىر ئەلاچى ئوقۇغان ياش ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن قوللىمىساڭلار مەن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىمەن" دەپ يۈرۈپ ئوقۇش پۇلى ھەل قىلغانلىغىنى ئاڭلاپ بۇ ئايالغا، قەدىرلىك باغۋەنگە ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشقان ئىدى. ئەگەر مىنىڭ ئاڭلىغىنىم راست بولسا، بۇ ئايالنىڭ بۇ ھىممەتلىك ئىشىنى ئۇنتۇمىغان ئادەم كەم دىگەندە چوقۇم ئىككى، بىرى ھازىر كالىفورنىيەدە ياشاۋاتقان تاشمەمەت ئاكا، يەنە بىرى مەن.
     مىنىڭ ئۇ ئىشنى ئۇنتۇماسلىقىم جەمىيەتتە كىمنىڭ قايسى ئورۇندا تۇرۇپ ئۆز خەلقىغە ۋە جەمىيەتكە نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىغا نەزەر سالىدىغان ئادىتىمنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. مۇبادا ياخشى ئىش بولسا مانا مۇشۇنداق ئۇنتۇمايمەن، قەلىمىم ۋە قەلبىم ئارقىلىق تەقدىرلەيمەن، ناۋادا مۇناپىقلىق، خۇمسىلىق، شەخسىيەتچىلىك، پۇرسەتپەرەسلىك قىلسا ئۇنىمۇ ئۇنتۇمايمەن، پۇرسىتى كەلگەندە ياكى نەپرەتلىك كۆزۈم بىلەن قارايمەن، ياكى ئېغىزىمنى زەھەر قىلىپ تىللايمەن ۋە ياكى  قەلىمىم بىلەن ھاقارەتلەيمەن...مۇنداقچە ئىيتقاندا بىز كىملەرنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقانلىغى ۋە ياكى كىملەرنىڭ ئۆزىنىڭ قۇرۇق شان شۆھرىتىنىڭ پارقىرىشى ئۈچۈن مايمۇن ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك. گالۋاڭلىق ۋە ئىرەڭسىزلىك قىلغاندىن كىيىنلا كەلگۇسىمىز قاراڭغۇ بولىدۇ. "ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دەيدۇ" خەلق، مەن يەنە   48 كۆزنىڭ  بارلىقىغا ئىشىنىمەن!
      كۈزەتسەم بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىقىپ ئاز-تولا ئاتالمىش "مەنسەپ" تۇتۇپ قالغانلار ئۈچ تۈرلۈك بولىدىكەن. بىر خىلى بولىدىكەن، بۇلارنىڭ قولىدىن ئىش چىقىدىكەن، مەن بۇلارنى "ئىش تۈزەرلەر" دەپ ئاتىدىم. قالغان ئىككى خىلىنى ئۆز نوۋىتى كەلگەندە دەيمەن.
     ئايشەم ئاپپاي مانا مۇشۇ ئىش تۈزەرلەر تىپىدىكى كىشىلەردىن ئىكەن. ئەمدى نىمىشقا بۇ ئايالنىڭ تاتار مىللىتىدىن ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ قالدىم؟ چۇنكى مەن تاتار قىرىنداشلارنى ئۆزىمىزدەك ئۆز كۆرىمەن ھەم ئۇلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلدۇرىمەن. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا ۋەتىنىمىزنى كۆڭلى تارتىپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئورۇس مۇستەبىتلىرنىڭ زىيانكەشلىگىدىن قىچىپ كەلگەن تاتار قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قوشقان توھپىسى ئىنتايىن زور. بۇ ياخشىلىقنى ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىشى ۋە ئىسىدە ساقلىشى كىرەك.
       مەن تاشمەمەت مۇئەللىمنى فاكۇلتىتتا بىر نەچچە قىتىملا كۆرگەن ئىدىم، ئۇزۇنغا قالماي ئۇ يىڭى زىنلاندىيەگە چىقىپ كەتتى. ئۇ چاغلاردا مەن تېخى ئەمدى خەنزۇ تىلىدىن توغرىراق،ئادەم چۈشەنگۈدەك قوشما جۈملە تۇزەلەيدىغان بولغان چاغلار ئىدى.
       مەن ئۆزۈمنىڭ ئېنگلىز تىلىنى قانداق سەۋەپ بىلەن قانداق ئۇسۇلدا ئۈگەنگەنلىگىمنى مۇشۇ چاتما ئەسەرنىڭ 2-قىسمىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم، شۇنداقتىمۇ كىيىن بەزى ئوقۇرمەنلەردىن خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئۇلارنىڭ مىنىڭ ئېنگلىز تىلىنى ئۈگۈنۈش ھەققىدە تەپسىلىرەك توختىلىشىمنى سوراشقىنى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئاز تولا توختىلىپ ئۆتۈشنىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارلىغىنى ھىس قىلدىم؛
       ئەمىليەتتە ئېنگلىز تىلىنى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىققۇدەك ئۈگۈنۈش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئوڭاي. بولۇپمۇ بۇ تىلنى ئۈگۈنۈشكە ئائىت ماتىرياللار ھەددى ھىساپسىز بولغان، تور دۇنياسى تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تىلنى ئۈگۈنۈش ئاجايىپ قولاي. ئەمما ئۇنىڭدا يېزىقچىلىق قىلىش سەۋىيەسىگە يىتىش خىلىلا تەس. مەن ئۇنى ئۈگۈنۈشنى نىمىشقا قولاي دەيدىغانلىغىمنى ئۆزۈمنىڭ بۇ تىلنى ئۈگۈنۈشتىكى ئەمىليىتىمگە باغلاپ بۇرۇن دىيىلمىگەن دىتاللارنى قوشۇپ سۆزلەپ بىرەي، ئەمما ئۇنىڭدا يۇقۇرى سەۋىيەگە يىتىشنى نىمىشقا تەس دەيدىغانلىغىم ھەققىدە مەن توختالماي، چۈنكى مەن تېخى ئۇ سەۋىيەدە ئەمەس، بۇ دىگەنلىك ئۇ سەۋىيەگە يىتەلمەيمەن دىگەنلىكىم ئەمەس.
       خوش، سىلەر مىنىڭ ئەينى چاغدا ئالى مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلى ئىككىنجى مەۋسۇمىدە ھازىر ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلەي دىگەن شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق  شۆھرەت مۇئەللىمنىڭ ئىنگلىز تىلى كۇرسىغا كىرگىنىمنى بىلىسىلەر، ۋە شۆھرەت مۇئەللىم چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئاساسلىغى ئۆز قىزغىنلىغىمغا تايىنىپ ئۈگۈنۈشنى داۋاملاشتۇرغىنىمنى ھەم ئوقۇدۇڭلار. راست، مەن شۇنداق قىلغان. ئۈرۈمچىنىڭ قارلىق سەھەرلىرىدە، باھارنىڭ سۈزۈك تاڭلىرىدا مەن ياتىغىمدا ھەممىدىن بۇرۇن ئورنۇمدىن تۇراتتىم -دە ئىككى كىتاپنى كۆتۈرۇپ تەنتەربىيە مەيدانىغا يۇگرەيتتىم. ئاۋال قارلار ھەرقانچە قىلىن بولسىمۇ مەيداننى چۆگۈلەپ نەچچىنى يۈگۈرىۋىتەتتىم-دە، بەدىنىم قىزىغاندىن كىيىن ئاندىن ئاغزىمدىن چىقىۋاتقان ھورغا كۇچ قوشۇپ ئۈنلۇك ئاۋازدا ئاۋال 20 مىنۇت خەنزۇ تىلى تېكستىنى ئۈنلۇك يادلايتىم، ئاندىن 20 مىنۇت ئېنگلىز تىلىدىن تېكست يادلايتتىم (ئەنگلىيەلىك ل.گ. ئالىكزاندېر دىگەن كىشى تۈزگەن نېۋ كونسەپت ئېنگلىش دىگەن كىتاپ).
     باھارنىڭ قۇياش كۆتۈرۇلگەن چىرايلىق سەھەرلىرىدە تېخىمۇ روھلىنىپ كىتەتتىم. بولۇپمۇ ئۇنىۋىرسىتىت تەنتەربىيە مەيدانىنى كىسىپ ماڭىدىغان چىچىنى نىمىشقىدۇر ئۇزۇنراق ئۆستۇرۇپ ئالدىغا تاشلاپ ئوڭ تەرەپتىكى كۆزىنى يوشۇرغاندەك پاسۇن چىقىرىپ يىنىك ھەم چىرايلىق قەدەم تاشلاپ ماڭىدىغان بىر گۈزەل قىز بولىدىغان، ھەر كۈنى دىگۈدەك مەن چىنىققىلى چىققاندا ئۇمۇ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپكە ماڭاتتى، ئۇ ماڭغانلىرىدا ماڭا دوقۇرۇشۇپ قالاتتى، ئۇنىڭ ماڭا بىر خىل مەن چۈشەنمەيدىغان قاراشلىرى كۆڭلۈمگە تاتلىق "ئوغرى" خىياللارنى سىلىپ قوياتتى دىسە بەزىدە... مەن ئويلايتتىم "بۇ قىز مىنى كۆرىمەن دەپ مۇشۇ ۋاقىتتا ماڭامدىغاندۇ بۇ يەردىن"، بەلكىم ئۇمۇ ئويلايدىغان بولغىيتى، "بۇ ساراڭ بالا مىنى پايلاپ چىقامدىغاندۇ مۇشۇ ۋاقىتتا"... كىم بىلىدۇ ئۇ تېخى مىنىڭ ئىگىز ئاسمانغا مۇش-پەشۋا ئىتىپ سەكرەپ يۈرگىنىمنى كۆرۇپ "نىرۋىسىدىن كەتكەن بىرسىمۇ نىمە" دىدىمۇ تېخى...
    مەن بەزىدە ئۇ قىز توغرىسىدا ئويلاپ قىلىپ ھودۇقۇپ كىتەتتىم-دە، "ھوي بۇ خەقنىڭ قىزىغا كۆز تاشلاپ يۈرسەم قانداق بولىدۇ، يامان بولىدۇ ئەمەسما... مەنمۇ مۇشۇنداق كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ سۇيۇقلۇق قىلىپ يۈرسەم قايدا بولىدائائا، تۇفى، تۇفى شەيتانلىرىم نىرى كىتىش..."،
ھەي نىمە دىگەن بىلەن ئۇ چاغدا مەن  18-19 ياشلىق يىگىت-دە. ئۇ چاغلاردا ھىلىقى ئىگىز بويلۇق ئىمىنجان دىگەن ناخشىچىنىڭ "18-ياشىم" دىگەن ناخشىسى مودا ئىدى. بىز ئوقۇشقا كەلگەندە بىزنى كۈتۈۋىلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۇزۈلگەن فاكۇلتىتىمىزدىكى كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتىدە - ئىگىلىك باشقۇرۇش 87-يىللىق-2-سىنىپنىڭ ئۇرۇمچى ناخشا ئۇسۇل ئۆمىگىدە ئۆيى بار قەدىرىيە ئەبەيدۇللا (قەدىرىيە ئۆزىمۇ ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ئىدى. دادىسىنىڭ ئىسمى شۇنداققۇ دەيمەن، مەن ئاسپىرانتلىققا ئۆتكەن يىلى قەدىرىيە بىلەن ناخشا ئۇسۇل ئۆمىگىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالدۇق، ئۇ مىنى ئۇنىمىسام ئۇنىماي ئۆيىگە ئاپىرىپ ئوخشۇتۇپ پولو ئىتىپ بەرگەن ئىدى، تۇزىنىڭ تەمى كۈچلۈككەن جۇمائائا بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇمىغانغا قارىغاندا، ئۆزى يازغۇچى ئەسقەر داۋۇتنىڭ ساۋاقدىشى ئىدى) ئىسىملىك گۈزەل قىز ئوقۇغۇچىسى ئاشۇ ناخشىنى ئىيتىپ مەن تاغلىقنىڭ خىيالىنى بۇلۇتلارغا ئوغۇرلاپ كەتكەن ئىدى دىسە...
     بۇ تەسۋىرلەرنى يىزىشىم - ئوقۇرمەنلەرنىڭ "كەچكىچە ئوقۇدۇم، ئۇگەندىملا دەيدىكەن بۇ كىشى" دەپ قالماسلىغى ئۈچۈن جۇما....مەن كىتاپتىنمۇ ئۈگۈنەتتىم، ئادەملەردىن ھەم تۇرمۇشتىنمۇ ئۇگۇنۇشكە دىققەت قىلاتتىم، مانداق ئىنسانلىق تۇيغۇ بىلەن ئەتراپقىمۇ زەڭ سىلىپ قوياتتىم ، بەك جىق ئويلاپ كىتىشمىگەيلا...
     ھەرقانداق چەتئەل تىلىنى ئۈگەنگەندە - مىنىڭچە مەيلى چۈشۈنۇڭ ياكى چۈشەنمەڭ دەۋاتقان گەپنىڭ مەزمۇنىنى ئاز-تولا پەرق ئىتىش ئاساسىدا تېكست يادلاش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
     بىزدە "30 پارە قۇرئاننى يادقا بىلىدۇ" دىگەن ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى ئادەملەردۇر. بەلكى بۇ "بىلىگەن پىچاق ئىتتىك بولغاندەك" بىر ئىش بولسا كىرەك. ئۇندىن قالسا ئۈگەنگەن نەرسىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلىش كىرەك.
    مەن ئۆزۈم تارتىنچاق، يۈزۈم نىپىز ئەمما مىجەزىم ئوچۇق ئادەم ( ئۇ چاغدا بالا ئىدىم). بۇ باھانى مەن ئەمەس مىنىڭ 5 يىللىق ساۋاقداشلىرىم بەرگەن. ئەينى چاغدا ھىلىقىدەك سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان گۈزەللەر قاراپ قويسا ھودۇقۇپ كەتكىنىم بىلەن، ئەمما ماۋۇ ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا كەلگەندە، سۆزلەشكە كەلگەندە خىلى باتۇر ئادەممەن جۇمائائا.
    مىنىڭ ئېنگلىز تىلى ئۈگۈنۈشتە تايانغان يەنە بىر ئۇسۇلۇم - ئېنگلىز تىلى بىلىدىغانلا ئادەم بولسا ھېيقماي ئۇلار بىلەن دادىل سۆزلىشىش ئىدى. بولۇپمۇ ئېنگلىزچە سۆزلىشىش سورۇنلىرى بولۇپ قالسا فاكۇلتىت ئايرىماي، ئىشىمنى تاشلاپ ئۆزۈمنى ئۇرۇپ باراتتىم-دە...
     بولۇپمۇ مەكتىۋىمىزنىڭ بىرەر فاكۇلتىتى ياكى بىرەر سىنىپى ئۆتكۈزگەن ئېنگلىز تىلى سۆزلىشىش سورۇنلىرى بولسا شۇڭقاردەك ئۇچۇپلا باراتتىم-دە، تارتىنماي سۆزلەپ سورۇننىڭ قىزىپ كىتىشىگە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشاتتىم. ياخشىمۇ بۇ سالۇن - ساھىپجامال قىز بوپ قالماپتىكەن، بولمىسا قانچە ساھىپجامالنى سۆزلەپ مەھلىيا قىلاتتىم ياكى بىشىنى ئايلاندۇرىۋەتتىمكىن-تاڭ، ھا، ھا، ھا....
    ياشلىقتىكى قىزغىنلىق، شوخلۇق، ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان سۆيگۇ ھارارىتىگە نىمە يەتسۇن!
    بۇنداق پائالىيەتنى ئاساسەن ياكى ئېنگلىز تىلى كەسپىنىڭ بالىلىرى جۈملىدىن 89-يىلى قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر بالىلار ياكى خەنزۇ سىنىپنىڭ بالىلىرى ئۆتكۈزەتتى. مەن ھەممىگە باراتتىم. ئۇ - بىر خىل ئۈگەنگەننى مەشق قىلىدىغان، ئۆزۈڭنى تاۋلايدىغان سورۇن ئىدى-دە. ئۇنداق سورۇنلارغا كىتىپ كىتىپ بىر نەچچە ئۇيغۇر بالىمۇ كىرىپ قالاتتى.
    بىر كۈنى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار شۇنداق سورۇننى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. بۇ فاكۇلتىتتا ئادىل ئىبراھىم (86-2-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى) ۋە نىجات ئىمىن (87-1-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى)ئىسىملىك ئىككى دوستۇم بار ئىدى. ئۇلار بىلەن سورۇنغا كىرسەم شۇ يىلى ئاسپىرانتلىققا ئوتكەن ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ جامالتىرەك يىزىسىدىن كەلگەن نۇرمەمەت ئەمەت ئىسىملىك بىرلا بالا سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن. بىز كىرگەندىن كىيىن تۆتىمىز- ئۇ كۇنىدىكى پائالىيەتنى قىزىتىپ چاڭ چىقىرىۋەتكەن ئىدۇق، شۇندىن كىيىن نۇرمەمەت بىلەن رەسمى تونۇشتۇق. (قىستۇرما، ئادىل ئىبراھىم ۋە نۇرمەمەت ھازىر كالىفورنىيەدە، نىجات ئاۋسترالىيەدە)
     ئەينى چاغدا مىنىڭ ئىزىم ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى باغچىلىرى ۋە مەكتەپلىرىدىكى ئېنگلىز تىلى سۆزلىشىش سالۇنلىرىدا قالغان ئىدى. شۇ يەرلەردە نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردۈم، تونۇشتۇم، بەزىلىرىنىڭ ئىز-دىرىگىنى قىلىپ ئۈلگۈرگىنىم بىلەن بەزىلىرىنىڭ ئىز-دىرىگىنى قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىدىم. مەن تىرىشچان كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرگۈچى، ياخشىلىققا ئىنتىلگۈچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرگۈچى.
    ئۇنداق سورۇنلاردا ئوخشاش مەۋقەدىكى، ئوخشاش ھەۋەستىكى تىرىشچان ياشلار ۋە ئىسىل ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ قالاتتىم. مەسىلەن ئىبراھىم ئىسىملىك پىداگوكىكا ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇغانغۇ دەيمەن ئۆزى قاۋۇل كەلگەن، كىشىگە يىقىملىق تەسر بىرىدىغان ئۈرۈمچىلىك مەن دىمەتلىك دىيانەتلىك بىر ياش يىگىت بولىدىغان، ئۇمۇ كىيىن خولىداي ئىنن دە ئاچتىمۇ ئىشقىلىپ ئۇمۇ بىر يەردە كۇرس ئاچقان ئىدى. مىنى شۇ يەردىكى ئىشخانىسىغا باشلاپ بارغان ئىدى. (ھازىر نەدىلىگىنى بىلمەيمەن، ئاللاھ ئىزىز تىنىنى ئامان قىلسۇن).
    مەن بىر تەرەپتىن بۇ تىلنى ئۈگۈنۈپ يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تىلنى ئۈگۈنۈۋاتقانلارغا دىققەت قىلاتتىم. شۇ چاغدا خىمىيە فاكۇلتىتىنىڭ قەشقەر توققۇزاقتىن كەلگەن ئابدۇرىھىم سىدىق دەيدىغان بىر ياش ئوقۇتقۇچىسى بولىدىغان. ئۇ كىشى ئادىل ۋە نىجاتلار بىلەن ياخشى ئۆتەتتى. شۇ سەۋەپتىن مەنمۇ تونۇشتۇم. نىجات ئىمىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولغاچقا مەن ئۇنى "مەڭگۈلۈك ياشلىق -1" ناملىق ئەسىرىمدە يازغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ پىكىر ئالماشتۇراتتىم. نىجات "ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى چەكسىز" بولىدۇ دەپ قارايتى ۋە مۇشۇنىڭغا ئائىت كىشىگە ئىلھام بىرىدىغان خەنزۇچە كىتاپلارنى ئىلىپ ئوقۇيتى، مەن ئۇنىڭ بۇ كىتاپلىرىنى ئارىيەت ئىلىپ كۆرەتتىم. بىر چاغدا قارىسام ئابدۇرىھىم مۇئەللىم، نىجات ۋە يەنە نىجاتنىڭ قۇمۇلدىن كەلگەن مۇكەررەم دىگەن ساۋاقدىشى جىم-جىت تۇرۇپ نەپەس ئىلىش ھەركىتىنى مەشق قىلىۋىتىپتۇ، يەنى زىھنىنى يىغىش ھەركىتىنى. مەنمۇ بۇنى ئورۇنلۇق بىلىپ ئۇلارغا ئەگىشىپ زېھىن يىغىش مەشقىنى ئىلىپ باردىم، لىكىن مەن شەيتىنىم كۈچلۈك ئادەمكەنمەن، ئىچىمدە ئوت يانىدىكەن، ئۇنداق سۈكۈتتە زېھنىمنى يىغىمەن دىسەم كاللامدىن كىتىپ قالغۇدەكمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى توختاتتىم. مەن سۈكۈتتە ئەمەس، سۆزدە ۋە ھەركەتتە زېھنىمنى بەكرەك يىغىدىكەنمەن....
      مەن ئالى مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا ئابدۇرىھىمجان مۇئەللىم توفىل ۋە ج ر ې ئىمتىھانلىرىنى بىرىپ ئامىرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى ئا &م ئۇنىۋىرسىتىتىگە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئالى مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققان ئىككىنجى مەۋسۇمدە ئېنگلىز تىلى كۇرسىغا دەرس بىرىشكە باشلىدىم. تۇنجى ئوقۇغۇچۇم سۈپىتىدە ئۇنىۋىرسىتىت فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىمىنجان مۇئەللىمنىڭ قىزى - پاتىگۇل ئىمىن (ھازىر كانادادا، خىمىيە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالدى، ئۆتكەن يىلى كاناداغا بارغاندا ئۆيىگە بىرىپ كۆرۈشۈپ كەلدىم، ناھايىتى ياخشى تۇرۇپتۇ، پاتىگۈل ۋە يولدىشى مۇختەرنىڭ نەتىجىسىدىن پەخرلەندىم) ماڭا ئوقۇغۇچى بولۇپ كىردى. بىر كۈنى پاتىگۈل ئابدۇرىھىمجان مۇئەللىمىڭ پاتىگۈلنىڭ دادىسىغا يازغان ئېنگلىزچە سالام خېتىنى تەرجىمە قىلىپ بىرىشنى ئوتۈنۈپ دەرسكە كەپتۇ، مەن رۇخسەتنى ئالغاندىن كىيىن خەتنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن دەرسخانىدا ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردىم. ھازىر ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان، ياپونىيەدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان مەندە ئېنگلىز تىلى ئوقۇغان ھىدايەت بەگزادمۇ بار ئىدىغۇ دەيمەن شۇ كۇرستا.
     خەتنىڭ ھەر بىر تەسرلىك بۆلەكلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەندە بالىلارنىڭ چاۋاك چالغانلىقلىرى ئىسىمدە.
     كاللىسى سەگەك، غۇرۇرلۇق ئىنسانلارلا ئۆز قىرىنداشلرىنىڭ غەلىبىسىنى كۆرگەندە ئاڭلىغاندا ئۇنى ئالقىشلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۇتۇق تىلەيدۇ.
(قىستۇرما: دۇنيا كىچىك دىگەن شۇ -دە، مەن 1998-يىلى ئىيۇلنىڭ بىشىدا توي ئىشىم بىلەن بوستوندىن ۋەتەنگە  قايتقىنىمدا بېيجىڭدىكى  بىزنىڭ مىھمانخانىدا ۋىزامنى كۈتۈپ بىر ھەپتە يىتىپ قالدىم. شۇ جەرياندا باشقىلاردىن قەشقەردىن كەلگەن بىر بوۋاي ۋە بىر موماينىڭ ئامىرىكىغا ئوقۇشقا كەتكەن ئوغلىنى كۆرگىلى ماڭماقچى بولغىنىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈم ئەمدى ئامىرىكىدىن كەلگىنىم ئۈچۈن ئۇلارغا ۋىزا ئىلىش جەريانىدا ياردىمىم تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ياتىقىغا كۆرۈشكىلى كىرىپ تونۇشلۇق بىرىپ سۈرۈشتە قىلسام ئۇلار دەل - ئاشۇ ئابدۇرىھىمجان مۇئەللىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىكەن. مەن ئۇلارغا ياردەم كىرەك بولسا ئىيتىشىنى دىدىم. بوۋاي تولىمۇ سۆيۈملۈك ئىكەن، دەرھاللا رەخمەت ئىيتتى، موماي تاتلىق ھەم ئىھتىياتچان ئىكەن، سەل ئۆزىنى تارتتى. سۆزلىشىپ تۇرساق ئابدۇرىھىمجان مۇئەللىمدىن تىلىپۇن كىلىپ قالدى. ئۆزئارا ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئاندىن مومايمۇ ماڭا ئىشەندى. چۈنكى مەن ھىچقانداق تىل بىلمىگەن شارائىت ئاستىدا ئۇلارنىڭ ۋىزا ئىلىش جەريانىدا قېيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەن ئىدى.
     ئەتىسى ئۇلارنى ئىلىپ ئەلچىخانىغا باردىم. نىمىشقىدۇركىن ئۇ چاغدا ئامىرىكىغا چىقىمىز دەيدىغان ئادەملەر قۇمدەك كۆپ بولۇپ ۋىزا بىرىدىغان يەرگە بارغۇچىمۇ ياشانغان ئادەم ئەمەس ياشلارمۇ چارچاپ قالاتتى. خۇداغا شۈكرى بوۋاي-موماينىڭ ئەتىگەندە ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ خاسىيتىدىنمىكىن  ئىشقىلىپ قاراۋۇللۇقتا تۇرغان ئەسكەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرسەم مىنى ئۇلار بىلەن بىللە كىرگىلى قويدى. ئەلچىخانىنىڭ ئىچىدە تۇرە-تۇرە، خىلى بىر ۋاقىتتىن كىيىن بىزگە نۆۋەت كەلدى. مەن ئاق تەنلىك كونسۇلخانا خادىمى بىلەن بوۋاي-موماينىڭ ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق قىلدىم، ئالدى بىلەن ماتىريالنى سۇنۇپ، ئۇلارنى ۋە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇۋىتىپ. خادىم ئۇلارنىڭ ماتىريالىنى كۆرۈۋىتىپ ئۇلارنىڭ پاسسپورتىدىكى تامغىلارنى كۆردى ۋە پاكىستان قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتكە نىمىشقا بارغانلىقىنى سورىدى. بۇ سوئالغا بوۋاي ئىغىزىنى ئۆمەللەپ بولغۇچە موماي چاققان كەلدى.
- ۋاي بالام ھەرەمگە بارغان دىسىلە، بولسىلا چاققان بولسىلا.
مەن كونسۇلغا بوۋاينىڭ ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىغىنى - دورا دەرمەك تىجارىتى بىلەن بىر نەچچە دۆلەتكە چىققانلىغىنى ئىيتتىم.
ھەر ھالدا ئىھتىيات قىلىش كىرەك-تە، ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمىغاندىن كىيىن.
      كونسۇل دەقىقە تۇرۇپ كىتىپ ئۇلارغا ۋىزا بىرىدىغانلىغىنى ئىيتتى.
     ۋاي ئەمدى بۇ بوۋاي-موماينىڭ خوشاللىقىغا نىمە گەپ توغرا كەلسۇن....بولۇپمۇ موماي بەكلا خۇرسەن بوپ كەتتى. ۋاي جىنىم بالام سىلىنى خۇدا بىزگە ئۇچراشتۇردى، چۈشتە بىرگە تاماق يەيلى بالام، ئامىرىكىغا بارغاندا ئۆيگە كىلىپ تاماق يەپ كەتسىلە بالام، لەغمەن ئىتىپ بىرىمەن...)
     خوش ئەمدى مەن ئەسلى گەپكە قايتىپ كىلەي. مەن يەنە ئۇنىۋىرسىتىت فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ياش ھەم تىرىشچان ئوقۇتقۇچىسى ئاتۇشتىن كەلگەن ئابدۇرىھىم ئابدۇللا ئاكىنىڭ توفىلدىن  ياخشى بومۇر ئىلىپ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. سۈرۈشتۈرسەم ئابدۇرىھىم ئاكا - مىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ۋاقتىدىكى دوستۇم سۇنتاغدىن كۇندە ۋەلسىپىت مىنىپ چىقىپ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان دوستۇم ئابلىكىمنىڭ ئاكىسى ئىكەن. ئابلىكىمنىڭ يەنە بىر ئاكىسى غەربى شىمال تىببى ئۇنىۋىرسىتىتنى پۈتتۇرگەن ئىمام ئابدۇللا ئۇمۇ ئۆتكۈر يىگىت ئىكەن، مەن ئۇنىڭ توفىلدىن 633 نومۇر ئالغىنىنى ئاڭلاپ ئالاھىتەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئىدىم. ئىشلاردا ئۇتۇق قازانغانلارنى دوست تۇتۇش، ئۇلارنى يىقىن كۆرۈش ۋە قوللاش ئۇلاردىن ئۇگۇنۇش ھەر ئىنسان ئۇچۇن پايدىلىقتۇر.
     شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتۈۋەردى، مەن فاكۇلتىتىمىزنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر ئاسپىرانتى بولۇپ ئوقۇشقا ئۆتكەن يىلى دۆلەتلىك ئېنگلىز تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى - CET-6 دىن  خەنزۇ بالىلارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقۇرى نومۇر ئىلىپ ئۆتۈپ فاكۇلتىتتا يەنە بىر قىتىم چاڭ چىقىرىپ قويدۇم.ئوقۇتقۇچىمىز - باۋ مۇئەللىمنىڭ قولىدا ئوقۇۋاتقان ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدە ئىچكىرىدىن كەلگەن جاڭ يۈ ئىسىملىك قىزچاق ئاران ئۆتەلىگىنى بىلەن، ماۋۇ يۇۋاش ۋاڭ جى خەي ئۆتەلمىدى. بۇ مىنىڭ نەتىجەمنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۇرىۋەتسە كىرەك، ئۇلاردا ماڭا نىسبەتەن بىر خىل ھىيىقىش ۋە ھۆرمەتنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىغنى سەزدىم. بىر كۈنى ئاسپىرانتلارنىڭ كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتىدە جاڭ يۈ ماڭا شۇنداق دىدى:
       -قەيسەر مەن  سىلەر ئۇيغۇرلارنى ناخشا ئىيتىپ ئۇسۇل ئويناپلا يۈرىدىغان خەلق ئىكەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ساڭا قاراپ مىنىڭ قارىشىم ئۆزگەردى، سىلەر ھاياتنى سۆيۇپ ياشايدىغان تېتىك، سۆيۇملۈك مىللەت ئىكەنسىلەر. سەن ئۈگۈنۈشتىمۇ ياخشى، ئۆزۈڭنىڭ مەدىنىيىتىدىمۇ ياخشى (ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىغىمنى دىسە كىرەك).
     _شۇنداقمۇ؟ ھا ھا ھا، كۈتمىگەن بۇ باھاغا  كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەرگىنىم ئىسىمدە،" ئەمىليەتتە بىزدە مۇنەۋۋەر  كىشىلەر كۆپ، مەن شۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىسى، لىكىن سىنىڭ سەمىمىلىگىڭگە رەخمەت."
     يەنە بىر يىلى مەن شاڭخەيگە بىر يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلدىم ۋە شۇ يەردە يەنى 1995  -يىلى 1-ئايدا توفل ئىمتىھانىنى بەردىم.
ئەينى يىللاردا توفىل ئىمتىھانى مۇنداق ئۈچ مۇھىم نۇقتىدىن ئوقۇغۇچىنىڭ تىل سەۋىيەسىنى سىنايتتى. 1-قىسمىدا ئاڭلاش ئىقتىدارىنى، 2-قىسمىدا گرامماتىكا سەۋىيەسىنى 3-قىسمىدا ئوقۇش ئىقتىدارى ۋە سۆزلۈكلەرنى تونۇش سەۋىيەسىنى سىنايتى، ئومۇمى نومۇر 677 بولۇپ، ھىچقانداق ئىنگلىزچە سەۋىيەسى يوق ئادەم قارىغۇلارچە جاۋاپ تاللىسىمۇ 200 نومۇر، ئازراق سەۋىيەسى بار ئادەم 300 نومۇر، ئىككى يىل ئىنگلىزچە ئۈگەنگەن ئادەمنىڭ 400 نومۇر ئىلىشىدا گەپ يوق ئىدى. ئەمما 400 نومۇرنىڭ ئۈستىنى ئىلىش ئۇچۇن سەۋىيە كىتەتتى. خۇددى يۈگرەش مۇسابىقىسىدە ئەڭ ئاخىرقى مەيداننى ئايلانغاندا ھەقىقى قۇۋۋىتى بارلا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغاندەك 550 نومۇردىن يۇقۇرى نومۇر ئالغانلارنى خېلىلى سەۋىيەلىك دىسە بولاتتى. مانا بۇ نىمىشقا ئامىرىكا ئالى مەكتەپلىرىنىڭ توفىلدا 550 نى ئالغان ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولسا كىرەك. مەن بۇ ئىمتىھاندا ئاز كەم 600 نومۇر ئالغان ئىدىم. بۇ ئىمتىھاندا بەك يۇقۇرى نومۇر ئىلىشنىڭ بىر سىرى - كۆپلەپ مەشىق ئىشلەشتە ئىكەن. مەن بىر "yes بىلەن "perhaps" دىن باشقىنى سۆزلىيەلمەيدىغان بىر خەنزۇ ئوقۇغۇچىنىڭ توفىلدا تولۇق نومۇر ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھىكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم، چۇنكى ئۇ بۇ ئىمتىھانغا ئائىت بارلىق سۇئاللارنى ئىشلەپ پۇتۇن ئىمتىھاننىڭ قۇرۇلمىسىنى بىلىپ كەتكەن ئىمىش.
      مەن شاڭخەيدىن ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندە مىنىڭ توفىلدا ياخشى نومۇر ئالغانلىغىم ۋە  فۇدەن ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ياپونلۇق مۇتەخەسسىسنىڭ لىكسىيەسىدە ئۇنىڭغا كەينى كەينىدىن ئىقتىساد ھەققىدە سوئال ياغدۇرىۋەتكەنلىگىم ھەققىدىكى گەپلەر-پاراڭلار ئاللىقاچان فاكۇلتىت رەھبەرلىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ بوپتۇ.
     مەن كىلىشىم بىلەنلا 4-يىللىقنىڭ باللىرىغا "خەلقارا پۇل-مۇئامىلە "دەرسلىگىنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى.
      مەن ئوقۇشنىڭ 3-يىللىغىدا دىسسىرتاتسىيەرىمنى ياقىلاپ بولغاندىن كىيىن - فاكۇلتىتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلىپ قىلىندىم. شۇ مەزگىللەردە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى - مىجىت ئابلىز دىگەن كىشىغۇ دەيمەن، ئىگىز بويلۇق تۇرپانلىق كىشى ئىكەن، "ۋاي ئۇكام بىزنىڭ ئىدارىدە ئىشلەشكە قىزىقامسىز" دىدى، "ياق مەن ئوقۇتقۇچىلىقنى ياخشى كۆرىمەن دىدىم". چۈنكى مەن ئوقۇتقۇچىلىقنى -ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئالىيجاناپ كەسىپ دەپ بىلەتتىم.
      فاكۇلتىتتا خىزمەتكە قالغاندىن كىيىنلا جەمىيەتتە ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلىپ يەتتىم. مەن شۇ يىلى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتكە ئوقۇشقا چىقىشتا ئىلىنىدىغان EPT ئىمتىھانىنى ۋە يەنە GRE ئىمتىھانىنى بەردىم، ئاڭلىسام مەكتەپ بويىچە EPT ئىمتىھانىدىن يۇقۇرى نومۇر ئاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۇمەت خىراجىتى بىلەن چەتكە چىقىشنى پىلانلاپ تەييارلىق قىلدىم، قائىدە بويىچە مىنى ئىككى پروفىسسور كۆرسىتىشى كىرەك ئىكەن، بىرىگە ئۆزەمنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى باۋ مۇئەللىم يەنە بىرىگە فاكۇلتىت مۇدىرى سوڭ مۇئەللىم خەت يىزىپ بەردى. مەن بىرىنجى قىتىملىق تاللىنىشتا ئالدى بولۇپ تاللىنىپتىمەن.
      ئۇ گەپنى ئاڭلاپ بىخۇت يۈرۈپ قاپتىمەن-دە. ھەتتا مەكتەپمۇ مىنىڭ مۇئارىپ نازارىتىنىڭ جەدۋەللىرىنى توشقۇزغىلى قويغان ئىدى.
      بىر كۈنى مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىردىغانلارغا مەسئۇل  بۆلۈم باشلىقىنى مەكتەپتىكى قىزىل كۆلنىڭ يىنىدا ئۇچرىتىپ قالدىم، بويىدىن "ئەمىلى چوڭ" بۇ گۇينىڭ تەلەتىدىكى كىبىرنى دىمەيسىلە.
     مەنمۇ ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى--ھە، ياكى ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالمىغان ياكى يەردىن شىپپىدە ئۈنۈپ قالمىغان. ئۇنىڭدىن سوراش ھوقۇقۇم بار.
-قانداق بولۇۋاتاتىدۇ ئىشلىرىم؟
- قالدۇرىۋەتتۇق سىنى، ياشكەنسەن تېخى. غىڭ قىلماي ئىشلە ئاۋال.
مىنىڭ ئاچچىغىم كەلمەيدۇ، كەلسە ۋەھشى كىلىدۇ-دە كۆزۈمگە بىر نەرسە كۆرۈنمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋۇ دۆت گۇينىڭ ھاكاۋۇرلىقىغا قارا...
-قولەڭدىن كەلگىنىڭگنى قىلىشەۋا، بىر نىمىلەر.
     مىنىڭ غەزەپ بىلەن قول سىلكىشىمنى كۈتمىگەن چىغى ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سىلىپ غىپىلداپلا كىتىپ قالدى.
     كىيىن ئاڭلىسام ئۈچ ئۇيغۇر ۋە باشقا خەنزۇلار قاتنىشىپ چىقارغان قارار يىغىنىدا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قەتئى قارشى تۇرۇشى بىلەن مىنى قالدۇرىۋىتىپتۇ. كىيىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلسەم....

0

تېما

0

دوست

67

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   22.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28752
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 15:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەركا، يازمىلىرىڭىز بىزنى روھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، قەلىمىزگە دەرت كەلمىسۇن

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

5

دوست

580

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 188
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 16:19:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ؟ئۆي ئىچى بالاۋاقاڭ ئوبدانمۇئ،مەن ئىبراھىم ئەمەت.يازغان ماقالىلىرىڭنى ئوقۇپ تۇرۇۋاتىمەن،ھەر قېتىم ماقالىلىرىڭنى ئوقۇسام سېنى كۆرگەندەك بولىمەن.ساڭائامەتلەر يار بولسۇن.تېلىفون نومۇرىم ئۆزگەرمىدى.ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.

1

تېما

1

دوست

3476

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 950
توردىكى ۋاقتى: 219
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 18:38:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى پەسەندەك سىزنى قالدۇرۋەتمىگەن بولسا....
ئۇرۇق تۇغقان تونۇش ئاداشلىرىڭىزمۇ كۆپەيگىلى تۇردى مانا.

0

تېما

0

دوست

452

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25520
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 19:40:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىت ، مەنمۇ شۇنداق ئۆتكۈر بالا ئىدىم ، يۇقىرلاپ ئوقۇشقا نىمىشقا ئۆزۈمنى ئۇرمىغان بولغىتيتىم ، سىزگە ۋە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان دىيارىمىزدكى ۋە سىرىتتىكى قىرىنداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئىش - ئىزلىرىنى ئوقۇغۇنىمدا تاتلىق تۇيغۇلاردا بولىمەن ،ئەقىلىڭلار تىخمۇ زىيادە بولغاي ، ئۇيغۇر ئۈچۈن يۇرىكىڭلار تىخىمۇ ئوت بولۇپ يانغاي .

pakat rabimizla bizga hidayat

12

تېما

13

دوست

5948

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9586
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1066
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 237
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 20:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىر يىمجان  سىدىقنىڭ  دادىسى  سىدىق  قارىم،،تۇققۇزاق  زەمىن  يىزىلىق  شىپاخانىدا  ئىشلىگەن  ئىكەن،، مىنىڭمۇ  ئوتكۇر يۇقۇملۇق  كىسىلىم نى  شۇ  كىشى  داۋالاپ  ساقايتىپتىكەنمىش  كىچىك چاغلىرىمدا،،خەلق ئاممىسىنىڭ  دۇئاسى سەۋەبىدىنمىكىن  بەكلا  پاكىزە  قىرىشغان  كىشى  ئۇ  

1

تېما

4

دوست

2345

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6786
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 572
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 21:31:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئاكىنىڭ يازمىلىرىنى ساقلاۋاتىمەن،باللىرىم چۈشەنگۈدەك بولغاندا ئوقۇپ ئۈلگە قىلامەن دەپ.يازمىلىرىڭىزغا رەھمەت.

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   31.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7328
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 22:03:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كىيىن ئاڭلىسام ئۈچ ئۇيغۇر ۋە باشقا خەنزۇلار قاتنىشىپ چىقارغان قارار يىغىنىدا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قەتئى قارشى تۇرۇشى بىلەن مىنى قالدۇرىۋىتىپتۇ. كىيىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلسەم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )