- تىزىملاتقان
- 2011-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10220
- نادىر
- 3
- يازما
- 373
ئۆسۈش
0.55%
|
شەۋكەت ھامۇت
مەن ئۆت ئوپىراتسىيەسىدىن كېيىن بالنىستا ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە مالىك كېۋىرنىڭ <<سۆيۈملۈك دۇنيا >> ناملىق كىتاۋىنى ئۈچ نۆۋەت، بۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن<< گېرمانىيەنىڭ ئاددى پۇقراسى>> ناملىق زىيارەت خاتىرسىنى يۈز نۆۋەت ئوقۇپ چىقتىم.بۇ كىتاپنى ئوقۇش ماڭا تولىمۇ ھوزۇر بېغىشلىدى.بولۇپمۇ << گېرمانىيەنىڭ ئاددى پۇقراسى >> ۋە ئۇنىڭدىكى تەپسىلات قەلبىمدە ئاجايىپ تۇيغۇلارنى پەيدا قىلدى.شۇ تاپ كۆز ئالدىمدا مىيۇنخېن بىلەن قومۇلنىڭ ئاقتاش،سەرۋەڭ يايلاقلىرى، غوجامخى بىلەن ئوردىخىنىڭ كەڭ سەينالىرى، قاغۇمتۇرنىڭ گۈلزار باغلىرى بىر تۇتاش بولۇپ كەتتى. خىيال كەپتىرىم بىراقلا ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمغا قايتتى.شۇ چاغلاردا دادام كۆرسەتكەن شىئەن بىلەن كۆكخوت،جېڭجۇ بىلەن ۋۇخەن،چىڭدۇ بىلەن بېيجىڭ،جىنەن بىلەن شاڭخەي ،لەنجۇ بىلەن خاڭجۇ،نەنجىن بىلەن تىئەنجىن ۋە ئۇ يەرلەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ روھى سىياقلىرىقەلب ئېكرانىمدىن بىر- بىرلەپ ئۆتتى. ياغۇچىدىن چەكسىز سۆيۈندۈم،بىز ئۆسكەن زىمىندىن،ئەزىز خەلقىمدىن ئىختىيارسىز مەمنۇن بولدۇم.
كۆرمىسەك بىلمەيمىز،سېلىشتۇرمىساق پەرىقنى تاپالمايمىز.قىسقىسى ئۆزىمىزنى تېخىمۇ تونۇمايمىز. ئۆتكەن يىل سىڭلىم قۇندۇز ئۈرۈمچىدىن مىيۇنخېنغا كۆچۈپ كەتتى.ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتتى، بىز تور ئارقىلىق كۆرۈشتۇق،مەن سىڭلىمدىن:<< گىرمانىيەدە نىمىنى كۆردۈڭ ؟>> دەپ سورىدىم، سىڭلىم :<< سەمىمىيەتنى كۆردۈم،ئېنىق ئېيتسام، مەلىمىز غوجامخىنى كۆردۈم...>> دەپ جاۋاپ بەردى.مەن شۇندىن كېيىن سىڭلىمدىن خاتىرجەم بولدۇم.
ئويلىسام،كىچىك بوۋام نايىپ ئابلىمىت ئاخۇن ھەمىشە:<< خەقنىڭ ھەققىگە قارا ساناش، ئەركەك ئۈچۈن كەچۈرگىلى بولمايدىغان، ئەڭ پەس، نومۇسسىز قىلمىش...>> دەپ بىزگە تەربىيە بىرەتتى.دادام بولسا:<< كاللاڭ ئېلىنسىمۇ راست سۆزلە،سەمىمى ئادەم بول،يالغانچىلىق قىلىپ بىچارە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىل !>> دەپتەكىتلەيتتى.
تەبىئىكى،يالغان سۆزلەش، خىيانەت قىلىش، قۇرۇق ۋەدە بىرىش مۇناپىقلارنىڭ ئۈچ ئالامىتى بولۇپ، بۇنداق مۇناپىقلار بىلەن جەمىيەت تەرەققى قىلمايدۇ، ئەكسىنچەزىددىيەت ئاۋۇپ، كىشلەرنىڭ كۆڭلى بۆلۈنۈپ، ئادەملەر ئىختىيارسىز ھالدا جىن - شەيتانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. كوچىلاردا مېھىر ئەمەس بەلكى قان ئاقىدۇ. شۇڭا سەمىمىيەت بولمىغان جەمىيەتتە ئىشەنچ بولمايدۇ. ئىشەنچ بولمىغان يەردە كىشىلەر بەختنى ھىس قىلالمايدۇ.
1972-يىلى بىز شىئەندە تۇرغان مەزگىلدە دادام بىلەن تۇڭگانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىچىككىنە قوش قاناتلىق ھويلا ئىشىكلىرىگە يوغان ياغاچتا سېرىلمە قۇلۇپ ئورناتقاننىڭ ئۈستىگە يەنە لىم بىلەن ئىشىكىنى تىرەپ ئولتۇردىغانلىغىنى كۆردۈم. شاڭخەيدە بولسا ،كىشىلەر ئىشىكلىرىگە سىپتا ئىشلەنگەن زامانىۋى قۇلۇپلارنى چىڭتاقاپ ،بىنا ئۆيلەرنىڭ دەرىزىلىرىگە گۈللۈك رىشاتكىلارنى ئورنىتىۋالىدىكەن. بىزنىڭ قومۇلدا بولسا ،بۇ ھالنىڭ ئەكسىنچە ئۆيلەردە قۇلۇپ تېپىلمايدۇ. ،ئىشىكلەر ئوچۇق تۇرىدۇ.كۆز ئالدىمدا ئاشۇ يىللار،ئاشۇ شەھەرلەر ،<< گېرمانىيەنىڭ ئاددى پۇقراسى>> دىكى گۈزەل تەپسىلاتلار،مىيۇنخېن بىلەن قومۇل تەكرار ئەكىس ئەتمەكتە،ئاھ ..كۆزلىرىمدە ياش،دىلىمدا ھاياجان !؟.
ھەقىقەتەن مىيۇنخېندا ياشاۋاتقان ھازىرقى كىشىلەرگە ئوخشاش، ئۆتكەن زاماندىكى سوفىيانە قومۇلدا، بىزمۇ ئىگىسى يوق ئېتىزدىن رەيھانگۈل،قۇچقاچ تىلى ياكى كۆكتات ،مىۋە - چىۋىلەرنى ئالساق ھەققىنى بەلگىلەنگەن جايدىكى داڭگالغا باستۇرۇپ قويۇپ كىتىۋىرەتتۇق. بىراق ھازىرچۇ؟!.
ئەي قېرىدىشىم،ئويلىغانسەنمۇ..؟ بىز ئاشۇ زامانلاردىلا نىمە دىگەن ئەركىن ،نىمە دىگەن ئىناق، نىمە دىگەن بەختلىك ئۆتكەن -ھە؟!.
2013يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى.
|
|