قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3358|ئىنكاس: 20

نۇري تېيىپ: كەپتەرلەر-(7)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

70

تېما

16

دوست

9409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   88.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 43
مۇنبەر پۇلى: 795
تۆھپە : 3173
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 11:04:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


كەپتەرلەر-(7)

نۇري تېيىپ

توكيو

مەقسىتىمنى شەرەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، چىرايلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، چۈشەندۈرەلەيدىغانمۇ بولۇپ قالدىم. قەدەملىرىممۇ، كەلگەن ۋاقىتقا قارىغاندا خېلىلا تېزلىشىپ قالدى. پويىز بېكەتلىرىنىمۇ، بىر ئوبدان پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپمۇ قېلىۋاتىمەن. ھەربىيلەردەك ئۇخلاش ۋاقتى، قاچانغا توغرا كەلسە، " ۋىششىدە "خورەكنى تارتىپ ئۇخلىيالايدىغان، قورساق ئېچىپ كەتسىمۇ، بۇرۇنقىدەك ۋايساپ كەتمەيدىغان بولۇپ، چېنىقىپمۇ قېلىۋاتىمەن. ئىقتىسادىمدا ئازراق ئۆزگىرىش بار. ئاندا - مۇندا، دەم ئېلىش كۈنلىرى، ھاھ-ھاھ... دەم ئېلىش كۈنلىرى دېگۈدەك كۈنغۇ يوق، ئايدا بىرەر قېتىم، بازاردىن :
مانى يېسەم بولاما؟ ئۇقۇشماستىن ھارام نەرسىنى سالماي جۇما ؟ پەپ نەچچە سوراپ، نەچچە كۆرۈپ يەپ، ئازراق پۇلمۇ خەجلەيدىغان، بەزى كۈنلىرى كۆڭۈل توختىتالماي، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزۈم تاماق ئېتىپ، دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراشلا...
بىز يەنىلا ئۆزىمىز يەپ، چوڭ بولغان تاماقلىرىمىزغا كۆنگەن ئىكەنمىز. باشقىلارنىڭ تاماقلىرى، رەسىملىرىدە شۇنچە چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، پار - پار - پار قىلىپ پارقىراپ تۇرسىمۇ، ھورى چىقىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بىر يەرلىرى بىر قىسما، ئىسسىق باسمايدۇ. قورساقتا تۇرمايدۇ. ئۇنىڭغا يۈرەكمۇ سوقمايدۇ.
بىردە توم، بىردە ئىنچىكە سوزۇلغان لەڭمەننىڭ چۆپلىرى، يېرىم خام دۈملىنىپ قالغان گۈرۈچلەر، بەزى يەرلىرى قازانغا چاپلىشىپ كۆيۈپ كەتكەن بەرەڭگىلەرنىڭ ... خۇدايىم توۋا دەيمەن، بەزى يەرلىرى، تېخىچە "گىرت - گىرت " خام. شۇنداق بولسىمۇ " ئوخشاپتۇ " دەپ، پاك - پاكىزە سىپاپلاۋېتىدىغان بولۇپ كەتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا، ھەم ياش، ھەم كۈچلۈك، ئىشىمىزمۇ ئېغىر، شۇڭا بىزنىڭ " تۈگمەن"نىڭ پېقىرىشى ئالامەت. ھېلىغۇ خام قالغان، بەرەڭگىكەن، مانداراق تاشنىمۇ، ئۈزۈپ - مىجىپ، پۈركىۋېتىدىغۇ....
مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن، خىزمەتنى يۆتكەپ باقتىم. چۈنكى، كېچىسى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، خوككايدونىڭ خۇرۇملىرى بىلەنلا بولسام، ياپونچە تىلىمنىڭ تېزرەك چىقىشى، سۆزلىشىمنىڭ راۋانلىشىشى يوقلا ئىش ئىدى. بەدەن موسكۇللىرىممۇ، ۋايىغا يېتىپ تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، يەنە بۇرۇنقىدەك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ۋەھشىي، ئەمما ئەرزىمەس جېدەللەرنى چىقىرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ دەردىنى تارتىمەن دەپ، ئاۋارە يۈرۈشۈممۇ مۇمكىن.
بۇداقى يېڭى ئىش، ئاشخانىدا ئۇنى بۇنى پىشۇرىدىغان ئىش. دەسلەپكى سىناق كۈنلىرى ئاساسەن قاچا - قۇچا يۇيۇش، يەر سۈپۈرۈش، ئوبۇرنى تازىلاش دېگەندەك ئاددىي ئىشلار. مۇشۇلارنى ئەستايىدىل قىلماي، قولنىڭ ئۇچىدا، " شارت - شۇرت" قىلىپ، كۆز بويىسىڭىز، تېخى بۇ خىزمەتتىنمۇ، " خوش ئەمسە، ئامان بولۇڭ"نى ئاڭلاپ قالىسىزدە، باشقا يەرگە دوقۇرۇپ يۈرىدىغان گەپ. ھەر ھالدا سىناقتىن ئۆتتۈم. مېنىڭ خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيەم، دۇكان باشلىقىغا ياقتىمۇ؟ ۋە ياكى مۇۋاپىق ئادەم تاپالماي تۇرغانمۇ؟ ئىش قىلىپ، مېنى، تازا خېرىدارلارغا قاراپلا، خېرىدارلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا كاۋاپ پىشۇرىدىغان ئورۇنغا يۆتكەپلا قويدى. مېنىڭ ئاشپەزلىك ھاياتىم مانا مۇشۇنىڭ بىلەن باشلىنىپ كەتتى.
پاھ، بېرى كاۋاپ، كېلىڭ - كېلىڭ... تۆت پۇتلاپ ماڭدى، ئوت لاۋۇلداپ ياندى... بولۇپ كەتتىمغۇ...
ياپونىيەلىكلەرنىڭ كاۋاپلىرى، ئاساسەن توخۇ گۆشى، بېلىق كاۋاپلىرى بولۇپ، ئاساسەن تۇز بىلەنلا پىشۇرۇلىدۇ. ناھايىتى ئاز قىسمى، ئۆزلىرى تەڭشىۋالغان بىر خىل، بىزگە ئانچە ياقمايدىغان، بىر سۇيۇقلۇقىغا چىلىغاچ پىشۇرۇلىدۇ.
ئۇستا بولۇپمۇ كەتتىم، كاۋاپدانغا لىق بېسىلغان، ھەر خىل كاۋاپلارنى، ئۆز يولىدا پېچەت قىرىدىغان، كاۋاپداننىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان خېرىدارلارغا، ئانچە - مۇنچە گەپ قىلىدىغان، سەل كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان قىزچاقلارغا، مەكتەپتە
ئۆگىنىۋالغان، تېخى ئىشلىتىپ باقمىغان چاقچاقلارنى، قىپ قويۇپ، ئۇنى ئۇلارغا تولۇق چ ئۈ چۈشەندۈرەلمەي، چاقچاقنىڭ ئاخىرىنى :
ھە مانا كاۋىپىڭلار پىشتى...
دەپلا تۈگىتىدىغانمۇ بوپ قالدىم. ئامما شۇنى دېيىش كېرەككى، مەن ئاشخانىدا ئاز ۋاقىت ئىشلەپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ كەسىپنى تولۇقى بىلەن ئىگىلەپ كېتىدىغانلىقىمغا ۋە ياپون تىلىنى ئۇيىقىدىن، بۇيىقىغا پات ئارىدىلا چىقىرىۋېتىدىغانلىقىمغا خېلىلا كۆزۈم يېتىپ قالدى. بۇ مەندىكى ئىشەنچ، مېنى جاراڭ - جاراڭ قىلىپ، سۆزلەپ تۇرۇشقا، ئويلىغان نەرسەمنى خىجىل بولماي سۆزلەپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ غەرىزىمنى بىلدۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇردى. خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، دۇكاننىڭ ئاساسلىق ئادەملىرى قاتارىغا ئۆتۈپ، دۇكاننىڭ ئاچقۇچىنىمۇ قولغا ئالدىم. كاۋاپتىن قورما قورۇشقا، قورما قورۇشتىن، بېلىق - پېلىقلارنى پارچىلاشقا، ئاخىرى دۇكاننىڭ ئۇششاق - چۈشەك ھېسابات، سودا - سېتىقلىرىغاسەتىقلىرىغا ئاتلاپ چىقىپ، روھى جەھەتتىنمۇ، ئانچە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغان، ھەتتا ياپونىيەلىك ياش ئوقۇغۇچى خىزمەتچى ( مەكتەپتىن سىرتقى ) لەرنىڭ ئىش كۈنى، ۋاقىتلىرىنىمۇ مەن ئورۇنلاشتۇرىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدىم.
ۋاھ. ياخشى ئىشلىسە قايىل بولمايدىغان ئادەم يوقكەن. ئاشۇ ياپونىيىلىك دۇكان باشلىقى، ماڭا ئىشىنىپ، دۇكاننى بىر نەچچە كۈن، ماڭا تاشلاپ بېرىدىغانمۇ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مائاشىممۇ كۆتۈرۈلدى، لېكىن مەسئۇلىيەت ئۇنىڭغا ماسلىشىپ تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. مەنمۇ بۇ ئاشپەزلىك كەسپىنى، بارغانچە ياقتۇرۇپمۇ قېلىۋاتىمەن.
يانچۇققا ئازراق پۇلمۇ يىغىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ھېلىقى تاياق يېگۈچىنىڭ پۇلىنى تۆلەش ۋە ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ياردەم قىلغان ئاكىلارغا، رەخمەت ئېيتماي بولمايدۇ. چۈنكى بۇ، ئۆتنە جاھان. تاياق يېگۈچى ئاكىمىزغا " پۇلنى چوقۇم قايتۇرىمەن " دەپ ۋەدە بەرگەن ئەمەسمىدىم... ئۇنى ئۇنتۇپ قالساق، ئىشنىڭ تۈگىگىنى شۇغۇ...
تەييارلىغان پۇلۇمنى قېرىندىشىمغا تاپشۇردۇم. تاياق يېگۈچى ئاكىمىزنىڭ پۈتۈن تەلىپىنى قاندۇرۇشنى ئۆتۈندۈم. ھەمدە ئاشۇ ئىدارىمىزدىكى، بارلىق خىزمەتداشلارنى يىغىپ، رەخمەت ئېيتىشنى تاپىلىدىم. ئۇ ئىشلارمۇ جايىدا پۈتتى.
قىزىق بولغىنى، ئۇ ئولتۇرۇش شۇنداق قىزىپ كەتىپتۇمىشكى، ھېلىقى مېنى ياقتۇرمايدىغانلار، مېنى شۇ ۋاقىتتا تۈرمىگە سولۇتالماي، ئارامى بۇزۇلغان يولداشلار، پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، مېنى تولىمۇ سېغىنغانلىقىنى، بىر كۆرۈشكە تەشنا ئىكەنلىكىنى، داستىخان سېلىشقا ياردەم بەرگەن قېرىندىشىمغا قايتا- قايتا تاپىلاپتۇ. كۈلۈپ كەتتىميۇ..." سالامەت بولسۇن " دەپ سالىمىنى قوبۇل ئەتتىم. ئۆزۈممۇ مۈرەمدىكى، مېنى يىللارچە بېسىپ تۇرغان، ئېغىر تاشنىڭ " گۈپپىدە " قىلىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
ھاياتتا ۋەدىسىدە تۇرالماسلىقتەك نومۇس ئىش بولمىسا كېرەك. بۇ بىر ئەركەكنىڭ زىننىتى، بۇ بىر ئەركەكنىڭ قالقىنى. ئەگەر ۋىجدانىم بىلەن ياشايمەن، دېگەن ھەر قانداق ئەركەك ئالدى بىلەن، مۇشۇنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك، دەپ مەن ئويلايمەن. ھاياتىمدا كوپمۇ ئاڭلىغان بىر گەپنى قېتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ :
كۆپىنچە ئەرلەر، ئۆزىگە ئازراق توك قاچىلىۋالغان ۋاقىتتا، " مەن ۋىجدانىمغا خىلاپلىق قىلىپ باقمىغان " دېيىشكە ئامراق. لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ، توكى ئۆچكەن ھامان، شۇ گېپىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ - دە، ياشاۋېرىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە يەنىلا ئەركەكلەر قاتارىدىن ئورۇن بېرىپ، پەقەت ئوزىلا بېكىتىۋالغان، ۋىجدان تارازىسىدا ئۆزىنى ئۆلچەپ، ئۆزىگە ئۆزى، ئۆزى رازى بولغۇدەك باھانى بېرىپ خاتىرجەم ياشاۋېرىدۇ. بۇ مۇرەككەپ ھاياتتا، بۇ خىلدىكى ئەركەكلەر، بىر مەزگىل باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئەرىشكەندەكمۇ بولىدۇ يۇ، يەنىلا جامائەت سېپىدىن، خۇددى قۇمغا يېزىلغان خەتتەك تېزلا ئۆچىدۇ.
جاپالىق، ئالدىراش ھايات ئوز رىتىمى، ئوز پەدىسى بىلەن ئوتىۋەردى. نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ تۇردى. بۇلار ئاساسەن يات تىلنى ئۆگىنىش جەريانىدىكى درامىلار. تىل ئۆگىتىش مەكتىپىدىكى بىر مۇئەللىمىمنىڭ مۇنداق بىر گېپىنى، تىل ئۆگىنىشتە قوبۇل قىلدىم.
مۇئەللىمىمىزنىڭ دەرس سۆزلەش مېتودى شۇنچە ئۆزگىچە ئىدىكى، بەزى بىر سۆزلۈكلەرنى، سۈپەتلەرنى چۈشەندۈرۈشتە، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇ مۇئەللىم دائىم :
بىرەر نەرسە، بىرەر ئىش ھەرىكەت ھەققىدە ئويلانغاندا، كاللاڭدا قانچىلىك ياپونچە بولسا، بارىنى ئىشلىتىپ، ئامال بار ياپونچە ئانالىز قىل، شۇ ئىشلارنى ئاۋۋال، شۇ ياپونچەڭ بىلەن كاللاڭدا بىر سۆزلەپ كور، شۇنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن، قىلماقچى بولغان ئىشىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، سۆزلۈكلەرنىمۇ بىر يولدىلا ئۆگىنىشكە پايدىسى بولىدۇ. دەپ سۆزلەپ كېتەتتى.
دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، نەدىكىنى دەيسىز ؟ ئالدىراش ھاياتتا، سەللا پۇرسەت بولۇپ كۆزنى يۇمساق، ئاتا- ئانا، ئوخشىغان تاماقلار، قىزىغان ئولتۇرۇشلار كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتقان. ياپونچە ئويلاپ ئاۋارە بولغۇچە، " شارت - شۇرت" قىلىپ ئۇيغۇرچە ئويلاپ، خىيالىمدا ۋەتەنگە " دىككىدە " بېرىپ كەپ بولاتتىم.
شۇنداق قىلىپ تىلىمىزمۇ خېلى راۋانلىشىپ قالدى. مەكتىۋىمىزمۇ پۈتتى. ئاشپەزلىكتە ئازراق بولسىمۇ، ئاساس تۇرغۇزۇلدى. ياپوننىڭ ھەر خىل پىچاقلىرىنى نورمال ئىشلىتەلەيدىغان، قورما - پورما، كاۋاپ - شورپىلىرىنى، تاس - تۇسلا قېلىۋېتىدىغان، بېلىق تۇرلىرى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىمۇ ئازراق بىر نەرسە ئىگىلەپمۇ قالدىم.
يۇرتنى سېغىندىم. يانچۇققا ئازراق پۇلمۇ چۈشتى. ئۇ يەر بۇ يەر قىچىشقىلى تۇردى.
ئاپامنىڭ :
جېنىم بالام، مۇشۇنداقمۇ يوقاپ كېتەمسەن ؟ قاچان بىزنى كۆرگىلى كېلىسەن ؟ سېنى سېغىنىپ، بىر كۆزۈم ياش، بىر كۆزۈم قان. بۇ يىل چوقۇم بىر قېتىم كەلگىن، جېنىم بالام...
دېگەن گەپلىرى ئايروپىلان بېلىتىنى " ۋاچچىدە " ئېلىۋېتىشىمگە تۈرتكە بولدى.
ئاتا- ئانامدىن 2 يىلچە ئايرىلىپ باقمىغاچ، ئانامنىڭ گەپلىرى يۈرىكىمنى، بىر قىسىملا قىپ قويدى. توختا، 24 يىل ئانام ئەتىپ بەرگەن، تەييار تاماقنى يەپ كەپتىمەن، ئەمدى ئۆچىرەت ماڭىمۇ كەلگەندەك قىلىدۇ. بۇ يەردە ئۆگەنگەن، تاماقلىرىمنى ئاپام - دادامغا بىر ئەتىپ بەرمەيمۇ. دېگەن ئوي كىردى- دە تەييارلىقنى باشلىۋەتتىم.
ئۈزۈم قىلىپ كۆرگەن دائىرىدىكى تاماقلارغا، ئىشلىتىلىدىغان دورا - دېمەك، ئاچچىقسۇ - پاچچىقسۇ، ياپونلارنىڭ پۇرچاقتا ياسىغان، شورپىغا ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللىرى دېگەندەك كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تولۇقى بىلەن ئېلىپ، سومكىغا نىقتاپ سالدىم.
2 يىلچە ئايرىلغان ۋەتىنىمگە قوندۇم. چوڭ ئۆزگىرىش ھېس قىلالمىدىم. كۆزۈمگە چېلىققىنى پەقەت، كىشىلەرنىڭ ئاستا، مېڭىشى بولدى. راستتىنلا، كىشىلەرنىڭ ماڭغۇسى يوقتەك، گۇگۇم چۈشكەن ۋاقىتتىكى، كەچلىك تاماقلىرىنى سىڭدۈرگەچ، كوچا ئايلىنىۋاتقاندەك، ئاستا يۆتكىلىۋاتقان قەدەملەر، مېنىڭ 2 يىلنىڭ ياغى، ئارقامدىن توپا چىقىرىپ، پاتىراقشىپ يۈگۈرۈپلا يۈرگەنلىرىمنى قايتا ئەسلەتتى.
ئەسسالام ئەلەيكۇم. چوڭ سالام بىلەن ئاپتوبۇستىن سەكرەپلا چۈشۈپ، ئاپامغا ئەسلىدىم. يۈرىكىم " دۇب دۇب " قىلىپ، ئاپامنىڭ يۈرىكى بىلەن ئوخشاش رىتىمدا، باشقىچىلا سوقماقتا. ئاپامنىڭ كوزىدىن ئاققان خۇشاللىق ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرەلمىدىم. مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقتى...
دادامنىڭ دېيىشىچە، ئاپام كېچىلىرى ياخشى ئۇخلىيالمىغىلى، خېلى كۈنلەر بوپتۇ. كېچىلىرى نەچچە - نەچچە قېتىم " كۆك كۆزۈم " دەپ جۆيلۈپ كېتىپتۇ. مېنىڭ توكيودىن ئۇچقانلىقىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئويىمىزدىكى، مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشتە ئىشلەتكەن، دۇنيا خەرىتىسىنى ئېچىۋېلىپ :
بالام ھازىر مەيەردە ئۇچىۋېتىپتۇ. ۋىيەي خۇدايىم دېڭىزنىڭ ئۇستىدىن ئۆتىدىكەنغۇ... خۇدايىم ساقلىسۇن بالامنى، خويمۇ يىراق بىر يەرگە چىقىۋالدى، بۇ كۆك كۆزمۇ...
دەپ كۈندىلا خەرىتىگە قاراپ ئولتۇرغانىكەن. مەن غۇلجىغا چۈشىدىغان كۈنى، تېخى تاڭ ئاتمايلا كىيىملىرىنى كىيىپ، قاتناش بېكىتىگە نەچچە - نەچچە رەت، چىقىپمۇ بولغانىكەن.
ئىچە بالام ئىچە، ئاپاڭنىڭ ئەتكەنچېيىنى تازا سېغىنغانسەن ؟!! ئەتكەنچايغا چىلانغان نانلارنى، بىرنى ئاغزىمغا سالسام، سېكۇنت ئۆتكۈزمەي، ئورنىغا يەنە بىرنى سېلىشقا تەييارلا تۇرغان، ئاپامنىڭ كۆزلىرى، نۇر چاقناپ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدۇ. ئاپام ماڭا قاراپ - قاراپ تويمايۋاتىدۇ. پات - پات ئورنىدىن تۇرۇپلا، يېنىمغا كېلىپ، باشلىرىمنى سىلاپ، قۇلاقلىرىمنى يېنىك قىلىپ تارتىپمۇ قويۇۋاتىدۇ. مەڭزىمگە " ئۇممم مە... ئوتى يامان كۆك كۆزۈم" دەپ سۆيۈپمۇ قويۇۋاتىدۇ. نان چايناۋاتقان ئېغىزىمغا زوقى بىلەن قاراپ، :
ھەي كۆك كۆز، سەن بەڭۋاشمۇ چوپ - چوڭ يىگىت بوپ كەتتىڭ جۇمۇ... كىچىكىڭدە چوڭ ناننىڭ چېتىنى يەيتىڭ، ئوتتۇرىنى يېمەي. ھەي مۇشۇ بالام چەتئەلگە چىقىپ كېتەرمۇ ؟ دەپ بەك ئەنسىرىگەنتىم. مانا دېڭىز ئاتلاپ، راستىنلا چەتكە چىقىۋالدىڭ مانە.... بۇنى بىلگەن بولسام، ناننىڭ قىرىنى بەرمەسكەممەن بالام ساڭا... قارا بالام، سەل ياداپ قالدىڭمۇ نېمە؟ دېگەچ بەلەكلىرىمنى سىلىدى.
ھوي بالام بېلەكلىرىڭگە نېمە بولدى؟ چىڭىپلا كېتىپتىغۇ ؟
ئاپا مەن چېنىقىپ كەلدىم.
ئۇنىڭدىن باشقا، نېمە دېيەلەيسىز؟ دەڭ! ھېلىقى، كېچىسى ئۇخلىماي چۇشۇرگەن، خۇرۇملارنىڭ گېپىنى قىپ سالسام، ئاپام قايتىش بېلەتلىرىمنى، ئەلۋەتتە يىرتىپ تاشلايدىغۇ.... تارتقان جاپالىرىمنى ئاپامغا دەپ، ئاپامنىڭ يۈرىكىنى ھەرگىزمۇ ئەزگۇم يوق. ئاپام مېنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندەك، ئوقۇۋاتىدۇ دەپلا ئويلاپ قالسۇن...
ھە بالام، جېنىم بالام، كۆك كۆز بالام، بەڭۋاش بالام ھە؟ گەپ قىلە؟ نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ ئۇ پاكىنەكلەرنىڭ دۆلىتىدە؟ ئاپام سوئال دىگەننى ياغدۇرىۋەتتى.
شۇ ئاپا، ئوقۇش بىلەن ئالدىراش ئوتتۇم. ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنىۋاتىمەن ھازىر...
ئانا يەنىلا ئوغلىنىڭ، زادى جاپا تارتتىمۇ يوق؟ مۇشۇنىلا بىلگۈسى بار.
دادا، ئاپا ئەتە مەن سىلەرگە تاماق ئېتىپ بېرىمەن. مەنمۇ خېلى - خېلى تاماقلارنى ئېتەلەيدىغان بولۇپ قالدىم قاراڭلا... دېدىم.
ئاپام :
ۋاي خۇدايىمەي، توۋا دە بالام. مېنىڭ پىلانىمنى بۇزما. سېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرىڭنى، مانا مەن بىلىمەن. قاتىرۇۇۇۇۇسىغا ئېتىپ بېرىمەن بالام. گۆشناندىن باشلىسام، سەن قايتىدىغان كۈنگىچە، ھەممە سەن ياخشى كورىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرەلىگۈدەكمەن بالام...
ئاپام يېقىن كېلەمدۇ دەيسىز ؟
ئانا ھامان ئانا. ئانا بالا ئۇچۇن، ئۆزى چايناپ، يۈتۈپ بولغان نەرسىنى چىقىرىپ، بېرىشكە رازى. ئۇلۇغ ئاللا ئانىغا شۇ خىسلەتنى، ئايىمايلا بەرگەنىكەن. شۇڭا ئانا يۇرەك پارىسى ئۇچۇن، ھىچنىمىسىنى ئاياپ قالايچۇ؟ دەپ ئىككىلەنمەيدۇ. ھەتتا بالىسى ئۇچۇن، ئەزىز جېنىنىمۇ تىكىۋېتىشكە رازى....
ئاخىرى، دادامنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ياپونىيەدىن ئېلىپ كەلگەن، دورا - دەرمەك، تاراق - تۇرۇقلار قازان بېشىغا چىقتى.
مېنىڭ بۈگۈنكى ھۈەر كۆرسىتىش سەھنىسىگە، " كوزۇر " قىلىپ ئېلىپ چىققىنىم، توخو قورمىسى بولدى.
دادامنىڭ " بالام كەلسە، سويۇپ بېرىمەن " دەپ بېقىپ قويغان توخوسىنى، قاقاقلىتىپ، ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي سويۋەتتۇق. ياپوندا ئىشلەپ، توخو پارچىلاشقا ئۇستا بوپمۇ كەتكەنتىم.
ۋالاق - ۋۇلۇق قىلىپ، كوكرەك قىسمى، پاچاق... ئۇ يېرى، بۇ يېرى دەپ، ئايرىپ تەق قىلىۋەتتىم. قولۇمدا بىر ئەپچىل ئويناپ تۇرغان پىچاق، دادامنىمۇ قىزىقتۇرالىدى ۋە:
" ھە سېنى بۇرۇنلا، ياپونغا چىقىرىۋېتىش كېرەكتىكەن ئەسلى بەڭۋاش، يارايسەن!" دېگەندەك قىلىپ بېشىمدا مېنى كۆزۈتۈپلا تۇردى. بۇرۇن قۇربان ھېيتلاردا دادام قوي سويسا، دادام تېرىسىنى ئاجىراتقىچە، قوينىڭ پۇتىنى تۇتۇشۇپ بېرەتتىم. بۇگۈن تۇنجى قېتىم، پىچاق مېنىڭ قولۇمدا... لېكىن توخو دە...بۇ.
قورۇما قورۇلۇپ، ئۈستەلگە كەلتۈرۈلدى. قورۇمىنىڭ رەڭگىمۇ ھەر ھالدا، " ئوخشىغاندەك قىلىدۇ جۇما، يەپ باقايچۇ " دېگۈزگىدەك چىرايلىق چىقتى. دادامنىڭ تىلىغا خېلى ئوبدانلا تېتىدى. لېكىن ئاپامغىزە... ئاپام پەقەت مېنىڭ كوڭلۇمنى دەپلا، تەستە يەۋاتىدۇ. ئاپامنىڭ چىرايىدىن دەرھال سېزىۋالدىم.
2- قېتىمدا ئۆزۈمگە خېلىلا ئىشەنچىم بار، بېلىق قورۇمىسى بىلەن، ئاپامنى بىر ھەيران قالدۇرماقچى بولدۇم. لېكىن، رەھمەتلىك ئاپام زادىلا يېقىن كەلمىدى.
ئاپام :
خۇدايىم توۋا دە بالام، بېلىق ئەلۋەتتە ھالال. لېكىن جېنىم بالام، ئاۋۇ... ئۇنى سېتىۋاتقان پاسكىنا خىتايلار ئۇنى، مەينەت قوللىرى بىلەن تۇتۇپ قويغان. ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان نەرسىنى، قانداق يېگىلى بولىدۇ بالام. كۆڭلۈڭگە رەخمەت جېنىم بالام، يېگەندەك بولدۇم.
دەپ زادىلا ئۇنىمىدى.
ئاپامنىڭ دېگىنىمۇ توغرا، ئۇ ۋاقىتلاردا يىمەكلىكلەر، ئەلۋەتتە ھازىرقىدەك بۇلغانغان بولمىسىمۇ، چوڭلار ئاساسەن، ياتلار تۇتۇپ قويغان، يېمەكلىكلەرگە ئانچە قىزىقمايتتى. ھەتتا ئاپام، باناننى ياتلار يەيدىغان مېۋە دەپ، ھەرگىز يېيىشكە ئۇنىمايتتى. ئاپامنىڭ ئالدىداياتلار ساتقان، بېلىق دېگەن..... ئووووشھھ....ئۆتەپ بااا...... جۇگۇ... بېششىڭنى يەيدىغان ...لا ئىدى.
يازمىنىڭ بېشىدىكى، مېنىڭ كەپتەر بېقىشىمغا سەۋەپ بولغان رەھمەتلىك دوستۇم بىلەن، ئاپامغا ئۆز قولۇم بىلەن بېلىق تۇتۇپ، زادى بىر بېلىق پىشۇرۇپ بەرگۈم كېلىپ، غۇلجا بايكۆلگە ۋېلسىپىتلىق چىقتۇق، نەتىجە تازا دېگەندەك ياخشى بولمىدى. بايكۆلنىڭ سۇلىرىمۇ ئازلاشقا قاراپ مېڭىپتۇ. يالماۋۇز كىشىلەر ئەنە شۇ 92 - يىللاردىلا ئىلىنىڭ كۆللىرىنى قۇرۇقداشقا باشلاپتىكەن...
ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمىدى. غۇلجىدا يىگىرمە نەچچە كۇن تۇرۇپ، يەنىلا ئاپامنىڭ ئەتكەن، مەززىلىك تاماقلىرىدىن تويغىچە يەپ، قوساقلىرىمنى سىلاپلا ئۆتكۈزدۈم. لېكىن ئاپامنىڭ :
-بولدى بالام، ئەتكەن تامىقىڭنى، پىشۇرغان بېلىقىڭنى يېگەندەك بولدۇم،. دىگەن يۇرەك سوزى، ھېلى ھەممۇ قۇلۇقۇم تۈۋىدە جاراڭلاپ، مانا يىئەئىرمە بەش يىل ماڭا ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەگەر، ئەگەر... ھازىر بولغان بولسا... ھەييي... ھازىر شۇ ئانام، يېنىمدا بولغان بولسا.....
مانا ھازىر مەن، يىگىرمە بەش يىللىق ئاشپەز. نۇرغۇن دۆلەت، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تاماقلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ پىشۇرۇپ كېلىۋاتقان، بىر ئاشپەز. ئىشەنسىڭىز ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يازمىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاشپەزلىك جەھەتتىكى كەچۈرمىشلىرىم يېزىلىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەت بىرلا گەپنى ھازىر قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئىشىنىڭكى ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. ھازىر مەن، يېڭى بىرەر خېرىدار ئاشخانىغا كەلدى، دېسەك، ئۇنىڭ بىلەن بەش مىنۇتچە پاراڭلاشسام، ئەشۇ خېرىدارنىڭ گەپ - سۆز، مىجەز-خۇلۇقلىرىدىن، قىزىقىشلىرىدىن، ئىچىۋاتقان ئىچىملىكلىرىدىن، ئۇنىڭ قانداق تەملەرنى ياخشى كورىدىغانلىقىغا 70- 80 % توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان يەرگە كېلىپ قالدىم.(بەك پو بوپ كەتتى دەپ ئويلاپ كەتمىگەيسىز. بۇ راست)
ئەگەر ئانام ھازىر ھايات بولغان بولسا:
ۋاي بالام، ماۋۇ قورۇماڭ ھەجەپ ئوخشاپتۇ، ھۇي، سەن كۆك كۆزمۇ تاماق ئېتەلەيدىغان بوپ كېتىپسە ھە ؟... ئۆيدە كېلىنچەك، نېمە ئىش بىلەن ئالدىراش؟...، ھۇي بالام.... قازان ئېشىنى ئىگەللىپلاۋاپسەنغۇ... دەپ سۆزلىتىپلا قويالايتتىم ئەمەسمۇ...
جەئېىم ئانا مەن سېنى سېغىندىم.......يەنىلا سېنىڭ تاماقلىرىڭنى سېغىندىم... مەن يەنە قانچىلىك ئۇستا ئاشپەز بولۇپ كېتەي، سەن ماڭا ئېتىپ بەرگەن ئەشۇ، ئاغزىمدا قالغان تەمنى، مەڭگۇ ئېسىمدىن چىقىرالمايمەن... ئەشۇ قولۇڭنىڭ تەمىنى، مەڭگۇ چىقىرالمايمەن.... رەخمەت ئانا... مەن ساڭا مەڭگۇ رەخمەت ئېيتىمەن.....

داۋامى بار


25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   31.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7328
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 12:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكايلەرنىڭ ئاخىرى ئۇزۇلمىسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

1376

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22881
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 12:59:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز

0

تېما

0

دوست

405

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   52.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28828
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 13:19:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر مىجىت ئەپەندىمنىڭ بىزنى مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىغا تەشەككۈرلەر بولسۇن ! نۇرى تىيىپ ئەپەندىمنىڭ يازمىلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا تەشنامىز ! ئۇلۇغ ئاللاھ ئىككى ئاكىمىزنىڭ قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن ! ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،ئۆمرىگە بەرىكەت بەرسۇن !

2

تېما

1

دوست

1301

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17701
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 13:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت. داۋامىنى ساقلايمىز.

0

تېما

4

دوست

3044

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 950
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 14:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچاندىن باشلاپ «كەپتەرلەر» دېمەي «كەپتەرلار» دەيدىغان بوپكەتتۇق؟

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2352
توردىكى ۋاقتى: 583
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 21:20:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلا

0

تېما

2

دوست

706

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 22:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«نۇري تېيىپ: كەپتەرلەر» ---ماۋزۇ خېتى خاتا بولۇپ قالدىمۇ - نىمە ؟

«نۇري» دەپ ئىسىم ئاڭلاپ باقمىدىم ، «نۇرى» دەپ يازساق توغرا بولاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )