- تىزىملاتقان
- 2011-4-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7116
- نادىر
- 0
- يازما
- 355
ئۆسۈش
42.32%
|
ئەمۋاي ئەمۋاي ،،بىز ئۇيغۇر خەقنىڭ زادى ئاشۇنداق ئىقتىسادىي ئەمەلىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان دەرىجىدىكى ئالىي مەھسۇلاتلارغا ئېھتىياجىمىز چۈشۈپ ،ئەۋالىمىز قالماي كېتىپ بارامدۇق ؟ قۇۋۋەت تولۇقلىمىلىرىنى يېمىسەك ،قازىنىدا تاماق ئەتمىسەك ،يەپ بولۇپ ،تازىلاش سۇيۇقلىقىدا يۇيمىساق ،ئېغىز پۈركۈمىسىنى پۈركۈمىسەك ئۆلەر ھالەتكە يەتكەن قايسىلىرلا بار قېنى ؟ "ئادەم ئەسلى كېسەل بولمايدۇ ،ئوزۇقلۇق كەملىكتىن ھەرخىل ئالامەتلەر بولىدۇ " ئاساسلىق سەپسەتىسى موشۇغۇ ؟ . ئەجەپ ئەمۋاينىڭ ھىدىنىمۇ پۇراپ باقمىغان ئاتا -بوۋىلىرىمىز چىناردەك قامەتلىك ،ساغلام ،توغراقتەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپتىكەن . نېمىشقا ھەرقايسىڭىزلار قولدا تىيىن يوق ،جەددى-جەمەتىڭىزلەردىن قەرز يىغىپ ،ئەمۋايچى ،كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى بولۇپ ،پالانى پۇللۇق مەھسۇلاتنى يىغىۋېلىپ ،يەنە ئۇنى ياندۇرۇپ ئاشۇ قەرز بەرگەن "يۈزى تۆۋەن "لەرگە زورىغا سېتىپ ،ئىككىنجى كۆرۈشكۈسى كەلمەس قىلىپ ،زېرىكتۈرۈپ ،ئۆيگە يىللىق دارامەت باسقاندەك دۆۋە قىلىپ "ئاممامسە ۋاي" بېسىۋېلىپ يۈرىشىسىزلەر ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن " تېگىمدە ئىشتان يوق ،ئېتىم مارجان بۈۋى" دېگەندەك ،ھەر ھالال ئوقىتى بىلەن ئەل قاتارى كۈن كۆرىۋاتقانلارنى ياراتماي .نەق پۇلى يوق مىليونىر بوۋالدىڭىزلار ؟ ئەمۋاي بىزگە كىرگىلىمۇ خېلى يىل بوپ قالدى ،قېنى شۇ مىليونىرلار ؟ قېنى شۇ كەمدىن تارتىپ ھازىرغىچە قاڭتۇرۇلغان ئاتتەك قەددىنى تىك تۇتۇپ ،پەنەرى چىڭىتىپ قويۇلغان ئويۇنچۇق ئادەمدەك روھلۇق يۈرگەنلەر ؟شەخسىيدىنمۇ شەخسىي نادان كۆز قارىشىمچە ،ئەمۋاي باش-ئاخىرىنى ھەقىقىي دەڭسەپ كەلسەك ،خەلقىمىزگە ئاسايىش ،راپاۋەت ئېلىپ كەلمىدى .مەيلى قايسى دۆلەتتە قانداق روناق تاپقان بولمىسۇن ،بىر ئەسىرچە قەدەملەر كەينىدە قالغانلىقىمىزدەك كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت بۇ خىل " دايۆجىن"لەرچە سودا -تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يەكلەپ قويدى. قىسمەن "مۇئەللىم،خانىم" لارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئامۋايدىن زىيان تارتىپ ،كۆڭلى ئازار يېگەنلەر يەنىلا كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ .بۇنىڭغا ئىرادىلىك ئامۋايچى قېرىنداشلىرىمىز چوقۇم " بۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرمىگىنىدە ،ئىدىيىسىنى ئازاد قىلمىغان" دەپ بىر مۇنچە ئېتىراز بىلدۈرىدۇ .،ھالال-ھارىمىنى ھېسابلاشماي تۇرۇپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپ باقسام ،ئا مۇئەللىمنىڭ مانچە پۇلى بار ،ب خانىمنىڭ مۇنچە بىساتى باردەك ،دېمەي ،مانا مەن مانچە يىل ئەمۋايچىلىق قىلىپ ،مۇنچىلىك پايدا ياراتتىم دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ ،بىرەرى مەيدانغا چۈشەلەمدۇ ؟ جىن كۆرگەنلەرنىڭ پارىڭىلا تولا ،راست كۆرگىنى ئاز شۇنداققۇ ؟ئەمۋايغا قەدەم قويغاندىكى ھاياجانلىق ئارزۇ -غايىلىرىڭىز ناھا بۈگۈندە ئاي جامالىنى زاھىر قىلدىمۇ ياكى سۇدىكى ئاي شولىسىدەك چىمىرلاپلا تۇرامدۇ ؟ |
|