- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9771
- نادىر
- 45
- يازما
- 123
ئۆسۈش
95.42%
|
كەپتەرلەر -(8)
نۇري تېيىپ
ئانداق - بولغان، مانداق بولغان، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئامال يوق قىلىپ سالدىم. بولمىسا قىلغۇم يوقتى ئەمدى...ئاپتوبۇس ۋە پويىز كەلمەي، مانا كېچىكىپ قالدىم، بولمىسا كېچىكمەيتتىم مەن... دەپ، سەۋەنلىكنى ئامال قىلىپ باشقىلارغا دۆڭگەپ، " ئېشەكنى كۆرۈكتىن ئۆتكۈزۈۋېلىش " تاكتىكىسى "... ئەمما لېكىن، ياپوندا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. راست دېگەندەك، بۇ يەردە خىزمەتكە كېچىكىش، ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ، قۇتۇلىدىغان ئىشلار ئاساسەن مەۋجۇد ئەمەسكەن. خىزمەتكە كېچىكىش، ھەتتا زۇكام بولۇپ، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈشمۇ، ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ئىشىڭىز، ۋە قاتتىقراق ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي ئىناۋىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان، بەكمۇ مۇھىم ئىشلار ئىكەن.
دەسلەپتە مەنمۇ ۋەتەن پاسون:
ۋاي 5 تە بولغاندىكىن 6 لەردە بارساممۇ بولا... مەن بولمىسام ئىش توختاپ قالامتى.... ۋاي ئەتە قىلىۋېتىمەنغۇ... مېنىڭ ئىشىممىتى ؟ ۋاي نېمانچىۋالا قىپ كېتىمەن ھوي... ئاكتىپلىق قىلىپ...دېگەندەك ئادەتلەرنى دوست قىلىپ، نەچچە قېتىم داۋامنى يەپ، ئاخىرى بۇلارنىڭ جەمئىيەت ئەخلاقىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدىم. قوبۇل قىلمايمۇ بولمىدى.
تاماكىنى چېكىپ بولۇپ، قالدۇقىنى تىرناقنىڭ ئارىسىغا قىسىپلا، كۆرۈنگەن يەرگە " ۋىرتتىدە " قىلىپ تاشلايدىغان، " چىرتلا " قىلىپ، ئۇ يەر، بۇ يەرگە تۈكۈرۈپ قويىدىغان، پويىزلاردا ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئاۋازنى بولۇشىچە قويۇۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىدىغان، پويىزلارغا ئۆچۈرەت ساقلىمايلا، خۇددى پويىز كېتىپ قالىدىغاندەك، ئالدىراپ - تېنەپ، خەقلەرنى ئىتتىرىپ - ئىتتىرىپ چىقىدىغان ئىشلارنى، ئاستا - ئاستا تۈزۈتۈشكە باشلىدىم.
كۈنلەر تولىمۇ ئالدىراشچىلىقتا، بىرىنىڭ - كەينىدىن بىرى، شۇنداق تېز ئۆتمەكتە. ئاشپەزلىك كەسپىدىمۇ ئىلگىرىلەش تېز. كاۋاپ پىشۇرۇش، قورۇما قورۇش جەھەتتە، لاياقەتلىك بولۇپ، سۇ مايدا بىرنېمىلەرنى پىشۇرۇش، بالدىقىغا يېتىپ كەلدىم. ئۇستامنىڭ دېيىشىچە بۇنىڭدا ئاز دېگەندە 3 يىل تۇرارمەنمىش.
پاھ...بۇنى ئىگىلەش، بۇنى ئۆگىنىش شۇنچە قىيىن بىر ئىشمىدۇ؟ ماي قىزىسا، نەرسىنى سالساملا، " بۇژۇلداپ" پىشسىلا بولمىدىمىكىنە؟ بىزنىڭ ئۇستامنىڭ، بېشىدىمۇ ئازراق بارمۇ نېمە ؟
ئۇنىڭ گېپىگە تازا قايىل بولمىدىم. لېكىن قارشىلىقمۇ قىلمىدىم. قېنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرەرمىز....
ياپونىيىدە ئاشپەزلىك كەسپى، تولىمۇ جەريانى ئۇزۇن، قەدەم - باسقۇچلىرى تولا بىر كەسىپ. بۇ يەردە مەن، مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈپ كېتەي.بىر ياش يىگىت، 16 - 17 يېشىدىن باشلاپ مۇشۇ كەسىپنى ئىگىلەشكە بەل باغلاپ قالسا، مۇنداق بىر نەچچە باسقۇچنى، چوقۇم باشتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.ئاۋۋال، قاچا - قۇمۇچ يۇيۇش. 6 ئاي، بىر يىلغىچە مۇشۇلا ئىش. ياپونلۇقلارنىڭ بىر قېتىملىق كەچلىك تامىقىدا ئىشلىتىدىغان قاچىسى، ۋاي - ۋۇي ئىش قىلىپ، ۋايجېنىڭىزنى چىقىرىۋېتىدۇ كۆپلۈكىدىن. بىر يىلدىن كېيىن، سىز ئەمدى قاچا يۇيۇشقىمۇ ئۇستا بولۇپ قالىسىز. بۇ جەرياندا سىز، ئاشخانا ئىچىدىكى مۇھىتقا كۆنىسىز. ئاشخانىدىلا ئىشلىتىلىدىغان كەسپىي سۆزلۈكلەرنى، ئۇستازغا بولغان ھۆرمەت، خىزمەتكە بولغان ئەستايىدىللىق... دېگەنگە ئوخشاش قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگۈنىسىزدە. دەسلەپكى قەدەمدە، كاۋاپدانغا مەسئۇل ئۇستامنىڭ ياردەمچىسى بولىسىز. بۇ بىر يىلچە داۋاملىشىدۇ. ئاندىن قورۇمىغا ئۆتىسىز. بۇ جەرياندا ئىشىڭىز كۆپىيىپ، دۇكاندا ئىشلىتىلىدىغان، تاماققا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىشىڭىز، چوڭراق گۇرۇپپىلارنىڭ ئولتۇرۇشلىرىنىڭ تاماقلىرىنى، دۇكان پايدا كۆرىدىغان، خېرىدار رازى بولىدىغان ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىسىز. سېتىۋالغان مالدىن قانچىلىك پايدا ئالغاندا مۇۋاپىق بولىدۇ. توڭلاتقۇدا يەنە قانچىلىك خام ماتېرىيال بار؟ قانچە كۈنگە يېتىدۇ، قىممىتى قانچىلىك ؟ دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارمۇ سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار. كۆپ ياشلار مانا مۇشۇ بالداقتا " كۆتە ۋاا قاسقىنىڭنى.... " دەپ تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. ئاشپەزلىكتىكى تولىمۇ قىيىن ئۆتكەللەرنىڭ بىرسى.
مەن بۇ ئۆتكەلدىن تولۇق نومۇر بىلەن ئۆتۈپ كەتتىم. بارغانچە يېڭىنى ئۆگەنگۈم كەپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمما بۇ بالداقتا مەن، كەلگۈسى ئىككى بالداقتىن كېيىن، ئاندىن قىلىدىغان ئىشلارنى، يەنى بېلىق كىم ئاشتى بازىرىغا يالغۇز بېرىپ، بېلىقلارنى مۇۋاپىق باھادا سېتىپ ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىمۇ، مۇددەتتىن بۈگۈن ئىگىلىدىم.
سۇ ماي. بۇ جەريان ئۇستامغا خېلىلا يېقىنلىشىپ قالغان بالداق. بۇنىڭدا ئۇستامدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىش مۇمكىن. قىلىدىغان ئىشنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئۇستامنىڭ بېلىق پارچىلاش، يېڭىدىن كەلگەن خام ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقى ؟ ئەڭ مۇھىمى بېلىقنى، سېتىپ بولغۇچە قانداق كونتۇرۇل قىلىش؟ قانداق ساقلاش؟ بۇ مانا ياپون ئاشخانىسىدىكى، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ھۈنەرنىڭ ھۈنىرى. بىر ئاشپەزنىڭ ئۇستا، ئۇستا ئەمەسلىكى، مانا مۇشۇ، كونترول قىلىش ئىشى بولىدىكەن. ئۇلار بىرىنچى، بېلىقنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ چاتاق يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلالىشى، يەنى بېلىقلارنىڭ يېڭى، ساپ بولۇشىنى بىلەلىشى. ئىككىنچى، ئۇنى تۇتۇپ، يەنى سىلاپ بېقىپلا، ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلالىشى، ھەرگىزمۇ ئۇنى بۇرنىنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ، پۇراپ ھۆكۈم قىلماسلىقى كېرەك...خېرىدارنىڭ ئالدىدا، بېلىق ياكى گۆشلەرنى پۇراپ، " بولارمۇ ؟ بولماسمۇ ؟ ۋاي بولىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ جۇما " دەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇش، ئاشپەزلىك كەسپىدە، ئۇ ئاشپەزنىڭ ئابرۇيىنى، خېرىدارلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنى چۈشۈرۈپلاۋېتىدىغان بىر، نومۇس ئىش، ھوڭ ئىش، مۇھىم ئىش...
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بۇ بۆلەكتە مەن، سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويدۇممىكىن دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن." ھارۋىكەش ئاتنىڭ گېپىنى، شوپۇر چاقنىڭ گېپىنى، ئاشپەز پىچاقنىڭ گېپىنى قىلىدۇ " دەپ تاماقنىڭ گېپىنى قىلىۋەردىميا... ئاشپەزلىك ھەققىدە يەنە ئازراق چۈشەنچە بەرگۈم بار ئىدى. لېكىن ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.
" قىزىق كىنو ئەمەسكە، ئاشخانىنىڭ ئىچىدىلا، تۆت ئادەم، تاماق ئېتىپلا تۈگەيدىكەن " دەپ، يېرىمىدا تاشلاپ كېتىپ قالمىسۇن دەپ، بۇ تېمىنى 93- يىلى يۈز بەرگەن، بىر ئىشقا يۆتكىگۈم كېلىپ قالدى. شۇ جەرياننى يېزىۋېتىپ، تازا ھارغاندا، قورساق ئاچقاندا، ئاندىن تاماق ھەققىدە، يەنە بىرنېمە دېيىشەيلى، ماقۇلمۇ ؟
93- يىلى كۈز پەسلى بولۇشى كېرەك. ۋەتەندىن ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار يىغىلىپ، بىر چوڭ پائالىيەت قىلدى. مېھمان بولۇپ كەلگەنلەر، ۋەتىنىمىزنىڭ كاتتا باشلىرى. خېلى چوڭ ئەمەلدارلار. ئۇلارنىڭ قورساقلىرى يوغانلىقتا، بىر - بىرىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ھەممىسى يېگەن - ئىچكەندەك بەستلىك ئادەملەر. ئۇلار ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن " ھال سوراپ" كەلگەنمىش.
شۇ ۋاقىتلاردا ۋەتىنىمىزدىن، ھەر يىلى بىر تۈركۈممۇ ياكى ئىككى يىلدا بىر تۈركۈممۇ؟ ئىش قىلىپ، يىگىرمىدەك مىللىي بەشتەك خەنزۇ ئوقۇغۇچى، ياپون تەرەپنىڭ، قاتتىق تەلەپلىرى ئاستىدا، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ياپونىيىگە ئوقۇشقا كېلەتتى. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئىمتىھان - سىناقلاردىن ئۆتۈپ، مىڭ بىر تەسلىكتە، چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسىغا، بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كېچەيۇ - كۈندۈز تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئاران يەتكەن ئوقۇغۇچىلار. كۆپ قىسمى ئوز قابىلىيىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن كەلگەنلەر بولسىمۇ، ئەمما ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر بىلەن كېلىپ قالغان "كاللا دېسە، پاقالچاق " دەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بۇلار ياپوننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى، ئالىي مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىنىپ، بىلىم ئىگىلەيتتى. ئۆزى پۇل تۆلەپ ئوقۇشقا چىققانلار، مانا مۇشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن، كۆپىيىشكە قاراپ مېڭىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. مەن بۇ ئۆزى پۇل تۆلەپ ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ تۆتىنچىسى ئىدىم.
شۇڭا مەن، ئۆزى پۇل تۆلەپ ئوقۇيدىغانلار قاتارىدا بولۇپ، مائارىپ نازارىتى بىلەن مېنىڭ، ھېچ قانداق بىۋاسىتە مۇناسىۋىتىممۇ يوق ئىدى. ھەمدە مەن، ئۇلار بەلگىلەپ بەرگەن قائىدە - تۈزۈملەر بويىچە ماڭمىساممۇ بولاتتى. مېڭىشىممۇ شەرت ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. دېمەك، ئۇلار مەندىن ھال سوراپ كەلمىگەن. شۇڭا، ئۇ كۈنكى يىغىلىشقا، مەن بارمىساممۇ بولۇۋېرىدۇ... لېكىن يەنىلا ۋەتەنداشلار بىلەن مۇڭداشقۇم كەلدى. چاقىرىلمىغان سورۇنغا، باغاقسىزلا كىرىپ كەتتىم.
خوش. كاتتا باشلارنىڭ ھەر بىر يىغىنلاردا سۆزلەيدىغىنى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ ھەقتە يېزىپ، پەيزىڭىزنى ئۇچۇرماي.
ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردا، ھەممە باشلىق سۆزلەپ، تۆۋەندىكىلەر ئاڭلاۋېرىپ سەسكىنىپ كەتكەن، قېلىپلىق سۆزلەرغۇ ئۇ... ھەە
ئولتۇرۇش باشلاندى. چاقچاق، كۈلكىلەر بىلەن گىرادۇسۇممۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئۇنى بۇنى دەپ، كەلگەن كاتتا باشلارنىڭ ئەڭ چوڭى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. " گەپ گەپكە كەلگەندە، ئاتاڭدىن يانما " دەيدىغان گەپ بارغۇ؟
گرادۇس كۆتۈرۈلگەنچە، مېنىڭ كاللامغا دائىم، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەتىنىمىزدىكى بەزى بىر ناھەقچىلىكلەر، "ئارقا ئىشىك " بىلەن كىرىپ - چىقىلىۋاتقان خوشامەتچىلىكلەر... دېگەنگە ئوخشاش، ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى كاللىسى، سەۋىيىسى بىلەن ئويلىغانلىرىمنى، شۇ كاتتاباشلارغا بىر دەپ، قورسىقىمنى بوشىتىۋالغۇم كەلدى. مەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىش بولمىسىمۇ، بۇ كاتتا باشلاردىن، ئۆزۈمنىڭ سوئاللىرىنى، زادى بىر، سورۇغۇم كېلىپ، ئولتۇرالمايلا قالدىم. بىر يەرلىرىم قىچىشىپلا تۇرىدۇ.
نېمە ئۇچۇن؟ دېگەن سوئاللار كاللىدا خېلى كۆپ.
شۇ ۋاقىتلاردىكى بەزىبىر، مەن بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، مىللىتىمىز مەنپەئەتى، تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھەقچىلىكلەر، مېنى ئازابلاپلا كېلىۋاتاتتى. ۋەتەن ئىچىدە ئۇنداق كاتتىۋاشلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇش مۇمكىنمىتى بىزگە؟ ئويلىغانلىرىڭىزنى دېسىڭىزمۇ گۇناھتىغۇ؟ بەزىدە ئاشخانىدا قورۇما قورۇۋېتىپ،
ۋەتەننى سېغىنىپ قالغىنىمدا ۋە ياكى شۇ ۋەتىنىمىزدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقلىرىم ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتلاردا، ياپوندىكى، بىزنىڭ مىللىتىمىز تېمىنىمۇ تېتىپ باقمىغان، ھۇزۇرلىنىپمۇ باقمىغان، ئىنسانىي ئىمتىيازلارنى كۆرگىنىمدە، – ھەي بىزمۇ بىر مىللەت، نېمىشقا مۇشۇلاردەك ياشىيالمايمىز؟ ھوي ؟... ئويلىغىنىمىزنى دېيەلمەيمىز؟...
مانا مۇشۇنداق سوئاللار ئېسىمگە كېلىپ قالسا، بىكاردىن بىكار، ساپلىقلارنى تاراڭشىتىپمۇ قوياتتىم.
پۇرسەت كەلدى.
سىلەر دېدىم مەن، غەزەپ بىلەن:
خەلقىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ قان- تەرى بەدىلىگە كەلگەن ئىقتىساد ( پۇل ) بىلەن، مانا مۇشۇ ئولتۇرۇشنى ئويناپ ئولتۇرۇپسىلەر. تېخى ياپوننىڭ، ئۇ شەھىرى، بۇ شەھىرىگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلاردىن " ھال سورىماقچى ". بۇنىمۇ بوپتۇ دەيلى.... ئويناۋەرمەي، خەلقىمىز ئۇچۇن ئوبدانراق، بىر ئىشلارنى قىلساڭلار بولمامدۇ ؟ ئىسىت... خىجىل بولساڭلارچۇ؟ ئۇنداق باشلىق بولغۇچە...(بۇ شۇ ۋاقىتتا، شۇ كاتتا باشقا قىلغان ئەينەن سۆزۈم. خاتالىق يوق. بولسا كاللام بىلەن جاۋاب بېرىمەن)
كاتتىۋاشنىڭ ئوڭ- سۆلى ئۆچتى. ئاچچىقىدا بىر نەچچىنى قېقىۋەتتى. مەنمۇ بارغانچە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۇنىڭ يېغىرىغا تەگدىم.
ئۇ دەسلەپ:
شۇنداق، شۇنداق. بىزدە بىرئاز كەمچىلىكلەرمۇ يوق ئەمەس. بىز قايتىپ بېرىپ، يىغىنلاردا مۇزاكىرىلىشىپ كۆرەيلى.
دەپ يامان ئەمەس ئولتۇردى. لېكىن مەن سوئال سوراپ، تېخىچە پۇخادىن چىقمىغان ئىدىم. سوئاللىرىم ئاساسەن بۇلارنى بىئارام قىلىدىغان سوئاللار... نېمىشقا ئۇنداق بولىدۇ؟ ئوڭشىمامسە. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ قىلمامسە.... دېگەندەك... ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك تېگىدىغان گەپلەر....مەن بولسام ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاللىقاچان "كاللىسىدىن ئازغان ئۇنسۇر " ۋە ياكى " كاللىسىدا، خېلىلا كۆپ سۇ بار، ۋە ياكى كاللىسى پاكىز تازىلانمىغان ياش " بولۇپ بولدۇم.
" تاز بولساڭ، گەدەنگىچە بول " دېگەن گەپ ئېسىمدە. ئۇلار مەندىن بىزار بولغانچە، مەن ئۇلارنىڭ كۆزىگە، تاقىغا ئۇرۇلغان مىختەك قادىلىپلاۋالدىم. كۆزىگە ئاللىقاچان سەت كۆرۈنۈپ بولغان ئىدىم.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. قايسى باشلىق، سورۇنلاردا داۋىسىنى يېيىشنى خالايدۇ دەيسىز ؟ ئاۋۇ... بىر، كىچىك بۆلۈم باشلىقىنىڭمۇ، ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس ئابرۇيىغا تەسىر يېتىدىغان گەپلەرنى، سىزدىن ئاڭلاپ قالسا، بىر ئاماللارنى قىلىپ، سىزدىن ئۆچىنى ئالىدىغۇ؟
بۇلار دېگەن، ئەينى ۋاقىتتا ھوقۇقتا بارماق بىلەن 1، 2 دەپ سانىلىدىغانلار تۇرسا، ئەلۋەتتە تۇتىدۇ- دە بۇلارنىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ سوئاللىرىم، ھەر قانداق قالپاقنى كىيدۈرىمەن دېسە، نەقلا چۈشىۋېرىدىغان پىكىر - قاراش - سوئاللاردە...
كاتتىۋاشنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدىكى، ۋاھ ۋاھ ۋاھ... ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن، ئۇ ئېغىزىنى قۇلىقىمنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ :
ئاناڭنى..... ؟؟؟ مەن... دەۋەتتى.
خېلى جىگىرى بار باشلىقكەن، ئاغزىمۇ خېلى يامان، سورۇن كۆرگەن كاتتاباشكەن بۇ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. مەنمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ يېنىغا ئېغىزىمنى ئاپىرىپ :
مەنمۇ ئۇنداق ئىشتا، سېنىڭدىن قېلىشمايمەن.... دەۋەتتىم. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئۆز ئارا " سىزلىشىش " ئاللىقاچان تۈگەپ بولغان ئىدى.
قۇلاقلارغا پىچىرلىشىپ تىللاشتۇق. ئۇنىڭمۇ خېلى ئاچچىقى باركەن، پاسكىنا گەپلەرگىمۇ بايكەن، ئاغزىمۇ يامان ئاداشكەن ئەمەسما... مەن بىلەن بىر قاققا بىر قاق تىللىشىۋاتىدۇ... بۇ كاساپەت.
مەنمۇ ئېغىزىمنىڭ تورمۇزىنى قويۇۋەتتىم. ئۇنى قىلىمەن، بۇنى قىلىمەن، ئۇيغۇرچىلىقتا ئىشلىتىپ قويىدىغان، سەت گەپلەرنى قىلىۋەردىم. مەنمۇ بۇرۇن دەرستە، ئانچە ياخشى بولمىغىنىم بىلەن مۇنداق گەپلەردە، تېخى بىرەر قېتىممۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىغانتىم...
ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ:
ئاناڭنى...... مەن، دېگىنىچە سورۇندىن چىقىپ كەتتى. ئۇ مەندىن بىزار بولدى. ئۇنى مەن تېخى، تالاغا چىقىپ، شامالداپ، بىرەرىنى چېكىپ قايتىپ كىرەرمىكى دېسەم، نەدىكىنى؟ شۇ پېتى، چىرايىنىمۇ ئاچماي، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ساياھەت "ھال سوراش" لىرىنىمۇ كۆڭۈللۈك قىلالماي، ۋەتەنگە كېتىپتىمىش. ئۇ ۋەتەنگە بېرىپمۇ، ئەسلىگە كېلەلمەپتۇ. ئۇ مېنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرى قېرىنداشلىرىمنى تېپىپتۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىمغا "مېنىڭ ئۆزۈمنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش لازىملىقىمنى " تەكىتلەپتۇ. قېرىنداشلىرىممۇ " مېنىڭ كىچىكىمدىن تارتىپلا، ئاشۇنداق بەڭۋاشلىقىمنى، گەپ ئاڭلىمايدىغانلىقىمنى، شۇڭا مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يوقلىغىنى " يالغان راستلاردىن سۆزلەپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپتۇ....
ئۇ كۈنى كۆڭلۈم شۇنچە يېرىم بولدىكى... چىۋىن يەۋالغاندەكلا بولدۇم.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، كۆڭلۈم نېمىگە يېرىم بولغاندۇ؟ يازمىنىڭ داۋامىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، بىر ئويلىنىپ كۆرەرمسىز؟ مەن باشلىقنى تىللاپ قويۇپ، قىلغان ئىشىمدىن پۇشايمان قىلىپ، ئازاپلىنىۋاتامدىم؟ ياكى سورۇندا باشقا بىرەر شاتىراقلىق قىلىپ قويغاندىمەنمۇ؟ داۋامىنى كېيىنكى بۆلەكتىن ئوقۇغايسىز.
|
|