- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
9.02%
|
ھەقىقەتەن تەسىرلىك كەچۈرمىش ئىكەن. مەنمۇ بىر زامانلاردا ئوقۇتقۇچى ئىدىم، كىچىكلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ دەرس بەرگەن دەرس بەرگەن شۇ ۋاقىتلاردىكى بالىلار ھازىر چوپ- چوڭلا بولۇپ جەمئىيەتتە ھەرخىل كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ، شۇلاردىن بەزىلىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپمۇ ئىشقا چۈشتى.
مەن ئەزەلدىن بۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيۈپ ئىشلەيتىم، مەرھۇم دادامنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ھەممىگە چىداپ بولسىمۇ ئىشلىگۈم تولىمۇ بار ئىدى، بەكمۇ ئەپسۇس، زۆرۈر سەۋەب تۈپەيلىدىن بۇ كەسىپتىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ، باشقا بىر ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەمما مەن ئوقۇتقان ئەشۇ بالىلار ھازىرمۇ مىنى كۆرسە «مۇئەللىم!» دەپ چاقىرسا، ئەينى چاغدىكى خىزمەتداشلىرىم، ھازىرمۇ مۇناسىۋەتلىشىپ ئۆتىدىغان مائارىپ سېپىدىكىلەر ئارىلاپ «... مۇئەللىم!» دەپ چاقىرسا شۇنداق سۆيۈنۈپ كېتىمەن، ھېلىھەم ئەشۇ ئوقۇتقۇچى ۋاقىتلىرىمدىكىدەك ھېسسىياتتا بولۇپ يۈرۈيمەن، تەقى- تۇرقۇم، گەپ- سۆزلىرىم، ئارىلىشىدىغان ئادەملىرىمگە قاراپ ھازىرمۇ مىنى ئانچە تونۇمايدىغانلار ئوقۇتقۇچى ئوخشايدۇ دەپمۇ قالىدىكەن. مانا مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا بەزىبىر سەۋەب تۈپەيلى شەرەپلىك ئەشۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋاز كەچكەنلىرىمگە پۇشايمانمۇ يەپ قالىمەن. ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرقىسىم دەرت- ھالىنى، مەكتەپلەردىكى ئوقۇ- ئوقۇتۇشتىن چەتنىگەن بىرقىسىم قوشۇمچە خىزمەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلارنى ئويلىغىنىمدا «شۈكرى» مۇ دەپ قالىمەن. ئەمما مەن ھىچقاچان ئۆزۈمنى ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ سىرتىدا كۆرۈپ باققان يىرىم يوق، مەكتەپلەرگە، مەھەللىلەرگە بارغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ يەنىلا بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆتكەنلىكىمنى ئۇنتۇماي، ئەتراپىمدىكىلەرگە مۇمكىنقەدەر ياخشى تەسىرلەرنى بېرىشكە ئۇرۇنىمەن.
يېقىندىكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىغا ئاساسلانغاندا ئوقۇتقۇچىلىقنى، مائارىپنى چۈشەنمەيدىغانلارنى قەتئىي مائارىپ ساھەسىنى يېتەكلەشكە، جۈملىدىن باشقۇرۇشقا قويماسلىق، ئۇنداقلارنى قەتئىي تازىلاش، مائارىپنى يېتەكلەشنى- مائارىپنى ھەقىقى چۈشىنىدىغانلاردىن قويۇش قارار قىلىندى. مەن بۇنىڭدىن مائارىپ ئىشلىرىمىزدىكى يېڭى بىر ئۈمىدنى كۆرگەندەك قىلدىم. چۈنكى: ھەممىگە مەلۇمكى، مائارىپ ساھەسىدە چىقىۋاتقان قالايمىقانچىلىق باشقا قالايمىقانچىلىق بولماستىن دەل، ئوقۇتقۇچىنى بىر زاۋۇت، ماشىنا ئادەم ئورنىدا كۆرۈش، ساننى قوغلىشىش- سۈپەتتىن ياتلىشىشتەك خىزمەت (خىزمەت باشقۇرۇش) ئىستىلىدا مائارىپ ساھەسىگە ئاتالمىش رەھبەرلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان بېسىمنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۋېتىش، ئوقۇتقۇچىلار قىلسىمۇ- قىلمىسىمۇ بولىدىغان بىرقىسىم خىزمەتلەرنى ئوقۇتقۇچىغا زورلاپ تېڭىشتەك ئىشلاردىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. مانا بۇنداق ئەھۋال كەلگۈسىدە ئوڭشالسا، ئەشۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىسە، زېھنىنى ئوقۇ- ئوقۇتۇشقا قاراتسا، شۇ ئارقىلىق سەبىيلىرىمىزمۇ ھەقىقى ھالدا سۈپەتلىك، زامانىۋىي مائارىپنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن بەھىر ئالسا، بۇ ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدىكى بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ مائارىپنى- ئوقۇتقۇچىلارنى قالايمىقان كەمسىتىدىغان ئىشلار تۈگىسە (ئەلۋەتتە، بىرقىسىم كەمسىتىش- ھاقارەتلەشلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا توغرىلىقى بار، بىراق شۇنداق ئاقىۋەتنىڭمۇ دەل يوقۇرقىدەك ئارقا كۆرۈنۈشى بار)، ھەممىمىز خۇش بولغان بولاتتۇق. پەقەت شۇنداق بولسا مەنمۇ گەرچە قايتىدىن ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قايتىپ كېلەلمىسەممۇ كۆڭلۈم ئارام تاپقان، 14 يىل بۇرۇن ئۇزاق يىل مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەپ، ئاخىرى دەم ئېلىشقا چىقماستىن زىيادە چارچاش تۈپەيلى قازا قىلىپ كەتكەن مەرھۇم دادامنىڭمۇ روھى تەسكىن تاپقان بولاتتى. |
|