قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3823|ئىنكاس: 14

قومۇل تارىخىدىكى ئاكا-ئۇكا پالۋانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

791

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26579
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 18:16:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
        ئىز رومانىدا تىلغا ئېلىنغان نىياز پالۋان (نىياز دېھقان، 1882-؟)، 1912-، ۋە 1931-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق  قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدىكى يېتەكچىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۇكىسى قاسىم پالۋان (1885-1931) مۇ 1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يىتەكچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. نىياز دېھقان ئۇستا مەرگەن بولۇپلا قالماستىن يەنە يېتىلگەن ئەلنەغمىچى ئىدى. ئۇ قومۇل ئون ئىككى مۇقامىنى تولۇق بىلەتتى، قومۇل غىجىكىنى ناھايىتى مۇڭلۇق چالاتتى. قومۇلدىكى توي–تۆكۈن، مەشرەپلەردە ئۇ غىجەك تارتسا، 3-ئايالى ئوغۇلنىساخان (؟-1935) داپ چېلىپ ناخشا ئېيتاتتى. ئۇنىڭ ئۇكىسى قاسىم پالۋان ئەل ئىچىدە«باھادىر پالۋان» دەپ نام چىقارغان تەڭداشسىز پالۋان بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇستا تېۋىپ، داڭلىق سۇنۇقچى ئىدى. ئۇنىڭ شىپالىق قولىدا قومۇل دىيارىدىكى نۇرغۇنلىغان كېسەل ۋە سۇنۇقلار شىپا تاپقان ئىدى.
        نىياز دېھقاننىڭ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇن بىلەن 2-ئوغلى توقسۇن ئاخۇن (كىچىك ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ) لارمۇ دادسى نىياز دېھقان، تاغىسى قاسىم پالۋانغا ئوخشاش داڭلىق مەرگەن ۋە يېتىشكەن ئەلنەغمىچىلەر ئىدى.
         تۇرسۇن ئاخۇن 1903-يىلى، توقسۇن ئاخۇن 1907-يىلى قومۇل شەھرىنىڭ غەربىي تاغ يېزىسىغا قاراشلىق پالۋانلار يۇرتى قالىغايتى كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇلار ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە چوڭ دادىسى تاھىر ھاجى (نىياز دېھقاننىڭ 2-ئاكىسى، 1878-1937) دا دىنىي تەلىم ئېلىش بىلەن بىرگە مىلتىق ئېتىشقا ئىشتىياق باغلاپ، نىياز دېھقان ۋە قاسىم پالۋاندىن قورال ئېتىشنى ئۆگىنىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرۈپ، قەدەممۇ-قەدەم پىشىپ يىتىلىپ، يىگىتلىك قورامىغا يەتكەندە ئۇستا مەرگەن بولۇپ يىتشىپ چىقىدۇ.
        بۇ ئاكا-ئۇكا مەرگەن، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ئەجداتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قومۇلدىكى تۇنجى بوۋىسى ئىسلام ئاخۇن ئۆز دەۋرىدە ئۇستا سۇنۇقچى ھەم تىۋىپ ئىدى. ئىسلام ئاخۇن مىلادى 1677-يىلى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى (1514-1678) نىڭ يارلىقى، قومۇل ۋاڭلىقى (1606-1930) نىڭ تەكلىپى بىلەن 2-ئوغلى (ئىسلام ئاخۇننىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى) ئابدۇگۈلى ئاخۇن① (ئۇ ۋاقىتتا ئابدۇگۈلى ئاخۇن قورامىغا يەتمىگەن بالا ئىدى) نى  ئېلىپ يەكەندىن قومۇلغا كېلىپ ئەبەيدۇللا تارخان بەگ② ئوردىسىدا ئاخۇنلۇق قىلغان. ئىسلام ئاخۇن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇگۈلى ئاخۇن ئوردىدا ئاخۇن بولغان.       ئابدۇگۈلى ئاخۇن ئوچۇق پىكىرلىك، زېھنى ئۆتكۈر، قەددى-قامىتى كېلىشكەن ئادەم ئىدى. شۇڭا ۋاڭ ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. بىراق بۇنى ئوردىدىكى بىر قىسىم ھەسەتخور ئەمەلدارلار كۆرەلمەي، ئىچى تارلىق قىلىپ، پىتنە ئويدۇرۇپ چىقىپ، ۋاڭ بىلەن ئابدۇگۈلى ئاخۇن ئارىسىغا سوغاقچىلىق سېلىپ، ئاخىرى ئۇنى نوم زىندانىغا پالاتقۇزىۋېتىدۇ. لېكىن كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە ۋاڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلگەندىن كېيىن، ئابدۇگۈلى ئاخۇننى زىنداندىن چىقىرىش بۇيرۇقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق ئابدۇگۈلى ئاخۇن ئاللىقاچان نوم زىندانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى③. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇگۈلى ئاخۇننىڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇرېشىت ئاخۇننى ۋاڭ ئوردىغا ئالدۇرۇپ كېلىپ ئاخۇنلۇققا تەيىنلەيدۇ④. ئابدۇرېشىت ئاخۇن ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئوردا ئاخۇنلۇقىنى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى قاسىم ئاخۇن داۋاملىق ئۆتەيدۇ⑤.
       1867-يىلى قومۇلدا يۈز بەرگەن دا يۇەنشۇەي (大袁帅) يېغىلىقىدا قاسىم ئاخۇن ئۈچ ئوغلى ۋە ئايالى قۇبزە ئاپپاق (قومۇلدىكى باڭ جەمەتىدىن) نى ئېلىپ چاھارباغ كۆۋرۈك⑥ كە كەلگەندە كەينىدىن ئىككى تۇڭگان (خۇيزۇ) ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ ئەر-ئايال ئىككەيلەننى قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىغاندىن كېيىن ئۈچ بالا يىتىم قالىدۇ. ئۇلارنىڭ بوۋىسى ئابدۇرېشىت ئاخۇن چوڭ نەۋرىسى ھامۇت ئاخۇن (1847-1920، ئاپتورنىڭ ئاتا تەرەپ ئۇلۇق بوۋىسى) نى قومۇل شەھەر ئىچى يېزىسى غوجامخىي مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇخالىق ئەلەم (بۇ كىشى ئۆمرىدە پەرزەنت كۆرمىگەن) گە، 2-نەۋرىسى سېيىت ھاجى (1850-1904، ئاپتورنىڭ ئانا تەرەپ ئۇلۇق بوۋىسى) نى جىگدە⑦ دىكى مۇتئى دورغا⑧ غا ئوغۇللۇققا بېرىۋېتىدۇ. كىچىك نەۋرىسى ھادى ئاخۇن (1853-1928) نى ئۆزى بېقىپ تەربىيەلەيدۇ. سېيىت ھاجى مۇتئى دورغىنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئۆزىنى بېقىپ تەربىيەلىگەن دادىسى مۇتئى دورغىنىڭ قالىغايتىدىكى مال-چارۋىلىرىنى باشقۇرۇپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، قومۇل دىيارىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان نىياز دېھقان، قاسىم پالۋان ۋە مەشھۇر سۇنۇقچى ئابدۇگۈلى ئاخۇن (1891-1974) لار، كېيىن تۇرسۇن ئاخۇن ۋە توقسۇن ئاخۇنلار دۇنياغا كېلىدۇ.
  نىياز دېھقان ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، قومۇلدىكى 2-ئەۋلات بوۋىسى ئابدۇگۈلى ئاخۇن ئېچىپ بەرپا قىلغان زىمىن دۆربەجىن غولئېرىققا قايتىپ كېلىشنى ئويلاپ، 1910-يىللار ئەتراپىدا ئائىلىسىنى ئېلىپ دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. ئۇ چوڭ ئايالى توختىخان مەمەتنىياز (1887-1960) نى مەھەللىنىڭ غەربىدىكى يۇقىرى قورۇق (يۇقىرى جۇاڭزى) قا، 2-ئايالى خوشنارىخان خاكىر (1890-1962) نى مەھەللىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆۋەن قورۇق (تۆۋەن جۇاڭزى) قا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئوغۇللىرىدىن تۇرسۇن ئاخۇن⑨، ئەھەتخان⑩ ۋە 3-ئايالى ئوغۇلنىساخانلار قالىغايتىدا ئولتۇراقلىىشىپ قالىدۇ. ھازىر قالىغايتى ۋە دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىسىدە نىياز دېھقاننىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرى ياشىماقتا. نىياز دېھقان قومۇلغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن يۇقىرى قورۇقتا تىككەن ئۈجمە (جۈجەم) لەردىن بىر تۈپ ئۈجمە ھازىرمۇ كۆكلەپ (يېشىلداپ) كىشىلەرگە مىۋە بەرمەكتە.  
  بۇ ئاكا-ئۇكا مەرگەنلەردىن، تۇرسۇن ئاخۇن دادىسى نىياز دېھقانغا ئوخشاش ئىككى قولىدا ئىككى تاپانچا تۇتسا، توقسۇن ئاخۇن قىلىچ تۇتۇپ ئۇرۇش قىلاتتى. ئۇلار داڭلىق مەرگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يېتىشكەن ئەلنەغمىچىلەر ئىدى. تۇرسۇن ئاخۇن غىجەك، راۋاپ قاتارلىق سازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالاتتى. توقسۇن ئاخۇنمۇ داڭلىق غىجەكچى ھەم ئۇستا ئۇسۇلچى ئىدى. قالىغايتى ۋە دۆربەجىندىكى توي-تۆكۈن ۋە باراۋەتلەر ئۇلارسىز قىزىمايتتى. ئۇلارنىڭ بوۋىسى سېيىت ھاجى بىلەن مومىسى بۈۋنىيازخان ھاجى (1856-1930) ۋە چوڭ دادىسى تاھىر ھاجىلار 1903-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەج-تاۋاپ قىلغىلى بېرىپ، قايتىشىدا ھەرەمنىڭ مەستۆرە دېگەن يەرگە كەلگەندە سېيىت ھاجى كېسەل سەۋەبى بىلەن شۇ يەردە ۋاپات بولغان. بۈۋنىيازخان ھاجى قوشاقچى ھەم سەنئەت خۇمار ئايال بولغاچقا، ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن قايتىپ ئالمۇتا (ھازىرقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر شەھرى) غا كەلگەندە، بىر دانە غىجەك بېشى، راۋاب⑾، داپ قاتارلىق چالغۇلارنى ئالغاچ كەلگەن. نىياز دېھقان بۇ غىجەك بېشىنى قومۇل غىجىكى ياساپ، 1938-يىلى 10-ئايدا جاللات شېڭ شىسەي (盛世才،1897-1970) تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەنگە قەدەر يېنىدىن ئايرىماي قومۇل «بەش شەھەر ئون ئىككى تاغ» لاردا ئۆتكۈزۈلگەن توي-تۆكۈن، ئولتۇرۇش ۋە باراۋەتلەردە غىجەكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىپ، قومۇل خەلقى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ غىجەك چېلىشتىكى تالانتىنى نامايەن قىلغان.
    مەرھۇن ئانام زىلىخە ئاپپاق (قاسىم پالۋاننىڭ قىزى، 1912-1987) ھايات ۋاقتىدا بىزگە مۇنداق دېگەن ئىدى:«چوڭ دادام نىياز دېھقان قومۇل غىجىكىنى ناھايىتى مۇڭلۇق چالاتتى، قېينى ئانام جاننارى ئاپپاق (1869-1950) سەنئەتخۇمار ئايال بولغاچقا:‹مەن نىياز دېھقاننىڭ غىجەك تارتىپ ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلىمىسام ناخشا ئاڭلىغاندەك بولمايمەن› دېگەن ئىدى. نىياز دېھقان چوڭ دادامنىڭ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇن بىلەن 2-ئوغلى توقسۇن ئاخۇنلار چوڭ دادامغا ئوخشاش داڭلىق ئەلنەغمىچى، پاراڭچى، قىزىقچى ۋە ھەييار كىشىلەر ئىدى. شۇ يىللاردا غەربىي تاغ  ۋە دۆربەجىندىكى توي-تۆكۈن، ئولتۇرۇش ۋە باراۋەتلەر ئۇلارسىز قىزىمايتتى. مەنمۇ ئۇلار ساز چېلىپ ناخشا ئېيتقان توي-تۆكۈنلەرگە كۆپ قېتىم قاتناشقان ئىدىم».
      1931-يىلى ئەتىيازدا قومۇل خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ. تۇرسۇن ئاخۇن ۋە توقسۇن ئاخۇنلار دادىسى نىياز دېھقانغا ئەگىشىپ ئىنقىلابقا قاتنىشىدۇ. نىياز دېھقان بۇ كۈنلەردە  قالىغايتىدا بولۇپ، 1931-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى (جۈمە) ئۇ قالىغايتىدىن دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىگە كېلىپ، شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق يۈنۈس مولام⑿ بىلەن بىللە غولئېرىقتىكى پۇقرالارنى بىخەتەر جاي ئاراتامغا يۆتكەپ ئەتىسى (9-چىسلا  شەنبە) قارىمۇقچىغا بېرىپ ئۇكىسى قاسىم پالۋان رەھبەرلىك قىلغان قارىمۇقچا جېڭىگە قاتناشماقچى بولىدۇ، بىراق ئۇ قارىمۇقچىغا يېتىپ بارغىچە قاسىم پالۋان جەڭدە بەختكە قارشى قۇربان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەمرالىرى يۈنۈس موللام ۋە قومۇلدىن بارغان مۇختەر ئاخۇنۇم⒀...قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە قاسىم  پالۋان، ما فۇگۇەن (ما جۇڭيىڭ ‹马仲英، 1908-4019› نىڭ نەۋرە ئۇكىسى)، خۇيزۇ ئەسكەر (ئىسمى نامەلۇم) ۋە شوپۇللۇق ئېلاخۇن قاتارلىق قارىمۇقچا جېڭىدە قۇربان بولغان تۆت كىشىنىڭ جەسىدىنى چوڭ يولنىڭ شىمالىدىكى «نىياز قىز موماينىڭ ئوتلۇقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىگىز قۇم دۆڭنىڭ كەينىگە دەپنە قىلىپ بولۇپ، ھەمرالىرى بىلەن بىللە ئاراتام ئارقىلىق قالىغايتىغا قايتىپ چىقىدۇ. ئۇ ھەمرالىرى ۋە ئوغوللىرى بىلەن بىرلىكتە قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى ئىشلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئاكا-ئۇكا مەرگەنلەر دادىسى نىياز دېھقانغا ئەگىشىپ ئىنقىلابقا قاتنىشىپ قومۇلدىكى بارلىق جەڭلەرگە قاتنىشىدۇ.
        شۇ ۋاقىتتىكى ئۇرۇشلار توغرىلىق ئاكا-ئۇكا مەرگەنلەرنىڭ ئانىسى توختىخان مەمەتنىياز ئۆزنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى ئەسلەپ، نەۋرىلىرى نىياز ئەخمەت⒁ ۋە ئىلىياس ئەخمەت⒂ لەرگە مۇنداق دېگەن:«قالىغايتى، قۇرۇلۇق ۋە قوتازلىقتىكى قوزغىلاڭچىلاردا پەقەت 10 دانە قورال بار بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ قوراللار بىلەن ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىپ چېرىكلەرنى ئۆزلىرى مۇداپىئە قىلىۋاتقان يۇرتلارغا كىرگۈزمىگەن. كېيىن چېرىكلەر نېرىن غول بىلەن باستۇرۇپ كەلگەندە، چوڭ ئوغلۇم تۇرسۇن ئاخۇن بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلار بىلەن غولدا ئۇرۇش قىلىپ چېرىكلەرنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئاتلارنىڭ قېشىغا بېرىشىغا چالا ئوق تېگىپ ئۆلمەي قالغان بىر چېرىك تۇرسۇن ئاخۇنغا قارىتىپ ئوق ئاتقان. بىراق چېرىكنىڭ ئوقى ئۇنىڭغا تەگمىگەن. تۇرسۇن ئاخۇن شۇئان كەينىگە قايرىلىپ چېرىكنى ئېتىپ تاشلىغان. يەنە بىر قېتىم كۈيۆ ئوغلوم ئەمەت ئاخۇن (1909-1949) بىلەن بېقىۋالغان ئوغلىمىز خۇدابەردى (1910-1966، مىللىتى خەنزۇ) 20-30 تۆگىگە ئۆي بىساتلىرىنى ئارتىپ كۆشۆتىگە ماڭغان ئىدى. ئەمەت ئاخۇننىڭ قولىدا مىلتىق بار بولۇپ، خۇدا بەردىنى قوغداپ كېتىۋاتقاندا قومۇلدىن چىققان چېرىكلەرگە ئۇچراپ قالغان ئىكەن. ئۇرۇشاي دېسە چېرىكلەر كۆپ بولغاچقا ئۇلار تاغ ئىچىگە كىرىپ يوشۇرنىۋالغان. چېرىكلەر كېلىپ ئىگىسىز قالغان تۆگىلەرنى يىتىلەپ كېتىپتۇ. ئەمەت ئاخۇنلار تۇرسۇن ئاخۇنلار بىلەن قارىغول (قۇرۇلۇقنىڭ بېشى) دا ئۇچراشماقچى بولۇپ، ئۇلار بارغاندىن كېيىن تۇرسۇن ئاخۇن، توقسۇن ئاخۇنلار بىلەن بىللە قومۇلدىن چىققان پۇقرالارنى قوغداپ داۋان ئارقى بىلەن شىمالغا مېڭىپ ئاراتۈرۈكنىڭ ئۆمۈر تاغلىرىغا بارغاندا تۇيۇقسىز ھاۋا بۇزۇلۇپ بوران چىقىپ، يامغۇر يېغىپ، كېيىن مۆلدۈرگە ئايلىنىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ پۇت-قوللىرى ئۈششۈپ (مۇزلاپ) كەتكەن. مۇشۇ قېتىم قومۇل شەھەر ئىچىلىك مەزىي ئىسىملىك موماي سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەن. خۇدابەردىنىڭمۇ پۇتى توڭلاپ قالغان. مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن خەلق تۆۋەندىكى قوشاقنى توقۇغان:
                                 چېرىك چىقىپ قوغلىدى،
                                 بىزنى خۇدا ئوڭلىدى.
                                 نىياز دېھقان يانغاندا،
                                 مەزىىي موماي توڭلىدى».
      قومۇلدىكى ئۇرۇش ئۇدا داۋاملىشىپ، 1933-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە قومۇل قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجى (1889-1942) تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسۇت مۇھىتى (1885-1933) نىڭ تەكلىپى بىلەن قومۇل پىدائىلىرىدىن خىللانغان قوشۇننى باشلاپ تۇرپانغا ماڭىدۇ. نىياز دېھقانمۇ ئوغۇللىرىدىن تۇرسۇن ئاخۇن بىلەن توقسۇن ئاخۇننى ئېلىپ تۇرپانغا بارىدۇ. قومۇلدىن ماڭغان قوشۇن پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن سېپىلى ئىچىگە كىرگەندە شېڭ شىسەي قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسى ئىچىدە قالىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇن 3-ئاينىڭ 9-كۈنى (پەيشەنبە) مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ. نىياز دېھقان ئەڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتە مۇھاسىرىنى بۆسۈپ يول ئېچىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىۋالغان 12 نەپەر مەرگەن بىلەن سېپىلنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىدىن چىقىش ئالدىدا مەرگەنلەرگە:«تەييار بولدۇڭلارمۇ؟» دەيدۇ. مەرگەنلەر بىردەك:«تەييار بولدۇق» دەيدۇ.
    نىياز دېھقان:«دەرۋازىنى ئېچىڭلار» دەيدۇ. دەرۋازا ئېچىلىشى بىلەن «ئاتلىنىڭلار» دەپ بۇيرۇق بېرىپ ئۆزىمۇ ئات چاپتۇرۇپ چىقىدۇ⒃. دەرۋازىدىن ئەڭ ئالدىدا چىققان نىياز دېھقان ئىككى قولىدىكى «28 (二八)» تىپلىق تاپانچىدىن چېرىكلەرگە ئوت ئاچىدۇ. باشقا مەرگەنلەرمۇ نىياز دېھقان بىلەن تەڭلا ئاپتومات ۋە پىلىمۇتلىرىدىن چېرىكلەرنىڭ ئۈستىگە ئوق ياغدۇرىدۇ. ئۇ باشلاپ ماڭغان ئوغۇللىرى تۇرسۇن ئاخۇن، توقسۇن ئاخۇن، جەرۇللا بوسۇق (1900-1994)، تاھىر ئىسمائىل (1903-1986)...قاتارلىق 12  نەپەر مەرگەن قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىدۇ، ئۇلار دەرۋازىدىن چىقىۋاتقاندا تاھىر ئىسمائىلنىڭ ئېتىغا ئوق تېگىپ پىيادە قالىدۇ. نىياز دېھقانلار بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ھەمرالىرىغا:«توختاڭلار ئادەملىرىمىز تولۇقمۇ؟» دەپ سۈرۈشتۈرسە تاھىر ئىسمائىل يوق. نىياز دېھقان:«قايتىپ تاھىرنى ئىزدەيلى» دەپ كەينىگە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن يۈگرەپ كېلىۋاتقان تاھىر ئىسمائىلنى ئۇچرىتىدۇ ۋە«بالام ئات قېنى؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ:«ئاتقا ئوق تېگىپ كەتتى» دەيدۇ. نىياز دېھقان:«تېز بولسىلا بالام، ئاتنىڭ كەينىگە مىنسىلە!» دەيدۇ. تاھىر ئىسمائىل بىر سەكرەپلا نىياز دېھقاننىڭ ئېتىنىڭ كەينىگە مىنىۋالىدۇ.
        نىياز دېھقان باشلىق 12 نەپەر مەرگەن ئاتلىرىنى چاپتۇرغىنىچە پىچاننىڭ دېغار كەنتىگە (دىغار ئىلگىرى دالاڭ كارىز يېزىسىغا قاراشلىق كەنت بولۇپ، 1980-يىلدىن كېيىن يېزا بولۇپ قۇرۇلغان) غا كىرىپ كېتىدۇ. دەرۋازا ئېچىلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇن خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىقىدا سېپىل ئىچىدىن ئات چاپتۇرۇپ چىقىپ كارىز كۆلىگە بارىدۇ. قوشۇن جەنۇبى دەرۋازىدىن چىقىۋاتقاندا تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسۇت مۇھىتى باشلىق نۇرغۇنلىغان پىدائىلار قۇربان بولىدۇ. نىياز دېھقانلار جەنۇبىي دەرۋازىدىن چىقىۋاتقاندا سىرتتا چېرىك ئاز ئىدى، چۈنكى شېڭ شىسەي قوزغىلاڭچى قوشۇننى «شىمالى دەرۋازىدىن چىقىدۇ» دەپ پەرەز قىلغاچقا، جەنۇبىي دەرۋازىغا ئازلا چېرىك قالدۇرغان ئىدى. دەرۋازىنىڭ سىرتىدىكى يول ئويمانلىق ھەم قويۇق توپا بولۇپ، چېرىكلەر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىگىزلىكتە بولغاچقا، دەرۋازىدىن ئالدىن چىققان 12 نەپەر مەرگەن سىرتقا چىقىشى بىلەن چېرىكلەرنى ئوققا تۇتقان ھەمدە ئاتلارنىڭ ئايىغىدىن قويۇق چاڭ-توزاڭ كۆتۈرۈلگەچكە چېرىكلەر ئۆزلىرىگە ئەجەل ئوقىنىڭ تىگىپ كېتىشىدىن قورقۇپ بېشىنى كۆتۈرۈشكە جۇرئەت قىلالمىغان، بۇ كېچە قاراڭغۇسى بولغاچقا چېرىكلەر بېشىنى كۆتەرگەندىمۇ بىر نەرسىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. نىياز دېھقاننىڭ «ھەممىڭلار ئاتنىڭ يان تەرىپىگە يېتىۋېلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقى بىلەن پىدائىلار ئات ئۈستىدە چاپلىشىپ يېتىۋېلىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىدۇ. نىياز دېھقانلار دىغارغا بارغاندىن كېيىن، يەرلىك ئوتتۇرا ياش بىر كىشىگە ئۇكام:«قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىپ كەلگەن بولسىلا» دەيدۇ. قوزغىلاڭ خوجىنىياز ھاجىمۇ نىياز دېھقاننىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى نەپەر پىدائىنى ئەۋەتىدۇ. نىياز دېھقان بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئەۋەتكەن كىشىلەر يولدا ئۇچرىشىپ ئۆزئارا مۇددىئالىرىنى بىلدۈرۈشكەندىن كېيىن، دىغارلىق ئادەم خوجىنىياز ھاجى ئەۋەتكەن ئىككەيلەننى نىياز دېھقاننىڭ قېشىغا باشلاپ بارىدۇ. نىياز دېھقانلار كارىز كۆلىگە بارغاندا خوجىنىياز ھاجى نىياز دېھقاننى كۆرۈپ يۈگرەپ كېلىپ ئۇنى قوچاقلاپ «دېھقان ئاكا ھايات ئىكەنلا! خوشاللىق! خوشاللىق!» دەپ ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ ۋە«بىز ئۆزلىرىنى ھايات قالدى دەپ ئويلىمىغان» دەيدۇ. نىياز دېھقانمۇ:«ئەجەل كەلمىسە ئادەم ئۆلمەيدىكەن، يەيدىغان رىزقىم بار ئوخشايدۇ» دەيدۇ. ھاجى:«مەخسۇت باي سىپىل دەرۋازىسىدىن چىقىۋاتقاندا ئوق تىگىپ قۇربان بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ ئۆلگىچە مەن ئۆلسەمچۇ» دەپ مەخسۇت مۇھىتىنىڭ قۇربان بولۇپ كەتكىنىگە قاتتىق ئېچىنىدۇ.
      لۈكچۈن مۇھاسىرىسى توغرىلۇق ئابلىمىت مەخسۇت⒄ يازغان«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 38-قىسمىغا بېسىلغان:«1931-1934-يىللىرى شىنجاڭدا بولغان خەلق قوغىلاڭلىرىدىن قىسقىچە ئەسلىمە» ناملىق ماقالىسىدا يەنى كىتابنىڭ 70-بېتىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن «...مەن پىيادە قېچىپ كېتىۋاتاتتىم،. توپا-چاڭ ئىچىدە مەندىن باشقا پىيادە قېچىپ كېتىۋاتقانلارمۇ كۆپ ئىدى. مەن بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، مەخسۇت مۇھىتىغا ئۇچرىدىم. ئۇمۇ ئېتىدىن ئايرىلىپ پىيادە قاپتۇ. ئۇ مېنى كۆرۈپ:‹سەن ماڭا قارىماي ماڭ› دېدى. مەن بەك ھېرىپ كەتكەنىدىم. ئېتىز قىرىدا ئازغىنا ئولتۇررۇپ دەم ئالدىم. ئاندىن ناتونۇش بىر نەچچە كىشى بىلەن توپا-تۇمان ئىچىدە ئېتىز قىرلىرىنىڭ ئىچى بىلەن ئۆمىلەپ، ئورۇسلارنىڭ كۆزىدىن يىراقلىشىپ، ئاخىر لۈكچۈننىڭ شەرقىي جەنۇپ تەرىپىگە چىقىۋالدۇق. ئۇ يەرگە بارساق، خوجىنىياز ھاجى بىر توپ كىشىلەردىن:‹نىياز دېھقان قېنى؟ قانداق بولدى؟ شەھەردىن ھەممىسى قېچىپ چىقتىمۇ ياكى قامىلىپ قالدىمۇ؟› دەپ سۈرۈشتە قىلىۋېتىپتۇ. شەھەرنىڭ نىمە بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. شەھەردىن قېچىپ چىققانلار بىر يەرگە توپلىشىپ تۇردۇق. قاراڭغۇ چۈشتى، شەھەردىن ئانچە-مۇنچە مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تاڭ ئاتارغا يېقىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ يېقىن كىشىسى نىياز دېھقان يەتتە-سەككىز ئادىمى بىلەن پىيادە قېچىپ كەلدى...».
  يەنە يۇقىرىقى كىتابنىڭ 111-ۋە 112-بەتلىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن: «...خوجىنىياز ھاجى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن، يېنىدىكى نىياز دېھقانغا كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ قويدى-دە باشقا ھېچنەرسە دېمىدى (نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجىنىڭ تايانچ ئاسىمى ئىدى). ئۇنىڭ ئۈن چىقارماي نىياز دېھقانغا قاراپ قويۇشى شۇ كۈنلەردە نىياز دېھقاننىڭ ‹ئەگەر خوجىنىياز شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشسە مەن قومۇلغا كېتىمەن› دەپ يۈرگەنلىكىدىن ئىدى. چۈنكى ئۇ:‹شېڭ شىسەي بىزنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ما جۇڭيىڭنى يېڭىپ، ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلپىنىڭ بېشىنى ئالغىنىدەك ئۇمۇ بىزنىڭ بېشىمىزنى ئالىدۇ› دەپ قارايتتى. دېگەندەك كېيىنكى ۋاقىتلاردا، نىياز دېھقان بىر قانچە ئادىمى بىلەن قومۇلغا كىرىپ كەتتى...».
  لۈكچۈن سىپىلى مۇھاسىرىسىدىن چىققان قوزغىلاڭچىلار بىلەن قارا شەھەردىن كەلگەن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى بىرلەشكەندىن كېيىن قوشۇن تەرتىپكە سېلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى تەرتىپكە سېلىشتا نىياز دېھقان شىتاب باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچى قوشۇن تەركىبىدە جىمىساردىكى مالۈيجاڭ (马旅长)، چېرىكلىرىگە زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. جىمىساردىكى چېرىكلەر تەسلىم بولۇپ قورال-ياراقلارنى ئەتىسى تاپشۇرماقچى بولغاندا، ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىلار چېرىكلەرنىڭ تەكلىپىكە قوشۇلىدۇ، لېكىن نىياز دېھقان بىلەن سالى دورغا...باشلىق بىر قىسىم كىشىلەر:«بىز قان كېچىپ جەڭ قىلدۇق، تەسلىم بولغان چېرىكلەرنىڭ قولىدىكى قورال-ياراقلارنى يىغىۋېلىش بىردەملىك ئىش، بىزدە ‹تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق› دېگەن گەپ بار» دەپ، چېرىكلەرنىڭ قولىدىكى قورال-ياراقلارنى دەرھال يىغىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىراق ھاجىلار «جەڭچىلىرىمىز كىچە-كۈندۈز ئۇرۇش قىلىپ بەك چارچاپ كەتتى، قورال-ياراقلارنى ئەتە تاڭ يورىغاندا يىغساقمۇ بولىدۇ» دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرىدۇ. نەتىجىدە شۇ كېچىسى جىمىساردىكى چېرىكلەرنىڭ قولىدىكى قوراللارنى گۇچىڭدىكى ما جۇڭيىڭ يىغىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىياز دېھقان، سالى دورغا باشلىق كىشىلەر:«ھاجى ئەمدى ئوبدان بولدى» دەپ تەنە قىلىدۇ. ھاجى ئۆپىدەك قىزىرىپ ئاچچقىنى ما لۈيجاڭدىن چىقىرىپ، ئۇنى شۇ يەردىلا ئېتىپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ.
        جىمىساردىكى ئۇرۇشتىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇن بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بېتىم ئىمزالاش توغرىسىدا مۇزاكىرە بولغاندا، كۆپ ساندىكى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن بېتىم ئىمزالاشقا  قوشۇلمايدۇ. بۇ ئىش نىياز دېھقاننىڭ ئىدىيەسىدىن قەتئى ئۆتمەيدۇ. شۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدە نىياز دېھقان سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«بىز ما جۇڭيىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك. ما جۇڭيىڭنىڭ شېڭ شىسەيگە قارشى مەيدانى بىزگە پايدىلىق. جىمىساردا تەسلىم بولغان چېرىكلەرنىڭ قولۇدىكى قوراللارنى ئۆزىمىزنىڭ سەۋەنلىكىدىن ما جۇڭيىڭغا تارتقۇزۇپ قويدۇق. ما جۇڭيىڭ بۇ قوراللارنىڭ ئۇچىنى بىزگە ئەمەس شېڭ شىسەيگە قارىتىدۇ. ھازىر ما جۇڭيىڭ بىلەن قورال تالىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس. بىز قوشۇنلىرىمىزنى دەم ئالدۇرغاچ تەرتىپكە سېلىپ دەرھال ما جۇڭيىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىپ ئالدى بىلەن چوڭ دۈشمەن شېڭ شىسەينى يوقىتايلى» دېگەن تەكلىپنى بېرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«بىز تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك، ئىنقىلاب قىلغان ئىكەنمىز، ئىنقىلابنى چوقۇم ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، شېڭ شىسەي بىلەن ياڭ زېڭشىن ئوخشاشلا بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى، شېڭ شىسەي بۆرە، بىز قوي، قوي بىلەن بۆرە قاچان بىر جاڭگالدا ياشىغىنى بار؟ قومۇل ۋە تۇرپانلاردا دەريا-دەريا قانلارنى ئاققۇزغان ئاشۇ جاللات شېڭ شىسەي ئەمەسمۇ؟ مەخسۇت باي (مەخسۇت مۇھىتى)، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901-1933)، تۆمۈر جىسا (؟-1933)...لارنىڭ كاللىسىنى ئالغان ئاشۇ بىز بىتىم ئىمزالىماقچى بولغان جاللات شېڭ شىسەي ئەمەسمۇ؟ بىز ئۇنىڭ قانخور جاللاتلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئاشۇ جاللات بىلەن بىرلىشەمدۇق؟ ئېنىقكى بىز شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشسەك ھەرگىز ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيمىز! بۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىك ئەمەسمۇ؟
       بىز شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشسەك سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ‹بىزنىڭ ھاياتىمىزغا كېپىل بولىدۇ› دېگەن بىكار گەپ، بىزنىڭ ھاياتىمىزغا كېپىل بولىدىغان ۋە بىزنى نىجاتلىققا ئېرېىشتۈرىدىغان نەرسە مانا مۇشۇ» دەپ قولىدىكى تاپانچىنى ئىگىز كۆتۈرىدۇ. بىراق جىمىسار بىتىمى ئىمزالىنىدۇ. مەھمۇت مۇھىتىمۇ ئاخىر بىتىم ئىمزالاشقا مەجبۇرى قوشۇلىدۇ. نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجىغا:«ئەمدى مەن سىز بىلەن بىللە بولالمايمەن، سىز ئىشپىيونلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتىڭىز، بىزنىڭ ئىنقىلاب قىلىپ دەريا-دەريا قانلارنى ئاققۇزۇپ ئاخىرىقى مەقسىتىمىز ئاشۇ شېڭ شىسەي دېگەن چىل بۆرە بىلەن بىرلىشىشمىدى؟ بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام  قومۇلدىلا قالغان بولار ئىدىم، ئىسىت! ئىسىت! دەريا-دەريا ئاققان قانلار!» دەپ ئۆزىنىڭ قومۇلغا كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. خوجىنىياز ھاجى نىياز دېھقاننىڭ قومۇلغا قايتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلى ناھايىتى غەش بولىدۇ. ئۇ مۇھىم بىر نەرسىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ. ئۇ نىياز دېھقانغا:«دېھقان ئاكا، سىز ئەڭ ياخشىسى قومۇلغا قايتماڭ، ئىلگىرى بىز بىللە ئىنقىلاب قىلدۇق، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ بىللە بولايلى، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرەيلى» دېگەندە، نىياز دېھقان:«ئەسلىدە مېنىڭمۇ سىزدىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى. ھازىر مەن سىز ماڭغان يولغا ماڭالمايمەن، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا سىز چىل بۆرە بىلەن بىرلەشتىڭىزلەر، بۆرىگە يەم بولماسلىق ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈش كېرەك ئىدى، ئەكسىچە سىز قاراپ تۇرۇپ بۆرە بىلەن بىرلەشتىڭىز، دۈشمەننى ئاز دەپ دۈشمىنىمىز جاللات شېڭ شىسەي بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ما جۇڭيىڭنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن قىلىۋالدۇق، بىز ما جۇڭيىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلمىدۇق. ئىشپىيونلارغا ئالدىنىپ كەتتۇق. مەن سىزنى ئاللاغا تاپشۇردۇم» دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، ئوغۇللىرى تۇرسۇن ئاخۇن، توقسۇن ئاخۇن ۋە قالىغايتىلىق 20-30 دەك پىدائىنى باشلاپ قومۇلغا قايتىدۇ. خوجىنىياز ھاجى نىياز دېھقاننى كۆز يېشى قىلىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. نىياز دېھقان قومۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن جەم بولىدۇ. كىشىلەرنى بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ئېھتىياتچان بولۇشنى، جاللات شېڭ شىسەينىڭ ھامان بىر كۈنى قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىشىدىن ھوشيار بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ.
       1937-يىلى جاللات شېڭ شىسەي ئىلغارلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى خوجىنىياز ھاجى باشلىق كىشىلەرنى قولغا ئالىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قومۇلدىمۇ نىياز دېھقانغا ئوخشاش ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋە ھېسداشلىق قىلغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. بىراق نىياز دېھقان تۇيۇپ قېلىپ ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. بۇ كۈنلەردە نىياز دېھقان 2-ئايالى خوشنارىخاننىڭ دۆربەجىن چوڭ تۇردا ئولتۇرۇشلۇق ئۇكىسى شاۋەنبەگ موللام (1894–1977) نىڭ ئۆيىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئىگىز بولۇق ئۆسكەن چېغىرتماقلىققا يوشۇرۇنىۋالغان ئىدى. دۆبەجىن غولئېرىتىكى 2-ئوغلى توقسۇن ئاخۇن دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆربەجىندىكى پايلاقچىسى XX نىياز دېھقاننىڭ دۆربەجىندە يوشۇرۇنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ⒅ قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە ئاخبارات بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھاشىم ھاجى⒆ ئەۋەتكەن ج خ ئىدارىسى رازۋېت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ھوشۇر مۇسا (1915-1984) بىلەن رازۋېت بۆلۈمىنىڭ رازۋېتچىكى شاۋاز (1917-1951) قاتارلىق كاللا كېسەر جاللاتلار بىر ماشىنا چېرىكنى باشلاپ نىياز دېھقاننى تۇتۇش ئۈچۈن دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىگە چىقىدۇ.
       بىراق نىياز دېھقان بۇ ئىشتىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ چەبدەسلىك بىلەن خېچىرىغا مىنىپ راھاتباغ چوڭتۇرغا بېرىپ قوناقلىققا، كېيىن ئاقار ئارقىلىق قالىغايتىغا چىقىپ ئۇ يەردە ئولتۇرشلۇق چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇننىڭ ھەمرالىقىدا ئىككى ئاتقا خېلى ۋاقىت يەتكىدەك يىمەك-ئىچمەكنى ئارتىپ قالىغايتى بىلەن قۇرۇلۇق ئوتتۇرىسىدىكى ئادەم ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان تاغ ئۆڭكۈرىگە يوشۇرۇنىدۇ. ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز چېرىكلەرنى باشلاپ ئىز بېسىپ قوغلاپ قالىغايتىغا چىقىپ نياز دېھقاننى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن قومۇلغا قايتىپ كىلىپ ھاشىم ھاجىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. كېيىن، ئۇلار نىياز دېھقاننى:«تاشقى موڭغۇلىيەگە چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك» دېگەن خۇلاسىگە كىلىپ، ئىزدەشنى توختىتىدۇ.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە نىياز دېھقانلارنىڭ يىمەكلىكى تۈگەپ قېلىپ، تۇرسۇن ئاخۇن كېچىدە قالىغايتىدىكى ئۆيىگە كېلىپ ئىككى ئاتقا يىمەكلىكنى ئارتىپ تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى مەھەللىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق يامان نىيەتلىك بىر ئايال تۇرسۇن ئاخۇننى كۆرۈپ قالىدۇ، ئۇ ئەتىسى ئىشەكنى مىنىپ قۇرۇلۇقتىكى XX  كە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. XX دەرھال ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە قومۇلغا كېلىپ ھاشىم ھاجى ۋە ھوشۇر موسالارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھوشۇر مۇسا بىلەن شاۋاز 2-قېتىم بىر ماشىنا چېرىكنى باشلاپ قالىغايتىغا چىقىپ نىياز دېھقاننىڭ قالىغايتىدىكى ئۆيىنى ماكان تۇتۇپ نىياز دېھقاننى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئۇلار ھەرقانچە ئىزدەپمۇ نىياز دېھقاننىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى تاپالمىغاندىن كېيىن نىياز دېھقاننىڭ چوڭ ئاكىسى ئابدۇرېشىت ئاخۇن (1870-1948) نىڭ چوڭ ئوغلى مامۇت ئاخۇن (1896-1994) بىلەن 2-ئاكىسى تاھىر ھاجىنىڭ چوڭ ئوغلى ئىبراھىم ئاخۇن (بازار ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1906-1946) نى قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە ئەكىلىپ سولاپ قويۇپ، نىياز دېھقاننىڭ تۇققانلىرغا:«ئەگەر نىياز دېھقان كەلمەيدىغان بولسا، مۇشۇ ئىككى بالىنى ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇپ قالىمىز» دەپ خەۋەر چىقىرىدۇ. بۇ خەۋەر نىياز دېھقاننىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن تەڭلىكتە قالىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن:«مەن بىر ئادەمنى دەپ قېرىنداشلىرىم، بالىلىرىم ۋە ئۇرۇق-تۇققانلار رىيازەت چېكىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بالا مېنى دەپ سولاقتا يېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ يېشىم 56 غا كەلدى، بۇ ئىشلار مەن بىلەنلا تۈگەيدىغان بولسا ئۆزۈمنى مەلۇم قىلاي» دېگەن قارارغا كېلىدۇ، لېكىن تۇرسۇن ئاخۇن دادىسىنىڭ پىكرىگە قوشۇلمايدۇ، ئۇ:«دادا بىز قاراپ تۇرۇپ سىزنى تۇتۇپ بېرەمدۇق؟ ئەگەر سىز قوشۇلسىڭىز بىز ئىشنى باشقىدىن باشلايلى، بىز ئوتتۇرىغا چىقساق بىزنى ئەگەشمەيدىغان كىم بار. بىز ئادەم باشلاپ بېرىپ قالىغايتىدىكى چېرىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتەيلى، ‹يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال› دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟» دېگەندە، نىياز دېھقان تۇرسۇن ئاخۇنغا:«بالام شۇنداق قىلساقمۇ بولاتتى، بىراق بەك كۆپ قان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشلار مەن بىلەنلا تۈگۈسۇن» دەپ تۇرسۇن ئاخۇننىڭ توسىغىنىغا ئۇنىماي، 1938-يىلى 10-ئاينىڭ بىر كۈنى كېچىدە قالىغايتىدىكى ئۆيىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چېرىكلەر نىياز دېھقاننى قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە ئېلىپ كېلىپ، دەسلەپ قومۇل تۈرمىسىگە قاماپ، كېيىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېتىدۇ. نىياز دېھقان قولغا ئېلىنىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە دۆربەجىن غولئېرىقتىكى يەر-زېمىن، قورو-جايلىرى «خائىنلار مۈلكى⒇» (نىچەن-逆产) دەپ مۇسادىرە قىلىنىدۇ. تۇرسۇن ئاخۇن بىلەن توقسۇن ئاخۇنلار دادىسىدىن كېيىن 1946-يىلى 9-ئايغىچە قالىغايتى ۋە دۆربەجىن غولئېرىقتا دېھقانچىلىق ۋە چارۋۇچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ.   
      1946-يىلى 9-ئايدا تەڭرىتاغ يېزىسىنىڭ باشلىقى سېيىت قۇربان(21) ۋە مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئونانباي بەيجىيەن (قازاق) بىلەن بىرلىكتە تەڭرىتاغ ۋە غەربى تاغ خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ، سېيىت قۇربان قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ باشلىقلىقىغا، ئونانباي بەيجىيەن مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، كۆشۆتە تاغ ئېغىزىدا بىر قانچە قېتىم گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ نۇرغۇن دۈشمەننى يوقىتىدۇ. تۇرسۇن ئاخۇن بىلەن توقسۇن ئاخۇنلار گەرچە قوزغىلاڭغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشىدۇ ۋە ماددى جەھەتتىن قوللايدۇ. چۈنكى سېيىت قۇربان بىلەن توقسۇن ئاخۇن باجا ئىدى(23). كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بورھان شەھىدى (1894-1989)، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ليۇ مېڭچۇن (刘孟纯، 1904-1982)، مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇكېرىم ئابباسوف (1921-1949)...قاتارلىق كىشىلەر قومۇلغا كېلىپ قوزغىلاڭنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلغاندىن كېيىن، سېيىت قۇربان بىلەن ئونانباي بەيجىيەن...قاتارلىق كىشىلەر 1946-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىگە، كېيىن غۇلجىغا بېرىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ.  
  سېيىت قۇربانلار قومۇلدىن كەتكەندىن كېيىن، تۇرسۇن ئاخۇن سېيىت قۇرباننىڭ ئورنىغا تەڭرىتاغ يېزىسى (رايونى) نىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ(24). ئۇ بۇ ۋەزىپىنى 1950-يىل3-ئايغىچە ئۆتەيدۇ.«تۇرسۇن شياڭجاڭ» دېگەن نام ئەنە شۇنىڭ كېيىن پەيدا بولغان ئىدى. تۇرسۇن ئاخۇن يېزا باشلىقى بولغاندىن كېيىن، تەڭرىتاغ ۋە غەربىي تاغ خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۈرۈپ، ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە قوشۇمچە يېزىلىق (رايونلۇق) «قوغدىنىش ئەترىتى-自卫队» نىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئوسمان ئىسلام (1889-1951) باندىتلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ چارۋا ۋە مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتەك ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھىمايىسىگە سازاۋەر بولىدۇ.
       1949-يىلى 9-ئايدا تۇرسۇن ئاخۇننىڭ سىڭلىسى سارىخان (ئايتۆرۈك ئايلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1916-1954) نىڭ يولدىشى ئەمەت ئاخۇن 40 يېشىدا دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغاندا، تۇرسۇن ئاخۇن قوغدىنىش ئەترىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەمرالىقىدا قوراللىق(25) دۆربەجىن غولئېرىققا كېلىپ ئەمەت ئاخۇننىڭ مىيىت نامىزىغا قاتنىشىدۇ.
      قومۇل ئۇيغۇرلىرىدا بىرەر مەھەللىدە مۇسىبەت بولسا، مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە مەھەللىدىكى جامائەت ئۇدا بىر ھەپتە تۇپراق بېشىغا چىقىدىغان ئادەت بولغاچقا، بىر كۈنى تۇرسۇن ئاخۇن بىلەن توقسۇن ئاخۇنلار جامائەت بىلەن بىللە ئەمەت ئاخۇننىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ قايتىشىدا، شۇ ۋاقىتتىكى قومۇلنىڭ ۋالىسى يولۋاس (مامۇت ھوشۇر، 1889-1971) نىڭ چاقىرتىشى بىلەن تاغلاردىن قومۇلغا يىغىنغا كەلگەن ھەرقايسى يېزىلىق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىر قازاق (ئىسمى نامەلۇم) تۇرسۇن ئاخۇنغا:«تۇرسۇن شياڭجاڭ، سىزنى ئۇستا مەرگەن، ‹ئادەمنىڭ بېشىدىكى تۇخۇمنى چاچالايدۇ› دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق. بۈگۈن سىز بىزگە ماھارەت كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىڭىز» دېگەن تەكلىپنى بېرىدۇ. تۇرسۇن ئاخۇن جاۋابەن:«بولىدۇ، ئالدى بىلەن ئۇكام توقسۇن ئاخۇن كۆپچىلىككە ماھارەت كۆرسىتىپ بەرسۇن، ئاندىن مەن كۆرسىتىپ بېرەي» دەيدۇ.
      غولئېرىق مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق نەسرۇللا يۈنۈس (ئاقسوپا يۈنۈس دوپمۇ ئاتىلىدۇ، يۈنۈس موللامنىڭ چوڭ ئوغلى، 1912-1988) گەپ قىستۇرۇپ:«كىچىك ئاخۇن (توقسۇن ئاخۇن) غا ئادەمنىڭ بېشىدىكى تۇخۇمنى ئېتىش ھېچ گەپ ئەمەس» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن توقسۇن ئاخۇن «يەتتە ئاتار» مىلتىقنى قولىغا ئېلىپ، ھازىرقى غولئېرىق مەھەللە قەۋرىستانلىقىنىڭ شەرقىدىكى خارماننىڭ ئورنىدا ماھارەت  كۆرسىتىدۇ. جامائەت مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ توقسۇن ئاخۇننىڭ ماھارىتىنى كۆرىدۇ. جامائەت ئارىسىدىن بىرەيلەن قېلىپتا قۇيۇلغان كېسەكتىن بىرقانچىنى بىرنىڭ ئۈستىگە بىرنى تىكلەپ قويۇپ، كېسەكنىڭ ئۈستىگە دوپپىنى، دوپپىنىڭ ئۈستىگە تۇخۇمنى قويۇپ تەييارلايدۇ. توقسۇن ئاخۇن تۇخۇمدىن 120 مېتىر يېراقلىققا بېرىپ ئالدىغا 10-15 مېتىردەك يۈگرەپ كېلىپ، ئوڭ پۇتىنى يەرگە تىزلاپ مىلتىقنىڭ تەپكىسىنى بېسىش بىلەن تۇخۇم پارا-پارا بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن تۇرسۇن ئاخۇنمۇ ئۇكىسىغا ئوخشاش 120 مېتىر يېراقلىققا بېرىپ، ئالدىغا 10-15 مېتىردەك يۈگرەپ كېلىپ توختاپ، ئۆرە تۇرۇپ مىلتىقنىڭ تەپكىسىنى بېسىىشى بىلەن تۇخۇم پارا-پارا بولۇپ كېتىدۇ. جامائەت تۇرسۇن ئاخۇن بىلەن توقسۇن ئاخۇننىڭ مەرگەنلىكىگە ئاپىرىن دەيدۇ . ھېلىقى تۇرسۇن ئاخۇننى ماھارەت كۆرسىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان قازاق:«مەن ئۆزەمنى مەرگەن دەپ ھېساپلاپتىمەن، ھەقىقىي مەرگەن سىلەر ئىكەنسىلەر» دەيدۇ.
  شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتىكوم قومۇل شەھرىنىڭ جەنۇبىدىكى جىنيەنتاڭ(26) دا ئىلگىرى گومىنداڭغا ئىشلىگەن ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھەقىقەتكە قايتقان ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى تەربىيەلەش ئۈچۇن ئۈچ ئايلىق سىياسىي كۇرسى ئاچىدۇ. تۇرسۇن ئاخۇن كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ  ئىلگىرى گومىنداڭ دەۋرىدە يېزا باشلىقى بولغانلىقى سەۋەبلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدا ئۆزىنى ئەستايىدىل تەكشۈرەيدۇ. تەشكىل تۇرسۇن ئاخۇننىڭ ئۆزىنى تەكشۈرىشىدىن رازى بولۇپ، «ھەممە ئادەم ئۆزىنى تەكشۈرۈشتە تۇرسۇن نىيازدەك بولۇشى كېرەك» دەپ ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ.
   جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنىلا قومۇلنىڭ ۋالىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان سابىق گومىنداڭ  ۋالىسى  يولۋاس، خەنزۇ ئايالى لىياۋ يوڭچيۇ (廖咏秋، مۇسۇلمانچە ئىسمى مەدىنە خېنىم، 1915-1950)، 2.ئوغلى ياقۇپبەگ (ياۋ داۋخوڭ-尧道宏، 1909-1991) 3-ئوغلى ئەمەتبەگ (ياۋ داۋمىڭ-尧道明، 1918-2004)...قاتارلىقلارنى ئەگەشتۈرۈپ، 1950-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قومۇلدىن تاققا قېچىپ چىقىپ، باركۆلدىكى ئوسمان ئىسلام بىلەن بىرلىشىپ،  كومپارتىيەگە، خەلق ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ باندىتلىق يولىغا ماڭىدۇ. تۇرسۇن ئاخۇن يولۋاسنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزىگە قاراشلىق قوغدىنىش ئەترىتىدىكى خادىملارنى تەشكىللەپ باندىتلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە نۆۋەتتىكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدۇ.
      ئۇ پۇقرالارغا يولۋاس، ئوسمان ئىسلام باندىتلىرىنىڭ يالغان گەپ-سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋە ئۇلارغا ئەگەشمەسلىك توغرىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. تۇرسۇن ئاخۇن يەنە ئاتا تەرەپ نەۋرە ئۇكىلىرى-قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئابدۇرېھىم ئاخۇن(27)، ياقۇپ ئاخۇن(28)، ۋە ئابدۇللاتالىپ(29)، قاتارلىقلارنى يولۋاسنىڭ ئۇچۇرىنى ئىلىپ كېلىش ئۈچۈن تاغ ئارقىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار قالىغايتىدىن يولغا چىققاندا نەۋرە ئۇكىسى قاسىم ئابدۇگۈلى(30)گە ئۇچرايدۇ. قاسىم ئابدۇگۈلى ئۇلاردىن:«ئاكىلار نەگە ماڭدىڭىزلار» دەپ سورىغاندا، ئۇلار:«شىكارغا (ئوۋغا) ماڭدۇق، قايتىپ كېلىپ سىزلەرگە كىيىك گۆشى بىلەن كاۋاپ قىلىپ بېرىمىز» دەيدۇ. ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە شىمالغا قاراپ مېڭىپ، سۆڭگۈشتام(31) نىڭ غەربىدىكى چىبىل (شىۋۇلى-十五里) دېگەن جايغا بارغان. ئۇ يەردە ۋاڭ زوڭسەي (王宗才)، ۋاڭ چېڭ (王成)، ۋاڭ بېن (王斌)، ۋاڭ بېنسەن (王本山) ۋە ۋاڭ گۇاڭيى (王光义) قاتارلىق خەنزۇ دېھقانلار ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئابدۇللاتالىپ ئىلگىرى چارۋا بېقىپ يۈرۈپ ۋاڭ چېڭ بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئۇلار ئۇزۇن يول يۈرۈپ چارچاپ قالغاچقا ۋاڭ چېڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھاردۇق ئالىدۇ. بۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق خەنزۇلار ئىلگىرى ئوسمان ئىسلام شايكىلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالىڭىغا ئۇچراپ، بىر ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، ۋاڭ چېڭ ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنى«ئوسمان ئىسلامنىڭ شايكىلىرى» دەپ ئويلاپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق قوغدىنىش ئەترىتىگە ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنىڭ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئوغلىنى ئەۋەتىدۇ. بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن بىر توپ قوراللىق ئادەم كېلىپ ۋاڭ چېڭنىڭ ئۆينى قورشاپ، ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى كەينىگە قايرىپ چەمبەرچاس باغلىغاندىن كېيىن، قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارغا: «سىلەر ئوسمان ئىسلامنىڭ شايكىلىرى، ئىلگرى بىزنىڭ بىر ئادىمىمىزنى ئۆلتۈرۈپ چارۋا ۋە مال-مۈلكىمىزنى بۇلاپ كەتتىڭلار، بۈگۈن بىز سىلەردىن قىساس  ئالىمىز»-دەيدۇ.
      ئابدۇرېھىم ئاخۇنلار:«بىز ئوسمان ئىسلامنىڭ ئادەملىرى ئەمەس، تەڭرى تاغ رايونلۇق (يېزىلىق) قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، بىزنى تۇرسۇن شياڭجاڭ يولۋاسنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن» دەپ چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گومىنداڭنىڭ ئىشپىيونلىرى بار بولغاچقا، ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنىڭ گېپىگە قەستەنگە ئىشەنمەي ئۇلارنى ھەيدەپ ماڭىدۇ. ئابدۇللاتالىپ ۋاڭ چېڭغا:«سەن مېنى تونىسەنغۇ؟ بىز ئوسمان ئىسلامنىڭ ئادەملىرى ئەمەس، سەن ئۇلارغا بىزنىڭ سالاھىيىتىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالساڭ» دېگەن بولسىمۇ، ۋاڭ چېڭ ئابدۇللا تالىپ بىلەن كارى بولمىغاندىن كېيىن، قوراللىقلاردىن بىرى ئابدۇللاتالىپنى ئېتىپ تاشلايدۇ. ئاندىن ئابدۇرېھىم ئاخۇن بىلەن ياقۇپ ئاخۇننى ھەيدەپ يارداڭ تۈۋىگە ھەيدەپ بېرىپ ئۇلارنىمۇ مىلتىق بىلەن ئېتىپ، جەسەتلەرنى (ئابدۇللاتالىپنىڭ جەسىدىنىمۇ قوشۇپ) يارداڭغا تاشلاپ كۆمۈپ تاشلايدۇ. كېيىن خەلق ئارىسىدا:«باركۆلدە گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنى ئۆيگە سولاپ ئۆلتۈرۈپ، ئۆيگە ئوت قويۇپ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۈيدۈرۈپ تاشلاپتۇ» دېگەن گەپ-سۆزلەر پەيدا بولىدۇ. بېراق ئىشپىيونلار كۆيدۈرۈۋەتكەن ئۆيدىن جەسەت چىقمىغان. بۇ ئىشلار توغۇرلۇق سۆڭگۈشتامدا ئولتۇرۇشلۇق 88 ياشلىق ئىسمائىل خۇدابەردى بىلەن 86 ياشلىق ئەيسا زاكىرلار مۇنداق دەيدۇ:
  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بىز سۆڭگۈشتامدا ئىدۇق، 1950-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى ئاراتۈرۈكتە قوراللىق توپىلاڭ (قىرىق كۈنلۈك ئسيان) يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىز سىرتتا قېچىپ يۈرۈپ جاھان تىنچلانغاندىن كېيىن ئۆيلىرىمىزگە قايتىپ كەلسەك، تەڭرى تاغ رايونى (يېزسى) نىڭ باشلىقى تۇرسۇن نىياز (تۇرسۇن شياڭجاڭ) يولۋاسنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئابدۇرېھىم ئاخۇن، ياقۇپ ئاخۇن ۋە ئابدۇللاتالىپ ئاخۇنلار سۆڭگۈشتامنىڭ غەربىدىكى چىبىلغا كېلىپ، ۋاڭ چېڭنىڭ ئۆيىدە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتقاندا، مۇشۇ يەردىدىكى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ كىرىۋالغان ئىشپىيونلار ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنىڭ سالاھىتىنى بىلىۋېلىپ ئۇلارنى قەستەن ‹ئوسمان باندىتنىڭ ئادەملىرى› دەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق». ئەيسا زاكىر يەنە مۇنداق دەيدۇ:«قېينى ئاتام  مۇتەللىپ ئاخۇن (1912-1992) ئابدۇللاتالىپ ئاخۇننىڭ ئاكىسى بولىدۇ، بىز ئەينى  ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنى ئىشپىيونلار چىبىلدىكى ئوتلاق ئەترىتى (ھازىرقى ئوتلاق پونكىتى) دە تىگى چوڭقۇر قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلتۈرۈپ تاشلاپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق».
      كېيىن ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنى ئۆلتۈرگەن ئىشپىيونلار قولغا ئېلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلق ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرغاندا، ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنى ئۆلتۈگەنلىك جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم ئاخۇنلار «ئوسمان باندىتنىڭ ئادەملىرى » دەپ قارالغاچقا بۇ قاتىللىق دىلوسى سۈرۈشتە قىلىنماي قالغان ئىدى. كېيىن خەلق ھۆكۈمىتى ئىشپىيونلارنىڭ جىنايىتىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ قانۇن بويىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ قومۇل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى(32) دا جازا ئۆتىگەن. 1964-يىلى قومۇل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنى جەنۇبى شىنجاڭغا يۆتكىگەندە، قومۇلدىكى جىنايەتچىلەرنى تارىم، كۇچا سەكسەن تام ۋە خوتەن كېرىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا يۆتكىگەن. ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنى باش بولۇپ ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا جازا ئۆتىگەن (ئۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان). 1981-يىلى ئۇ ياشىنىپ قالغاچقا، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن ھايات  چىقىپ كېتەلىشىگە كۆزى يەتمەي، 1950-يىلى ئابدۇرېھىم ئاخۇن قاتارلىق ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى «سىر بولۇپ قالمىسۇن» دەپ، تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى راھبەرلىكىگە ئىنكاس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى راھبەرلىكى بۇ ئىشنى سابىق قومۇل ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى(33) گە تېلېگرامما ئارقىلىق مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ج خ ئىدارىسى رەھبەرلىكى تاھىر توقسۇن(34)، ياقۇپ ناسىر (ھازىر قومۇلدا پېنسىيەدە) ۋە بىر خەنزۇ ساقچى (ئىسمى نامەلۇم) قاتارلىق ج خ كادىرلىرىنى ئابدۇرېھىم ئاخۇن، ياقۇپ ئاخۇن ۋە ئابدۇللاتالىپ ئاخۇنلارنىڭ دىلوسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا مەسئۇل قىلىدۇ. تاھىر توقسۇنلار ئالدى بىلەن قالىغايتىغا چىقىپ، ئابدۇرېھىم ئاخۇن، ياقۇپ ئاخۇن ۋە ئابدۇللاتالىپ ئاخۇنلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىمىن ئاخۇن (1989-1894)، مامۇت ئاخۇن، ئابدۇۋاھىت ئاخۇن (1899-1985)، ئىسمائىل ئىمام (1910-1993)، ئىساق موللام (1913-1989)...قاتارلىق كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگەللىگەندىن كېيىن، سۆڭگۈشتامغا بېرىپ، 1950-يىلىدىكى ئىشلارنى بىلىدىغان كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگەللەپ، ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنىڭ سۆڭگەشتامنىڭ غەربىدىكى چىبىلدا ئىشپىيونلارنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. بۇ ئىشلار توغۇرلۇق تاھىر توقسۇن ئاكا مۇنداق ئەسلەيدۇ:
    «1981-يىلى ياز كۈنلەر ئىدى، بىر كۈنى رەھبەرلىك مەن، ياقۇپ ناسىر، بىر خەنزۇ قاتارلىق ئۈچۈمىزنى ئىشخانىغا چاقىرىپ، تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىن كەلگەن تېلېگراممىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىپ، ئابدۇرېھىم ئاخۇن، ياقۇپ ئاخۇن ۋە ئابدۇللاتالىپ ئاخۇنلارنىڭ دىلوسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمىزنى تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچ ئادەم ئالدى بىلەن قالىغايتىغا چىقىپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئاراتۈرۈك ھەربىي ئات فېرمىسىنىڭ 1-روتىسى تورۇشلۇق جاي سۈڭگۈشتام-چىبىلغا بېرىپ، 1950-يىلىدىكى ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگەللىدۇق، بولۇپمۇ ياشانغان بىر خەنزۇ ئابدۇرېھىم ئاخۇنلارنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەپسىلى بىلىدىكەن. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى: ‹بىر كۈنى 30 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ نەپەر قوراللىق ئۈيغۇر ياش بىز تۇرۇشلۇق يەرگە كېلىپ، مۇشۇ يەردە ئولتۈرۈشلۇق ۋاڭ چېڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن، مۇشۇ يەردىكى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئادەملىرى كېلىپ ھېلىقى ئۈچ ئۇيغۇر ياش چۈشكەن ئۆينى قورشىۋېلىپ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى كەينىگە قايرىپ چەمبەرچاس باغلىغاندىن كېيىن، قوغدىنىش ئەترىتىكىلەردىن بىرى ئۇلارغا:‹سىلەر ئوسمان ئىسلامنىڭ ئادەملىرى، ئىلگىرى بىزنىڭ بىر ئادىمىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، مال-مۈلۈكلىرىمىزنى بۇلاپ كەتتىڭلار، بۈگۈن بىز سىلەردىن قىساس ئالىمىز› دېدى. ئۇلار:‹بىز ئوسمان ئىسلامنىڭ ئادەملىرى ئەمەس، غەربى تاغ يېزىلىق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى...› دەپ قايتا-قايتا چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، قارشى تەرەپ ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي ئۇلارنى يارداڭ تۈۋىگە ئېلىپ بېرىپ مىلتىق ئېتىپ تاشلاپ جەسەتلىرىنى ياردانغا تاشلاپ كۆمۈپ تاشلىدى› دېدى. بىز تەكشۈرۈشنى ئاياقلاشتۇرۇپ قايتىپ كېلىپ دىلو ئەھۋالىنى رەھبەرلىككە دوكلات قىلدۇق. كېيىن ج خ ئىدارىسى رەھبەرلىكى تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى رەھبەرلىكىگە تۈرمىدىكى ئىشپىيوننىڭ ئىنكاسىنىڭ توغرا ئىكلەنلىكى توغرىلىق تېلېگرامما يوللىدى».
     1950-يىلى 3-ئايدا  قومۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى(35) رەھبەرلىكى ئۇيۇشما كادىرى ئابدۇرېھىم شېرىپ (1919-1997) نى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ قويلىرىنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ كېلىش ئۈچۈن باغداشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇ باغداشقا چىقىشى بىلەن باركۆلدىن قېچىپ كەلگەن يولۋاس ئابدۇرېھىم شېرىپتىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچىى بولغاندا، تۇرسۇن ئاخۇن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئالاھىدە باغداشقا بېرىپ ئابدۇرېھىم شېرىپنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.
       1952-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە ئابدۇرېھىم ئاخۇن، ياقۇپ ئاخۇن ۋە ئابدۇللاتالىپ ئاخۇنلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى (شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى) تۇرسۇن ئاخۇنغا ئارتىلىپ،«تۇرسۇن نىياز نەۋرە ئۇكىلىرىنى تاغ ئارقىسىغا ئەۋەتىپ ئۇلارنى باندىت-ئىشپىيونلارغا ئۆلتۈرگىزىۋەتتى، ئۇنىڭ باندىت-ئىشپىيونلار بىلەن تىلى بىر» دەپ قارىلىپ، شۇ ۋاقىتتا يۈرگۈزۈلگەن سول سىياسەت بويىچە تۇرسۇن ئاخۇن قولغا ئېلىنىپ، سابىق قومۇل ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلىق سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، قومۇل ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ(36)، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى(37) گە يوللانغان. بۇ مەزگىل دەل رەئىس ماۋ زېدوڭ (1893-1976) غەربىي-شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى جوڭشۈن (习仲勋(38)، 1913-2002) نى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سولچىللىقا خاتىمە بېرىشكە باشلىغان ۋاقىت بولۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرسۇن ئاخۇننىڭ دىلوسىنى قايتىدىن تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازانى بىكار قىلىپ، دىلونى قايتىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۇرۈپ ئاندىن ھۆكۈم چىقىرىش توغرىلىق قومۇل ناھىيەلىك خەلق مەھكىمىسىگە تېلېگرامما يوللىغان. بىراق تېلېگراممىنى قومۇل ۋالى مەھكىمىسىدىن بىر خەنزۇ كادىر  ئاتلىق ھازىرقى غەربىي تاغ يېزىسى  قۇرۇلۇق كەنتىگە ئېلىپ چىققاندا جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغىلى 15 مىنۇت بولغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى قومۇل ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، قوشۇمچە قومۇل ناھىيەلىك خەلق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سېيىت قۇربان (سېيىت باتۇر) خەنزۇ كادىر قومۇلدىن ئېلىپ چىققان تېلېگراممىنى كۆرۈپ:«ئىسىت! ھەي ئىسىت! تېلېگرامما 10-15 مىنۇت بۇرۇن چىقسىچۇ!» دەپ ئىككى قولى بىلەن يوتىسىغا ئۇرۇپ، تۇرسۇن ئاخۇننىڭ ناھەق ئېتىلىپ كەتكەنلىكىگە قاتتىق ئۆكۈنگەن. بۇ ئىشلار توغرىلىق غەربىي تاغ يېزا قۇرۇلۇق كەنتلىك 83 ياشلىق زىلىخە ئاپپاق ئەمەت مۇنداق ئەسلەيدۇ:«مەن 1944-يىلى 15 يېشىمدا قۇرۇلۇقلۇق ياقۇپ نىياز(39) غا ياتلىق بولغان ئىدىم. 1952-يىلى 4-ئايدا مەن 23 ياشتا بولۇپ، تۇرسۇن ئاخۇنغا  ئۆلۈم جازاسى بەرگەن كۈنى نەق مەيداندا بار ئىدىم. ھۆكۈمنامىنى سېيىت ھاكىم (سېيىت قۇربان) ئۆزى ئوقۇدى، ئاندىن جازا ئىجرا قىلىندى. جازا ئىجرا قىلىنىپ بولۇپ 15-20 مىنۇتتىن كېيىن، قومۇل شەھەر تەرەپتىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر ئادەم كۆرۈندى. ئۇ قولىدا بىر نەرسىنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، يېقىن كەلگەندە قارىساق قارا ئات مىنگەن خەنزۇ كادىر ئىكەن. ئۇ قومۇل ۋالى مەھكىمىسىدىن چىققان بولۇپ، قولىدىكى ۋاراقچىنى سېيىت ھاكىم باشلىق رەھبەرلەرگە ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن سېيىت ھاكىم ‹ئىسىت! ھەي ئىسىت! ھەي ئىسىت! تېلېگرامما 10-15 مىنۇت بۇرۇن چىقسىچۇ!› دەپ ئىككى قولى بىلەن يوتىسىغا ئۇرۇپ پىقىراپ كەتتى. خەنزۇ كادىر ئېلىپ چىققان ۋاراقچە تۇرسۇن ئاخۇنغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش توغرىلىق يۇقىرىدىن كەلگەن تېلېگرامما ئىكەن...». تۇرسۇن ئاخۇن خاتا ئېتىلىپ كەتكەندىن كېيىن، تەشكىل ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قىزى ئايتىللاخاننى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇغان. ئايتىللاخان سابىق قومۇل ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدە ئىشلەپ، 1968-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن 38 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
    توقسۇن ئاخۇن (كىچىك ئاخۇن) 1955-يىلى 5-ئايدا 48 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن قومۇل شەھرىنىڭ پالۋانتۇر يېزىسى دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان.
تۇرسۇن ئاخۇننىڭ خاتا ئېتىلىپ كەتكەنلىكىگە «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 13-قىسىم 231-، 232-بەتلەرىدىكى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار مىسال بولالايدۇ:
غۇلجىدىن چىققان كادىرلار يەرلىك كادىرلار بىلەن ئورۇن كۆرپىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ھارۋىغا بېسىپ ناھىيەگە يول ئالدى. بارلىق كادىرلار تەرەپ-تەرەپتىن يىغىلدى.
ناھىيەگە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن زاھىر ساۋدانوف ئەپەندى كەلگەن ئىكەن. زاھىر ساۋدانوف يىغىلغان كادىرلارغا، يىغىن روھىنى يەتكۈزۈپ مۇنىلارنى تەكىتلىدى:«چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر نامۇۋاپىق بولۇۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە، بىزدە كاپىتالىستىك ئىقتىساد،  فىئوداللىق ئىقتىساد دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا كادىرلار ئىدىيەنى ئازاد قىلىشى كېرەك. بېيجىڭدىن رەئىس ماۋ زېدوڭ غەربىي-شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شى جوڭشۈن (شى فۇجۇشى) نى ئەۋەتىپتۇ. ئۇ ھازىر غۇلجىدا، ئۇ ئۆز سۆزىدە:«مەن بىر قولۇمدا سوغۇق سۇ، بىر قولۇمدا ئىسسىق سۇ ئېلىپ كەلدىم. بەك قىزىپ كەتكەن يەرگە سوغۇق سۇ قۇيىمەن. مۇزلاپ كەتكەن يەرگە ئىسسىق سۇ قۇيىمەن» دېگەن سۆزنى ئالاھىدە ئېيتتى. بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىمىز سولچىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىپتۇ. چارۋا رايونلىرىدا سىنىپ ئاجرىتىلمايدۇ، ماللار بۆلۈنمەيدۇ.-دېدى.
  زاھىر ساۋدانوف:-توققۇزتارا ناھىيەسىدە 1952-يلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى قولغا ئېلىنغان 28 ئادەم قويۇپ بېرىلدى-دېدى ۋە:
  -بۇرۇن قۇلغا ئېلىنغان ئىككى كىشىنىڭ باستۇرۇلۇشقا ئېلىپ بېرىلىش  بۇيرۇقى 10 مىنىۇت كېچىككەن بولسا ئۇلار ئامان قالاتتى. 1952-يىلى 4-ئايدا باندىت تازىلاشتا كۈنەسكە ئېلىپ بېرىلغان ئەكبەر تاجى قاتارلىق 3 كىشى كۈنەستىن تۇتۇلغان 9 كىشى بىلەن كۈنەس چاقما سۈيى بويىدا باستۇرۇلدى. بىزنىڭ ئەمدىكى خىزمىتىمىز سىنىپىي كۆرەش ئەمەس جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېدى.
  شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدىن ئەۋەتىلگەن ئەترەت 1952-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى قايتىپ كەتتى...
  قومۇلدىن تېلېگراممىنى ئېلىپ چىققان خەنزۇ كادىر قۇرۇلۇققا 15 ~ 20 مىنۇت بۇرۇن چىققان بولسا، تۇرسۇن ئاخۇنمۇ ھايات قالغان بولار ئىدى.

ئىزاھەتلەر:
بۇ كىشى مەشھۇر سۇنۇقچى ئابدۇگۈلى ئاخۇننىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋىىسى بولىدۇ
② ئەبەيدۇللا تارخان بەگ 1697-يىلى چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان.
③ ئابدۇگۈلى ئاخۇننىڭ جەسىدىنى تۇققىنى ئىمىن ئەلەم نومدىن قومۇل شەھەر ئىچىگە ئېلىپ كېلىپ دەپنە قىلغان. 1999-يىلى 12-ئايدىكى قەبرە كۆچۈرۈشتە ئابدۇگۈلى ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ قەبرىلىرى دۆربەجىن غولئېرىق قەبرىستانلىقىغا كۆچۈرۈۋېتىلگەن.
④ ئابدۇگۈلى ئاخۇننىڭ  ئىككى ئوغلى بار بولۇپ، چوڭ ئوغلى باقى دېھقان، دۆربەجىن غولئېرىقتا تېرىقچىلىق قىلغان. غولئېرىق مەھەللىنى ئابدۇگۈلى ئاخۇن پەرپا قىلغان ئىدى.
⑤ ئابدۇرېشىت ئاخۇننىڭ قاسىم ئاخۇن، شېرىپ ئاخۇن، يۈنۇس ئاخۇن قاتارلىق ئۈچ ئوغلى بار بولۇپ، شېرىپ ئاخۇن 1880-يىللار ئەتراپىدە دۆربەجىن سايتۇر مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن «نەۋرىشاھ ھاجى يېغىلىقى» دا چېرىكلەر تەرىپىدىن چېپىپ تاشلانغان. يۈنۈس ئاخۇن كېيىن ئاكىسى قاسىم ئاخۇننىڭ ئورنىغا ئوردىغا ئاخۇن بولغان، «نەۋرىشاھ ھاجى يېغىلىقى» دا ئۇنىڭ ئىسمى تىزىملىككە چۈشۈپ قالغانلىقتىن، ۋاڭ يۈنۈس ئاخۇننى«ئوردىنىڭ ئاخۇننى تۇرۇپ توپىلاڭغا قاتنىشىپتۇ» دەپ ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىغان.
⑥ ھازىرقى چاھارباغ ئىسلام دىنىي ئوقۇتۇش نۇقتىسى بىلەن، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن يولدىكى كۆۋرۈك.
⑦ جىگدە ھازىرقى بىڭتۇەن قومۇل يېزا ئىگىلىك 13-دىۋىزىيە دۆربەجىن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 5-روتىسى.
⑧ مۇتئى دورغا قومۇللۇق بولۇپ، ئۇ ۋاڭ ئوردىسى تەيىنلەگەن جىگدىنىڭ دورغىسى ئىدى.
⑨ تۇرسۇن ئاخۇن نىياز دېھقاننىڭ چوڭ ئايالى توختىخان مەمەتنىيازدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلى.
⑩ ئەھەتخان (1921-1984)، نىياز دېھقاننىڭ 2-ئايالى خوشنارىخان خاكىردىن تۇغۇلقان 2-ئوغلى.
⑾ بۇ راۋاب ھازىر دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نىياز دېھقاننىڭ كەنجى ئوغلى سەمەتخان (1930-2002) نىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولىدا ساقلانماقتا.
⑿ يۈنۈس موللام 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 59 يېشىدا تۇرپان شەھرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدا ۋاپات بولغان.
⒀ مۇختەر ئاخۇنۇم قومۇل شەھرىنىڭ پالۋانتۇر يېزىسى دۆربەجىن يۇقىرى مەھەللە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق داڭلىق ئەلنەغمىچى، دۆلەت دەرىجىلىك «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ۋارىسى» ئەسەت مۇختەر ئاكىنىڭ دادىسى، 1963-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 73 يېشىدا دۆربەجىن يۇقىرى مەھەللە كەنتىدە ۋاپات بولغان.
⒁ ⒂ نىياز ئەخمەت بىلەن ئىلىياس ئەخمەت ھازىر ئۈرۈمچىدە پېنسىيىدە.
⒃ مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى (1923-1995) نىڭ «ئىز» ناملىق تارىخى رومانى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 1-ئاي 1-نەشرى) نىڭ 200-بېتىدە «...سايىم ئۈچبېگى قېچىپ كېتىۋېتىپ، نىياز پالگاننى ئېتىپ قويدى...»، 201-بەتنىڭ ئاستىدىكى ئىزاھات① دە نىياز پالگان 1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدا زور قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاغزىدا داستان بولغان ۋە شۇ قېتىم قارىمۇقچى دېگەن يەردىكى جەڭدە قازا تاپقان قاسىم پالگاننىڭ ئاكىسى بولۇپ، شۇ كۈنلەردە تەخمىنەن ئوتتۇز ياشلاردا ئىدى». دەپ مەلۇمات بېرىلگەن بولسا،«ئويغانغان زېمىن» ناملىق تارىخى رومانى (1-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىل 10-ئاي 1-نەشرى) نىڭ 428-ۋە 429-بەتلىرىدە «...ئۇلار لۈكچۈن شەھرىگە كىرىپ، ئىككىنچى كۈنى تاڭ بىلەن تەڭ زەمبىرەكلەر گۈمبۈرلەپ ، ھايىت-ھۇيىت دېگىچە لۈكچۈن شەھرى مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالدى...دەرۋازىدىن بىرىنچى بولۇپ ئات چاپتۇرۇپ چىققان مىرۇل مەرگەن ... قول پىلىموتلىرى بىلەن مۇھاسىرىنى يېرىپ يول ئېچىپ ماڭماقتا...» دەپ مەلۇمات بېرىلگەن. يۇقىرىقى ئىككى كىتاب نەشىردىن چىقىپ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، نىياز دېھقاننىڭ نەۋرىسى نىياز ئەخمەت (ئاپتونوم رايۇنلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتى مائارىپ، پەن-تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان، نىياز دېھقاننىڭ 2-قىزى سارىخان‹ئايتۆرۈك ئايلا› نىڭ چوڭ ئوغلى) يۇقىرىقى ئىككى كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ مۇنداق دېگەن:
 «ئۆتكۈر ئاكا، نىياز دېھقان مېنىڭ ئانا تەرەپ بوۋام (ئانامنىڭ دادىسى) بولىدۇ، ئاتا-ئانام ھايات ۋاقتىدا نىياز دېھقان بوۋامنى 1912- ۋە 1931-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى، 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى لۈكچۈن مۇھاسىرىسىنى نىياز دېھقان بوۋام، تۇرسۇن ئاخۇن، توقسۇن ئاخۇن (كىچىك ئاخۇن) چوڭ داداملار (ئانامنىڭ ئاكىلىرى) ۋە تاھىر ئاخۇن چوڭ دادام (دادامنىڭ ئاكىسى)...قاتارلىق كىشىلەر ئەڭ ئالدىدا سىپىلىنىڭ جەنۇب دەرۋازىسىدىن مۇھاسىرىنى يېرىپ يول ئېچىپ چىققانلىقىنى، 1938-يىلى 10-ئايدا نىياز دېھقان بوۋام خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكى...قاتارلىق ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۆزلىرى ‹ئىز› رومانىدا ‹...سايىم ئۈچبېگى قېچىپ كېتىۋېتىپ، نىياز پالگاننى ئېتىپ قويدى...› ، ‹ئويغانغان زېمىن› (1-قىسىم) رومانىدا لۈكچۈن سىپىلىدىن ‹...دەرۋازىدىن بىرىنچى بولۇپ ئات چاپتۇرۇپ چىققان مىرۇل مەرگەن ... قول پىلىموتلىرى بىلەن مۇھاسىرىنى يېرىپ يول ئېچىپ ماڭماقتا...› دەپ مەلۇمات بېرىپلا بۇ قانداق بولغىنى» دەپ سورىغاندا، ئۆتكۈر ئەپەندى نىياز ئەخمەتكە تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:
«ئۇكام مېنىڭمۇ نىياز دېھقاننىڭ ھاياتى-پائالىيىتىدىن تولۇق خەۋىرىم بار. ‹ئىز› ۋە‹ئويغانغان زېمىن› (1-قىسىم) رومانلىرىدا نىياز دېھقاننى يۇقىرىدەك يېزىشىمنىڭ سەۋەبى: مەن نىياز دېھقاننى قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن بىللە پىچان-تۇرپان ۋە جىمىسارلارغا ئېلىپ بارسام كېيىنكى ۋاقىتتا نىياز دېھقانغا قانداق باھا بېرىشتە تەڭلىكتە قالدىم.چۈنكى نىياز دېھقان جىمىسار ئۇرۇشىدىن كېيىن قومۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىتىم ئىمزالاشقا باشتىن-ئاخىر قارشى تۇرغان ئىكەن. بىراق ‹جىمىسار بىتىمى› ئىمزالانغان. كېيىن ئۇ قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن ئاغرىنىپ بىر قانچە ئادەمى بىلەن قومۇلغا قايتىپ كەتكەن ئىكەن. مەن نىياز دېھقاننىڭ قارىشىنى خاتا دېسەم ئۇنىڭغا ئوۋال بولغىدەك، توغرا دېسەم...تېخى بولمىغىدەك. شۇڭا مەن نىياز دېھقاننى 1912-يىلى ئاقچۇق سېيىدىكى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان دەپ ئۆزگەرتىپ يېزىپ، پىچان لۈكچۈندىمۇ مېرۇل مەرگەنلەر ئەڭ ئالدىدا مۇھاسىرىسىنى يېرىپ يول ئېچىپ چىققان دەپ ئۆزگەرتىپ يازغان ئىدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن.
⒄ ئابلىمت مەخستوف تۇرپان شەھرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدىن، 1932-يىلى 10-ئايدا قوزغالغان تۇرپان دېھقانلار ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، مەھمۇت مۇھىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئەدلىيەسى (بەنى) نىڭ كوماندىرى بولغان...جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن  كېيىن...سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتوتى (ھازىرقى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېتسىتېتى) نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتالىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ 2001-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 85 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
⒅ XX نىياز دېھقاننىڭ پەقەت دۆربەجىنگە يوشۇرۇنغانلىقىنىلا بىلگەن، بىراق قەيەرگە يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەلمىگەن.
⒆ ھاشىم ھاجى (1895-1972)، 1935-يىلى 5-ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەيگە يارداملىشىشكە ئەۋەتكەن قان ئىچەر ئۈچ ھاجى (ھاشىم ھاجى، قادىر ھاجى ۋە سېيىت ھاجى) نىڭ بىرى.  
⒇ نىياز دېھقاننىڭ دۆربەجىن غولئېرىقتىكى ئۆيلىرىدە 1947-يىلىغىچە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان خەنزۇلار ئولتۇرۇپ كەلگەن. 1947-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ تەلىپىگە بىنائەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خائىنلار مۈلكى» دەپ مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈك ۋە قورو-جايلارنى ئىگىلىرىگە قايتۇرغاندا نىياز دېھقاننىڭ ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇۋاتقان خەنزۇلارنى كۆچۈرىۋېتىپ، ئۇيلەرنى پەرزەنتلىرىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.
(21)  سېيىت قۇربان(سېيت باتۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، 1985-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى 79 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن قومۇل شەھرىنىڭ تەڭرىتاغ يېزىسى نەنناسى كەنتىدە ۋاپات بولغان.
(22) ئونانباي بەيجىيەن (ئونانباي باتۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، 1990-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 71 يېشىدا قومۇل شەھرىدە ۋاپات بولغان.
(23) توقسۇن ئاخۇننىڭ ئايالى سوپورىخان (1915-1954) سېيىت قۇرباننىڭ ئايالى رازىخان (1920-1959) نىڭ ئاچىسى ئىدى.
(24) «قومۇل نەھىيەسى تەزكىرىسى» نىڭ 83-بېتىدە خاتىرىلىنىشىچە غەربى تاغ رايونى (يېزىسى) 1952-يىلى تەڭرى تاغ رايونىدىن بۆلۈنۈپ ئايرىم رايون (يېزا) بولۇپ قۇرۇلغان ئىكەن.
(25) 1949-يىللىرى ۋەزىيەت جىددى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغدا قوراللىق باندىتلار بار بولغاچقا يېزا باشلىقلىرى بىرەر يەرگە بارماقچى بولسا قوراللىق خادىملارنى بىرگە ئېلىپ ماڭاتتى.
(26) جىنيەنتاڭ (纪念堂-خاتىرە ساراي)، بۇ جايدا 1950-يىلى 1-ئايدىن 1952-يىلى 1-ئايغىچە 5-كورپۇس (مىللىي ئارمىيە) 14-دىۋىزىيە 40-پولكىنىڭ 3-باتالىئونى تۇرغان.
(27) ئابدۇرېھىم ئاخۇن (1914-1950)، نىياز دېھقاننىڭ چوڭ ئاكىسى ئابدۇرېشىت ئاخۇننىڭ كەنجى ئوغلى.
(28) ياقۇپ ئاخۇن (1915-1950)، نىياز دېھقاننىڭ 2-ئاكىسى تاھىر ھاجىنىڭ 4-ئوغلى.
(29) ئابدۇللاتالىپ (1921-1950، نىياز دېھقاننىڭ 2-ئۇكىسى ئابدۇللا ئاخۇن (1889-1965) نىڭ 3-ئوغلى.
(30) قاسىم ئابدۇەۈلى (1941-يىلى تۇغۇلغان)، تۆرىخان سۇنۇقچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەشھۇر سۇنۇقچى ئابدۇگۈلى ئاخۇننىڭ كەنجى ئوغلى، ھازىر قومۇل شەھرىدە.
(31) سۈڭگۈشتامنى يەرلىك خەلق «سۇمۇستان» دەپ ئاتايدۇ، ھازىرقى ئارتۈرۈك ھەربىي ئات فېرمىسىنىڭ 1-روتىسى تۇرۇشلۇق جاي.
(32) قومۇل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنىڭ ئورنى ھازىرقى يۇقىرى ئاقيەردىكى ساقچىلار ئولتۇراق رايونىنىڭ ئورنىدا ئىدى.
(33) ھازىرقى قومۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى.
(34) تاھىر توقسۇن 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كەسەل سەۋەبى بىلەن 80 يېشىدا قومۇل شەھرى تەڭرىتاغ يېزىسىنىڭ سايباغ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا ۋاپات بولغان.
(35) ھازىرقى قومۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى.
(36) «قومۇل سوت تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللار (1951-ۋە 1952-يىللار) دا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىكەن.
(37) ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى.
(38) شى جوڭشۈن ھازىرقى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ (习近平، 1953-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان) نىڭ دادىسى.
(39) ياقۇپ نىياز 1978-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى 54 يېشىدا قۇرۇلۇق كەنتىدە ۋاپات بولغان.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1.قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «قومۇل سوت تەزكىرىسى».
2.ئىسمائىل خۇدابەردى، ئەيسا زاكىر، ھاجى ياقۇپ ئىسمائىل، نىياز ئەخمەت، ئىلىياس ئەخمەت، ئوسمان ئۆمەر، ھاجى بۈسارەم ئاخموللا قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئاغزاكى بايانلىرى.
                            (ئاپتور:ئابلىمىت ئابدۇللا قومۇل تۆمۈريول ج خ باشقارمىسىدا)

153

تېما

7

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   56.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6542
تۆھپە : 5677
توردىكى ۋاقتى: 1417
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 19:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالۋانلار جەمەتى دېيىشچە مۇۋاپىق كاتتا جەمەتتىن ئىكەنلا ئاغا...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

12

دوست

1970

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 00:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.

1

تېما

1

دوست

2965

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 716
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 15:19:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رومانلىرىدا نىياز دېھقاندىن ئىبارەت شۇنچە كۆپ تۆھپىسى بار زاتنىڭ نامىنى ئۆچۈرىۋېتىپتىكەن. گەرچە كۆڭلى ياخشىمۇ بولسىمۇ، بەكلا خاتا ئىش قىپتىكەن.

1

تېما

1

دوست

2965

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 716
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 15:23:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشار كامالدەك يازالايدىغان يازغۇچىلار بولغان بولسا، ھەر ئىككى پالۋاننىڭ ھاياتىنى مەمەت ئاۋاق رومانىدەك يېزىپ چىقالىغان بولسا..............................
نىياز پالۋاننىڭ رەسىمىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانتىم قۇمۇللۇق بۇرادەرلەردىن.مۇنبەرگە چىقارغان بولساڭلار.

0

تېما

0

دوست

2662

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 836
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 19:18:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پالۋانلارنىڭ   ياتقان   يىرى   جەننەتتە    بولغاي   .   

0

تېما

2

دوست

2814

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 00:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى كىتاپ بولغاندىكىن نىمىشقا تارىخنى چىنىلىق يېزىلمايدۇ ،سىياسنى مەقسەت قىلىپ يازامدۇ،ياكى دەۋىر تەلپىگە ماس كەلمەيدۇ دەپ شۇنداق قىلامدۇ .شۇنچە باتۇرلق كورسەتكەن ئادەمنى تەسلىمچىلىكنى قولىمىغانلىغىغا قاراپلا ئولدىگە چىقرۋەتسە بۇ قانداق بولغىنى ،يەنە بىز بىلمىگەن ياكى ھازىرقى زامان تەلۋىگە ماس كەلمىگەن قانچىلىك قەھىرمانلىرىمىز باردۇر  بىز بىلمىگەن .بۇ يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ جەستەن قىلغان خاتالىغىمۇ ياكى ماۋۇ مۇھەرىر  ياكى نەشىرياتنىڭمۇ،ياكى سەزگۇر مەسلە بولغاچقىمۇ ؟
ياردەم قىلساڭلار
‹‹شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى 50 قىسم ››قايسى توردىن چۇشۇرگىلى بولىدۇ بىرەسىڭلاردا  بولسا يوللاپ بەرسەڭلار   سىلەرگە كوپ رەخمەت  قېرىنداشلار

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 2043
توردىكى ۋاقتى: 820
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 18:41:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
niyaz1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 15:23
ياشار كامالدەك يازالايدىغان يازغۇچىلار بولغان بولسا،  ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )