- تىزىملاتقان
- 2012-5-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4503
- نادىر
- 0
- يازما
- 228
ئۆسۈش
83.43%
|
بۇ نۈۋەتلىك مۇسابىقىدە تولىمۇ قىزىقارلىق ئىشلار مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ ، ساھىپغان بىرازىليەنىڭ كىرودىيەنى ئاساسەن تەلەيگە تايىنىپ ئۇتىۋېلىشى ، ئاشۇ نۇقتا توپ كىرودىيەگە ناھەق كەتمىگەن بولسا كىرودىيەننىڭ 1.1نەتىجىنى ساقلاپ قېلىشى ھەتتا بىرارزىليەنى مەغلوپ قىلىش مۇمكىنچىلىقى بار ئىدى ، بۈگۈن ئاخشام بىرازىليە مىكسكىنى ناھايىتى ئاسانلا ئۇتالامدۇ يوق ، ياكى بۇ نۈۋەتلىك مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سوغۇق شامال(爆冷门) كۈرۈلۇپ بىرازىليە مەغلوپ بولۇپ گۇرۇپىدىن چىقىشى ئېغىر سىناققا دۇچ كىلەمدۇ ؟ دىەگەندەك ئىشلار دۇنيا پۇتبۇل مەستالىرىنى تولىمۇ تەقەززا قىلماقتا ،
تاجىسىز شاھ دەپ نام ئالغان گوللاندىيە 5.1نەتىجە بىلەن 6يىلدىن بۇيان ياۋروپا ۋە دۇنيا پۇتبول سەھنىسدە ھەيۋىسىنى كۈرسىيتۋاتقان كۈچلۈك رەقىبى ئىسپانىيەنى مەغلوپ قىلىپ 4يىللىق دەردىنى بىراقلا چىقىرۋالدى ، 5.1نەتىجنىڭ مەيدانغا كىلىشنى دۇنيادىكى نۇرغۇن پۇتبۇل مەستانىلىرى ئويلاپمۇ باقمىغان بولىشى كىرەك ،
كوستارىكى كوماندىسى 3 -قېتىم دۇنيا پۇتبول مۇسابقىسگە قاتنىشىپ گۇرۇپىدىكى ئۇرۇقلۇق كوماندا دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان جەنوبىي ئامىرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن ئەمىلىي كۈچى كۈچلۇك بولغان ئۇرۇگۋاينى 3.1نەتىجە بىلەن مەغلوپ قىلىپ ئۇراگۋاي پۇتبۇل مەستانىلىرىنى تولىمۇ ئۈمۈسىزلەندۈردى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىتالىيە بىلەن ئەنگلىيەگىمۇ ئېغىر خىرىس قىلماقتا ،
فىرانسىيە كوماندىسى 3.0نەتىجە بىلەن ھوندىراس كوماندىسىنى مەغلوپ قىىلىپ گۇرۇپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقشقا ياخشى شارائىت ھازىرلىدى ، شۇنداقلا ئۇدا ئۈچ نۈۋەتلىك دۇنيا لوڭقۇسى مۇسابىقىسنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 1.0نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولۇپ كىلىۋاتقان ناچار رىكورتىىنى بوزۇپ تاشلىدى 2002 -يىللىق مۇسابىقدە 1.0سېنگال
كومادىسغا 2006-يىلى 1.0شىۋتىسارىيە كومادىسغا 2010-يىلى 1.0ئۇراگۋاي كوماندىسغا ئۇتتۇروپ قويغان ئىدى ،
فىرانسىيە كوماندسىنىڭ يادىرولۇق ئەزاسى لىبىرى يارلىنىپ قاتنىشالمىغانلىقى ئادەمنى تولىمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ ، بىنزىما باشچىلىقىدىكى ياش ئەزالاردىن تەشكىللەنگەن دۇنياۋىي مۇسابىقە تەجرىبىسى كەمچىل بولغان ‹‹ ئۈسمۈر فىرانسىيە كوماندىسى ›› فىرانسىيە خەلقىگە قانداق نەتىجە تەغدىم قىلىدۇ ؟
پورتىگالىيە كوماندىسى يەنىلا دۇنياۋىي مۇسابىقلەردە ياخشى نەتىجە قازىنىشا توسالغۇ بولىۋاتقان رەقىبى گىرمانىيگە 4.0نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋەتتى ، كىرىستئان رونالدو ئغىر ئۈمۈدسىزلەندى ، 2006-يىلى ئۈچىنجىلىكنى تالىششى مۇسابقىدە ،2012-يىىللىق ياۋروپا لوڭقۇسى مۇسابىقىسنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىدە يەنىلا شۇ گىرمانىيە كوماندىسى ئىدى ،
ئىنگللادنىڭ گۇرۇپىدىن چىقىشى يەنە تەسكە توختىدى 2.1ئىتالىيگە ئۇتتۇرۇپ قويىشى ئۇلارنى بىرازىليە سەپىرىنىڭ ئاياقلىشىپ قېلىش خەۋىپىگە دۇچار قىلدى ، ‹‹تاللاش مۇسابىقە شاھزادىسى ››دەپ نام ئالغان ئىنگىلاننىڭ ھەرقېتىمقى دۇنياۋىي مۇسابىقلەردىكى ئىپادىسى ئادەمنى تولىمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ ،
مىسسى باشچىلىقىدكى ئارگىنتنا كوماندىسى قانداق بولىدۇ ؟ مىسسىنىڭ دۇنيا چىممپىۇنلۇق ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشامدۇ ؟ ئارگىنتنا كوماندىسى 28يىلدىن بۇيان دۇنيا لوڭقۇسى مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ 1986-يىلى مارادونا باشچىلىقىدكى ئارگىنتنا كوماندىسى ياراتقان شانلىق تارىخنى قايتىدىن يارىتالامدۇ ؟
بۇ نۈۋەتلىك مۇسابىقىدە يەنە قانداق‹‹ قار ئات ›› لار مەيدانغا كىلىدۇ ؟
ھەرقايسى كوماندىلار تېغىمۇ قىزقارلىق ، كىشنى ھەيران قالدۇرىدغان يېڭى رىكورلارنى يارىتىپ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابقىىنىڭ شانلىق تارىخ بەتلىرىگە يېڭى ئىزلارنى قالدۇرغۇسى !،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، |
|