قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilimhumar

NASA: مارس ئۈچۈن ياسالغان «ئۇچار تەخسە»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 12:15:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەزكۇر تېما ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

يەر شارىدىن مارسقا «ھەۋەسكار» غا ئوخشاش تەكشۈرۈش ماشىنىسى ماڭدۇرۇشتا مۇنداق 3 باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ:

(1)تەكشۈرۈش ماشىنىسى قاچىلانغان ئالەم ئۇچقۇرىنى بىر راكېتا ناھايىتى يوقۇرى تېزلىكتە ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدۇ.  ھەمدە ئالەم ئۇچقۇرى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، راكېتا ئالەم ئۇچقۇرىدىن ئاجىراپ كېتىدۇ.

(2) ئالەم ئۇچقۇرى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى كۆتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ قېشىدىن 6-8 ئاي يول مېڭىپ، مارسنىڭ ئوربىتىسىغا كىرىدۇ.  بۇ سەپەر جەريانىدا ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ چوڭ يۆنىلىشى قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.  ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئۆزى ئاساسەن ئېنېرگىيە سەرپ قىلماي، سائەتىگە 20 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك ئارىلىقنى باسىدۇ.  يەنى راكېتا ئالەم ئۇچقۇرىنى بىر قېتىم قاتتىق ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا بىرەر كۈچ بولمىغاچقا، ئۇ مارسقا قاراپ مېڭىشنى ئېنېرگىيەسىز داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.  ئالەم ئۇچقۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆپ ساندىكى كىچىك «كۈچلۈك شامال چىقارغۇچىلار» ياكى «ئىتتىرگۈچلەر» ( thruster ) بار بولۇپ، ئۇلار ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىنى توغرىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

(3)ئالەم ئۇچقۇرى مارسنىڭ يۈزىگە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭغا ئورنىتىپ قويۇلغان بىر پاراشۇت ئېچىلىپ، ئالەم ئۇچقۇرىنى شۇنىڭ ياردىمى بىلەن مارسنىڭ يۈزىگە قونىدۇ.

ھازىرغىچە مارسقا بارغان ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن تەكشۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسى مارسنىڭ يۈزىگە پاراشۇت بىلەن چۈشۈرۈلگەن ئىدى.  بۇنىڭدىن كېيىن مارسقا ئاپارماقچى بولغان يۈكنىڭ ئېغىرلىقى ھازىرغىچە مارسقا قوندۇرۇلغان ماشىنىلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنى مارسنىڭ يۈزىگە سالامەت قوندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخنىكا زۆرۈر بولۇپ قالدى.  ناسا بۇ قېتىم سىناق قىلماقچى بولغان «ئۇچار تەخسە» ياكى شار ئاشۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ بىرسىدۇر.  بۇ «ئۇچار تەخسە» ئەمەلىيەتتە بىر ئەنجۈرنىڭ شەكلىنى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ھاۋا قاچىلىنىدۇ.  يەنى، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئىچى كاۋاك شاردىن ئىبارەتتۇر.  ئالەم ئۇچقۇرى بۇ شارنى مارسنىڭ يۈزىگە قاراپ تارتىدۇ.  شاردىكى رېئاكتىپ ماتوردىن ئېتىلىپ چىققان ئوت بولسا شارنى ھەرىكەت يۆنىلىشىگە قارىمۇ-قارشى تەرەپكە ئىتتىرىپ، ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ چۈشۈش تېزلىكىنى ئاستىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئالەم ئۇچقۇرى مارسنىڭ يۈزىگە قاتتىق ئۇرۇلماي، سىلىق چۈشىدۇ.  

ناسا ھازىر 6-مېتىرلىق «ئۇچار تەخسە»، 8-مېتىرلىق «ئۇچار تەخسە» ۋە 30.5 مېتىرلىق پاراشۇتلارنى لاھىيەلەۋاتىدۇ.  بۇرۇنقى پاراشۇتتا مارسقا چۈشۈرگىلى بولىدىغان يۈكنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېغىرلىقى 1.5 توننا بولۇپ، بۇ يېڭى تېخنىكىنى ئىشلەتكەندە 2-3 توننا يۈكنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.  

ناسا نىڭ ھازىرقى پىلانى 2030-يىللىرى مارسقا 3 ئادەمنى چىقىرىپ، ئۇلارنى  مارستا 3 ئايدەك ۋاقىت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇلارنى يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كېلىش. ئاشۇنداق قىلىش ئۈچۈن مارسقا 60 – 90 توننا يۈك ئاپىرىشقا توغرا كېلىدىكەن.  ناسا نىڭ ھازىرچە مارسقا ئادەم كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى يوق.

يەنە بىر گەپ، يۇقىرىدا دېگىنىمدەك،  مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرغان «ئۇچار تەخسە» ئالەم ئۇچقۇرى ئەمەس. ئۇ پەقەت ئالەم ئۇچقۇرىنى مارسنىڭ يۈزىگە ساق-سالامەت قوندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان شاردىنلا ئىبارەتتۇر.

http://www.nasa.gov/mission_page ... w.html#.U6I-bPldU1I
http://www.nasa.gov/mission_pages/tdm/ldsd/#.U6JirvldU1I
http://www.jpl.nasa.gov/news/fact_sheets/LDSD.pdf

0

تېما

0

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28355
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 12:27:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسىدە مارسقا ئېغىر ئۈسكۈنىلەر ۋە ئادەم ئاپىرىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، ناسا بىر «ئۇچار تەخسە» شەكلىدىكى مارسقا قونۇش ماشىنىسى ياساپ چىقتى ما تىيمىلىرى جايدا بوپتۇ .بۇ تىيمىدىن سۇئال سورساق سىلە  تەمتىرمەي جاۋاپ دىگەن ياغدۇرۋىتىلا.ئادەم تىيما يولاش ئۇچۇن باشقىلارنىڭ نىمە ئۇچۇنگە تەيارلىق قىلىپ قويۇپ يازدۇ . مەن سىلنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم . 2023 يىل ئادەملەرنى مارىسقا چىقىدۇ دىگەن گەپ بار. ھازىر مارىستا سۇۆ بايقالدىمۇ ؟ ئادەملەرگە ماس كىلدىغان ئوكسىگىن بارمىكەن؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28355
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 16:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 12:15
مەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەزك ...

ناسا نىڭ ھازىرقى پىلانى 2030-يىللىرى مارسقا 3 ئادەمنى چىقىرىپ، ئۇلارنى  مارستا 3 ئايدەك ۋاقىت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇلارنى يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كېلىش. ئاز تولا چۇشەندىم.

0

تېما

0

دوست

976

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29806
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 09:29:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قالتىس تېخنىكىلار چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ !

0

تېما

5

دوست

4457

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21916
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1422
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 16:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 12:15
مەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەزك ...

رەخمەت سىزگە.دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار  تىخنىكا،ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىپ،بىكىنمە ھالەتتە تۇرغان قىرىنداشلىرىڭىزنى دۇنيا بىلەن تونۇشتۇرۇش، ئىلىم پەن تەرەققىياتى بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىدا زور كۈچ چىقىرىۋاتىسىز.خەلقىمىز سىزدەك ئوغلانى بولغىنىدىن پەخىرلىنىدۇ.سىز بولغاچقا بىز قىينالماستىنلا ‹‹NASA››نىڭ ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلىرىدىن،شۇنداقلا ئالەم قاتنىشىدىن خەۋەردار بولدۇق.ھارمىغايسىز.يۇقۇردا بىر مۇنبەردىشىمىزنىڭ تەكلىۋىنى ئويلىنىپ كۆرگەن بولسىڭىز. بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئالەم قاتنىشى قاتارلىق يىڭى، يۇقۇردەرجىلىك بىلىم، تىخنىكىلارغا قىزىقىدۇ،بىزدە ھەقىقەتەن بۇنداق ماتىرياللار يوق دىيەرلىك، بولسىمۇ ھەممىسى تەرجىمە ياكى بىرقىسىم ماتىرياللاردىن ئىلىنغان ئۈزۈندىلەر.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئىلىم پەن ئىنتايىن تىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، يىڭىلىنىشىمۇ تىز. شۇڭا دىمەكچى بولغىنىم ،بىزنىڭ سىزدەك ئالىمىمىز بولغاندىكىن، يىڭى ئىلىم پەندىن،يىڭى ئالەم قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن تولۇق خەۋەر تاپقىمىزبار.ھەم شۇنداق شارائىتىمىزمۇ بار.ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز،ۋاقتىڭىز يەتسە شۇنداق بىر خاسىيەتلىك ئىشنى قىلىپ ،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىدا،ئۆزلىرىنىڭ ئالىم قىرىندىشىنىڭ قۇلىدىن چىققان بۈيۈك كىتاپنى ئوقۇپ ،ئالەمنىڭ سىرىنى بىلسە.تەكلىماكان قۇملىقىدا ئوليۇتۇپ ،جاھان مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئولتارمىسا دىگەن ئارزۇدىمەن.رەخمەت قىرىندىشىم.ئاللاھ ئىلىرىڭىزنى ئسان قىلسۇن،بەركەتلىك كىلسۇن.


0

تېما

0

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28355
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 16:33:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gulamay يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 16:14
رەخمەت سىزگە.دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار  تىخنىكا،ئەڭ يىڭى ئ ...

بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئالەم قاتنىشى قاتارلىق يىڭى، يۇقۇردەرجىلىك بىلىم، تىخنىكىلارغا قىزىقىدۇ،بىزدە ھەقىقەتەن بۇنداق ماتىرياللار يوق دىيەرلىك، بولسىمۇ ھەممىسى تەرجىمە ياكى بىرقىسىم ماتىرياللاردىن ئىلىنغان ئۈزۈندىلەر.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئىلىم پەن ئىنتايىن تىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، يىڭىلىنىشىمۇ تىز. شۇڭا دىمەكچى بولغىنىم ،بىزنىڭ سىزدەك ئالىمىمىز بولغاندىكىن، يىڭى ئىلىم پەندىن،يىڭى ئالەم قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن تولۇق خەۋەر تاپقىمىزبار.ھەم شۇنداق شارائىتىمىزمۇ بار.ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز،ۋاقتىڭىز يەتسە شۇنداق بىر خاسىيەتلىك ئىشنى قىلىپ ،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىدا،ئۆزلىرىنىڭ ئالىم قىرىندىشىنىڭ قۇلىدىن چىققان بۈيۈك كىتاپنى ئوقۇپ ،ئالەمنىڭ سىرىنى بىلسە.تەكلىماكان قۇملىقىدا ئوليۇتۇپ ،جاھان مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئولتارمىسا دىگەن ئارزۇدىمەن.رەخمەت قىرىندىشىم.ئاللاھ ئىلىرىڭىزنى ئسان قىلسۇن،بەركەتلىك كىلسۇن.
ياراسىز دەل ئۇيغۇرلار دىمەكچى بولغان گەپنى سىلە دەپ مىنى خوش قىلۋەتتىلە ،رەھمەت خانىم.

0

تېما

0

دوست

167

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29836
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 18:16:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akimheni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-22 21:32  
bilimhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 12:15
مەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەزك ...

ھورمەتلىق ئەركىن مۇئەللىم،مەن بۇرۇن كورگەن {تەرمىلەر}ژورنىلىنىڭ 2008-11سانىدا،بىرەيلەن نيوتوننىڭ  مۇنۇ بىر سوزىنى  يەنى {شامالدىن ئېغىر بولغان جىسىملار ئاسماندا ئۇچالمايدۇ،بۇنى مېنىڭ قانۇنلىرىم ئىسپاتلايدۇ}دىگەن سوزى ئارقىلىق،نيوتون قانۇنلىرىنىڭ ئاسماندا ئۇچۇدۇغان ئۇچار جىسىملار بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقلىغىنى جەزىملەشتۇرگەن ئىكەن،بۇنىڭدا {ھاۋەسكار}نىڭ مارسقا قۇنۇشى بىلەن نيوتون قانۇنلىرنىڭ مۇناسىۋىتى بولمايدۇ،مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىساقمۇ ،بۇنى نيوتون تەرەپدارلىرى ئېتىراپ قىلماسلىغى كېرەك،بۇنىڭدا تەبىى ھالدا نيوتون قانۇنلىرىنى  تەرەقى قىلدۇرۇشنڭ زورورلىگى تۇغۇلىدۇ،بىز يېقىندا نيوتوننىڭ {ئالەملىك تارتىشىش كۇچى }نىڭ 1685يىللاردا پەيدا بولغان كۇچ دەپ قارىغانلىغىنى بايقىدۇق،يەنى بۇنى ماتىماتىكا بىلەن پەلسەپەنى بىرلەشتۇرسە،شۇنداق بولىدۇ،بۇ  پاكىتمۇ نيوتون قانۇنلرىنى قايتا تۇزۇشنىڭ زورورلىگىنى كورسۇتۇدۇ،ھازىر بۇ ماقالىنى بىرقانچە يىتەكچى جىددى تۇزۇتۇۋاتىدۇ،كىچىككەندىمۇ 7ئاينىڭ ئاخىرى قولدىن چىقىپ بولىدۇ،بۇ يېڭى قانۇن ئارقىلىق {ھەۋەسكار}نىڭ ھەركىتىنى چۇشەندۇرگىلى بولسا،بۇنىڭ قىممىتى بولغان بولىدۇ،لېكىن بىر مەسىلە،{ھەۋەسكار}نىڭ يېقىلغۇسىنىڭ قايسى ماددىلاردىن يەنى گازلارداىن تۇزۇلگەنلىگى ،بۇ گازلار كويگەندە،قانچە ئات كۇچى قىممىتىدە كۇچ ھاسىل بولىدىغانلىغى دىيىلمەپتۇ،بۇنىڭدا سىزدە يەنە قانچىلىك ماتىريال بار بولغىيىتتى؟
يەنە بىر ئىش،بىز بەلكىم خاتالاشقان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن،بۇنىڭ كارى چاغلىق،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )